You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە «بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرە شەھەرلىك كېڭەش بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرە شەھەرلىك كېڭەشنىڭ زالىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە ھەمدە بۇلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئەكىس ئىتىشلىرىگە مەركەزلەشكەن «بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى پېشقەدەم باش ئەلچى، ئەنقەرە شەھەرلىك كېڭەش دىپلوماتىيە مەجلىسىنىڭ رەئىسى مەتىن قىلىچ ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سىياسەتچىلەر، ئالىملار، دىپلوماتلار ۋە جامائەت تەشكىلاتى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئېچىلىش نۇتۇقلىرى

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەنقەرە شەھەرلىك كېڭەش رەئىسى خېلىل ئىبراھىم يىلماز، ئەنقەرەنىڭ ھەر دائىم ئادالەتنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، شەھەرلىك كېڭەشنىڭ ھەر دائىم مەزلۇملارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يىلماز، ئۇيغۇر خەلقى باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆز قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئەركىن ئەمەت سۆزىدە خىتاينىڭ چەتئەل ھەيئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان تەشۋىقات ساياھەتلىرىدىن سۆز قىلىپ، بۇ ساياھەتلەردە «خۇشال ئۇسسۇللار، تىل ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، لاگېرلارنىڭ يوقىلىشى» قاتارلىق ساختا ئۇچۇر ۋە كۆرۈنۈشلەر بىلەن ھەقىقەتنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور دوكتور ئەمەت يەنە، ئۇيغۇر مەشھۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ۋە پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنغانلىقى ۋە ئۆزى تەرجىمە قىلغان دولقۇن ئەيسانىڭ كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. دولقۇن ئەيساغا تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ۋە گۇۋاھلىقلار

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى دوكتور رىشات ئابباس، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىدىن مىساللار بىلەن بايان قىلدى. ئابباس، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ئۈمىد مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈركچە بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخاننى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

قاراخان، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەسىملىرى ۋە باشقا ئىسپاتلىرى بىلەن ئاڭلاتتى. تىل چەكلىمىسى، بالىلارنى خىتتايلاشتۇرۇش، دىنىي چەكلىمىلەر، مۇسۇلمان ۋە تۈركچە ئىسىملارنى چەكلەش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئورگان سودىسى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئىپادىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ سىستېمىلىق بېسىمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن دوكتور رىشات ئابباس سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قايتا سۆز ئالدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئەڭ كۆپ تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى مەتىن قىلىچ بولسا، خىتايدا باش ئەلچىلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللىرىدىن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارەتلىرى جەريانلىرىدا كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى. شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەملەر بىلەن قوللانغانلىقىنى ھەمدە شەھەرلەرنىڭ بۇ كۆچمەنلەر ئارقىلىق چوڭايغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىلىچ يەنە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي بىر تۈرلا ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا رايوننىڭ خىتتايلاشتۇرۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك بىر قورال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلىشىمىز كېرەك. زۆرۈر بولغاندا خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالماسلىقى كېرەك.»

دىپلوماتىك ۋە خەلقئارالىق پىكىرلەر

پېشقەدەم باش ئەلچى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۈمىد ياردەم، سۆزىدە تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ قانۇنىي ئاساستا ھېچقانداق كونكرېت ھەرىكەتكە يول ئاچالمىغانلىقىنى. ئۈمىد ئەلچى فىنلاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، بۇ مىساللارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنمۇ يېتەكچى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ياردەم ب د ت مېخانىزملىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۈكسەك كومىسسارى مىشېل باچېلەت تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتنى تىلغا ئالدى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم بىر دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىن ۋە قەتئىيلىك بىلەن يول تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ياردەم، مۇنداق دېدى: «فىنلاندىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چىقارغان قارارلىرىنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىق خىتايدىن قورقماسلىق كېرەك. تۈركىيە، ب د ت مېخانىزملىرىدا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باشتىن-ئاخىر كۈنتەرتىپتە تۇتۇشى لازىم. ياۋروپا دۆلەتلىرى كۈچلۈك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىماي خىتايدىن ھېساپ سورىيالايدىكەن، تۈركىيەمۇ بۇنى قىلالىشى كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ نۇتۇقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، خەلقئارالىق دوكلاتلار ۋە دەلىللەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، 12 دۆلەتنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىن يېتەرلىك ئىنكاس كەلمىگەنلىكىنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) ۋە ھۆكۈمەتكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر كومىتېت قۇرۇلۇشىنى، ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلىشىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

سىياسەتچىلەرنىڭ قاراشلىرى

يېڭى يول پارتىيىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋە مانىسا پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇستەقىل كۆزىتىش ھەيئەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نۇرغۇن قېتىم بىۋاسىتە خىتايغا زىيارەت ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئېيتقان ئۆزداغ، «ئەگەر ھەقىقەتەن بىر مەسىلە يوق بولسا، بىز بۇنى يېرىدە كۆرۈشكە تەييارمىز،» دېدى. ئۆزداغ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارە يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆزداغ يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتكىلا كىرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرى خىتاي، يەنە بىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىر تۈرك دوستى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەسلىكىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىيى پارتىيىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئادانا پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ئاييۈجە تۈركەش تاش، ئاتىسى ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ دائىم شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئەسلىتىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلدى. تۈركىيە، ھەر قاچاندىكىدىن تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.»

داۋا پارتىيىسى چانقىرى پارلامېنت ئەزاسى ئىدرىس شاھىن، تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى تەنقىد قىلىپ، رەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە بۇ مەسىلە بويىچە كومىتېت قۇرۇش ۋە تەكلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋەدە بەردى. شاھىن، «قېرىنداشلىق پۇلغا سېتىلمايدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغاندا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماسلىقى كېرەك،» دېدى.

Resim

جازا لاگىرى شاھىدى

جازا لاگېرى گۇۋاھچىسى قەلبىنۇر سىدىق پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە، باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ۋە گۇۋاھلىقلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. قەلبىنۇر خانىم، ئىككى خىل جازا لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئېيتىپ، لاگېرلاردا ئالىملار، سودىگەرلەر، دىنىي زاتلار، يازغۇچىلار ۋە شائىرلارغا ئوخشاش زىيالىي قاتلامدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ھېچقانداق جىنايىتى بولمىسىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىر قىيىن-قېستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەلبىنۇر خانىم، ئاياللارنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش خورلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. ياشلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى دېدى. يەنە «قېرىنداش ئائىلە» سىياسىتى نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top