ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى
ئۈمىد ئالپەرەن (سۇلايمان دەمىرئەل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئامىنە ئۇيغۇر
تەھرىر: رازىيە مەتتۇرسۇن
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئاجىزلىشىشى ۋە ناچارلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئېتنىك، مەدەنىيەت، دىنىي ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى نۇقتىسىدىن بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق دائىرىسىدە باھالىماقتا. بۇ جەھەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى دۇنياۋى ۋە رايونلۇق سەۋىيەدە مەلۇم مەزگىللەردە ھېس قىلغان تەھدىت دەرىجىسىگە ئاساسەن شەكىللەنگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى بولسا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى چەمبىرىكىدە كۆپىنچە تەسىر ۋە ئىنكاس شەكلىدە شەكىللەنگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كەسكىنلىكلەرگە تۈركىيەنىڭ كۆرسەتكەن ئىنكاسلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسىممېترىك ھالغا كېلىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىنكاسچىل ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ تەتقىقات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە داۋاملىق تەسىرى بارلىقىنى ۋە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم مەزگىللەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش چەمبىرىكىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلماقتا.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر مەسىلىسى، تۈركىيە، خىتاي، تەھدىت تۇيغۇسى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى
1. كىرىش
سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە ھەتتا ناچارلىشىشىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىماقتا. ئاساسلىقى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پەرقلىق پوزىتسىيەسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئېتنىك، تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. خىتاي بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىچكى ئىش دەپ قاراپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە باياناتمۇ بېرىشىنى خىتايغا قارشى دۈشمەنلىك سىياسەتلىرى، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋە بۆلگۈنچىلىك دەپ قارىماقتا. تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر زېمىن ياكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. تۈركىيە رەسمىي باياناتلىرىدا مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق يۆنىلىشىدە مۇزاكىرە قىلسا، خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن كۆرمەكتە. خىتاي ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى ئوخشاش دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن، مەسىلىنى بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق، تېررور، زېمىن پۈتۈنلۈكى، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت نۇقتىسىدىن باھالىماقتا (خىتاي ئەلچىخانىسى، 2020). تۈركىيە بىر خىتاي سىياسىتىگە، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىكنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تۈرك تەرەپنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان ھەر قانداق تەنقىدىگە خىتاي تەرەپ سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە. ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىگە پەرقلىق يېقىنلىشىشى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش بويىچە داۋالغۇشلۇق بىر يۆنىلىشنى ئىزچىللاشتۇرماقتا.
ساھىبخان دۆلەت سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى 2017-يىلىغىچە مەزگىللىك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رايونلۇق ۋە دۇنياۋى تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا باشلىغان «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» سىياسەتلىرى خىتاينىڭ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە (زېنز، 2019: 102-128؛ زېنز ۋە لېيبولد، 2017). تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى مەزگىللىك ئۆزگىرىشلەرگە باغلىق ھالدا پەرقلىنىپ تۇرماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بەرگەن ئىنكاسلىرى كۆزدە تۇتۇلغاندا، تۈركىيەنىڭ سىياسەتلىرىنىڭمۇ مەلۇم بىر ئىستراتېگىيە دائىرىسىدە ئىنكاسچىل ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىچكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر چەمبىرىكىدە تەرەققىي قىلماقتا.
يۇقىرىدا كۆرسەتكەن چەمبىرەككە ئاساسەن، تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئورتاق چېگراسى بولمىسىمۇ ھەتتا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن پەرقلىق رايونلاردا بولۇشىغا قارىماي، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئاز ياكى كۆپ، ئىجابىي ياكى سەلبىي ھەر دائىم تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئادەتتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تاشقى سىياسەت ئەدەبىياتىدا، بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار/ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتكە ياكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى دىئاسپورا چەمبىرىكىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. دېموكراتىك دۆلەتلەردە، تەشكىللەنگەن دىئاسپورالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان سىياسىي پارتىيەلەر ئۆز سىياسەتلىرىنى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە تۈزەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى تەشكىللەنگەن ئەرمەن، گرېك، يەھۇدىي قاتارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ تاشقى سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشى بۇ دائىرىدە باھالىنالايدۇ (خانېي ۋە ۋاندېربۇش، 1999: 341-61؛ مېرشەيمېر ۋە ۋالت، 2008). ئەدەبىياتتىكى يەنە بىر قاراش بولسا، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى، ئادەتتە توقۇنۇشنى، چۈشەندۈرىدىغان بىر ئۆزگەرگۈچى سۈپىتىدە چېگرا ھالقىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار/ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنامىكىسىنى تەتقىق قىلماقتا. بۇ قاراش ئورتاق چېگراسى بار دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئوخشاش ئېتنىك گۇرۇپپا/ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ قوشنا دۆلەت ئىچىدىكى ئېتنىك ئۇزارتمىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا (داۋىس ۋە مورې، 1997: 171-184؛ پېتېرسېن، 2004: 25-42؛ مورې، 2002: 77-91؛ ۋىنسلېت، 2006: 653-673).
بۇ تەتقىقاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق چېگراسى بولمىغان تۈركىيە-خىتاي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەتقىق قىلىنماقتا. بۇ ماقالىنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تاشقى سىياسەت دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە بولغان تەسىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈركىيەدىكى دىئاسپورا ئامىلى بۇ تەتقىقات دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئومۇمەن خىتايدىكى تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرىنى دىئاسپورا ۋە چېگرا-ھالقىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىرى قارىشى بىلەن چۈشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەھدىت تۇيغۇسى ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىشكە باغلىق ھالدا بىر تەرەپلىمە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەھدىت تۇيغۇسى دۆلەت ئىچى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر چەمبىرىكىدە شەكىللەنمەكتە. رايموند كوخېن (1978: 93-107) تەھدىت تۇيغۇسىنى خەلقئارالىق كرىزىسلاردا ھەرىكەت ۋە ئىنكاس ئارىسىدىكى بەلگىلىگۈچى بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئېنىقلىماقتا. يەنە كوخېنغا (1978: 93) كۆرە، رەقىبنىڭ ھېچقانداق يامان نىيىتى بولمىسىمۇ تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنەلەيدىغانلىقىدىن سۆز ئاچماقتا. بۇ دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىنىي، سىياسىي كىملىكى ۋە تۈركىيە باشتا بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇغقان جامائەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، كرىزىس بولمىسىمۇ خىتاينىڭ تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ ئاز بولسىمۇ جانلىق قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ھېس قىلغان تەھدىتىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىكى باشقا مەسىلە ساھەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلۈشى، ۋەقەگە پەرقلىق بىر ئۆلچەم قوشماقتا ۋە ساھىبخان دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىگە مەزگىللىك ھالدا پەرقلىق ئۆلچەملەردە تەسىر كۆرسىتەلمەكتە.
تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسى بىر دۆلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىت مەزگىلىدە مەلۇم بىر سىياسەتنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرىنى بىرلا ئۆزگەرگۈچى ئامىل، نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ تەتقىقات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ئۆز دىنامىكىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەرقلىق مەزگىللەردە پەرقلىق ۋەقەلەردە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماستىن، يەرلىك، دۆلەت ئىچى، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى تەرەققىياتلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئۆز-ئارا تەسىرىنى دىققەت قىلىپ ۋە بىردىن ئارتۇق ئۆزگەرگۈچى ئامىل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. شۇ سەۋەبتىن بۇ تەتقىقات بىرلا ئۆزگەرگۈچى ئامىل ياكى نەزەرىيەلىك بىر چەمبەرەكتىن زىيادە دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ۋە سىستېمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ خاسلىقىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.
2. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تارىخىي نۇقتىدىن تەسىرى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (ج خ ج) قۇرۇلغان 1949-يىلىدىن سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقانغا قەدەر بولغان مەزگىلدە، تۈركىيە- خىتاي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىۋاستە مەسىلە پەيدا قىلمىغان. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئاساسەن غەربنىڭ خىتاي سىياسىتىگە پارالېل شەكىللەنگەن.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ج ك پ) 1949-يىلى ئۆكتەبىردە ج خ ج نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما تۈركىيە 1934-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە تەيبېيگە كۆچۈپ كەتكەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. 1949-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشى بىلەن تۈركىيىگە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى كېلىشكە باشلىغان. بىراق بۇ كۆچۈشلەرنىڭ تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىش تەس.
1950-يىللاردىكى تۈركىيىگە قاراپ باشلانغان ئۇيغۇر كۆچۈشى، ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىلىك لاگېرلاردا تۇرۇشى سەۋەبىدىن، بىر-بىرىگە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتقان تۈركىيە ۋە خىتاي نىڭ ناچار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىدە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيىگە كۆچۈش بىلەن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق دىئاسپوراسى، تۈركىيىدە مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى قاتلام باشچىلىقىدا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك جامائەت پىكرىدە بىر خىل سەزگۈرلۈك ۋە ئاڭ شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تاشقى سىياسەت سەۋىيەسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاستە ئەمەس، كۆپرەك ۋاستىلىق تەسىر كۆرسەتكەن.
تۈركىيە 1950-يىللاردا خىتاينى كوممۇنىزم نۇقتىسىدىن ۋاستىلىق تەھدىت دەپ قارىغان بولسا، خىتاي تۈركىيىنى غەرب بلوكىدا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن «زوۇگوۇ» (بىر نەرسىنىڭ كەينىدىن ماڭغۇچى) دەپ سۈپەتلىگەن. تەرەپلەرنىڭ 1949-يىلدىن 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئوخشىمىغان بلوكلاردا تۇرۇشى سەۋەبىدىن، تۈركىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىرىنچى دەرىجىلىك تەھدىت دەپ قارىشى، خىتاينىڭ بىر تەرەپكە يانداش سىياسىتى دائىرىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاساسلىق پەرقنى شەكىللەندۈرگەن.
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىلىك لاگېرلاردا تۇرۇشى، ئانكارانىڭ سوۋېت تەھدىتى سەۋەبىدىن ناتوغا كىرىش ئىستىكىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كورېيە ئۇرۇشىغا (1950-1953) ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى پەرقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي 1955-يىلى باندۇڭ يىغىنىدا تەرەپسىزلەر ھەرىكىتىنى قوللىغان بولسا، تۈركىيىنىڭ كوممۇنىزم تەھدىتى نۇقتىسىدىن كوممۇنىزمغا قارشى بلوكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى تەرەپلەر ئارىسىدىكى سىستېمىلىق پەرقلەرنى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىكى سەلبىي پەرقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئەمما 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان غەرب- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يۇمشاش ۋە خىتاي -سوۋېت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېرىقلار تۈركىيە- خىتاي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن.
تۈركىيە بۇ كونيۇنكتۇرلۇق ئۆزگىرىشلەرگە بىپەرۋا قارىمىغان بولۇپ، ئۆزى تەۋە بولغان غەرب بلوكىنىڭ بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەت قىلغان. غەرب بلوكى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا پارالېل ھالدا، نۇرغۇن غەرب بلوكى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تۈركىيە- خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمۇ 1971-يىلى ئورنىتىلغان.
شۇڭا تۈركىيە- خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 1949-1971 يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل بىۋاستە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن كۆرە، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ئالدىنقى شەرتلىرى، تەرەپلەر ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك يىراقلىق سەۋەبىدىن مەنپەئەت ياكى توقۇنۇش رايونلىرىنىڭ كېسىشەلمەسلىكى ۋە غەرب بلوكى ئىچىدە تۇرۇشىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشى، تاشقى سىياسىتىنى تۈرلەندۈرۈش، يېڭى سودا بازىرى ئىزدىنىشى قاتارلىقلار مۇھىم ئامىللار بولغان. خىتاي نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسا، بېيجىڭنىڭ موسكۋانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېھتىياجى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يۇمشاشنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرى بارلىقى كۆرۈلمەكتە.
2.1. تۈركىيە – خىتاي ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى
تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا 1971-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر باشلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك يىراقلىق، رايونلۇق مەنپەئەت/مەسىلە رايونلىرىغا مەركەزلىشىشى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ئىچكى سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن جىددىي ئۆزئارا تەسىر قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئوچۇق مەسىلە پەيدا قىلغانلىقى ۋە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەزگىلدە خىتاي ۋە تۈركىيە ئارىسىدا ئۆزئارا رەسمىي زىيارەتلەرنىڭمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
خىتايدا 1978-يىلى دېكابىردا باشلانغان ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتى، تۈركىيەدە 1980-يىللاردا باشلانغان ئىقتىسادىي ئەركىنلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى قىسمەن بولسىمۇ ئاشۇرغان. بۇ دائىرىدە تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى 1980-يىلدىن سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغىچە ئىقتىسادىي ئاساستا تەرەققىي قىلغان. ھەم خىتاينىڭ ھەم تۈركىيەنىڭ 1980-يىللاردىكى ئىقتىسادىي ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە بازار ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا رەسمىي زىيارەتلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتايونىڭ 1980-يىللاردا خەلقئارالىق سىستېما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى، بېيجىڭنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسى بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى سەزگۈرلۈكىنىڭ ۋە تەھدىت چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دىپلوماتىك جەھەتتىن بۇنى مەسىلىگە ئايلاندۇرمىغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق تەھدىت چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يىراق بىر دۆلەتكە بېسىم قىلالايدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ بولماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ۋە بۇ مەسىلىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىنىدىغان ئىچكى مەسىلە سۈپىتىدە كۆرۈشىدۇر.
