You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » يەھۇدىي دۆلىتى

يەھۇدىي دۆلىتى

يەھۇدىي دۆلىتى

(ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان مۇھىم كىتاب)

ئاپتورى: تېئودور ھېرزل

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت
تەھرىرلەر: دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ۋە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت
مەسئۇل مۇھەررىر: ئۇيغۇر كۆكئارت

ئېنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ نەشرى ھەققىدە

بۇ نەشرى 1988-يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە 1946-يىلى ئامېرىكا زىئونىست جىددىي ئىشلار كېڭىشى تەرىپىدىن نيۇيوركتا نەشر قىلىنغان ئەسەرنىڭ قىسقارتىلمىغان، ئۆزگەرتىلمىگەن قايتا نەشرىدۇر. بۇ نەشر 1943-يىلى سكوپۇس نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن نيۇيوركتا نەشر قىلىنغان تەرجىمىگە ئاساسلانغان. بۇ تەرجىمە بولسا ئۆز نۆۋىتىدە «يەھۇدىي دۆلىتى» نىڭ تۇنجى ئىنگلىزچە نەشرىگە- يەنى، سىلۋى د’ئاۋىگدور (Sylvie d’Avigdor) تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، 1896-يىلى لوندوندىكى ناتت نەشرىياتىدا چىققان نۇسخىسىغا ئاساسەن تەييارلانغان. ھېرزل بۇ ئەسەرنى ئەسلىدە «دېر جۇدېنستاتت» (Der Judenstaat) يەنى «يەھۇدىي دۆلىتى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن 1896-يىلى ۋيېنادا نەشر قىلغان.

«يەھۇدىي دۆلىتى» ئامېرىكا زىئونىست جىددىي ئىشلار كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ تەركىبىي تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن «دېر جۇدېنستاتت» نىڭ 1896-يىلى 14-فېۋرالدا ۋيېنادا نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان. «يەھۇدىي دۆلىتى» نىڭ سكوپۇس نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قايتا تەكشۈرۈلگەن تەرجىمىسى، بۇ كىتابنىڭ مۇھەررىرى جاكوب م. ئالكوۋ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەنگەن. تەرجىمىھال ئالېكس بېيننىڭ «تېئودور ھېرزل» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلغان بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا يەھۇدىي نەشرىياتى جەمئىيىتى نەشر قىلغان. بىبلىيوگرافىيە ۋە يىلنامىلىرى زىئونىست ئارخىپ ۋە كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

ئامېرىكا زىئونىست جىددىي ئىشلار كېڭىشى لوئىس لىپسكى ئەپەندىگە ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق تۆھپىكارلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

يەھۇدىي دۆلىتى كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە پ د ف نۇسخىسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: Yehudiy Döliti – Uyghurche

يەھۇدىي دۆلىتى كىتابىنىڭ ئىنگىلىزچە پ د ف نۇسخىسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: A Jewish State

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top