You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-بۆلۈمى: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە قارشى كۆرەش

يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور ئالىم سېيتوف ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تۇنجى بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت فلىپسې ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، يېقىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىلمىي دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، جازا لاگىرى ۋە مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىنى داۋاملىق كۈزىتىش، ھۈججەتلەشتۈرۈش ۋە خەلقئاراغا ئاشكارلاش قاتارلىق ئاماللارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى تۈگىتىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ ئاماللارنىڭ يەنە مەجبۇرى قۇل ئەمگەك داۋامىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا خەلقئارا بازارغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاشتا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا قانۇن تۈزگۈچى خادىملارنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش» قاتارلىق يېڭى قانۇن لاھىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقانلىقىنى، بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ بەزى بىر ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشىدىن پايدا ئېلىۋاتقان بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككىنجى بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ كەڭ-كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ، «ئۇيغۇرلار بەختلىك» دەپ سەھنىلەشتۈرۈلگەن يالغان ھېكايىلەر بىلەن ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا باشچىلىق دېمۇگراتىك ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتىغا ئالدانماسلىقىنى، ھەم شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ خىتايغا قارىتا تونۇشىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ئۈچۈن دېپلۇماتىك ۋە تەشۋىقات تۈرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئاسىيا مەسئۇلى ۋىليام نى ئەپەندى سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە، خىتاي سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچەپ كۆزىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، «ساقچى دۆلىتى» دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل دۆلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى باشقا دېكتاتۇر دۆلەتلەرگە ئىكسپورت قىلىۋاتىقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى قاباھەتلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنى تىزدىن توختۇتۇش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي ئامال تېپىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، جازا لاگىرلىرى، مەجبۇرى قۇل ئەمگىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يۇقۇتۇشقا دائىر سىياسەتلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ تۈر قىلمىشلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىش، ھۈججەتلەشتۈرۈش ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرىنى بۇزۇش ۋە مۇشۇ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ختاينىڭ ۋە خەلقئارالىق چوڭ شىركەت–ئورگانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن كۈچلۈك قورال بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مۇدىرى رىزۋانە ئىلھام خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، شىۋېتسارىيەدە ۋە خەلقئارادا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىپ، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق نوقتىلارنى تۇتقا قىلىپ، شىۋىتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېمپورت قىلىشنى توختۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، شىۋىتسارىيە ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئىمپورت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنى پاش قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بەزى زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشغا تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ تۈر نەتىجىلەر ئىزچىل داۋام قىلغاندا ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ زاۋۇت-كارخانىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە جازالاشتا ئەمىلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2-بۆلۈمى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي زىيانكەشلىكلىرى ۋە چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنستىتۇتى شەرقىي ئاسىيا ۋە پاسىفىك رايۇنى دېرىكتورى ئادام كىڭ ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تۇنجى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر دېمۇگراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى دوكلاتلاشتۇرغان ئامېرىكا باشچىلىق دېمۇگراتىك ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ لاگىر شاھىتلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن پاكىتلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئافرىقا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەسىرى، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ قولىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پاكىتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئافرىقا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ھەقىقەتنى نامايەن قىلىشىنىڭ خىتاينى زوراۋانلىقىغا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشىغا پەۋقۇلاددە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئىككىنچى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەسىر كۇچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، كوپلىگەن تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئاخباراتچىلارنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋە دىئاسپورادىكى بىر قسىم ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۆرىشىنى بىتچىت قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يالغانغا چىقىرىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتىن بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى دەپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەر قوللىنىشى كېرەكلىكىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ئۈچىنجى بولۇپ، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ئىجرائىيە دېرىكتورى رايىن فىئورەسى ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، تىبەت ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنىڭ دالاي لامانىڭ نوپۇزى ئىكەنلىكىنى، خىتاي تىبەتلەرنى بۇ دىنىي نوپۇزدىن پايدىلىنىپ تىزگىنلەش ئۇچۇن كېلەر قېتىمقى دالاي لامانى ئۆزلىرى چىقىرىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، روھانى لىدەرنىڭ تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بولغاچقا، خىتاي تىبەت ۋە مۇڭغۇللارغا قارشى دىنىي ئورگانلار ۋە دىنى پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتايدىكىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە مۇڭغۇللارنىڭ دىنىي جامائەتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئورۇنماقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ رەزىل قىلمىشىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا تۆتىنچى بولۇپ، ئامېرىكا ئاق سارايدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىمى ساراھ ماكىن خانىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە رادىكاللىققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى خرىستىئانلارنى پەقەت دىنىي تەھتىد دەپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ خىرىستىئان جامائەتىگە بولغان تەسىرى خىتايدىن ئېشىپ، چەتئەللەردىكى خىرىستىئان جامائەتلىرىگە ھەتتا ۋاتىكانغىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىرىستىئان دۇنياسنىڭ خىتاينىڭ بۇ دىن دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىتايغا قارىتا ئەمەلىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا، ئوپتىمۇم خەلقئارا نەشرىياتى مۇدىرى دىن باكسېندېيل ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سەرخىللارنى، بولۇپمۇ دولقۇن ئەيسا ۋە رۈشەن ئابباستەك كىتاپ يېزىپ تەسىر قوزغىغان سىياسىي ئاكتىۋىستلارنى نىشان قىلىپ ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ دولقۇن ئەيسا ۋە رۈشەن ئابباستەك خىتايغا مىختەك قادالغان شەخسلەرنىڭ كىتابلىرىنىڭ ساختا نۇسخىلىرىنى بېسىپ تارقىتىپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايىتى، جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى پەدەزلاپ يۇشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىتلەپ، 21-ئەسىردە مۇشۇنداق خىتاينىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا يول قويۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيا دېمۇگراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تىزدىن خىتاي زوراۋانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 3-بۆلۈمى: ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش

يىغىننىڭ 3-بۆلۈمىگە جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ پەنلىرى فاكولتىتى پروفېسسورى رېبەككا كلوزى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ بۆلۈمنىڭ ئېچىلىشىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈك ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زىممىسىدە قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ ئەڭ جىددىي خىزمەت قاتارىدا كۆرۈپ، ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى مۇدىرى دوكتور نۇرنىسا قۇربان خانىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ دىئاسپورادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى زور بىر تۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈپ تۈزۈپ چىققان بۇ دەرسلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرىيەتلىرى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كالىفورنىيە شىتاتىدا ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماقۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەققىدە ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىنى توختۇتۇشتا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا 2-بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى كەۋسەر كامىل خانىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى كەمچىللىكى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدەك قېيىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ مىسال سۈپىتىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورنى دۇنيا خەرىتىسىدە بولمىغاچقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر بالىلارغا ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتۇش تولىمۇ تەس بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى جان تىكىپ قوغداش ئارقىلىق خىتاي يوقاتماقچى بولىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكىنى دىئاسپورادا ساقلاپ قېلىشنىڭ ھايات-مامات خارەكتىرلىك مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا 3-بولۇپ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مىسران دولان ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن چىقىرىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەر قىلىۋاتقانلىقىنى، نامايىش ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا دائىر ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان ۋىرجېنىيە شىتاتىدا ئۇيغۇر جامائىتىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە تىلىنى قوغداشقا دائىر ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا 4-بولۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 2009-يىلىدىن باشلاپ، دىئاسپورادا ئۇيغۇر زىيالىيلارنى تەشكىللەپ، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەشكە، ھەم شۇنداقلا دىئاسپورادا ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلىنىپ قېلىشىغا قارىتا ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە ئاكادېمىيەنىڭ ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلىنىپ قېلىشىتا قىلغان ئەمەلىي خىزمەتلىرىگە مىسال كەلتۈرۈپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ۋە 5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى دىئاسپورادا كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەپ كەلگەنلىكىنى، نەتىجىدە 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ۋە 5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ۋە دىئاسپورادا بىر بايرام شەكلىگە كېلىشىدە ئاكادېمىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ يالغۇز ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاددى بىر تىل ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار بىر پەن-مائارىپ تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە ئەدىبلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئانا تىلدا نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا ئاكادېمىيەگە قارارشلىق قۇتادغۇبىلىگ ئېنستىتۇتى تەرىپىدىن بىلىم-كۈچ ۋە قۇتادغۇبىلىگ نامىدا ژۇرناللارنىڭ نەشىر قىلىۋاتقانلىقىنى، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈپ تۈزۈپ چىققان 5 قىسىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىپ، دىئاسپورادىكى 80% دىن ئارتۇق ئانا تىل كۇرسلىرىدا ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرىيەتلىرى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى بۇ دەرسلىك كىتابلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ، دىئاسپورادىكى 200 دىن ئارتۇق سەرخىل ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەپ، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ياشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىجابى رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا ۋىرجېنىيە مىھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپى ئىلمىي مۇدىرى ئىرادە قەشقىرى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتنى ساقلاپ قېلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئامىلنىڭ بارلىقىنى،