1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولغان تەھدىت چۈشەنچىسى ئېشىشقا باشلىسىمۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئوچۇق تەسىرى بولمىغان. ھەتتا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي ئەركىنلەشتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىللىرىدىن بىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، باش مىنىستىرلار ۋە دۆلەت رەئىسلىرى دەرىجىسىدە ئۆزئارا زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.
1980-يىللاردىكى ئۆزئارا زىيارەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلمىگەنلىكى، خىتاينىڭ ئانكارا باش ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشلىشى تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. ئەمما خىتاينىڭ ئانكارا باش ئەلچىخانىسى سودا ئاتتېشېسى ئۇيغۇر ئەسىللىك مۇھەممەد نىيازىنىڭ جان بىخەتەرلىكى يوق دېگەن سەۋەب بىلەن 1986-يىلى سېنتەبىردە تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ ئىجابىي جاۋاب تېپىشى، تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەسىرى جەھەتتىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.
3. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرگەن رايونلۇق ۋە دۇنياۋى تەڭپۇڭلۇق، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە رايونلۇق سەۋىيەدىكى تەھدىت چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. سوۋېتلارنىڭ مەغلۇپ بولغان مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ تەسىر قوزغىغان. ھەم تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي قىزىقىشى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئەركىنلىك تەلەپلىرى، خىتاي تەرىپىدىن پانتۈركىزم تەھدىتى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1990-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ پانتۈركىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىچكى سىياسەتكە قارىتىلغان پوپۇلىست ئىپادىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن.
بېيجىڭ نۇقتىسىدىن، 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى سەۋەبىدىن خىتاي-غەرب مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشى، خىتاينىڭ دۇنياۋى سىستېمىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ئاشقانسېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنياۋىلىشىشنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا پائاللىشىشى، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار، پىكىرلەر بىلەن ئۆزئارا تەسىر مۇناسىۋىتىگە كىرىشى خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان ۋە ئاكتىپ بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇ نۇقتىدىن، 1990-يىللارغىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيە- خىتاي ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە كۆپرەك ئاسانلاشتۇرغۇچى ئورۇندا ۋە تەھدىت چۈشەنچىسى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان بولسا، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىتكە ئايلىنىشقا باشلىغان.
1990-يىللارنىڭ بېشىدا دۇنيا مىقياسىدا چىققان ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق شاماللىرىدىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ تەھدىت چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-10-ئاپرېلدا پارتلىغان قوزغىلاڭ، خىتاينىڭ تەھدىت چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىدە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 1990-يىللاردا كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئەمەس. ئەسلىگە ئالغاندا، سوۋېتلارنىڭ يىمىرىلىشكە باشلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپلىرى سەۋەبىدىن كۆپ قىسمىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلغان گۇرۇپپىلار 1989-يىلى بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىشلارنى باشلىغان، ئەمما بەك قاتتىق باستۇرۇلغان. شۇڭا مەركەزگە بىرلەشتۈرۈلەلمىگەن، ئەركىنلىكلىرى چەكلەنگەن چېگرا رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان ئېتنىك، مەدەنىي ۋە دىنىي باغلىنىشلىرى بولغان تۇغقانلىرىغا ئوخشاش مۇستەقىل بولۇشنى خىيال قىلغان. بۇ جەرياننى شۇ دەۋرنىڭ ئاتموسفېراسى ۋە شارائىتى ئىچىدە چۈشىنىشتە پايدا بار.
دۇنياۋى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرمۇ خىتاينىڭ دۆلەت سەۋىيەسىدىكى تەھدىت چۈشەنچىسىنى كۈچەيتكەن. 1990-يىللارنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ سوۋېتلاردىن ھېس قىلغان تەھدىت چۈشەنچىسى يوقالغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت كېڭەيمىچىلىكى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستانغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامى بىلەن ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكىنىڭ 40-يىللىقى بولغان 1995-يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جاۋگو، ئامېرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ خىتاينى پارچىلاش ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىكنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەۋا قىلغان.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1996-يىلى مارتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسئۇللارغا ئەۋەتكەن ھۆججەتلىرىدە ئېتنىك ۋە دىنىي بۆلگۈنچىلەرگە قارىتا قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا بۇنىڭ پۈتۈن دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ چوڭ يوليورۇقتىن كېيىن 1997-يىلى غۇلجىدا ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن پارتلىغان قوزغىلاڭلاردا، ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان. شۇڭا ھەم دىنىي ھەم تارىخىي سىياسىي كىملىكى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭسىز ۋە بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىق تۇيغۇسى، بېيجىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. مىللۋارد، بېيجىڭنىڭ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەھۋالنىڭ خىتاي مەسئۇللار تەرىپىدىن زۆرۈر بولغىنىدىن ئارتۇق مۇبالىغە قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە خىتاي ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن بولغان تەھدىت چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خەلقئارالىشىشىغىمۇ ئىللىق مۇئامىلە قىلمىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنياۋىلىشىشنىڭ تېزلىشىشى بىلەن يۈز بەرگەن دۆلەت، رايون ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەھدىت چۈشەنچىسىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك يوللىنىشىنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە يۇقىرى دەرىجىدە ئەندىشىلىك ۋە سەزگۈر بولۇشىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان جۇغراپىيەلىك رايون مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 2023-يىلى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 1.409 مىليارد نوپۇسىنىڭ 91 پىرسەنتىنى خىتاي مىللىتى تەشكىل قىلسا، خىتاي بولمىغان 55 ئېتنىك گۇرۇپپا خىتاي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 9 پىرسەنتىگە، يەنى 126.8 مىليونغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ئۇلارنىڭ نوپۇسىدىن كۆرە، ياشايدىغان جۇغراپىيەلىك رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ 2/3 قىسمىغا توغرا كېلىشى ۋە چېگرا لىنىيەلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي قارار چىقارغۇچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سەزگۈرلۈكىدە چېگرا لىنىيەلىرىدىكى مۇقىمسىزلىق، قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشەنچسىزلىكلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇھىم تەسىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭ بولمىغان ھالدا جېئوستراتېگىيەلىك تارقىلىشى، تارىخىي جەھەتتىن مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىش ئېھتىماللىقى، خىتايدىكى قارار چىقارغۇچىلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئاشۇرماقتا ۋە ئەركىنلىك-بىخەتەرلىك تەڭلىمىسىدە مەسىلىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئۇيغۇرلار خاس ھالدا ئۇلارنىڭ ياشايدىغان جۇغراپىيەلىك رايونىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ مەركىزىدىن يىراق رايوندا بولۇشى، يەرلىك مىللەت بولۇشى، تارىختا دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىلىرىنىڭ بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي كىملىكىنى كۈچلۈك ھالدا ساقلاپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ چېگرا ھالقىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇشىمۇ ئالاھىدە مۇھىم.
