You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرى 5-ئىيۇل شەنبە كۈنى ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىدا يىغىلىپ، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى قىلدى، خۇلاسىدە مەزكۇر ۋەقىپنىڭ 2024-يىلى ياز مەۋسۇمىدىن بېرى نوقتۇلۇق ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، تەرجىمە ۋە لوبىچىلىق خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يەكۈنلەپ، پىلانلىنىپ ئەمەلگە ئاشماي قالغان بىر قىسىم خىزمەتلەر ئۈستىدە قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى.

ئاكادېمىيە ۋەخپى ھەيئەتلىرى يەنە كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ، مەۋجۇت ئۈنۈملۈك بولىۋاتقان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى نوقىتىلىق ئېلىپ بېرىش، ماگېستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا ياردەمدە بولۇش ۋە ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇت خىزمەتلىرىنى تۈرگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ھەققىدە قارار ئالدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top