ئىستانبۇلدا «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن كۇرس ھەققىدە خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە يېتەكچى ياشلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە 7 ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش پروگراممىسىغا قاتناشقان ياشلىرىمىز بىلەن كۇرس ھەققىدە خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقان ياشلار كۇرس ھەققىدىكى تەسىرات – چۈشەنچىلىرىنى، كۇرسنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىنغا قاتناشقا پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ۋە دوكتور ئابلەت ئۇيغار ئەپەندىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياشلارغا قارىتا ئېچىلغان مەزكۇر كۇرسقا قارىتا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، ياشلىرىمىزنى يىتىشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈر تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى كۇرس خۇلاسىسىنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ۋە كۈز مەۋسۇمىدا ياشلىرىمىزغا قارىتا قىلماقچى بولغان پروگىراممىلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.