مارى ترېدانىيېل ۋە پاك ك. لى خىتاي چېگرا لىنىيەسىدىكى تەھدىتنى ماھىيەتلىك تەھدىت دەپ بېكىتمەكتە ۋە بۇ تەھدىتنىڭ كۈچ پەرقىدىن ئەمەس، مەدەنىيەت ھېرارخىيەسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ترېدانىيېلگە كۆرە، خىتاينىڭ ئىمپېراتورلۇق دەۋرلىرىدە خىتايلاشمىغان بۇ گۇرۇپپىلار خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلماي، خىتاي كىملىكى ۋە خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ تەڭرىنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىدىكى قانۇنىيلىققا قارشى بىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، 1839-1949 يىللىرى ئارىسىدا خىتايدىكى ئىشغالىيەتلەر ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ماھىيەتلىك تەھدىتكە قارشى قاتتىق بىر ھاكىمىيەت يوللىنىشى يېتىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. بېيجىڭ، ئۇيغۇر رايونىنى خىتاي بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن رايونغا 1949-يىلدىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يېرىم ھەربىي بىڭتۈەنلەر ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ بېيجىڭنىڭ قارشى چىققۇچى ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ 11-سېنتەبىردىن كېيىن دۇنياۋى جىھادچىلار بىلەن باغلاش تىرىشچانلىقى، ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا يول ئاچماقتا. خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ستراتېگىيەسى ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى ئەسلىتىدىغان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بىرلىشىشىدىن كۆرە ئۇلارنىڭ رادىكاللىشىشىغا، مەركەزدىن ئايرىلىشىنىڭ تېزلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.
باشقا قىرغىز، قازاق، ئۆزبەك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى شەرقىي تۈركىستان بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولماسلىقى، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تېزلەشكەن دۇنياۋىلىشىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھەم سىياسىي ھەم دىنىي كىملىكى دۇنياۋى ئۆلچەمگە ئايلىنىپ، چېگرا ھالقىغان بىر ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى ئارقىلىق ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم تۈركىيە بىلەن تۇغقانچىلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي كىملىكى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ مۇسۇلمان جۇغراپىيەسى بىلەن باغلىنىش قۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىرتىدىن باغلىنىش ئىزدىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن جۇغراپىيەلىك يىراقلىق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى تۈپەيلىدىن ماسلىشالمىغان مۇناسىۋەتنىڭ بولۇشىدۇر.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دائىرىدە، ئۇيغۇر لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ھەم تۈركىيەدىكى سىياسىي لىدېرلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە كۆرۈشۈشى ھەم خەلقئارادا ئۇيغۇرلار نامىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. ئەمما بۇ كۆرۈشۈشلەرگە قارىماي، تۈركىيە 1990-يىللارنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا سۆز جەھەتتىكى قوللاشتىن نېرى ئۆتەلمىگەن. قىسقىچە ئېيتقاندا، بۇ مەزگىلدىكى سۆزلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇكەممەل بىر ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئېيتالمايمىز.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا ئەندىشىسى كۈچەيگەن بولسىمۇ، بولۇپمۇ 1990-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمى تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ جانلانغان مەزگىللىرىدىن بىرى بولغان. ھەم تۈركىيە ھەم خىتاينىڭ بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە غەربنىڭ ئېغىر تەنقىدلىرىگە ئۇچرىشى، تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا سەلبىي قاراشلىرىنى كەينىگە قايرىپ قويۇپ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. 1989-يىلى ئىيۇندا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە تۈركىيە غەرب دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق پوزىتسىيە بەلگىلەپ، ۋەقەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىغان.
تۈركىيە 1990-يىللاردا پ ك ك غا قارشى كۈرىشىدە، قورال سانائىتىدە غەربكە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ۋە غەربتىن ئالالمىغان قوراللار ۋە ھەربىي تېخنىكىنى ئالتېرناتىپ سۈپىتىدە خىتايدىن ئالغان. شۇڭا، تەرەپلەر خەلقئارادا ئۆزلىرىگە قارشى شەكىللەنگەن سەلبىي پوزىتسىيەنىڭمۇ تەسىرى بىلەن ئۆز ئارىسىدىكى مەسىلىلىك ساھەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا باشقۇرۇشنى تاللىغان. ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت بۇ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشقان.
تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە 1996-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. 1996-يىلدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدە تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ھېچبولمىغاندا سۆز جەھەتتىن قوللاش بەرگەن بولسا، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىشقا باشلىغان. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە 1990-1995 يىللار ئارىسىدىكى مەزگىل قارارسىز قوللاش مەزگىلى شەكلىدە دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئورگانلىرىنىڭ ھەر خىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن بىر مەزگىل بولغان. بولۇپمۇ مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى قاتلامنىڭ شەكىللەندۈرگەن مەركەز-ئوڭ سىياسىي پارتىيەلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بىلەن سىياسىي غەرەزلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، تاشقى ئىشلار بىيۇروكراتىيىسى ۋە باش شىتاب باشلىقلىقى تېخىمۇ راتسىئونال بىر سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشىنى تەرغىب قىلغان. 1996-يىلدىن كېيىن بولسا، ھۆكۈمەتنىڭمۇ تاشقى ئىشلار ۋە ھەربىي بىيۇروكراتىيە بىلەن ئوخشاش نۇقتىغا كېلىشى بىلەن بىرگە، مەسىلىنىڭ كۆرمەسكە سېلىنغان ۋە خىتاي بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر مەزگىلگە كىرىلگەن.
