You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇل سېلىمپاشادا باشلىدى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇل سېلىمپاشادا باشلىدى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىم مەرىپەت ۋەخپى ھەمكارلىقىدا، 23-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى 20 ئۇيغۇر ياشنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇل سېلىمپاشادا باشلىدى.

كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى كۇرسقا تىزىملاتقان ياشلىرىمىزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، كۇرستا ياشلىرىمىزغا نەپ بېرىدىغان يېڭى-يېڭى تېمىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە مۇلاھىزە قىلىنىش بىلەن بىرگە، كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ كۆپرەك ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلىشقا پۇرسەت يارىتىلغانلىقى ۋە كۇرسقا قاتناشقۇچى ياشلارنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىگە قارىتا ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئىنگلىزچە دەرسمۇ ئۆتىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە 9 كۈنلۈك كۇرس جەريانىدا كېرەكلىك شەرت-شارائىتلارنى تولۇق تەمىنلىگەن ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۆسەنى ئەپەندىكە ۋە ۋەقىپ ھەيئەتلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيىتتى.

ئېچىلىشتا سۆز قىلغان ھەبىبۇللاھ كۆسەنى ئەپەندى ياشلىرىمىزغا ئېلھام بېرىپ، بۇ كۇرسنى ياشلىرىمىزنىڭ ھەم دىنى جەھەتتىن ساۋاپلىق بىر ئىبادەت دەپ بىلىشىنى ھەم مىللىي جەھەتتىن مىللىي بىر بۇرچ دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، 9 كۈنلۈك كۇرستىن ياخشى بەھرىمان بولۇپ، كېرەكلىك بىلىم ۋە تەجرىبىلەرگە ئېگە بولۇۋېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.


يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى باش تەپتىشى دوكتور گۈلزادە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بېرى ياشلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈر كۇرسلارنىڭ مىۋىسىنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.


كۇرسنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ياشلىرىمىزغا ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 يىللىق مۇساپىسى» نى تونۇشتۇردى، ئاندىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە مۇھىم نوقتىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئوينىغان رولى» نى بىرمۇ-بىر ئىسپاتلىرى بىلەن سۇندى.


ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا «يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى» نى مۇلاھىزە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ھەم قىسقا ۋە ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك كونكىرىت پىلانلار ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ياشلىرىمىزغا يەتكۈزدى. چۈشتىن كېيىن ياشلىرىمىز گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى باشلاپ كەتتى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top