دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغىنىغا 7 يىل بولغان ۋاقىتتا 2025 يىلى 8-ئاينىڭ 12 كۈنى ئاكادېمىيە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئاكادېمىيەنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 4-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى. دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تىببىي پەنلىرى دوختورى مەمەت ئېمىن ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇ مەزكۇر ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئابلېز ئابدۇقادىر ۋە ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ مەزكۇر ئاكادېمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان دوختور مەمەت ئېمىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تەبرىكلەپ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.
دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، ئالدىنقى رەئىس دوكتۇر ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىگە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە، ئۈزىنىڭ كەلگۈسى 3-يىلدا ئىلىپ بارىدىغان خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي ھەرىكەتكە ئەكىرىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەتلىرىنى ياشلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىگە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان ياشلارنى يىتىشتۈرۈش ۋە خەلقىمىزدىكى نۆۋەتتە خىتاي زۇلۇمىغا قارىتا يېتەرلىك بولمىغان تونۇشلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوختۇر مەمەت ئېمىن، 1999 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكانىڭ نىيويورك شەھەرىگە جايلاشقان كولۇمبىيا ئۇنېۋىرسىتېتى تىببىي تەتقىقات مەركىزىدە تىببىي تەتقىتقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئو ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئىلان قىلغاندىن باشقا، مىللەتنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يىزىپ ئىلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق ساھەلەردە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا لىكسىيەلەرنى سۆزلەپ كەلمەكتە.
دوختۇر مەمەت ئېمىن ئەپەندى قاتناشقان تەتقىقات ۋە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
https://scholar.google.com/citations?hl=en&user=DrS5OmIAAAAJ&view_op=list_works&sortby=pubdate
دوختۇر مەمەت ئېمىن 2010- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىدە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئاكادېمىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۆچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ كەلگەن بولۇپ، .ئۇ بۇ قىتىم ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى باش تەپتىشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئىدى.
رەسىم: جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى، 2018 – يىلى 25 – ماي جۈمە
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ئامېرىكىدا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، 2018-يىلى 20-مايدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا دوكتور ئەركىن ئابلىز ئەپەندى باشچىلىقىدا 9 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلۇپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلۇپ يەتتە يىل ئىچىدە جورج ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە يالى ئونىۋىرسىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە 10 نەچچە قېتىم مۇھاكىمە يىغىن ۋە لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لېدىرلىق بويىچە ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ۋىدىئولۇق لىكسيەلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.