1996-يىلدىن كېيىنكى جەرياندا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھېسسىي زېمىندىن راتسىئونال بىر زېمىنغا ئېۋولۇتسىيە بولۇشى ئاساسەن ئۈچ سەۋەبكە تايىنىدۇ. بىرىنچىسى خىتاينىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئەرزان ۋە غەربكە ئالتېرناتىپ قورال-ياراق ۋە تېخنولوگىيە يۆتكىگۈچى بولۇشى، ئىككىنچىسى خىتاينىڭ چوڭىيىۋاتقان بىر بازارغا ئايلىنىشقا باشلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى، خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى سۈپىتى بىلەن ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان بېسىملارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىدۇر. تۈركىيە خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە قېلىشنى تاللىغان. باشقا تەرەپتىن، خىتاينىڭمۇ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربنىڭ تەنقىدلىرىگە قارشى ئۇيغۇر مەسىلىسى جەھەتتە ئۈنۈملۈك بىر ئاكتور بولۇش پوتېنسىيالى بولغان تۈركىيە بىلەن جېدەللىشىش ئورنىغا ئالاقە قىلىش سىياسىتىنى تاللاشنى تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
1990-2000 يىللىرى ئارىسىدا، خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ئادەتتە بىر تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تېخنولوگىيە يۆتكەش سىياسەتلىرى نەتىجە بېرىشكە باشلىغان. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نىسبىي يېقىنلىشىشنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇپ، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ مەركىزى 1950-يىللارنىڭ بېشىدىن 1990-يىللارغىچە تۈركىيەدە بولغان بولسا، كېيىنكى جەرياندا ياۋروپاغا يۆتكىلىشكە باشلىغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن ئەركىن ئەمەتنىڭ (2009: 108-109) قارىشىچە، مەركەزنىڭ تۈركىيەدىن ياۋروپاغا يۆتكىلىشىنىڭ سەۋەبى دىئاسپورا پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى ۋە گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە خىتايدىن كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ بۇ يەرلەرنى تاللىشىدۇر. 1950-يىلدىن باشلاپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا تارقىلىشى شۇنداقلا دىئاسپورانىڭ تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋىلىشىشىغا ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە دىئاسپوراغا تەسىر كۆرسىتىش سەۋىيىسىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرى ئاشقان بولسا، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا باشلىشى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىرىنىمۇ ئاشۇرغان. باشقا تەرەپتىن، تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدىكى ھەسساسلىقلىرى ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمى ئۆزگىرىدىغان نىسبەتتە ھەر زامان ھېس قىلىنغان.
3.1. 2002–يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىرى
2002-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئاق پارتىيە دەۋرىدە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر تەسىرى دەۋرىي ھالدا دۇنياۋى ۋە ئىچكى سىياسەتكە باغلىق ھالدا داۋالغۇپ تۇردى. 2000-يىللار تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەسىرى ئازايغان، ئارقا سۇپىدا قالغان ۋە ئىجابىي مۇئامىلە قىلىنغان مەزگىل بولدى. دۇنياۋى مىقياستا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىرتىدا، 2000-يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭ خەلق ئاممىسىغا تارقىلىشى، خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىنىڭ بىخەتەرلىكتىن كۆرە جەمئىيەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان «ئىناق جەمئىيەت» سىياسىتى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى كەسكىنلىكنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى.
ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بولغان ئۇيغۇر تەسىرىنى ئۈچ باسقۇچتا تەكشۈرۈش پايدىلىق: بىرىنچى باسقۇچ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن 2009-يىلى ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قوزغىلىڭىغىچە بولغان مەزگىل، ئىككىنچى باسقۇچ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى تۈركىيەدىكى دۆلەت ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگىچە بولغان مەزگىل ۋە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ ھازىرغىچە بولغان جەرياندۇر.
ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان كۆپ يۆنىلىشلىك تاشقى سىياسەتلىرى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ كۈچ قوشتى. تۈركىيەنىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە جەلپ قىلىش مەركىزى بولۇشى، خىتاينىڭمۇ تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. تۈركىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازارلاردىن ۋە چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىرى بولۇشى كۆپ تەرەپلىمە دىپلوماتىيەسىدە خىتاينى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن غەربنىڭمۇ خىتايغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدلىرىنى ئازايتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى، ئاق پارتىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردى. شۇڭا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دۇنياۋى مىقياستا قولىنى كەڭ تۇتقان ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى كۆزگە ئىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدە تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ ئازايغان بىر مەزگىل يۈز بەردى.
2009-يىلى ئىيۇندا پرېزىدېنت ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن پارتلىغان ئۈرۈمچىدىكى خىتاي -ئۇيغۇر مىللەتلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كرىزىسقا ئايلانغان. بولۇپمۇ باش ۋەزىر تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىرغىنچىلىق دېگەن ئىپادىلىرى خىتايدا چوڭ نارازىلىق بىلەن قارشى ئېلىنغان. ئاق پارتىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2002-يىلدىن باشلاپ كۆپ تەرەپلىمە تاشقى سىياسىتى ۋە بۇ مەزگىلدە مىللەتچىلىككە يىراق تۇرۇشى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەردە پان-تۈركىزم تەھدىتىنىڭ ئازىيىشى دېگەنلىك ئىدى. لېكىن 2010-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە كېيىنكى جەرياندا ئەردوغاننىڭ داۋوستا ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى بىلەن بولغان مۇنازىرىسى خىتايدا ئىسلامچىلىق تەھدىتى دەپ قارالغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ ئېشىشى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىپ قويغان. 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئاق پارتىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈك رولى ئوينىيالايدىغانلىقى پوزىتسىيەسىنى توختىتىپ قويغان بولسىمۇ، كرىزىس كۈچلۈك دىپلوماتىيە بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىنغان.
تۈركىيە تەرەپمۇ خىتاي بىلەن كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە شۇ مەزگىلدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان. تۈركىيە رابىيە قادىرنىڭ 2009-يىلدىكى ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان بولسا، ياپونىيە 2019-يىلى 28-29-ئىيۇن كۈنلىرى ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 يىغىنى جەريانىدا رابىيە قادىرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى ماقۇللىغان. خىتاي بىلەن كۈچلۈك سودا مۇناسىۋەتلىرى بولۇشىغا قارىماي ياپونىيەنىڭ رابىيە قادىرگە ۋىزا بېرىشى، ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن تۈركىيەنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلىشى ۋە كېيىنكى جەرياندا تۈركىيەگە كىرىشىگە ئىجابىي قارىماسلىقى بېيجىڭ-ئەنقەرە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاسىممېترىيەنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ھەتتا شۇ دەۋردىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى تۈركىيە چوڭ مىللەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بۆلگۈنچى تەشكىلات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، تۈركىيەنىڭمۇ ب د ت ئەزاسى بىر دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلاتقا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن داۋۇتئوغلى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەنمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن يانمىغان.
مۇھاپىزەتكار كىملىكى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يوندىشىشى CHP، BDP ۋە MHP پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئاسىممېترىك مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىقتىسادىي پراگماتىزم ئاساسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە، G20 يىغىنى جەريانىدا خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارىماي رابىيە قادىرنىڭ دۆلىتىگە كىرىشىگە ئىجابىي جاۋاب بەرگەن. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئەكسىچە ياپونىيە، ئۆزئارا تەڭپۇڭ ئىقتىسادىي باغلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرالىغان.
تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلەردىكى كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرماسلىق يوندىشىشىغا خىتايمۇ ئىجابىي جاۋاب بەرگەن. 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ 2010-يىلى 28-ئۆكتەبىردىكى قەشقەر زىيارىتىنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن رەمزىي قىممىتى ناھايىتى چوڭ. داۋۇتئوغلى قەشقەردە قىلغان سۆزىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىكى تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ راھەتلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدىن، ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇيغۇرلار ئىجابىي قارىغان. شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەيىت تۈمتۈرك خىتاي ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن راۋاجلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىمۇ ياخشىلىنىشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەزگىلدە ئۆزئارا يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەردە تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ۋە ئارقىدىنلا خىتاي باش ۋەزىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيەگە بىر قېتىم زىيارەت ئېلىپ بارغان. 2010-يىلى تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ مۇناسىۋەتلەرگە جىددىي تۆھپىسى بولمىغان. يەنە 2012-يىلى باش ۋەزىر ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىگە بۇ دەرىجىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ناھايىتى مۇھىم بولغان.
4. شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىرى
2010-يىلدىن كېيىن خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەسىلىلەردە سۈكۈت قىلىش چۈشەنچىسى بىلەن سىياسىي مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرمەسلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر ستاتۇسقو چەمبىرىكىدە شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئاساسىدا ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەردە 2009-يىلى ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى تەجرىبىسى، 2010-يىلى مايدىكى كۆك مەرمەر ۋەقەسى ۋە كېيىنكى تۈرك-غەرب مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۈزۈلۈش تەسىر كۆرسەتكەن. تۈركىيە بۇ چەمبەرەكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئارقا سۇپىغا چېكىندۈرۈپ، ئورتاق مەنپەئەت ساھەلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئاساسلىق بىر مۇناسىۋەت مودېلى يېتىلدۈرۈشكە يۈزلەنگەن. خىتايدىمۇ شى جىنپىڭ بىلەن بىرگە، 2013-يىلدىن كېيىن ئۆتكەن مەزگىللەرگە سېلىشتۇرغاندا دىققەت تارتىدىغان شەكىلدە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. دۇنياۋى مىقياستا خىتاينىڭ ئۆسكەن ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ سىياسىي ساھەگە ئەكس ئېتىشى، ئامېرىكا بىلەن كەچۈرگەن كەسكىنلىكلەر ۋە غەربنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىگە بولغان تەنقىدلىرىنىڭ كۆپىيىشى دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتچىلىكنىڭ ھەم ئىنكاس ھەم ئاكتىپ شەكىلدە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە، شىنىڭ 2013-يىلى خىتاينىڭ گېئوپولىتىك ۋە گېئوئىقتىسادىي ئاساسلىق غەربكە ئېچىلىش پروجېكتى بولغان بەلباغ-يول تەشەببۇسىنىڭ ئاساسلىق ئۆتۈش يولىنىڭ شىنجاڭ بولۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بىر جەريانغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان.
تۈركىيەنىڭ يېڭى سۈكۈت پوزىتسىيەسى خىتاي تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئېرىشكەن. 2012-يىلى خىتاي، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دىئالوگ شېرىكلىكىنى قوللىغان. باش ۋەزىر ئەردوغاننىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ 2013-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئالتېرناتىپ دەپ تەرىپلىشى خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىش جەھەتتىن دىققەت تارتقۇچ. لېكىن 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان. ئەل-قائىدە، دائىش قاتارلىق تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ 2014-يىلى كۇنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى تېررور ھۇجۇملىرى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلاردىن سەزگەن تەھدىت سەۋىيەسىنى قايتىدىن ئاشۇرغان ۋە سەگەكلەشتۈرگەن. بولۇپمۇ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل نۇسرە قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدە ۋە/ياكى باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. سۇرىيەدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا تەھدىت قىلىدىغان ۋىدىئولارنى تارقىتىشى بېيجىڭنىڭ تەھدىت تۇيغۇسىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. خىتاي مەتبۇئاتىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ تارقالغان.
سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، خىتاي -تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن 2016-يىلىنىڭ بېشىغىچە يېڭى داۋالغۇش باسقۇچىغا كىردى. شەرقىي تۈركىستاندا مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر سەۋەبىدىن تۈركىيەدە خىتاي غا قارشى نامايىشلار باشلاندى.
گەرچە تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلاردىن كېيىن پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كەسكىنلىكنى پەسەيتكەن بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيادىكى تۈرك دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن تۈركىيەگە كېتىشى ئۈچۈن ساختا پاسپورت بەرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىشى يېڭى بىر كەسكىنلىككە سەۋەب بولدى.
خىتاينىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلىرى، پاناھلىق تىلىگەن 109 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتىكى لاگېرلاردىن قېچىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىدىن كېيىن كەلدى. خىتايدىن قاچقان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاندقا كەلگەن بولۇپ، تۈركىيە كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار بولغان 173 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى ماقۇل كۆردى. ئەنقەرە خىتايغا قايتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ زۇلۇم ۋە جازاغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، تايلاندنىڭ قايتۇرۇش قارارىغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي بولسا دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېڭىز ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قېتىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەيىبلەشلەر ۋە كەسكىنلىكلەردىن مۇستەقىل ھالدا، تۈركىيەنىڭ خىتايد بىر شىركەتكە بەرگەن يۇقىرى ئېگىزلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى شى جىنپىڭنىڭ G20 يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھېسسىي ئۈزۈلۈشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى.
4.1. ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىرى
2016-يىلى 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى ھەم تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەم تۈركىيە-غەرب مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئوچۇق ئەيىبلەشتىن باش تارتقان بولسا، 2016-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭنىڭ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىگە قوللاۋ-قۇۋۋەت بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كېلىشى ناھايىتى ئىجابىي قارشى ئېلىندى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئۆزىنى ھەم ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى ھەم ئاممىۋى پىكىر نەزىرىدە غەربتىن پەرقلەندۈرۈشى ئىجابىي قارشى ئېلىندى.
خىتاينىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيەسى ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ ناھايىتى ئىجابىي قارشى ئېلىنغان بولۇپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ كەينىگە چېكىندۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە مەركەزلىشىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوچۇق تەنقىد قىلماسلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشى مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى ئاممىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشى داۋاملاشماقتا.
ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى ئۇيغۇر سىياسەتلىرىدىن ئۆزگىرىش سىگنالىنىمۇ بەردى. بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، 2016-يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تەڭپۇڭسىز نىسبىي تەرەققىيات بولغان بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرگە بولغان مۇئامىلە قىلىش مەقسەتلىرىدىكى پەرقلەر داۋاملاشماقتا. تۈركىيەنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئاق پارتىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەردە كەينىگە چېكىندۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. تۈركىيە ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسا، خىتاي تەرەپ بولسا تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىشنى قىسمەن ئاشۇرغان، مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى قويدى.
