ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇل سېلىمپاشادا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىم مەرىپەت ۋەخپى ھەمكارلىقىدا، 23-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى باشلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە توققۇز كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى 20 ئۇيغۇر ياشنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 31-ئاۋغۇست ئىستانبۇل سېلىمپاشادا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن تايانچ ياشلارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان بۇ توققۇز كۈنلۈك كۇرسقا قاتناشقان بارلىق ياشلىرىمىزغا، يولنى يىراق كۆرمەي ئىستانبۇل ۋە سىرتىدىن كېلىپ، يېڭى-يېڭى تېمىلاردا دوكلات بەرگەن 16 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
كۇرسقا قاتناشقان ياشلىرىمىز 9 كۈن جەريانىدا ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات ئاڭلاش، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن بىرگە، كۆپرەك ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلىش ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كۇرستا يەنە ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىمىز ياشلىرىمىزغا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئىنگلىزچە دەرسمۇ ئۆتتى.
تەربىيەلەش كۇرسى جەريانىدا توققۇز كۈن بويىچە كېرەكلىك شەرت-شارائىتلارنى تولۇق تەمىنلىگەن ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۆسەنى ئەپەندىگە ۋە ۋەقىپ ھەيئەتلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى