You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 5 ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئانا تىلدا لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 5 ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە 22-فېۋرال كۈنى ئىستانبۇلدىكى زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە ئايشە ئېمىن «بىز كۆرەلمىگەن قاراڭغۇلۇق ماددە» ناملىق لېكسىيە بىلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئابدۇراخمان ئۈمىد «سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق لېكسىيەسى بىلەن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئابدۇسالام ئارسلان «كائىنات ۋە ھاياتلىق» ناملىق لېكسىيە بىلەن 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇلاردىن سىرت، مەرىپەت مۇتەللىپ «مېڭە خەرىتىسى» ناملىق لېكسىيە بىلەن ئەڭ ئىلھاملاندۇرغۇچى لېكسىيە مۇكاپاتىغا، مەريەم نۇرلۇق بولسا «مافيا-يوشۇرۇن دۇنيانىڭ قاراڭغۇ كۈچى» ناملىق لېكسىيەسى بىلەن ئىجادىي لېكسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» پائالىيىتىگە ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

لېكسىيە پائالىيىتىگە دوكتور تۇردىمۇھەممەت ئابدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشىدا، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىي مائارىپ مەسئۇلى دوكتور نامەتجان ئورخۇن ئەپەندى، گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمەتېمىن بەگتىمۈر قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇلار سۆزىدە ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىش، ئانا تىلدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە، تىزىملاتقانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 17 ياش ئانا تىلدا تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى سۇندى. لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئانا تىلنى سۆزلەشتىكى راۋانلىقى، لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇلۇپ، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئىپادىلىرى ئەڭ ياخشى بولغان بەش ياش باھالاپ چىقىلدى. ئەڭ ياخشى باھالانغان ئايشە ئېمىن، ئابدۇراخمان ئۈمىد، ئابدۇسالام ئارسلان، مەرىپەت مۇتەللىپ ۋە مەريەم نۇرلۇق قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ مۇكاپاتلىرى تەقدىم قىلىندى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا يېپىلىش نۇتقى سۆزلىگەن نامەتجان ئورخۇن ئەپەندى، ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن سىرت، ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن ئالدى بىلەن بۇ پەرزەنتلىرىمىزنى چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلارغا چىڭ كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى كۆرۈۋاتىمىز ئانا تىلىنى سۆزلەشنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن پەرزەنتلىرىمىز بار. چۈنكى بۇلار ئوخشاش مۇھىتتا ياشاۋاتىدۇ. بۈگۈن لېكسىيە سۆزلىگەنلەر مۇشۇ دۆلەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار. ئۇلار ناھايىتى مۇھىم تېمىلاردا بىزنى قايىل قىلالايدىغان دەرىجىدە نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. يەنە بىرسى مۇشۇنداق سەھنىگە چىقىپ سۆزلەشمۇ بىر ماھارەت. شۇڭلاشقا بۇ پەرزەنتلىرىمىزنى قايتىدىن تەبرىكلەيمەن.»

«بىز كۆرەلمىگەن قاراڭغۇلۇق ماددە» ناملىق لېكسىيە بىلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئايشە ئېمىن، بۇ تېمىنى تاللىشىدىكى سەۋەپلەر توغرىسىدا، «مېنىڭ ئىسمىم ئايشە ئېمىن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدا ئوقۇيمەن. ئۇيغۇر سەرخىللار مەكتىپىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىسىمەن. مەن ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا دەرسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا بىلىم توغرىسىدىكى كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن. مەن ئۆگەنگەن بىلىمنى باشقىلارمۇ بىلسۇن دەپ بۇ تېمىنى تاللىغان ئىدىم،» دېدى.

«ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى» مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تىلى ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى «ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىقىنى بۇ يىل ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ھەر يىلى 22-فېۋرال «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top