You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈرك دۇنياسىنىڭ كوممۇنىزم بىلەن ئىمتىھانى – ئۇيغۇرلار

تۈرك دۇنياسىنىڭ كوممۇنىزم بىلەن ئىمتىھانى – ئۇيغۇرلار

ئەۋرەن دۇرماز (Evren Durmaz, The Epoch Times Türkiye)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل

تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا

ئۇيغۇرلار ۋە تارىخى

ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەڭ قەدىمكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامنى ئەڭ دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خەلقلەردىندۇر. ئۇيغۇر سۆزىنىڭ مەنىسى «بىرلىشىش» دېگەن مەنىدە.

مىلادى 744-يىلى ئۇيغۇرلار كۆك تۈرك دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇنجى دۆلىتى ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان ۋە ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى، ئەمما كېيىن ئۇيغۇرلار قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ھازىرقى موڭغۇلىيە رايونىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۇيغۇرلار جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ، نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. خىتايلار بۇ رايوننى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان، ئەمما ھېچقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىمپېراتور ۋۇدى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 141-87) بۇ رايوننى غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازا دەپ قاراپ، ئۇ يەردە قاراۋۇلخانا قۇرغان. بۇ رايوندا مەلۇم ھوقۇققا ئىگە بولغان، ئەمما ھېچقاچان دۆلەتنى ئىگىلىيەلمىگەن.

شەرقىي تۈركىستانغا تۇنجى قېتىم 1757-يىلى ئىمپېراتور چيەنلوڭنىڭ چېرىكلىرى بېسىپ كىرگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا يول قويماي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە نەتىجىدە خىتاي قوشۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئەپسۇس، 1884-يىلىدا شىنجاڭ (يېڭى چېگرا) ئىسمى بىلەن خىتاي ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋېلىندى.

1911 – يىلى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن خىتايلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقى بارغانسېرى ئاجىزلاشتى. شۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلاپ، خەلقنى كوممۇنىستىك پىكىرلەر بىلەن زەھەرلەپ قوزغىلاڭغا كۈشكۈرتتى. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا كۈچىنى يوقىتىپ قويدى. 1944-يىلى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇ 1949-يىلغىچە داۋاملاشتى. ئەمما 1949-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالدى. 1955-يىلى ئاپتونوم رايون دەپ جاكارلاندى.

خىتاي ۋە كوممۇنىزم

ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇرلارمۇ كوممۇنىزم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى. 1959-يىلى ماۋ زېدوڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پىلانىنى يولغا قويدى.

بۇ پىلان دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمدارلىقنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش ۋە خەلقنىڭ بىر قىسمىنى پولات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلىتىشنى نىشان قىلغان. «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پىلانى تەخمىنەن 45 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى ۋە بۇنىڭغا قوشۇمچە، 2.5 مىليون كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھالبۇكى ماۋ زېدوڭ 1957-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 15 يىل ئىچىدە بۈيۈك بېرىتانىيەنى (ئەنگلىيە) بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى جاڭ سالغانىدى. ئۇ يىللاردىكى تەشۋىقات بولسا: «3 يىل قاتتىق ئىشلە ۋە 1000 يىل راھەت ياشا» شەكلىدە ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ بىرى ئىدى.

1962-يىلى ماۋ زېدوڭ، بىر نۇتقىدا سىنىپىي كۈرەشنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ۋە كۈرەش قىلىنىشى كېرەك بولغان «يېڭى بۇرژۇئازىيە ئېلېمېنتلىرى» توغرىسىدا سۆزلىدى. 1965-يىلى تېخىمۇ قاتتىق تىل ئىشلەتكەن ماۋ زېدوڭ، بىر «بيۇروكرات سىنىپى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆزلەپ، بۇ سىنىپنىڭ خەلققە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى، چوڭ بىر پاجىئەنىڭ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ بېشارەتچىسى ئىدى.

