ئىلمىي ماقالە چاقىرىقى: 8-قېتىملىق ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
ئىلمىي ماقالە چاقىرىقى: 8- قېتىملىق ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
ۋاقتى: 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئورنى: ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى، يىغىن زالى
باش تېما: بىلىم بىلەن راۋاجلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى جانلاندۇرۇش
يىغىن ھەققىدە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى 2011-يىلى تۈركىيەدىكى ماگېسىتر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ئارا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغىچىلار مۇھاكىمە يىغىنىنى باشلاپ 2017-يىلىغىچە 7 قېتىم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلدا پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ يۈكسىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. 2017-يىلىدا باشلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئالدىنقى 7 قېتىملىق ئۇيغۇر ماگېسىتر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاسپىرانتلار ۋە ئاكادېمىك خىزمەتلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدىكى تەتقىقاتچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاكادېمىك ئالاقە قۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلانغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئاكادېمىك ئىقتىدارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۆز-ئارا يىتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى. 8-قېتىملىق UYRS دا يەنە داۋاملىق تۈردە، ھەر قايسى پەن ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش ۋە ئىلمىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
مەقسەتلەر
- ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز تەتقىقاتىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىلمىي سەھنە بىلەن تەمىنلەش.
- ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ۋە يېتەكلەش (مېنتورلۇق) ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇش.
- ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەر قايسى پەن ساھەلىرىدىكى ئۇتۇقلىرىنى نامايەندە قىلىش.
- ياش ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەرنىڭ ئىلمىي كۆرۈنۈشچانلىقى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش.
ئاساسلىق تېمىلار (تېمىلار بۇلار بىلەنلا چەكلىك ئەمەستۇر)
- سەھىيە ۋە تېببىي ئىلىملەر
- ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە ئىنسانشۇناسلىق
- مائارىپ ۋە پىسخولوگىيە
- ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتى
- ئىنژېنېرلىق ۋە تېخنىكا
- مۇھىت ئاسراش ۋە دېھقانچىلىق ئىلىملىرى
- تىل – ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى
ئىلمىي دوكلات سۇنۇش تۈرلىرى
- ئاغزاكى دوكلات (Oral Presentations)
- تولۇق تېكىستلىق دوكلات (Poster Presentations)
قاتنىشىش شەرتلىرى
- باكلاۋر، ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ياكى بۇ ئۇنۋانلارنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان تەتقىقاتچىلار ۋە ئاكادېمىك ئورۇنلاردا يېڭى خىزمەتكە باشلىغانلار قاتنىشالايدۇ.
- ماقالىلەر، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ياكى ئىنگلىزچە ئۈچ تىلنىڭ خالىغان بىرىدە يېزىلسا بولىدۇ.
مۇھىم چىسىلالار
- «قىسقىچە مەزمۇن» (Abstract) ) تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى كۈنى: 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
- قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئېلانى: 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
- مۇھاكىمە يىغىنى ۋاقتى: 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
«قىسقىچە مەزمۇن» ھەققىدە شەرتلەر (Abstract Submission Guidelines)
«قىسقىچە مەزمۇن»، 250-300 سۆز ئەتراپىدا بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك:
- ساھە كەچمىشى (40-60 سۆز): ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان تېمىنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئەھمىيىتىنى قىسقىچە بايان قىلىش.
- مەقسەتلەر (20-40 سۆز): تۈپ مەقسەت (لەر) ياكى تەتقىقات سوئالى ياكى ھىپوتېز (لار) نى ئېنىق بايان قىلىش.
- مېتودولوگىيە (60-80 سۆز): تەتقىقات لايىھىسى، تەتقىقات ئۇسۇلى، (بولسا) ئانكېتلەردە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، مەنبەلەرنىڭ ئىزاھاتى، مەلۇمات توپلاش مېتودىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تەھلىللەرنى خۇلاسىلەش.
- نەتىجىلەر (60-80 سۆز): ئاساسلىق بايقاشلارنى گەۋدىلەندۈرۈش.
- خۇلاسە (40-60 سۆز): تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يەكۈنى ياكى خۇلاسىسىنى سۇنۇش.
- ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خۇلاسىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش دانە ئاچقۇچلۇق سۆز بېرىلىشى كېرەك.
- ئاپتور (لار) نىڭ تولۇق ئىسمى، خىزمەت ئورنى، ئېلېكترونلۇق پوچتا ئادرېسى ۋە دوكلات سۇنۇش ئۇسۇلى (ئاغزاكىمۇ ياكى تولۇق تېكىستمۇ) قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈش كېرەك.
- ئۇيغۇرچە، تۈركچە ياكى ئىنگلىزچە يېزىلسا بولىدۇ.
- «قىسقىچە مەزمۇن» ئەۋەتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا ئېلخەت ئادرېسى: uyrsymposium@gmail.com
- ئەۋەتىلگەن «قىسقىچە مەزمۇن»لار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كومىتېتى تەرىپىدىن باھالىنىدۇ، ئۇلار ئاغزاكىي دوكلات، تولۇق تېكىست ياكى رەت قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ.
باھالاش جەريانى
- تاپشۇرۇلغان بارلىق «قىسقىچە مەزمۇن»لار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كومىتېتى تەرىپىدىن باھالىنىدۇ.
- باھالاش نەتىجىسى بىر ھەپتە ئىچىدە ئاپتورغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.
- يىغىن رەئىسى (ئىلمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى) ھەر بىر «قىسقىچە مەزمۇن» توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ.
- ئاپتورلارغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ياكى رەت قىلىنغانلىقى باھالىغۇچىلارنىڭ پىكىرى بىلەن بىللە ئۇقتۇرۇلىدۇ.
- ئەگەر تۈزىتىش تەلەپ قىلىنسا، تۈزىتىلگەن نۇسقا، بىر ھەپتە ئىچىدە قايتا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.
- يازمىسى قوبۇل قىلىنغان ئاپتورلار، مۇھاكىمە يىغىنىغا تىزىملىتىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.
مۇكاپات تۈرلىرى
بىر ئالاھىدە كومىتېت بارلىق ئاغزاكى ۋە تولۇق تېكىستلىق دوكلاتلارنى ئىجادىيلىق، ئاكادېمىك سۈپەت ۋە يازما ئېنىقلىقىغا ئاساسەن باھالايدۇ. ئالاھىدە ماقالىلەر تۆۋەندىكىلەر بويىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ:
- بىرىنچى دەرىجە ئەڭ ياخشى ماقالە مۇكاپاتى
- ئىككىنچى دەرىجە ئەڭ ياخشى ماقالە مۇكاپاتى
- ئەڭ ياخشى تولۇق تېكىست مۇكاپاتى
تىزىملىتىش ئادرېسى: https://forms.gle/Pp14WUmkftFALgNE7
ئەسكەرتىش: مۇھاكىمە يىغىنى بارلىق قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىزدۇر.
تەشكىللىگۈچىلەر
ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالىي مائارىپ كومىتېتى
مۇھاكىمە يىغىنى رەئىسى: دوتسېنت دوكتور نامەتجان مەمەت ئورخۇن – ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى
مۇئاۋىن رەئىس: دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇيول – ئىستانبۇل سەباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى
ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى
ئېلېكترونلۇق پوچتا: uyrsymposium@gmail.com
ئورنى: ئىستانبۇل سەباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى، يىغىن زالى
يېڭىلىقلاردىن ۋاقىپ بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرى ۋە يۇتىيۇب قاناللىرىغا دىققەت قىلىڭ: https://akademiye.org/ug/