4.2. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك جامائەت پىكرىدىكى ئىنكاسلىرى
تۈركىيەدە ھەم سىياسىي سەپتىكىلەر ھەم سىياسىي بولمىغان جامائەت پىكرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئەمما ئاق پارتىيەنىڭمۇ قوللىغۇچىسى بولغان مۇھاپىزكار-مىللەتچى جامائەت پىكرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە تېخىمۇ سەزگۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. كېيىنكى 10 يىلدىكى جامائەت پىكرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا دەۋرلەر بويىچە سېلىشتۇرما ھالدا قارىغاندا، تۈركىيەدىكى مۇھاپىزكار-مىللەتچى جامائەت پىكرىنىڭ، مۇھاپىزكار-مىللەتچى بولمىغان ھۆكۈمەتلەرگە قارىتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىكى بېسىملىرى كۆپرەك بولغان بولسا، كۈچلۈك مۇھاپىزكار-مىللەتچى ھۆكۈمەتلەر دەۋرىدە بۇ بېسىملارنىڭ ئازايغانلىقى كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن ماسلىشالىغان دەۋرلىرىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازلىق سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسا، غەرب سىستېمىسىدىن يىراقلاشقانسېرى تېخىمۇ جىمجىت سىياسەت يولىنى تۇتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ، غەرب بىلەن ناچارلاشقان مۇناسىۋەتلىرىنى خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تەڭشەشكە ئۇرۇنۇشى مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردا خىتاي بىلەن ئىمزالىغان سۋاپ كېلىشىملىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى بەلگىلەشتە تەسىرى بار (TCMB ، 2021
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چەمبەردە تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرى تەتقىقاتلىرىمۇ مۇھىم مەلۇماتلارنى تەمىنلەيدۇ. ئىستانبۇل ئىقتىساد تەتقىقاتى تەرىپىدىن 2020-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، تۈرك جامائەت پىكرىنىڭ %61.3ى خىتاينى سەلبىي ياكى بەك سەلبىي دەپ قارىغان بولسا، خىتاينى دوست دۆلەت دەپ قارىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت %10.6 ئىكەن (تۈركىيە دوكلاتى، 2020). ئىستانبۇلدىكى قادىر ھاس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزىمۇ، 2021-يىلى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتتا تۈرك جامائەت پىكرىنىڭ ئاران %27سىنىڭ خىتايغا ئىجابىي قارايدىغانلىقى نەتىجىسىگە ئېرىشكەن (TDP 2021). قادىر ھاس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن 2022-يىلى ئېلىپ بېرىلغان باشقا بىر تەتقىقاتتا بولسا تۈرك جامائەت پىكرىنىڭ ئاران %22سى خىتاينى دوست دەپ قارىغان بولسا، %52.7سى دوست ئەمەس دەپ، %25.3ى بولسا بۇ ھەقتە پىكرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن (TDP 2022). يەنە شۇ تەتقىقاتتا تۈرك جامائەت پىكرى خىتاينى تەھدىت دەپمۇ قارىمايدۇ.
تۈرك جامائەت پىكرىنىڭ خىتاينى سەلبىي دەپ كودلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. تۈركىيە مەركەزلىك مېتروپول (2021) تەتقىقات شىركىتىنىڭ 2021-يىلى ئاپرېلدا «تۈركىيەنىڭ نەبزى» تېمىسى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ئانكېت خىزمىتىدە « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە ھۆكۈمەتنىڭ كېرەكلىك ئىنكاسنى كۆرسەتتى دەپ ئويلامسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەنگەن. ئانكېتقا قاتناشقانلارنىڭ %23ى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە كېرەكلىك ئىنكاسنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە كېرەكلىك ئىنكاسنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئويلايدىغانلارنىڭ نىسبىتى بولسا %53 تۇر. بۇ تەتقىقاتتا ئاق پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %33.5ى، مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %38.4ى، سائادەت پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %10ى، ياخشى پارتىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %13.5ى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %13.4ى ۋە خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %12.1ى كېرەكلىك ئىنكاسنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئويلايدۇ. شۇنىڭدەك ئاق پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %37.3ى، مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %42.1 ى، سائادەت پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %65 ى، ياخشى پارتىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %73.6 سى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %67.2 سى ۋە خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ %76.3 ى كېرەكلىك ئىنكاسنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئويلايدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ يېڭى بىر تەتقىقات بولمىغانلىقى ئۈچۈن 2021-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر تۈرك جامائەت پىكرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ستاتىستىكىلىق جەھەتتىن كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ھۆكۈمران، قارشى تەرەپ ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسلار پەرق قىلمىسىمۇ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك ئىنكاس كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئويلايدىغانلارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، مىللەتچى-مۇھاپىزكار ئاساسلىق بىر ھۆكۈمەت ئۆز سايلىغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە قايىل قىلالمايۋاتىدۇ. بىراق 2016-يىلى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغىنىمىزدا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان جامائەت پىكرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان كوچا نامايىشلىرىدا تېخىمۇ ئاكتىپ بىر پوزىتسىيە تۇتقان بولسا، 15-ئىيۇل ھادىسىسىدىن كېيىن كوچىلارنىڭ جىمجىتلىققا چۆمۈلگەنلىكى ۋە ئانچە كۆپ نارازىلىق نامايىشى مەيدانغا كەلمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.
جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئىككى تەركىبىي قىسمى بولغان ئاق پارتىيە ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سىياسىي قانىتىنىڭ يېنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى بىلەن تونۇلغان مۇھاپىزكار-مىللەتچى جامائەت پىكرى، بولۇپمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىدە نىسبەتەن جىمجىتلىقىنى ساقلىماقتا. بۇرۇنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا مەسىلىلەر يۈز بەرگەندە كوچا نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان مۇھاپىزكار-مىللەتچى ئاممىمۇ تىلغا ئېلىنغان جەرياندىن كېيىن قوللىغان پارتىيەلىرىنىڭ سىياسەتلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا. جۇمھۇر ئىتتىپاقىغا، بىر مەزگىل ئامېرىكىغا قارشى ۋە ئاۋراسىياچىلىق پوزىتسىيەلىرى بىلەن تونۇلغان تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە جامائەت پىكرىگە ئوچۇق جەھەتتە كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى يوقىتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ۋە مەبلەغ سېلىش تەرەپتە بىر تېز ھەرىكەت قىلىش ئېقىمىغا ئېرىشكەن.
ئاق پارتى ھۆكۈمەتلىرى تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئازسانلىقلار ياشايدىغان جايلاردا بۇ ئازسانلىقلارنىڭ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىدا ئۆز تەرەپدارلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بېسىملىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەمما ئاق پارتىنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەتتە بولۇشى، بولۇپمۇ ئۆز خەلق ئاممىسىنى كونترول قىلىش ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئېرىشكەن. راستىنى ئېيتقاندا، مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى جامائەت ئۆزلىرى قوللىمايدىغان ھۆكۈمەتلەر دەۋرىدە ھۆكۈمەتلەرگە بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ھاسىل قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاق پارتى دەۋرىدە ئىسلامچىلىق ۋە مىللەتچىلىك ئىزناسىدا غەربكە قارشى سۆزلىرى بىلەن، ئاق پارتىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پراگماتىزم ئاساسىدا، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي راتسىئونال يولدا شەكىللەنگەنلىكىنى دېيەلەيمىز (كۇتلاي ۋە ئۆنىش، 2021؛ چېن، 2020).
