You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى

ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى

ئاپتورى: گ. راندال ماكنامارا (G. Randall McNamara)

ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئەنۋەر ئەخمەت قاراخانلى

تەھرىر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن گ. يۇلغۇن ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئەسەر  1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆچۈش، زامانىۋىلىشىش ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن يوقىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرىنىڭ تەرەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.  ئەسىرلەر بويى داۋاملىشۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت، سودا ۋە قايتا ئورۇنلىشىش ئالاقىسى، بۇ يىغىنىنىڭ يېمەكلىك ۋە ھەرىكەت دېگەن تېمىسى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇ ماقالە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تولۇق تىزىپ چىقىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار خىتاي ئىچىدە، ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىدە ئىنتايىن كۆپ خىللىققا ئىگە.  ئاپتور ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يىپەك يولى بويىدىكى ئاشخانىلاردا ۋە ھويلىلاردا تاماق ئېتىشكە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇپ، ماقالىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ شەخسىي قاتنىشىش ۋە كۆزىتىشىكە ئاساسلانغان.

بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىغىلىشلىرىدا نېمە ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرى ۋە تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى رەقەملىك ھەمبەھىرلەش ئۈچۈن دۇنياۋى سۇپا قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ئاۋازسىز ھالدا قوللاش بىلەن چەكلىنىپ، ئەنئەنىلەرنى پەقەت ئۆز ئۆيلىرىدە ۋە ۆز ئ جامائىتى ئىچىدە   ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلىغان.

ھەم ئىنسانلار ۋە يېمەكلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ قەدىمىيلىكى، ھەم يەرلىكنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتى ئەستە چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. — سىدنىي مىنتز

بىر گۈزەل ۋە يورۇق ھويلىدا، چوڭ قازاندا دۈملەنگەن  پولونىڭ ئاستىدا ئىسلىق ئوت يالقۇنلىرى ئۇسۇلغا چۈشمەكتە.  قىزىپ تۇرغان كاۋاپدان ئۈستىدە، ئەر ساھىبخان كاۋاپ، لازا، پەمىدۇر ۋە پىيازلارنى كاۋاپ قىلماقتا.   نېرىدىكى بىر ئۈستەلدە تۈرلۈك نان، شىرنىلىك قوغۇن، ياڭاق – كىشمىشلەر،  ۋە قىزىق چاي قويۇلغان.  بۇ تومۇز يازدىكى بىر زىياپەت. شۇنداق، ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەت — ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ نورمال بىر ئەھۋال.

ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرى زامانىۋىلىشىش، چەتكە قېقىلىش ۋە كۆچۈش سەۋەبىدىن ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن تارىخىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن باشقا، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى  1989- يىلىدىن ھازىرغىچە ئالماتا، بىشكەك، ئىستانبۇل ۋە ۋاشىنگتون قاتارلىق جايلاردىكى، يەنى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان شەخسىي ۋە كەسپىي ئالاقىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن.  خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان تۇغقانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىسىملار ئاشكارىلانمىدى.

گەرچە بۇ ماقالە ئېتنورافىيەلىك تەتقىقات مېتودولوگىيەسىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر خىتاي ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تائاملىرىنى تولۇق تەسۋىرلەش ئەمەس، بەلكى يېمەكلىككە مەركەزلەشكەن ھالدا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئويلىنىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ۋە تەھلىلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەسەردە كۆرسىتىلگەن نۇرغۇنلىغان نەقىللەر پەقەت بۇ تېما توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىللەپ، تەتقىقاتچىنىڭ خۇلاسىلىرىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىدە كۆز قاراشلار ۋە تەم تاللاشلىرى كۆپ خىل بولغانلىقتىن، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى مۇھاجىرلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يېڭى دۆلەتلەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، جۈملىدىن يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

