You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ️ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يازلىق تەتىل ئانا تىل، ئىنگلىزچە ۋە كۈلتۈر-سەنئەت كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ

️ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يازلىق تەتىل ئانا تىل، ئىنگلىزچە ۋە كۈلتۈر-سەنئەت كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ياز تەتىللىك ئانا تىل، ئىنگلىزچە ۋە كۈلتۈر-سەنئەت كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر مۇھىتىدا ئويناپ ئۆگىنىدىغان مەنىلىك بىر يازلىق تەتىل ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرنى كۈتمەكتە!✨

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئۇيغۇر مۇھىتىدىن يىراق، ئانا تىل ۋە ئۆز مەدەنىيىتىگە قانمىغان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بۇ يىل يازلىق تەتىلدە تۆۋەندىكى كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئانا تىل دەرسى: ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قىزىقارلىق ئويۇنلار ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقە تىلىنى راۋان سۆزلەشكە كۆندۈرىدۇ.

كۈلتۈر–سەنئەت دەرسى: ياش ماھىر رەسسام ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مول ئەدەبىيات-سەنئىتى، كۈلتۈرى ۋە نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ رەسىم سىزىشتا قول ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.

ئىنگلىز تىلى: ئامېرىكىلىق ۋە ئۇيغۇر ئىنگلىزچە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ئىنگلىزچە سۆزلىشىشنى ئاساس قىلغان يېڭى ئوقۇتۇش مېتودلىرى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئىنگلىزچە ئۆزىنى راۋان ئىپادىلەيدىغان ھالغا ئەكىلىدۇ.

‍ بىزنىڭ ياش ۋە قابىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنى زىرۈكتۈرمىگەن ئاساستا، يېڭى مېتود، قىزىقارلىق ۋە تەتبىقىي ئۇسۇللار بىلەن دەرس ئۆتىدۇ.

كۇرس مۇددىتى: 

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى

دەرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى

دەرس ۋاقتى: ھەپتىدە 3 كۈن ئەتىگەن 09:30 دىن 13:00 غىچە

ياش گۇرۇپپىلىرى:

1-گۇرۇپتىكىلەر 8 ياشتىن 11 ياشقىچە

2-گۇرۇپتىكىلەر 12 ياشتىن 16 ياشقىچە

كۇرس مەقسىدى:

ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش

مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىنى ئويغىتىش

ئۇيغۇرلۇقنىڭ تەمىنى تېتىشقا مۇھىت يارىتىش

يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش

بالىلىرىڭلارنىڭ يازلىق تەتىلىنى مەنىلىك ۋە ئۇيغۇرلۇق مۇھىتى ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان ئاتا-ئانىلار، قېنى، يەنە نېمىنى كۈتىسىز؟ سىلەرنى ۋە ئۇماق پەرزەنتىڭلارنى ئاكادېمىيەمىزگە ساقلايمىز!

سان چەكلىك، ئالدىن تىزىملىتىشنى ئۇنتۇماڭ!

تىزىملىغۇچى: زۈلەيخا ئۇيغۇر 905526129886+
ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)

ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسى

Uygur Akademisi Vakfı
Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top