ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر 9-دېكابېر كۈنى باشلاندى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئامېرىكا)، درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى (تۈركىيە)، جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى (IRI)، مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى (NDI)، دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى (NED)، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى (UAA)، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (گېرمانىيە)، ياۋروپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى (نورۋېگىيە)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP)، ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (كانادا)، كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرلەش فوندى (VOC) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (گېرمانىيە) قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 2025-يىلى 9-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» ناملىق بىر قاتار پائالىيەتلەر باشلاندى.
بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەت ئىچىدە 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم قىلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش كۈنى»، «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ۋە 12-دېكابىر 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن 9-دېكابېر كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات سارىيىدا «9-دېكابېر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى ساھىپخان تەشكىلات ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور رېشات ئابباس ئەپەندى قىلغان. ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛
2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى،لوندوندا ئېچىلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىيناش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى قارار قىلدى ۋە بۇنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. بۇ قارار دۇنيا مىقياسىدا ھۆكۈمەتلەر ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا 2020-يىلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى ۋە 2021-يىلدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئارقىلىق كۈچلۈك رەھبەرلىكنى نامايان قىلدى، بۇ قانۇنلار دۇنياۋى ئۆلچەملەرنى بەلگىلىدى. لېكىن، ئەڭ كۈچلۈك قانۇنلارمۇ ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، دىنى باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش قىلمىشلىرى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز بۇگۈن ئامېرىكا پارلامېنتىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىق ۋە جازا قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھۆرمەت بىلەن چاقىرىمىز. شۇنداقلا، دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇنلارنى يولغا قويۇشقا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداشقا چاقىرىمىز».
مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق -دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛« بۇنىڭدىن دەل تۆت يىل ئىلگىرى، بىزنىڭ بىر قىسمىمىز لوندوندىكى سوت مەھكىمىسىدە، ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدۇق. جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن، بۇ قورقۇنچ ، ئەندىشە ۋە ئۈمىدكە تولغان بىر پەيت ئىدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى جېففرېي نائىس ئەپەندى تارىخىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بارغىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سوت قارارىنى ئېلان قىلدى. بىزنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىشىمىز، گۇۋاھلىق توپلاش ۋە ئادالەت ئىزدەش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىز ئاخىرى دېمۇگراتىك ئەللەردە جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كوللىكتىپ جاراھەتلىرى ئېتىراپ قىلىندى.
2020-يىلى 6-ئايدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن رەسمىي ھالدا سابىق يۇگوسلاۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىكى مىلوشېۋىچ دېلوسىدىكى سابىق باش تەپتىش جېففرېي نائىس ئەپەندى رەھبەرلىكىدە مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدىم. چۈنكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلارغا ئىشىكىنى ئاچمىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتىمىز ناھايىتى چەكلىك ئىدى، شۇڭا بۇ خىزمەتتە پىدائىيلىق ۋە مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ساخاۋىتىگە تايىناتتۇق. سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان بەزى گۇۋاھچىلار ئاخىرقى پەيتتە گۇۋاھلىقتىن ۋاز كەچتى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ جاسارىتىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ۋەتىنىدە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بولدى. گۇۋاھلىق بەرگەن بىر قانچە كىشى خىتايدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دەرھال قورقۇتۇشى ۋە بېسىمغا ئۇچرىشىغا دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋە بۇ سوتقا خالىس ياردەم بەرگەن تەتقىقاتچىلارغا قارشى قارا چاپلاش ھەرىكىتىنى باشلىتىپ، سوت جەريانىنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.
شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ بۇ تۈر توسالغۇلىرىغا قارىماي سوت مەھكىمىسى قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىنى داۋام قىلدى ۋە ئاخىرى غەلبىلىك پۈتتۈردى. بىز سوت ھۆكۈمىنى بىز مۇناسىۋەت قۇرغان دېمۇگراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئون دۆلەت پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلىغان تارىخىي دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرىنى «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈردى. لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارى بۇ جەريانغا ئىشەنچلىك بىر مەنبە بولۇپ قالدى. بىز ئۇيغۇرنى قوللىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېتىراپىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئادالەتنىڭ كاپالەتكە ئېگە بولۇشى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قايتا تەكىتلەيمىز».
مەزكۇر يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۆشەن ئابباس خانىم سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بۈگۈن، 9-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنىدە، بىز ھەقىقەت ۋە ئادالەت ئىزدەش ھەم قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن يىغىلدۇق. لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈم چىقارغان 9-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى نەتىجىسىدە، كۆپلىگەن دېمۇگراتىك ئەللەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانيەتكە قارشى جىنايەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى. ئەمما ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ قىرغىىنچىلىقى توختاپ قالغىنى يوق. مىليونلىغان سەرخىل ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ، ئەرلەر قۇل سۈپىتىدە لاگېرلارغا ۋە زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلدى. ئائىلىلەر پارچىلىنىپ، بالىلار كىملىكىنى يوقىتىپ ئاسمىلياتسىيەگە ئۇچرىدى. خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىق جىنايىتى كۆز ئالدىمىزدا ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي سەھنىلەشتۈرۈلگەن سىنلار ۋە بۇرمىلانغان ھېكايىلەر بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي يالغاننى يېيىۋاتىدۇ، خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرەگە ئېلىش ئارقىلىق تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇشقا ئورۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنياۋىي تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا كۈچەۋاتىدۇ، بۇ خىتاينىڭ جىيايىتىنى يۇشۇرۇپ، خەلقئارا جەمىئىيەت تەرىپىدىن ئەيىپلىنىشنى سىرتىدا قالدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋەتىنى-شەرقىي تۈركىستان 21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىق مودېلىنىڭ سىناق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. تۆت يىل ئىلگىرى لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئاراغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىدى، ئەمما بۈگۈنگىچە دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئەمەلىي تەدبىر ئالالمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكىدەك خىتاي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى قىلىنغان كۈرەش پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ قانات يېيىشى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولغان بىر ھەرىكەتتۇر».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ غەلبىلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە مەلۇماتلارنى تەييارلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىغان دوكلاتلىرىدا ۋە لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارلىرىدا لاگىر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرات داۋات، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مىھرىگۇل تۇرسۇن ۋە ئۆمەر بەكئالى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگىردىكى كەچۈرمۈشلىرىنى ئاڭلىتىشى ۋە خىتاي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېمۇگراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن خىتايغا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مۇدىرى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۈگۈن بۇ يەردە شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرنى قوللاۋاتقان دوستلىرىمىز بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى تىك تۇرغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قارارى بەرگەنلىكىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيىتتە، مەن بۇنىڭ پەقەت قانۇنىي ھۆكۈملا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتىلغان جىددىي بىر چاقىرىق ئىكەنلىكىنى ئەسلەتمەكچىمەن. بۇ يەردە مەسىلە يالغۇزلا دېمۇگراتىك دۆلەت ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بولماستىن، بەلكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دېمۇگراتىك پىرىنسىپلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئەسكەرتىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىق دېمۇگراتىك ئەللەر خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايەتچىلىرىنى ھەرخىل شەكلدە جاۋابكارلىققا تارتىشى ھەم شۇنداقلا قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنى دېمۇگراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا قارىتا ئاغزاكى ئەندىشە ئىپادىلەشتىن ھالقىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا چاقىرىمەن!
يىغىن ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مىسران دولان ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئاخىرقى 8 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئاۋازىنى غەرب دۆلەتلىرىدە ئاڭلىتىش بىلەنلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۈسى خىتايغا قارشى كۆرەشتە ئوينايدىغان رولىنىڭ زورلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلار بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.










