ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر تىلى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش بويىچە ئۇيغۇر ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى
18- سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرغىچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا «ئۇيغۇر تىلى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش بويىچە ئۇيغۇر ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يىغىلغان بۇ ياشلار، 18- سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش» ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
ياش يېتەكچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى 19- سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى ۋە يېتەكچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن رەسمىي باشلاندى. رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزىدە ياشلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن مېسال ئىلىش بىلەن سۆزىنى باشلاپ «مەن سىلەرنىڭ يېشىڭلاردىكى چېغىمدا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلدىم ۋە ئۇ يېڭى مۇھىتتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز كەسپىمدە ئالاھىدە ئۇتۇقلارنى قازانغىنىمدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم» دېيىش ئارقىلىق ياشلارنى ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە ۋەتەن – مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، يېتىشىپ چىقىشىغا رىغبەتلەندۈردى ۋە بۇ كۇرسنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئېچىلىش سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.
كۇرستا مۇتەخەسسىسلەر پەرقلىق سەككىز خىل تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە ئۈنىمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، مۇتەخەسىسلەر سۆزلىمەكچى بولغان لىكسىيەلىرىنى ئۆزئارا مۇنازىرە شەكلىدە ئېلىپ بېرىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى؛ پۈتۈن لېكسىيە جەريانىدا ياشلار ناھايىتى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە پىكىر قاتناشتۇردى ۋە ھەر خىل سوئاللارنى سوراشتى.
تۇنجى بولۇپ، دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى «ئۇيغۇرلار كىم؟» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.
روشەن ئابباس خانىم «ئۇيغۇر دەۋاسىنى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر» ناملىق لېكسىيەسىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاۋازىنى خەلقئاراغا قانداق ئاڭلىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى «تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشتىكى رولى» ھەققىدىكى دەرسىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالاھىدە ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا «سۈنئىي ئەقىل يېزىش ياردەمچىلىرى» ناملىق لېكسىيەسىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم «ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى سەپەرۋەر قىلىش» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، چەتئەلدىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قاتنىشىشىنىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىكلەرنى بۇ ھەرىكەتكە كەڭ كۆلەملىك ھالەتتە سەپەرۋەر قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەتقىقاتچى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى «ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتىكى رولى» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىدە دىن ۋە تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى قورغىنى ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رەھىمە مەھمۇت خانىم بولسا «ئۇيغۇر مۇزىكا – ئۇسسۇلىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى رولى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ۋە غورۇرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر روھىنى ساقلاپ قالغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوختۇر مەمەت ئېمىن بىلەن دوكتۇر ئابدىشۈكۈر ئابدۇرېشىت «ئۇيغۇر ياشلىرىدا رەھبەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئاساسى ماھارەت ۋە ئىستىراتىگىيەلەر» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، يېتەكچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ياكى كەم بولسا بولمايدىغان قابىلىيەت ئالاھىدىلىكلەر ئۈستىدە تەپسىلى توختالدى.
ئاخىرىدا ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى «ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا تىل ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش ئۇسۇللىرى» ناملىق لېكسىيەسىنى سۆزلىدى.
ئۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىنى خۇلاسىلاپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورغىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئائىلە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ئائىلە ئىچىدە داۋام قىلدۇرالىغاندىلا ئاندىن ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكسىيەلەر ئاخىرلىشىپ كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى پىروگراممىدا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى رولى توغرىسىدا، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، مەدىنە باۋۇدۇن ۋە مۇختار ئابدۇكېرىم جانباز قاتارلىق مۇتەخەسسىلەر دوكلات بەردى.
19- سېنتەبىر شەنبە كۈنى مەخسۇسكۇرسقا قاتناشقان ياشلارغا سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلار ئالدىنقى كۈنى مۇتەخەسىس ئۇستازلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئۆز كۆز قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، يېڭىچە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ياشلار، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك تەشۋىقات قوراللىرى ۋە جامائەت بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق تېمىلاردا كەلگۈسى بىر يىللىق پىروجېكت پىلانىنى تەييارلاشتى.
ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز پىلانلىرىنى چۈشەندۈرۈش، قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئاخىرقى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ، رەسمىي ھالەتتە پىروجېكتىنى كۆپچىلىككە سۇندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تۈرلەر ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بېرىپ، ياشلارنى ئىمكانىيتىنىڭ بارىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ كۇرس، قىرغىزىستاندىن كەلگەن پىشقەدەم جامائەت ئەربابى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ كۆڭۈل سۆزى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ياشلارغا شاھادەتنامە تەقدىم قىلىشى ۋە يېپىلىش سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى. رىشات ئابباس ئەپەندى يېپىلىش سۆزىدە، ياشلارنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئوقۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇھىم ئورۇنلارغا كېلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويىدىغان، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاۋانگارت ياشلارغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ۋاقتى گەرچە ناھايىتى قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە مەسئۇليىتى سەۋەبىدىن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى، تالانت-ئىقتىدارى ئادەمگە ئۈمىد بىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۇرس جەريانىدىكى پوزىتسىيەسىدىن، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدىن ئىلىم-پەنگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن نامايان قىلدى. ئۇلاردىكى قىزغىنلىق، جاسارەت ۋە قابىلىيەت ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇلار يېڭى ئوي -پىكىرلىرى بىلەن، ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر كىملىكىنى مۇھاجىرەتتە قوغداشتىكى بىر قانچە ئەمەلىي تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى كۇرس ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ياكى يالغۇز لېكسىيە سۆزلىگۈچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۆز ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بېرىش سورۇنىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئالاھىدە ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەرىپەت بۇلىقى بولۇپ قالدى.