1965-يىلى نويابىر ئېيىدا «خەي رۇينىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى» ئىسىملىك تىياتىر ئويۇنى قاچىنى تولدۇرغان ئاخىرقى تامچە بولدى. بۇ ئەسەردە، دۇرۇس بىر دۆلەت خىزمەتچىسى ئىمپېراتورغا دۆلەتتىكى رېئال ۋەزىيەتنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلغان ئىدى. ماۋ زېدوڭنىڭ بۇ ئەسەرىنى سادىق تەشۋىقاتچىلىرى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇلار بۇ ئەسەرنىڭ ئېزىلگەن سىنىپلارنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماۋنىڭ كۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى ۋە «16 نۇقتىلىق پروگرامما»نى ئېلان قىلىشى بىلەن، 1966-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 1968-يىلى كۈزگىچە داۋاملىشىدىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي باسقۇچى باشلاندى. بۇ جەرياندا، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى ۋە ماۋنى ئۇلۇغلاش ناھايىتى ئېغىر ئ‍ىدى، شۇنداقلا ماۋغا يېقىن نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلەرمۇ بۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن ئىشلەيتتى. بولۇپمۇ 1966-يىلى، بېيجىڭدا 8 قېتىم «چوڭ ئاممىۋى يىغىلىش» ئۆتكۈزۈلدى. «تيەنئەنمېن» دەرۋازىسىدىكى بۇ يىغىلىشلارنىڭ بىرىدە، ماۋ زېدوڭ سۆز قىلماي خەلقنى سالاملىدى ۋە 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۇنى «ئۇلۇغ رەھبەر، ئۇلۇغ ئۇستاز، ئۇلۇغ يول كۆرسەتكۈچى» دەپ تەبرىكلىدى. بۇ شەكىلدە دۆلەتنىڭ ھەر تەرىپىدىكى كىشىلەر «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئۈچۈن تەييار ھالغا كەلتۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ «قىزىل قوغدىغۇچىلار»، ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇلار ئادەتتە، چوڭ شەھەرلەردىكى ياش ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. 1966-يىلى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىزلىرى نامى ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا، بېيجىڭ مائارىپ ئېنىستىتوتى مۇدىر ياردەمچىسى بيەن جوڭيۈننى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە «قىزىل تېررور» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەلەر كېيىنكى ھەپتىلەردە پۈتۈن خىتايغا تارقىلىشقا باشلىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تەخمىنەن 1.7 مىليون كىشى ئۆلدى ۋە بۇ سىياسىي زۇلۇمنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى پىدائىيلار قوشۇنى، ئارمىيە بىرلىكلىرى ياكى جامائەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ئىدى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى بۇرژۇئازىيەنى يەنى يۇقىرى تەبىقىنى (دوختۇرلار، سەنئەتكارلار، ئوقۇتقۇچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە مال-مۈلۈك ئىگىلىرىنى) نىشان قىلغان، شۇنداقلا ئەنئەنە ۋە دىنلار بىلەنمۇ كۈرەش قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، كارخانا ئىگىلىرى، راھىبلار، پوپلار، ئىماملار نىشانغا ئېلىنغان ۋە نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 5000 يىللىق خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلەر، بىنالار قاتارلىقلار يوق قىلىنغان. ئۇيغۇرلارمۇ بارلىق خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، تارىخىي ئەسەرلىرى ۋە مەدەنىيىتى ئاياغ ئاستى قىلىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى

ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشتى ۋە دەۋر-دەۋرلەردە خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. لېكىن قەدىمكى خىتاي ئىمپېراتورلىرى 5000 يىللىق خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلانغان بولۇپ، جەننەت ۋە دوزاخقا ئىشىنەتتى. كائىنات، جەننەت ۋە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ماسلىشىپ ياشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى ۋە ئىنسانلارنى ئەزىز بىلەتتى. پەزىلەتلىك بىر باشقۇرۇش شەكلىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. شۇ سەۋەبتىن، بەزى ئۇرۇش قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. لېكىن، كوممۇنىستلار ناھايىتى پەرقلىق ئىدى؛ ئۇلار ئىنساننىڭ «تەرەققىي قىلغان بىر ھايۋان» ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى ۋە ماركسنىڭ «دىن ئەپيۇندۇر» دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن «تەڭرى»نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيتتى. بۇنداق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان كوممۇنىستلار ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن شەكىلدە زۇلۇم قىلغان.

