ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 6-قارارى تاماملاندى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە يېتەكچى شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» ناملىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ ئالتىنچىسى 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پروگراممىغا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان 17 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.
ئىككى كۈنلۈك پروگراممىدا ئۇيغۇر ياشلارغا پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئورخۇن، دوكتور مۇھەممەت ئەمىن بەكتىمۇر ۋە دوكتور ياقۇپ ئۇلۇغيول قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن دىئاسپورا كىملىكى، مەدەنىيەتنى ساقلاش، تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى، تەشۋىقات، مانىپۇلاتسىيە ۋە ياشلارنىڭ كەلگۈسىدىكى رولى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەندى.
ئۇيغۇر دىئاسپوراسىكى خىتايغا قارشى مىللىي كۆرەشلەر
پروگرامما 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەنبە كۈنى باشلاندى. تۈنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ئەركىن ئەمەت «ئۇيغۇر دىئاسپوراسىكى خىتايغا قارشى مىللىي كۆرەشلەر» تېمىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا لېكىسيە بەردى.
لېكسىيەدە، ئەركىن مۇئەللىم، ئۇيغۇر ياشلىرىغا، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ تارىخى ۋە ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ، تا 1950-يىللاردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا چەتئەلدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تارىخى شەخسلەرگە باغلاپ ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشتى.
ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسى
ئۇندىن كېيىن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسور ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ياشلىرىغا «ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيەدە تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن يولغا چىقىپ ئورتاق بىر مىللىي مەپكۇرە شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەندى. تارىخىمىزدە ۋە باشقا مىللەتلەردە يېڭى مىللىي مەپكۇرەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋاقتلىرىنى مىسالغا بېرىپ، كىرزىس زامانلىرىدا يېڭى بىر مىللىي مەپكۇرەگە ئىھتىياچ تۇغىلىدىغانلىقى ۋە شۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى سۆزلىنىپ، مىللىتمىزنىڭ شۇ ئاندا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن مەزگىلدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇئان ئورتاق يېڭى بىر مىللىي مەپكۇرەگە ئەڭ ئىھتىياچلىق ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلىدى.
ئالىمجان مۇئەللىم، مىللىي مەپكۇرەنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا، رېئاللىقىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رېئاللىقى، رېتورىگى ۋە يۈزلىنىشى بىلەن ماسلاشقان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي مەپكۇرە لاھىيەسىنىڭ دائىرىسى، كۆلىمى، مەقسەتلىرى ۋە نىشانلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بەردى:
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەپكۇرىسى، يەنى يېتەكچى ئىدىيىسى «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى» دەپ ئاتىلىشى، بۇ مەپكۇرىنىڭ شۇئارى «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» بولۇشى، «ئىسلامىيەت، ھۆرىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىممەتلەرنى مەزمۇن قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان، تۈرك دۇنياسى، بۈيۈك تۇران ۋە ئىسلام بىرلىكىنى غايە قىلىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك: زىيانلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەلىرى
كۈننىڭ ئاخىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت نىمەتجان مەھمەت ئورخۇن «ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك: زىيانلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەلىرى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن تەربىيەلەش پروگراممىسىدا «ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك: زىيانلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.
نامەتجان مۇئەللىم، زەھەرگە خۇمار بولۇشنىڭ شەكىللىنىش جەرايانىنى چۈشەندۈرۈپ، نامەتجان مۇئەللىم «خۇمار بولۇش سىناش ئارقىلىق باشلىنىپ، قەدەم-قەدەم ئادەتلىنىش ۋە ئاخىرىدا قۇتۇلالماسلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. خۇمار بولۇش، مېڭىدىكى ›مۇكاپات مەركىزى’نىڭ تەسىرى ئارقىلىق راۋاجىلىنىدۇ. تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خۇمار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەڭتۈشلەرنىڭ تەسىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھەتلىرىدىن كۈچلۈك» دېدى.
لېكىيسەدە، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشقا يول ئاچىدىغان ئامىللەر ئارىسىدا ھەۋەس، تەڭتۈشلەرنىڭ بېسىمى ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيىنچىلىكتىن قېچىش خاھىشى قاتارلىقلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئاسان ئېرىشىش، ئائىلە ۋە مەكتەپتىن يېتەرلىك ياردەم ئالالماسلىقنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەندى. زەھەرگە خۇمار بولۇشنى توسۇشتا ئائىلە ياردىمى، پسىخولوگىيەلىك ياردەم، مائارىپ ۋە ئىجتىماى پائالىيەتلەرنىڭ ياشلارنى قوغداش جەھەتتىن ئەھمىيىتىنى تەپسىلى بايان قىلىندى.
