2025-يىلىدىكى يەر شارى خارەكتىرلىك چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلار
ئاپتورى: جوشۇئا كۇرلانتزىك ۋە ئاننابەل رىچىر Joshua Kurlantzick and Annabel Richter
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: ئابدۇلھەمىد قاراخان
جوشۇئا كۇرلانتزىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كونسولى (CFR) نىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچىسى. ئاننابېل رىچتېر CFR نىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە تەتقىقاتچىسى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇستەبىتلەر سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەر ۋە چەتئەلدە ياشايدىغان تەنقىدچىلەرگە تەھدىت سېلىش، ھەتتا زىيانكەشلىك قىلىشقا تېخىمۇ ماھىر بولۇپ كەتتى. بۇ خىل باستۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قاراتقان مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇردى ياكى سۈكۈت قىلدى.
2025- يىلى، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋەقەلىرى — ئاساسلىقى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلەرنى، ئادەتتە ئۆز دىئاسپورا ئەزالىرىنى چىگرا سىرتىدا قورقۇتۇش، زىيانكەشلىك قىلىش، ھەتتا ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى — پۈتۈن دۇنيادا كۆرۈنەرلىك ئاشتى. خىتاي، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۈچلۈك دىكتاتۇر دۆلەتلەر ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدا رەقەملىك ۋە بىۋاسىتە چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى كۈچەيتتى.
بۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش مەسىلىسىنى ئېنىقلا كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشنى خالايدۇ. بۇ باي دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشنى خالىشىدىكى سەۋەب، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەتتا يېقىن شېرىكلىرىگىمۇ قويغان تاموژنا بېجى باي دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىغا ئازراق تايىنىدىغان ئىقتىسادىي قەيسەرلىك بەرپا قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
ئامېرىكىغا كەلسەك، ئۇ بۇ خىل ئەجەللىك يۈزلىنىشكە قارشى تۇرۇشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆكتەبىردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، شۇنداقلا ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالماننى ئاق سارايدىكى بىر كەچلىك زىياپەتتە كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇنى 2018-يىلى تۈركىيەدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سۈرگۈندىكى ژۇرنالىست جامال قوشۇقچىنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان دەپ يەكۈن چىقارغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى»دە ئېنىقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە دىققەت قىلىنمىغان. ئاۋغۇستتا، ھۆكۈمەت ئامېرىكا ئىچىدىكى چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى قورغان بولۇپ كەلگەن ئاخبارات ساھەسىدىكى «چەتئەلنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى»نى تارقىتىۋەتتى.
دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك شىددەت بىلەن ئېشىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە كۈچەيدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا «خىتاي ۋە بىر قانچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ياكى ئۇلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پائالىيەتچىلەر، باشقا ئۆكتىچىلەر ۋە مۇساپىرلارغا قارىتىلغان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقان دولقۇنى» كۆرۈلگەن. تايلاند بۇ يىل بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2025-يىلى تايلاند پادىشاھلىقىنى «باشقا رايون دۆلەتلىرىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ”ئالماشتۇرۇش بازىرى“» دەپ ئاتىدى، ئۇلار باڭكوكنىڭ ياردىمىگە جاۋابەن لائوس، كامبودژا ۋە ۋىيېتنامدا ياشايدىغان تايلاند تەنقىدچىلىرىنى نىشانلايدۇ.
بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشلىرى، ئىقتىسادىي ئەندىشىلەر ۋە تەكشۈرۈلمىگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ نەتىجىسى يامان غەرەزلىك كىشىلەر ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەر ئۆكتىچىلەرنى، تەنقىدچىلەرنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ چىگرا سىرتىدىكى دىئاسپورا ئەزالىرىنى جازالايدىغان بىر بوشلۇق ياراتتى. ئەگەر بۇ يۈزلىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىنمىسا، تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى 2026-يىلى چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى كۈتۈشى مۇمكىن.
بۇ يۈزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۆز چىگرىسى سىرتىدا، ئەمما رايون ئىچىدە باستۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق بىر يۈرۈش زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2014-يىلدىكى تايلاند سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن بۇيان، ھەتتا ھەربىيلەر 2018-يىلى بىر يۈرۈش يېرىم پۇقراۋى ھۆكۈمەتلەرگە ھوقۇقنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ، «تايلانددىكى مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلار تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلىگەن قولايلىقلىرى بىلەن كۆزىتىش، زوراۋانلىق، تۇتۇپ كېتىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشكە دۇچ كەلگەن».
مەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۆكتىچىلىرىنىڭ چىگرا ھالقىپ دۇچ كەلگەن دەھشەتلىك ۋەقەلىرى، جۈملىدىن مىكوڭ دەرياسىدا قوللىرى كىشەنلەنگەن، قورسىقى يېرىلغان ۋە بەدىنىگە بېتون قۇيۇلغان ھالەتتە ئۆلۈك تېپىلغان تايلاندلىق پائالىيەتچىلەر ھەققىدە يازغان ئىدىم، بۇ لائوستا ئېلىپ بېرىلغان بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك كۆرۈنەتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، تايلاند پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان باشقا پائالىيەتچىلەر ۋىيېتنامدا غايىب بولغان ياكى تۇتۇپ تۇرۇلغان، ياكى يوشۇرۇنچە تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىلگەن، يەنە بەزى پائالىيەتچىلەر كامبودژا ۋە لائوستا غايىب بولغان، ئۇلارنىڭ دېلولىرى ئېنىقلا ھەل قىلىنمىغان. دوكلاتىدا يەنە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تايلاندتا يوقاپ كېتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى تۇتۇپ كېتىلىشى، مەسىلەن لائوس دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرىنىڭ غايىب بولۇشى ۋە مالايسىيالىق بىر جىنسىنى ئۆزگەرتكۈچى ھوقۇق تەسىر كۆرسەتكۈچىسىنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلىشى قاتارلىق مىساللار ھەمبەھىرلەنگەن.
