ئامېرىكا-ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسى نۇقتىسىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ ئۆزگىرىشى: رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى، خىتاي ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭى ھەرىكەت ئەندىزىسى
پروفېسسور دوكتور توغرۇل ئىسمائىل
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
كىرىش
ۋېنېزۇئېلادا يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىي كىرىزىسى دەپلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا يۈز بەرگەن قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئەكس ئېتىشى سۈپىتىدە باھالاش كېرەك. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوچۇق ۋە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇ جەريانغا نىسبەتەن سۇس ئىنكاسى ۋە خىتاينىڭ ئېھتىياتچان مەيدانى، بۇ ۋەقەنى كلاسسىك رايون خاراكتېرلىك كىرىزىس دائىرىسىدىن ھالقىتىپ، چوڭ كۈچلەر رىقابىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىغا ئايلاندۇرماقتا.
بۇ تەھلىلدىكى مەقسەت، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى ئۈچ ئاساسلىق لىنىيە بويىچە مۇلاھىزە قىلىشتىن ئىبارەت:
ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىش،
رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوخشىمىغان كۈچ تەسىرى كۆرسىتىش ئۇسۇللىرى،
بۇ جەرياننىڭ يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى.
1. ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش.
ئالدىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىش قوراللىرىنى ئەۋزەل كۆرەتتى. ئېمبارگولار، دىپلوماتىك جەھەتتىن يەكلەش، ئۆكتىچىلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئۇرۇشى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى ئوچۇق-ئاشكارە قوغدىشى ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ھەربىي-سىياسىي خەتەرنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىدى.
لېكىن نۆۋەتتىكى باسقۇچتا ئامېرىكا «ئىستراتېگىيىلىك سەۋرچانلىق» سىياسىتىدىن ئەمەلىيەتتە ۋاز كەچتى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سىستېمىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشتۇر. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالدى؛ لاتىن ئامېرىكىسىدا ئاكتىپ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىقتىدارىدىن زور دەرىجىدە مەھرۇم قالدى.
بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلادا بىر ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇق ياراتتى، ۋاشىنگتون بولسا بۇ بوشلۇقنى تېزلىكتە تولدۇرۇش قارارىنى چىقاردى.
2. خىتاي ئامىلى: كۈچ بار، بىخەتەرلىك كاپالىتى يوق.
خىتاينىڭ ۋېنېزۇئېلاغا بولغان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قىزىقىشى بىر قاراشتا ئامېرىكا ئۈچۈن ئېغىر خىرىستەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرقلەر بار. رۇسىيە كلاسسىك جىئو-پولىتىكىلىق كۈچ سۈپىتىدە بىخەتەرلىك كۈنلۈكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي بولسا ئاساسەن ئىقتىسادىي ئاكتىيور سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ھەربىي-سىياسىي توقۇنۇشلاردىن سىستېمىلىق ھالدا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
خىتاينىڭ ۋېنېزۇئېلا ئىستراتېگىيەسى ئۈچ ئاساسلىق تەركىبكە تايىنىدۇ:
-ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېرىشىش،
-قەرز ۋە مەبلەغ سېلىش مېخانىزملىرى،
-ئىچكى سىياسىي جەريانلارغا ئوچۇق-ئاشكارە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش.
بۇ خىل ئۇسۇل ۋېنېزۇئېلانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىسىمۇ، ئۇنى ئامېرىكا ئالدىدا ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن قوغدىنىشسىز قويۇپ قويىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رولىنى بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك جەھەتتە بوشلۇق يارىتىدىغان ئامىل دەپ قارايدۇ.
3. ئامېرىكىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئارىلىشىشىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەۋەبلىرى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم تېخىمۇ ئوچۇق ۋە بىۋاسىتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق سەۋەبى بار.
