ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە ئانا تىلىنى قوغداش بويىچە ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كەلگۈسى تايانچ كۈچلىرىمىزنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2025- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ياشلىرىغا «ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە ئانا تىلىنى قوغداش بويىچە ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا 30 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ:
1) ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايدىغان ۋە سۆزلىشەلەيدىغان بولۇشى
2) 18ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان، ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ياكى پۈتتۇرگەن بولۇشى
3) ئائىلىسىدىن 1 – ۋە 2- دەرىجىلىك تۇققانلىرىدىن 2016-يىلىدىن كېيىن ۋەتەنگە بارمىغان بولۇشى
ھۆرمەت بىلەن: دوكتور رىشات ئابباس (ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى)
2025- يىلى 13- ئىيۇل
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياتاق، تاماق ۋە يىغىندا كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. يول كىراسىنى قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى ئالىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئادرىسى: uyghuracademy@gmail.com