چۆل بوستانلىقلىرىنىڭ چەكلىك تېرىلغۇ يەرلىرىگە تارقالغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەتىنىنى سۆيۈنۈش بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ.  1955- يىلى خىتاي بۇ غەربىي ئۆلكىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىدى، بۇنىڭ مەنىسى «يېڭى زېمىن» دېگەنلىكتۇر. دۇنيادىكى ئەڭ ئاز تونۇلغان ۋە ئەڭ چەت رايونلارنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاسىيانىڭ ھەم ھەقىقىي ھەم سىمۋوللۇق مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، غەربتە تۈركىيەدىن باشلاپ شەرققە قاراپ موڭغۇلىيە ۋە خىتايغىچە بولغان يىراق ۋە قۇرغاق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  قەدىمكى سودا يوللىرى چۆل ۋە تاغلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، رايونلارنى رايونلارغا، يېزىلارنى بازارلارغا ۋە شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرغان بولۇپ، بۇ يوللار ۋە ئۆتەڭلەر تورى بىرلىكتە «يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان. بۈيۈك تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت ۋە تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق ئۆزئارا يېقىنلىق ھېس قىلغان، ئەمما ئۆزلىرىنى زامانىۋى مەنىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللەت ياكى ئىمپېرىيە دەپ قارىمىغان. ئىسلامىي سالاھىيەت ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق رىشتە بولغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمدىن تارتىپ مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشىنى ۋە دائىمىي كۆچۈشلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. زامانىۋى دەۋردە، ئاۋۋال رۇسىيە ۋە خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، ئاندىن يىگىرمىنچى ئەسىردىكى كوممۇنىستىك تۈزۈملەر سەۋەبىدىن بىر قانچە قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشى يۈز بەردى (Millward 2021). زامانىۋى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخى 1870 – يىللىرىدا باشلانغان بولۇپ، 1955 – يىلىدىن كېيىن زور دەرىجىدە كۆپەيدى؛ ھازىر بولسا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بۇ رايوننى تاشلاپ قېچىۋاتقانلىقتىن داۋاملاشماقتا. خىتاي نۆۋەتتە بۇ رايوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ يېقىندا يېزا رايونلىرىدىكى خىتايلارنى شەھەرلەرگە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدىلا، خىتاي مىقياسىدا 250 مىليونغا يېقىن كىشى يېڭىدىن سېلىنغان شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىردى.

ئۇيغۇرلار كىم؟

خىتايدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىزمىنىڭ ئاتېئىزمىنى ۋە ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىش ھەم ئىجتىمائىي ئازادلىق نىشانلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جەنۇبىي سىبىرىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋەتىنى دەپ قارايدۇ. مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، ئۇلار تەكلىماكان چۆللىنى چۆرىدىگەن بوستانلىقلارغا ئورۇنلىشىپ، يىپەك يولى بويىدىكى سودا پائالىيەتلىرى سايىسىدا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن گۈللەنگەن.

ئۇيغۇرلار سودا ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشقا تۈرتكە بولغان بولۇپ، تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە شامانىزىم، خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان، ئاخىرىدا مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە ئىسلام دىنى (سۈننىي مەزھىپى) نى قوبۇل قىلغان (Buell et al. 2020, Millward 2021, Roberts 2020).  تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇلار ئۆزبېكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك (Buell et al. 2020).  بىرلىكتە ئالغاندا، ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار جەنۇبتىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوخشاش مەدەنىيەت بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان تىبەتلىك قوشنىلىرىغا قارىغاندا دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىغا ناھايىتى ئاز ئېرىشمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىمانچىلىققا تولغان تارىخى 1960 – يىللاردىن تارتىپ خىتايلىق ئەمەلدارلار، ساقچىلار، كۆچمەنلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ بۇ رايونغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن داۋاملاشماقتا. ئېنىق ساندىلارغا ئېرىشىش تەس بولسىمۇ،  1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىدىكى ئۇيغۇر – خىتاي نىسبىتى %7-75 ئىدى؛ 1982 – يىلىغا كەلگەندە بۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىپ %40-45 بولدى، 2020 – يىلىغا كەلگەندە بولسا، تەخمىنەن %42-45 بولدى (Roberts 2020). ئۇيغۇرلار ئاساسەن شەھەرلەردە ياشايدۇ ھەمدە سودىگەر، ھۈنەرۋەن ۋە دېھقان سۈپىتىدە ئىشلەيدۇ.

