You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » پىشقەدەم ئىنقىلابچى ۋە ژۇرنالىست غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىگە تەزىيە

پىشقەدەم ئىنقىلابچى ۋە ژۇرنالىست غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىگە تەزىيە

پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ئاتىغان پىشقەدەم ئىنقىلابچى، ژۇرنالىست ۋە جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىز 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە، 95 يېشىدا ۋاپات بولدى. مىللىي ئىنقىلاب سېپىمىزدىكى بىر يول باشچىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن مىللىتىمىز مۇسىبەتكە چۆمدۇق.

مەرھۇمنىڭ ماكانى جەننەت ۋە روھى شاد بولسۇن! ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، يېقىنلىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىدىكى بارلىق سەبداشلىرىغا سەۋىر-تاقەت تىلەيمىز!

غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىز 1930-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرىي بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل ۋەتەن سىرتىدا ئۆز ئانا ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن كېچىمۇ-كۈندۈز ھەم قەلەم ھەم ئەلەم كۈرىشى قىلغان قەھرىماندۇر. بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى خەلقئارا سەۋىيەگە كۆتۈرگەن پىشقەدەملىرىمىزدىن بىرىدۇر.

غۇلامىدىن پاختا ئاكا مەيلى تۈركىيەدە ئوقۇغان، مەيلى گېرمانىيەدە ۋە ئامېرىكىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىشنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىغان ۋە بۇ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن بىر دەقىقىمۇ ۋاز كەچمىگەن يېتەكچىمىزدۇر. ئۇنىڭ ۋەتەن سىرتىدا قىلغان شانلىق ئىش-ئىزلىرى، بولۇپمۇ ئۆچمەس مىللىي روھى بىزنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇ يولدا توختىماي ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئۆچمەس نۇر بولۇپ قالغۇسى.

غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئۈلگىلىك ئىش – ئىزلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق زىيالىيلار مەرھۇم غۇلامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىنى ئىپتىخارلىق بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز!

مەرھۇمنىڭ ماكانى جەننەت ۋە روھى شاد بولغاي!

چۇڭقۇر قايغۇ ۋە ئېھتىرام بىلەن دوكتور رىشات ئابباس (ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى)

2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top