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىشى، سۇرىيەدە PYD نى قوللىشى، ياۋروپادا ئىسلاموفوبىيەنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلار ئاق پارتى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنى بولۇپمۇ ئۆز خەلق ئاممىسى ئالدىدا قانۇنلاشتۇرۇشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا. تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ياۋروپادىكى ئىسلاموفوبىيەگە ئىنكاس قايتۇرغان ھالدا، خىتايدا شى جىنپىڭ دەۋرىدە رادىكاللىق بىلەن كۈرەش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار باشتا بولۇپ باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىگە قارىتا ئىنكاس بولماسلىقى بىر ئىككىلەڭگۈلۈك پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە قارىغاندا، غەرب ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشى، مالىيە جەھەتتە قىسىنچىلىققا دۇچ كېلىشى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىدىن بەكرەك خىتاي باشتا بولۇپ ئاسىيالىق دۆلەتلەر بىلەن ھېسابات ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ جىمجىت دىپلوماتىيە ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولماقتا (ئالەمداروغلۇ ۋە تېپە، 2020). بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك خەلق ئاممىسىدا غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچىمۇ بۇ سىياسەتنى كۈچلەندۈرمەكتە. بۇ تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قۇرغان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق جامائەتنىڭ تەنقىدلىرىگە تۈركىيە ئاكتىپ قاتناشمايۋاتىدۇ ۋە تۆۋەن ئاھاڭدا تەرەپسىز دېيىشكە بولىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
مۇخالىپەت پارتىيىلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بەزىدە گۈندەمگە ئەكەلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۈستىگە يېتەرلىك بېسىم شەكىللەندۈرەلمىگەن. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدىكى تۇنجى دوكلاتنى يازغان پارتىيە CHP بولغان (CHP، 2020). تۈركىيەدىكى مۇخالىپەت پارتىيىلىرىدىن ياخشى پارتى، 2021-يىلى دېكابىردا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان (ياخشى پارتى، 2021). بۇنىڭدىن سىرت ياخشى پارتى رەئىسى مېرال ئاكشېنەر تۈرك پارلامېنتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان (دەيلى سابا، 2021). باشقا تەرەپتىن AKP نىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى جىمجىتلىققا چۆمگەن بولسىمۇ، تۈرك خەلق ئاممىسىدا ئاز بولسىمۇ تەسىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا 2017-يىلى ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى بېيجىڭنىڭ 2020-يىلى دېكابىر ئاخىرىدا تەستىقلىشى ۋە 2021-يىلى يانۋاردا TBMM دىمۇ تەستىقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى بىئارام قىلغان (ئىنسامەر، 2021). بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلاش جەريانى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا يېڭى بىر مۇنازىرىنى باشلاتقان.
تۇركىيىنىڭ كۆزقارىشىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزئارا ئىقتىسادىي باغلىنىشلارنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى دەپ چۈشەندۈرۈلمەيدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە قارىغاندا خەلقئارا جامائەتچىلىككە نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، 2000-يىللار ۋە 2010-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىلدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇركىيىنىڭ ھەم غەرب ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كەسكىن ھالەتتە داۋاملاشماقتا. شۇڭا بۇنداق بىر مۇھىتتا تۇركىيىنىڭ خىتاي بىلەنمۇ چوڭقۇر مەسىلە يۈز بېرىشىنى كۈتۈش راتسىئونال بولمايدۇ.
خۇلاسە
ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى تارىخىي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى قانداق چۈشىنىشىدە، مەلۇم مەزگىللەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىشىدا، ئۆزئارا تەسىرلىرىنىڭ ئازىيىشى ياكى كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئۆزگىرىشى، خىتاينىڭ تەھدىت ھېس قىلىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە مەسىلە پەيدا قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر مەسىلىسى مەزگىللىك ھالدا دۆلەت ئىچى، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىنىپ، خىتاينىڭ تەھدىت ھېس قىلىش دەرىجىسى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە بىۋاسىتە مەسىلە رايونى شەكىللەندۈرۈشتىن كۆرە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەۋجۇت سىياسىي ئىشەنچسىزلىكنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىمۇ قەيت قىلىش كېرەككى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى مەلۇم بىر ستراتېگىيە دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە يەرلىك، دۆلەت ئىچى ۋە دۇنياۋى ئۆزگەرگۈچى ئامىللارغا قاراپ تەسىر-ئىنكاس شەكلىدە شەكىللەنمەكتە. ئەمما، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى لاگېر سىياسىتىگە قارىماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى بۇرۇنقى مەزگىللەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىكلىكىنى يوقىتىشقا باشلىغان.
بۇنىڭ جاۋابىنى يەرلىك، دۆلەت ئىچى، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن تاپماق مۇمكىن. بىرىنچىدىن، دۆلەت ئىچى سەۋىيىسىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى بىر دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ 2010-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى بىلەن تەڭ، غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشى، ئەنقەرەنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. شۇڭلاشقا، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يۇقىرى پەردىدىن تەنقىدلىشى ھەم شەرق ھەم غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىشى ۋە تاشقى سىياسەت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى دېگەنلىك بولىدۇ. بىرىنچى ئامىل بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن دۇنياۋى كۈچكە ئايلىنىشى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قارىمۇقارشىلاشتۇرماقتا. ئۈچىنچىدىن، يەرلىك دەرىجىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈرك جامائىتىنىڭ ھەر قاتلىمىنىڭ ھەسساسلىقى بولسىمۇ، مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى قاتلامنىڭ تېخىمۇ يېقىن قىزىقىشى بار. مۇھاپىزەتكار-مىللەتچى خەلق قوللىشىغا ئىگە ھۆكۈمران جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى تەركىبى بولغان ئا ك پارتىيە-م خ پ سايلىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەيدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئا ك پارتىيە-م خ پ سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ نارازىلىقلىرىنى ھۆكۈمەت ئۈستىدە جامائەت بېسىمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى بايقالمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۆۋەن سەۋىيەدە يېقىنلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا.
شۇڭلاشقا، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۆزگەرگۈچى ئامىللارنىڭ مەزگىللىك ھالدا ھەر خىل دەرىجىدە تەسىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە بۇ ئۆزگەرگۈچى ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى ئازايغان.
ماقالىنىڭ تۈركچە مەنبەسى: Uygur Sorununun Türkiye – Çin İlişkilerine Etkisi
https://dergipark.org.tr/tr/pub/firatsbed/issue/84809/1423656