ئۆتمۈشتە «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» پىلانى مىليونلىغان ئۇيغۇر تۈركىگە ناھايىتى چوڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقۇزغان. ئەمما، بۈگۈن يەنىلا زۇلۇم داۋاملاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىگەن ۋە قۇرئان كۇرسلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. ھازىر ھەر مەسچىتنىڭ ئىچىدە كوممۇنىستىك شوئارلارنىڭ ئېلانلىرى ۋە خىتاي بايرىقى بار. مەسچىتلەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا كامېرالار بار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن مەسچىت ئىچىگە كىرگەنلەرنى كونترول قىلماقتا، يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە خاس نامازلىق، تەسبىھ ۋە قۇرئان كىتابىغا ئىگە بولۇشىمۇ چەكلەنگەن. يەنى، ھەرقانداق بىر دىنىي سىمۋولنى ئىپادىلەيدىغان ھەر نەرسە چەكلەنگەن. بۇ ئەھۋاللار كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلگەندە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر مەسىلىگە ناھايىتى سەلبىي مۇئامىلە قىلماقتا ۋە ئۇيغۇرلار ئىبادەتلىرىنى ناھايىتى قىيىن شارائىتلار ئاستىدىلا ئورۇنلىيالايدۇ.

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاندا (خىتاينىڭ سىتاستىكىسىغا قارىغاندا) تەخمىنەن 10 مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار بىلەن مەسىلىسى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنى ئاشقۇن ئىسلامچىلىق، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئاتالمىش «ئىسلامچى» خەۋپنى باھانە قىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى نۇرغۇن «مېڭە يۇيۇش» ۋە «ئۆزگەرتىش مەركىزى» قۇردى.

«ئىسلاھات» پىلانى نامى ئاستىدا، بۇ «مېڭە يۇيۇش» مەركەزلىرىدە تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇر تۈركى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. لاگېرلارنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىدىن ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئىسلامنى ئۆچۈرۈپ، ئورنىغا كوممۇنىزمنى سىڭدۈرۈشتۇر. لاگېرلارنىڭ نىشانى، ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بويسۇنۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. شۇ سەۋەبتىن، مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىستىك دوكترىنلار ئۆگىتىلمەكتە ۋە ناخشىلار يادلىتىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر مىليون ئۇيغۇر تۈركىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا؛ خىتايدىن، «مۇسۇلمانلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىنمايۋاتىدۇ، رادىكال ئىسلامغا قارشى مائارىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېگەن جاۋاب كەلگەن. خىتاي دۆلەت كېڭىشىگە قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق ئىدارىسىدىن قىلىنغان باياناتتا؛ «ئىددىئا قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە مەزكۇر ‹مائارىپ مەركەزلىرىدە› ھېچقانداق ناچار مۇئامىلە قىلىنمايۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈردى ۋە بەزى مەھەللىلەردە پەقەت خىتايلارلا ياشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئۇيغۇر تۈركى ئائىلىسىگە «قېرىنداش ئائىلە» پىلانى نامى ئاستىدا، بىر خىتاينى يەرلەشتۈرۈش پىلانىمۇ باشلانغان بولۇپ؛ بۇ بىر ئائىلىنىڭ ئىچىگە خىتاي بىر ئەرنىڭ كىرىشى دېگەنلىك ۋە بۇ ئەھۋال، باشقا تاللىشى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوبۇل قىلىش تەس بولىدىغان بىر ئەھۋالدۇر.

مەسىلە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىدە

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا زۇلۇم قىلماستىن، ئۆز ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى خەۋپ دەپ قارىغان ھەر كىشىگە زۇلۇم قىلماقتا. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش زېمىنلىرى قوللىرىدىن تارتىۋېلىنغان مەزلۇم تىبەت خەلقى، خرىستىئانلار، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە بىر زامانلار خىتايدا 100 مىليونغا يېقىن ئەگەشكۈچىسى بار بولغان، «ھەقىقەت-مېھىر-شەپقەت» پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان تىنچلىقپەرۋەر مېدىتاتسىيە ۋە شەخسىي تەرەققىيات پائالىيىتى بولغان فالۇن گوڭ (فالۇن دافا دەپمۇ تونۇلىدۇ) ئەگەشكۈچىلىرىگىمۇ زۇلۇم قىلماقتا.

بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدە بەلكىم ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغان گۇرۇپپا بولسا، فالۇن گوڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. 1999-يىلى ئىيۇل ئېيىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، قەدىمىي بىر شەخسىي مېدىتاتسىيە سىستېمىسى بولغان فالۇن گوڭغا قارشى – خىتايدا فالۇن گوڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سانى 70 تىن 100 مىليونغىچە ئىدى – بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان رەھىمسىز زۇلۇمنى باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، فالۇن گوڭ مەشغۇلاتچىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە زۇلۇم قىلماقتا، ئۇلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلماقتا، ئائىلىلىرىدىن ئايرىماقتا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلىرى ۋە «مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرى»غا تاشلىماقتا. بۇ لاگېرلاردا، پەقەت ئېتىقادلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن مەشغۇلاتچىلارغا زۇلۇم قىلىنماقتا. ئەڭ ئىشەنگۈسىز يېرى، بەزى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۇلار تېخى ھايات ۋاقتىدا، دۆلەت تەستىقى بىلەن ئېلىۋېلىنماقتا.

ئۇتاخ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئونكولوگى دوكتور گلىن گىلكرېئاسې، قانۇنسىز ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ۋە بۇ قانۇنسىز ئورگان سودىسىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنگەنلىكىنى ئېيتماقتا. دوكتور گلىن «بۇنداق بىر ئىش پەقەت خىتايدىلا مۇمكىن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

دوكتور ترېي، مەجبۇرىي ئورگان ئېلىش ئارقىلىق قىلىنغان ئورگان سودىسىنىڭ بىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. دوكتور ترېي يىغىندا، خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سانلارنىڭ 2006-يىلدىن بېرى ئانچە ئۆزگەرمىگەنلىكىگە دىققەت تارتتى ۋە پەردە ئارقىسىدا «بىر نەرسىلەرنى يوشۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

خاتىرىلەر، خىتايدا 2000-يىلدىن بۇيان ئورگان كۆچۈرۈش ئاساسىي قۇرۇلمىسىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمەكتە. ئورگان كېسەللىرىنىڭ دوختۇرخانا كارىۋات سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. ئورگان كۆچۈرۈشتىن كېيىنكى كېرەكلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋاستىچىلەرنىڭ سېتىشلىرىمۇ نەچچە ھەسسە ئاشقان.

خىتاينىڭ رەسمىي ئورگان كۆچۈرۈش سانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا يىلىغا تەخمىنەن 9,000 دىن 10,000 غىچە ئورگان كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش قىلىدىغان 173 دوختۇرخانا بار. ئەمما غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ ھەقىقىي سانىدىن كۆپ تۆۋەن ۋە دۆلەتتىكى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ يىلىغا 1000 دىن ئارتۇق ئورگان كۆچۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.

كۆرىۋالغىلى بولىدۇ كى، خىتايدا ھەر خىل گۇرۇپپىلار زۇلۇم كۆرمەكتە. خىتاي سىرتقا تاقاق دۆلەت بولغاچقا، بۇ ئەقىلغا سىغمايدىغان ۋەھشىيلىك ۋە ھەر خىل گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەرىجىسى بىلىنمەيدۇ.

كومىنىزىمنى چۈشىنىش

يىگىرمىنچى ئەسىردىكى كوممۇنىزىم ئىنقىلابلىرى جەريانىدا، تەخمىنەن 100 مىليون كىشى ھالاك بولدى. بۇلاردىن 20 مىليونى سوۋېت ئىتتىپاقى، 65 مىليونى خىتاي، 1 مىليونى ۋېيتنام، 2 مىليونى شىمالىي كورىيە، 2 مىليونى كامبودژا، 1 مىليونى شەرقىي ياۋروپا، 1.7 مىليونى ئافرىقا ۋە 1.5 مىليونى ئافغانىستان پۇقراسى ئىدى.

كوممۇنىزىمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى 1859-يىلى نەشىر قىلىنغان «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتاب ئىدى. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى، ئىنسانلارنى ئىلاھىي قۇدرەت ۋە ئېتىقادلىرىدىن ئايرىيتتى. كوممۇنىستېك پارتىيە، دارۋىن نەزەرىيەسىنىڭ ھايات كۈرىشىدىن تەسىرلىنىپ، بۇنىڭ بىر سىنىپ كۈرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە «كۈرەش» چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى دەۋرىدە كوممۇنىستېك پارتىيەنى كېڭەيتىش ۋە كۈچىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەمىشە ئۇرۇشتىن پايدىلاندى. ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەممەيلەننىڭ تەڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى ئۈچۈن تېز ئارىدا كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرى بولدى.

كوممۇنىستلىق ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ئەسلىدە 19-ئەسىردا ياۋروپا ئەمگەكچىلەر ھەرىكىتىدىن كەلگەن ئىدى. نەزىرىيىۋى ئاساسى بولسا كارل ماركسنىڭ «داس كاپىتال» ۋە «كوممۇنىزىم خىتاپنامىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىدى. 1917-يىلى رۇس كوممۇنىستېك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، بىر قاتار دۆلەتلەردە كوممۇنىستىك دۆلەتلەر قۇرۇلدى. كومىنىستلار قانلىق ئىنقىلابلار ۋە قاتتىق ئىچكى تىركىشىشلەر ئارقىلىق دۇنيايىمىزدا ئۆزلىرىگە ئورۇن تاپتى.

ياخشى ئىشنى نىشان قىلىش ۋە ئوتتۇرا يولنى تېپىش ئىنسان تەبىئىتىدە بار، لېكىن كوممۇنىزىم؛ سىنىپلار توقۇنۇشىنى، ئېتىقادسىزلىقنى، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. بۇ ئىدېئولوگىيە ئېتىقادنى، مىڭلىغان يىللىق مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى يوقاتتى ۋە بۇ ئىنسانىيەتنى بىر پاجىئەگە ئىتتى.

ماركس نىڭ «دىن خەلقنىڭ ئاپيونىدۇر» دېگەن گېپى بەك داڭلىق ۋە كوممۇنىستلارنىڭ كۆپىنچىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. كوممۇنىزىم دىنغا، ئەنئەنىلەرگە ۋە ئەخلاقىي قائىدىلەرگە قارشى تۇردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى تۇرغۇچىلارنى ھېچ ئايىماي يوق قىلىشقا تېرىشتى.

ئۇيغۇرلار دىنىغا، ئۆرپ-ئادىتىگە مۇستەھكەم باغلانغانلىقى ئۈچۈن كوممۇنىستلارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

ئاخىرىدا ئەرخان ئاماسيانىڭ (Erhan Amasya) شېئىرى بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:

ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەممە يۈرەكلەردە ئاغرىق ۋە يارا
قېرىنداشلىرىم يوق قىلنىۋاتىدۇ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە
ئۇيغۇرۇم قان يىغلاۋاتىدۇ، قىيىن ئەھۋالدا
نېمىنى ساقلاۋاتىمىز ، ياردەم قىلايلى ئۇلارغا
يۈزلەرچە يىل ئەسىرلىكتە، قىيىنچىلىقتا ئۇيغۇرۇم
ئەركىنلىكتىن باشقىسى ياراشمايدۇ ئ‍ۇيغۇرغا
ئىززىتىمگە قول ئۇزاتسا، ئۆلىمەن يا ئۆلتۈرىمەن
ئەسىرلىك بىزگە ھارام، ئاچچىقتىن بوغۇلىمەن
قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمايلى ئۇيغۇر قىرغىنىغا،
ھەر ۋاقىت ياردەمچى بىز ھەر مەزلۇمنىڭ ھالىغا
بىزگە كېلىشنى ساقلىماي، دەرھال ئاتلىنايلى
ئ‍ۆزىمىنى تونىتايلى شۇ ئۇيغۇرۇمنى قىرغان خىتايغا

 

تۈركچە ئەسلىي مەنبە:
Türk Dünyasının Komünizm ile İmtihanı 4. Bölüm: Uygur Türkleri

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top