ئىلگىرى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆكتەبىردىكى دوكلاتىدامۇ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ «خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش دېلولىرى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەسىلەن، خەلقئارا ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشى يېقىندا شۇنچە ئومۇملىشىپ كەتكەنكى، ئۇ كەم دېگەندە 23 دۆلەتتە، شۇنداقلا ب د ت دا ئۈنۈم قازانغان. خىتاي ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەت.
ماراكەشتە تۈرمىگە تاشلانغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدرىس ھەسەننىڭ ئوغلى نامايىش جەريانىدا كۆرۈنمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشايدىغان يۈزلەرچە ئۇيغۇر، 2022-يىلى 4-فېۋرال. نىكولاس مۇللېر
ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ۋە تاجاۋۇزچىلىقلىرىنىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىچىدىكى چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشى — سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەر ۋە تەنقىدچىلەرگە، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە قارىتىلغان شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ. 10-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئىجرائىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي چىگراسىنىڭ سىرتىدا، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئامېرىكا ۋە چەتئەلدىكى دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە. يوشۇرۇن ”چەتئەل ساقچى“ پائالىيىتى، ئۆكتىچىلەرنىڭ بېشىغا مۇكاپات قويۇپ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە تەنقىدچىلەر بىلەن ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان تور ھەرىكەتلىرى، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.»
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتى
بەزى قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش، شۇنداقلا چوڭ مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ كۆزىتىشى ھەققىدە قانۇن ماقۇللاشقا ئۇرۇنۇشلارغا قارىماي، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئازراق بايلىق ئاجراتماقتا. (پارلامېنت 2025-يىلى «چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ئۇ تېخى ماقۇللانمىدى، كانادا بولسا خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى.)
بۇ خىل ئىجرا قىلىشنىڭ سۇسلىشىشى ۋە چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلمەسلىكى قىسمەن جەھەتتىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى باشقا مەسىلىلەرگە قاراتقانلىقىدىندۇر. ئىلگىرى بەزى دۆلەتلەر بۇ خىل باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر نۇرغۇن مۇستەبىت دۆلەتلەر ئىقتىسادىي كۈچلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا، ھەمدە مۇستەبىت شېرىكلىرىنىڭ باستۇرۇش، ھەتتا ئەجەللىك ھەرىكەتلىرىگە سەل قارىماقتا.
بۇ يۈزلىنىشنىڭ نۇرغۇن مىساللىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، 2025-يىلى ئىيۇن ئېيىدا كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن G-7 باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشتى. ئۇلار دېھلى ۋە ئوتتاۋادا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرىنى قايتىدىن تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى. بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەينى ۋاقىتتىكى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدونىڭ 2023-يىلى ۋانكۇۋېر سىرتىدا كانادا پۇقراسى ۋە داڭلىق سىخ بۆلگۈنچىسى ھاردىپ سىنگى نىججارنى ئۆلتۈرۈشكە ھىندىستاننىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارە ئەيىبلىشىدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق جىددىي ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۈز بەردى. (ھىندىستان بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى، ئاندىن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قايتۇرما زەربە بېرىش دىپلوماتىك جېڭىگە كىردى.)
باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىمۇ خىتاي، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كارنىيغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتتى. گەرچە گېرمانىيە دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ۋىيېتنامنى 2017-يىلى بېرلىندىن بىر ۋىيېتناملىق سودىگەرنى تۇتۇپ كەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، گېرمانىيە ۋە ۋىيېتنام يېقىنقى يىللاردا ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتتى. گەرچە بېيجىڭ فرانسىيەدىكى خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي ھەتتا فرانسىيەنىڭ قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ فرانسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتى.
كەلگۈسىدە بۇ خىل ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن مۇداپىئەلىنىش تىرىشچانلىقى ئازايغاندەك كۆرۈنىدۇ. خىتاي، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە باشقىلارغا مۇستەبىتلەرنىڭ چىگرا سىرتىدىكى ھوقۇقىغا قارىتا قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئازلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە دۇنيا كەلگۈسىدە ئۆز دۆلىتى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان بۇ خىل قورقۇتۇش تاكتىكىسى ۋە جىنايەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئەسەر پەقەت ئاپتورنىڭلا كۆز قارىشى ۋە پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كونسولى ھىچبىر دۆلەتكە بېقىنمىغان مۇستەقىل بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ئاقىللار ئامبىرى ۋە نەشرىيات بولۇپ، سىياسەت مەسىلىلىرىدە ھېچقانداق ئورگاننىڭ مەيدانىنى تۇتمايدۇ.
ئىلاۋە: بۇ ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كونسولى تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2025-يىلى 19-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز: https://www.cfr.org/expert-brief/transnational-repression-grew-2025-and-it-will-only-get-worse

