دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى
كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغىنىغا 3 يىل بولغان ۋاقىتتا ئاكادېمىيە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.
دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن كانادا كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئاكادېمىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت رەئىس بولالايدۇ.
كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندىلەرمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالدىنقى 3 يىللىق خىزمەتلىرىگە، بولۇپمۇ كانادادا ئانا تىلنى قوغداشقا دائىر قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە كېيىنكى 3 يىللىق خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تىلىدى.
دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، ئاكادىمىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىل جەريانىدا ئىشلەيدىغان خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلگۈسى 3 يىلدا كانادادا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كانادادا خىتاي قىزىل كومىنىستلىرىغا قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، كانادادا ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرىشىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە لىكسىيەلەرنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن ياراملىق بىر تۈركۈم ياشلارنى نوقتىلىق تەربىيەلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سايلام جەريانىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندىم، كانادا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا كېلىشىدەك زور قارارنى چىقارغان، غەرب ئەللىرىدىكى ئىلغار تەرەققىي قىلغان دىمۇكراتىك بىر دۆلەت ھىساپلىنىدىغان كانادادا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە كانادا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىدىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرى توپلاشقان بىر ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقۇلۇپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللى كىملىكىنى چەتئەللەردە قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ كانادادا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، 2021-يىلى 24-سىنتەبىردا تورونتودا دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلۇپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە كانادادا ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كانادادا ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، مىللىتىمىزگە پايدىلىق ھەرخىل تېمىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرىدا لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى كۈچلۈك قوللاش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.