بىرىنچىسى، ئېنېرگىيە ئامىلىدۇر. يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرى قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان، رۇسىيە نېفىتى ئېمبارگولار بىلەن قىسىلغان ۋە ئوتتۇرا شەرق تەۋرىنىش ئىچىدە قالغان بىر مەزگىلدە، ۋېنېزۇئېلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسپاتلانغان نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا بىر үلگى يارىتىش سىياسىتىنى قوللانماقتا. ۋېنېزۇئېلادا تاشلانغان قەدەملەر پەقەت كاراكاس ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن يېقىنلاشقان، ئەمما بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولمىغان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بىر سىگنالدۇر. بۇ سىگنال ناھايىتى ئېنىق: ئىقتىسادىي شېرىكلىك سىياسىي ياكى شەخسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىق دېگەنلىك ئەمەس.
ئۈچىنچىسى بولسا رېجىم (تۈزۈم) نىڭ ئىچكى تايانچلىرىنى ئاجىزلىتىش نىشانىدۇر. دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا تاشلانغان قەدەملەر رېجىمنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىنمايدىغانلىق ئەپسانىسىنى ۋەيران قىلماقتا؛ ئېلىتلار ئارىسىدا قورقۇنچ ۋە پارچىلىنىش پەيدا قىلىپ، سىستېمىنىڭ ئىچىدىن يىمىرىلىشىنى تېزلەتمەكتە.
4. ئىستراتېگىيىلىك سوئاللار ۋە ئېھتىماللىققا ئىگە سېنارىيەلەر
4.1. بۇ جەريان ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاخىرلىشىشى بولۇپ قالامدۇ؟
بۇ جەريان ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى سىياسىي مودېلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى دۆلەتنى پارچىلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئېنېرگىيە بازىرىغا سىڭىپ كىرگەن بىر سىياسىي قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. ئەگەر ۋېنېزۇئېلا ئېلىتلىرى ئىچىدىن پارچىلانسا، رېجىم رەسمىي بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولماستىنلا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
4.2. خىتاي ئامېرىكا بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە توقۇنۇشقا كىرەمدۇ؟
ھازىرقى شارائىتتا بۇ ئېھتىماللىق تۆۋەن. خىتاي يەر شارى سىستېمىسىدا خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان، باسقۇچلۇق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيەنى قوللانماقتا. ۋېنېزۇئېلا خىتاي ئۈچۈن مۇھىم، ئەمما ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە جىئو-پولىتىكىلىق توقۇنۇشقا كىرىشكە ئەرزىمەيدۇ. خىتاي چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ھەربىي-سىياسىي جىددىيلىككە قەدەم قويمايدۇ.
4.3. بۇ جەريان ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ ئۆزگىرىشلەر ئەزەربەيجان ۋە ئادەتتە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ساۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچىسى، پەقەت بىرلا چوڭ كۈچكە تايىنىش ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى يارىتالمايدۇ.
ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي شېرىكلىك سىياسىي قوغداش دېگەنلىك ئەمەس.
ئۈچىنچىسى بولسا، تەڭپۇڭ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەت پەقەت ھەقىقىي كۈچ ۋە ئىچكى قانۇنىيەت بىلەن قوللانغاندا ئاندىن سىجىل بولىدۇ.
ۋېنېزۇئېلا مىسالى، يەر شارى سىستېمىسىدا بىر بوشلۇق پەيدا بولغان ھامان چوڭ كۈچلەرنىڭ بالدۇر ياكى كېچىكىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خۇلاسە
خۇلاسە قىلغاندا، ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىر دۆلەتنىڭ كىرىزىسى بولۇشتىن كۆپ، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ئارزۇسىنىڭ ئەمەلىي سىنىقىدۇر. رۇسىيە ئەمدى يىراق رايونلاردا ئامېرىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالمايدۇ، خىتاي بولسا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا بولسا ئوتتۇرىغا چىققان ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇقلارنى ۋاقتىدا ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن تولدۇرۇشنى تاللىماقتا.
بۇ جەريانلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 21-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سۇس شېرىكچىلىككە ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ كۈچ تەسۋىرىگە تايىنىدۇ. ۋېنېزۇئېلا بولسا بۇ يېڭى دەۋرنىڭ دەسلەپكى ئوچۇق مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر.
ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: ABD–Venezuela Krizi Bağlamında Küresel Güç Değişimi: Rusya’nın Zayıflaması, Çin Stratejisi ve Yeni Müdahale Modeli
