شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىستانبۇلدا بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلىدى
مۇھاجىرەتتە خىتايغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدىراتسىيەسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئويۇشمىسى، ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتىنىڭ 91-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ 80-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن 10-نويابىر يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 09:00 دا ئىستانبۇل گۈنگۆرەندە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىق قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلدى.
ئارقىدىن يىغىن تەرتىپلىگۈچى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ئۇلاپلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ مەخسۇس يىغىنغا ئاتاپ ئەۋەتكەن سىنلىق تەبرىك سۆزى سورۇن ئەھلىگە قويۇلدى. ئارقىدىنلا ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزىنى سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇ ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىمنىڭ ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابېلىكىم ئىدرىس ئەپەندى مەخسۇس يىغىنغا ئاتاپ ئەۋەتكەن سىنلىق تەبرىك سۆزلىرى سورۇن ئەھلىگە قويۇلدى، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدىراتسىيەسى رەئىسى ئەمىر ھەسەن ھاجىم سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدىن كېيىنلا دوكلات قىسمىىغا ئۆتۈلدى، ئالدى بىلەن ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى، ئۇ قەشقەردە قۇرۇلغان بىرىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاسان قورۇلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى، بايرىقى، پۇلى ۋە پاسپورتى قاتارلىق پاكىتلىق مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىزلەرنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ناھايىتى ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزلەرگە قالدۇرغان مىراسى: ئىسيان تېمىسىدا دوكىلات بەردى، ئۇ دوكىلاتىدا ئىجتىمائىي جەمىئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تارىختا ئەجداتلىرىمىز ھەر زامان ھەقسىزلىككە قارشى چىقىش روھى سەۋەبىدىن مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغانلىقلىرى، كۈنىمىزدىمۇ پەقەتلا ياخشى بىر ئىنسان ياكى ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇشنىڭلا ئويلاپ خىتاينىڭ زۇلىمىغا قارشى چىقمايۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدى ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى، سانى ئاز بولسىمۇ ئاز بىر قىسىم ئادالەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانكار روھىنىڭ مىللەتنى زاۋاللىقتىن قۇتۇلدىرىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۈمىتۋاتلىق بىلەن زۇلۇمغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا قوشقان تۆھپىسى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئويۇشمىسى باش كاتىبى ئابىدە ئابباس نەسرىن خانىم تەرىپىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئارقىدىن ئۇلاپلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق مۇۋەققەت رەئىسى ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئارخىپلاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى تېنىچلىق كېلىشىملىرى تېمىسىدا دوكىلات بەردى. ئۇ دوكىلاتىدا 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى، خىتاي بىلەن ئېلىپ ئۇرۇشلار ۋە تېنىچلىق كېلىشىملىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى كۈزىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دۆلتىنىڭ يىقىلغانلىقىنى دەپ، ئۇيغۇرلار چوقۇم تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسىنى سىزىشقا تېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكىلات قىسمىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يىغىننىڭ دوكىلات قىسمى ئاخىرلاشقاندا، ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۆسەنى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ۋە مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ۋە پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىىز ئۈچۈن ھەممە بىردەك تېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن تەرتىپلىگۈچى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى يېپىلىش سۆز قىلدى ۋە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۆزى يازغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ناملىق كىتابىنى يىغىندا دوكىلات بەرگەن زىيالىيلارغا ۋە يىغىننىڭ غەلبىلىك بولىشىغا كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىق قىلغان تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
سەرخىل ئۇيغۇرلىرىمىز قېتىلغان ئۇشبۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى جۇشقۇن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.