نامەتجان مۇئەللىم ئاخىرىدا، «ئادەتتە، ھەۋەسلەندۈرۈپ قويمىسۇن دەپ زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن كۆپ سۆز قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە بۇ ياشلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا ياشلارغا بۇ تېمىلارنى كۆپرەك تونۇتۇش كېرەك» سۆزلىرى بىلەن لېكىسيىەسىنى ئاخىرلاشتۇردى.
تەشۋىقات ۋە مانىپۇلاتسىيە
پروگرامما 7-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكشەنبە كۈنى ئوخشاش جايدا داۋاملاشتى. چۈشتىن بۇرۇن، گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇھەممەت ئەمىن بەكتىمۇر، تەشۋىقات ۋە مانىپۇلاتسىيە تېمىلىرىدا ئايرىم- ئايرىم ئىككى لېكسىيە بەردى. مۇھەممەت ئەمىن بەكتىمۇر، ئىستىخباراتنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلارى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ پرىنسىپلار ئىچىدە «ھېسسىياتقا خىتاپ قىلىش، ئىشەنچلىك بولۇش ۋە مەنتىقنى ئاساس قىلىش» بىلەن بىرگە، تەشۋىقاتنىڭ مەركىزىيلەشكەن، پىلانلىق، ئىشەنچىلىك ۋە داۋاملىق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. مۇھەممەت ئەمىن، تەشۋىقاتنىڭ ۋاقىت، مەقسەت ۋە مەنبەلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ چۈشەندۈردى ۋە تەشۋىقاتتا قوللىنىلغان تىلنىڭ مۇھىملىقىنى، ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەت ۋە ياكى خەلق ھەققىدە ياخشى ۋە غۇرۇر بېرىدىغان مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھەممەت ئەمىن بەكتىمۇرنىڭ «مانىپۇلاتسىيە» ھەققىدىكى ئىككىنچى لېكسىيەسىدە، باشقىلارنىڭ كۆز- قاراشلىرىنى يېتەكلەشنىڭ ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلدى. مەقسەتنى يوشۇرۇش، تەسىرلىك ۋاستە قوللىنىش، ھېسسىياتقا خىتاپ قىلىش، دۇنيا قاراش ۋە ھەقىقەتنى ئاساس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار چۈشەندۈرۈلدى. دەرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. دوكتور مۇھەممەت ئەمىن، شېكىسپىرنىڭ «دۇنيا ياخشى ئوينىيالايدىغانلارنىڭ دۇنياسىدۇر» سۆزى بىلەن دەرسنى ئاخىرلاشتۇردى.
ياشلار نېمە قىلالايدۇ؟
چۈشتىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ياقۇپجان ئۇلۇغيول ئۇيغۇر ياشلىرىغا «ياشلار نېمە قىلالايدۇ؟» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيەدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى تىلغا ئالدى. ياقۇپجان، ئۆزىنىڭمۇ بىر مەزگىل بۇ سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى ۋە تىڭشىغۇچى ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىپ ئوقۇش ھاياتى، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش، ئىزدىنىش جەريانىنى ۋە بۇ يولدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار بىلەن ئېرىشكەن ساۋاقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ياقۇپجان سۆزىدە، «تەجرىبە، تونۇشقان كىشىلەر ۋە قۇرغان مۇناسىۋەتلەر ھايات كۆز قارىشىمىزنى كېڭەيتىدۇ ۋە شەكىللەندۈرىدۇ» دەپ، ياشلارغا تەجرىبە توپلاش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ياقۇپجان ياشلارنىڭ ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر بىز راھەت مۇھىتتىكى ئىشلارغا كۆنۈپ قالساق، يۇقىرى ئۆرلىيەلمەيمىز. جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرمىسەك، باشقا كىشىلەر بىزدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. يىراقنى ئويلىشىمىز، ۋەتەن يولىدا كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى مەسئۇللار بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ پەقەت ئىلمىي پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياشلارنىڭ ئۆزى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئورتاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشتىكى مۇھىم سۇپا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىلەردىكى ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرۈش پروگراممىنىڭ مەركىزى مەقسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.