بۇنىڭ بىرىنجىسى تىلنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش، ئىككىنجىسى كوللېكتىپ مىللىي ئاڭنى تۇرغۇزۇش، ئۈچىنجىسى مىللىي مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋېرجىنىيە شىتاتىدىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ۋە ئۇنى كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇشتە ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، چەتئەللەردە تۇغۇلغان، ۋەتەننى كۆرۈپ باقمىغان ئۇيغۇر بالىلارغا ۋەتەننى ۋە ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇش ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇشكۇل ۋە مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى پەقەت ئانا تىل مەكتەپلىرى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل كۇرسلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 4-بۆلۈمى: 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ تەسىرى

يىغىننىڭ 4-بۆلۈمىگە كانادادىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ بۆلۈمدە تۇنجى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر دېمۇگراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەندىكى تۇنجى دېموكىراتىك ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر دېموكراتىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاسمىيلياتسىيە سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىشخال جىنايىتىگە قارىتا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر سىلكىنىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ھەققىدە قايتىدىن بىر ئويغىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بۆلۈمدە 2-بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىجرائىيە دېروكتورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تۇنجى دېموكراتىك ھەرىكەتلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى 1989-يىلى خىتايدىكى تىئەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىدىن، ھەتتا شەرقىي ياۋرۇپادىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىنمۇ بالدۇر يۈز بەرگەن بىر دېموكراتىك ھەرىكەت ھېساپلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينى چۈچۈتكەنلىكىنى، خىتاينى ئۇيغۇر ۋەتىدە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تاران تاراچ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئويغۇنۇشىغا سەۋەپ بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىشنى كۆچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ بۆلۈمدە 3-بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باش مەسلىھەتچىلىرىدىن تۇردى خوجا ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قوزغىلىشىغا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۆركەش دۆلەتنىڭ يىتەكچىلىكىدە، خىتاينىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورنى بولغان جۇڭنەنخەيگىچە يۈرۈش قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ بۆلۈمدە 4-بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئېنىستىتۇتى مۇدىرى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي تىلى باياناتچىسى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگىنىگە 40 يىل بولغان پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا شۇ نىشان ئۇچۇن كۈرەش قىلىپ تۇرغانلىقىمىزنى، ئەينى چاغدا بىز ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتايچە ئاڭلىتىشى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن شۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقانلىقى ۋە قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى دېدى.

ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىنى چۆكۈرۈپ ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقىنى، گەرچە بۇ زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە ۋەتەندە سىياسىي ئىشلارغا ئاشكارا ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، بۇ زىيالىي ياشلارنىڭ 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ دائىرىلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتايغا قارشى شۇنداق بىرەر ھەرىكەت بولغان چاغلاردا، بۇ ياش زىيالىيلارنى چاقىرتىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىنى تەكشۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ تاكى بۇ ياش زىيالىيلارنىڭ چەتئەلگە ئوقۇش ۋە خىزمەتكە چىقىپ كەتكۇچە داۋام قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ھىچقاچان ئۇيغۇرلارنى ئارامىدا قويمىغانلىقىنى، خىتايدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ۋەتىنىدە مۇستەقىل ياشاشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىجرائىيە دېروكتورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش سۆزىنى قىلىپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسىيۇنلارغا، تەتقىقاتچىلارغا ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىگە، ھەم شۇنداقلا بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشقان 7 ئامېرىكا ۋە تىبەت تەشكىلات ئورگانلىرى بىلەن 13 ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا كۆپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاتقۇزۇش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختۇتۇش، ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر قالغۇچە دىمۇگراتىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى كۆرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى دېدى.

ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھوزۇر ئالدى.

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top