ئۇيغۇر تائاملىرى

جۇغراپىيە ۋە دىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئاشپەزلىك مەدەنىيىتىگە بىر تۇتاش تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇزۇن ۋاقىتلىق قۇياش نۇرى مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەمىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ تاتلىق قوغۇنلارنى، تەملىك كۆكتاتلارنى ۋە تېخىمۇ ئاچچىق مۇرچلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەيلى ھەقىقىي ياكى تەسەۋۋۇر بولسۇن، يۇرتىدىكى خام ئەشيالارنىڭ  ئ‍ەسلى تەمى نۇرغۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان يېڭى دۆلىتىدە مەھسۇلاتلارنى يېگەندە ئەڭ ئېنىق ئەسلەيدىغان نەرسىسىدۇر.  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سېغىنىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ھېچقانداق يەردە سۇنىڭ بۇنچە تاتلىق، قوغۇننىڭ بۇنچە تەڭداشسىز ۋە زىرەنىڭ بۇنچە ئېسىل ئەمەسلىكىنى ئېيتىشىدۇ. مېھماندوستلۇق ۋە غىزالىنىش ئەتراپىدىكى ئىسلامىي ئەنئەنىلەر بۇ رايوننىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە خىتايلار ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مۇسۇلمان يېمەكلىكى» دەپ ئاتايدۇ ۋە «مۇسۇلمانچە» (ھالال ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ بىرىكمىسى) دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. يېمەك – ئىچمەك قائىدىلىرىدىن ھالقىغان ھالدا، مۇسۇلمانلار يېمەكلىكنى «بەرىكەت» ياكى ئىلاھىي مەرھەمەتنىڭ ۋاسىتىسى دەپ ھۆرمەتلەيدۇ (Tayob 2020). بۇ تاماق ۋاقىتلىرىدا ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا ساھىبخانلارنىڭ سېخىيلىقى، مېھرىبانلىقى ۋە ھەمبەھىرلىنىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. يېنىك تېتىتقۇلانغان ئۇيغۇر تاماقلىرى سەمىمىي مېھماندوستلۇق بىلەن بىرلەشكەندە، رايوندىكى گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرق، ئىسلام ۋە كۆچمەن مەدەنىيەت تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خىتاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار «مۇسۇلمانچە» ئاشخانىلىرى ۋە قەھۋەخانىلىرىدا چوشقا گۆشى ۋە ھاراق يوق دەپ جەزمەن بىلەلەيدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاي مىقياسىدا ھالال ئاشخانىلار، يېمەكلىك ھارۋىلىرى ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ئەرەبچە ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ياكى ئىسلامىي سىمۋوللارنى كۆرسىتىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بىر ھەرىكەت باشلاندى. خىتاي بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ بوغۇلۇشى پەقەت شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تۈركىستاننىڭ يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرى يىپەك يولى سودا لىنىيەلىرى ئارقىلىق ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت ئوخشاشلىقلىرى ۋە تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رايون خاراكتېرلىك تائاملارنىڭ جەۋھىرىنى ياكى ئەسلىي تەمىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش، چۈنكى سالاھىيەت، تەم تاللاش ۋە ئېنىقلىمىلارنىڭ ھەممىسى تالاش – تارتىشتىكى ئۇقۇملاردۇر. ئاشپەزلىك چېگرالىرى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، ھېچقانداق مىللەت ياكى خەلق بىر تۈركۈم تاماق تەييارلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماسلىقى كېرەك (King 2019).  شۇنداق بولسىمۇ، يېمەكلىك يازغۇچىلىرى ۋە ئاشپەزلىك مىللەتچىلىرى دائىم تائاملارنى مەلۇم بىر سىستېمىغا سېلىشقا ئۇرۇنىدۇ (King 2019). ئۇيغۇر تائاملىرى كۆپ خىل ۋە سىرلىق بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى دائىرىسىدە يەنىلا تونۇلىدۇ. ئۇ ئۆزبېك ۋە پارس تائاملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ گۈرۈچ تاماقلىرى، قوي گۆشى ۋە نانلارنىڭ مەركىزىي رولى جەھەتتە شۇنداق.

بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ كۆپ خىللىقىغا قارىماي، بۇ رايوندىكى تائاملار نۇرغۇنلىغان تەبىئىي ئوخشاشلىقلارغا ئىگە (Buell et al. 2020).  يەرلىك قويلار، بادام ۋە ئالمىلاردىن تارتىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم بولغان تارىخىي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بولغان چاي، گۈرۈچ ۋە زىرەگىچە، بۇ رايون ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك ساھەسىدىكى خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك خام ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ رايون ئاجايىپ تەملىك قوغۇن، پەمىدۇر، ئۈزۈم ۋە خورمىلارنى تەمىنلەيدۇ. لەغمەن ۋە پولونىڭ تۈرلىرى ئاساسەن ناھايىتى كۆپ خىل بولۇپ، بۇ رايونلنىڭ ۋە ئائىلىۋى پەخرىنىڭ بىر ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.  پولو ئاساسلىق يىغىلىشلاردا ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە تارتىلىدۇ، لەغمەن بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىدىغان يېمەكلىك سۈپىتىدە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا خىزمەت قىلىدۇ. پۈتۈن دىئاسپورادا يېمەكلىك ۋە سىياسەت بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.  نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چوڭلىرى بىلەن بىللە لەغمەن سوزۇشنى ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ مۇھاجىرەت ئەسلىمىلىرىدىكى مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر پەيت دەپ سۆزلەيدۇ (Manadath 2021).

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىردىكى تۈركىي تىللار لۇغىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مەن تۇ (مانتا)، كاۋاپ، بۇغداي بوتقىسى ۋە قېتىق، ئايران، قىمىز قاتارلىق ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېمەكلىككە قوشقان تۆھپىلىرى كۆرسىتىلگەن.  بۇ ئەسەر يەنە يېمەكلىك، خام ئەشيا ۋە ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئونلىغان ئىپادىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى تۈركىي شېئىرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (Kashgari 1985). ئۇ يەر ئاستى ئوچاقتا پىشۇرۇش، كاۋاپ قىلىش ۋە ساپال قازانلاردا نان يېقىشلارنى تىلغا ئالىدۇ.

شۇ ئەسىردە، ئىبن  سىنا يېمەك – ئىچمەك ۋە مىزاج تەجرىبىلىرىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇ ھېلىھەممۇ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە (Mack 2005).  پارس مىزاج نەزەرىيەسىنى ئەنئەنىۋى خىتاي تېبابەت قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، ئايرىم يېمەكلىك ۋە تاماقلارنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، نەم ياكى قۇرغاق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەم دورىلىق ھەم ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ساغلاملىق ئۈچۈن شۇ مىزاجلارنى تەڭشەش ئاچقۇچلۇقتۇر. ئۇسۇللارغا كەلسەك، ئۇيغۇر ئەرلىرى كاۋاپدان بىلەن سىرتتا كاۋاپ قىلىشنى، قورۇش، دۈملەش ۋە قاينىتىش ئۈچۈن قازان ئىشلىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.  ئۇلار يەنە ھېيت – بايرام ۋە ئائىلە يىغىلىشلىرىدا پۈتۈن قوينى كاۋاپ قىلىش بىلەن داڭلىق. كوچىدا تاماق  ساتقۇچىلار ۋە ئائىلە ئاشپەزلىرى قىزىپ تۇرغان چوغدا كاۋاپ تەييارلايدۇ، تونۇرلاردا نان ۋە سامسىلارنى ياقىدۇ، ھەمدە مانتىنى مانتىپەز ياغاچ قاسقاندا  پىشۇرىدۇ.

مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، پارس ئوردا ئاشپەزلىكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسى بويىدىكى ئاساسلىق سودا مەركەزلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى (Lauden 2013). ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇيغۇر تائاملىرى يەنە خىتاينىڭ بىر قانچە تاماق ئېتىش ئۇسۇلى ۋە قوراللىرىنى، بولۇپمۇ قازاندا قورۇش، ھوردا پىشۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ۋە چوكا ئىشلىتىشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن (Buell et al. 2020, Wang 2015).  بەزى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تاماقلىرى يېقىنقى يىللاردا ئاممىباب سىچۈەن تائاملىرىنىڭ تەسىرى بىلەن تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى، دەپ ئاغرىنىدۇ چوڭلار. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۇيغۇر لەڭمىنى ۋە تۈگرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىۋاسىتە خىتايغا باغلايدۇ.  ھالبۇكى، خېمىرنىڭ ئاساسىي خام ئەشياسى بولغان بۇغداي مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن، يېقىنقى ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر تۈركىي لەغمەنلىرىنىڭ خىتاي چۆپلىرىدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى (Dağyeli 2018, Spengler 2019, Wang 2015).

ئادەتتە ئاشخانىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاچچىق كالا گۆشى لەڭمىنى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى لەنجۇدا ھازىرقى زاماندىكى داڭقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،  نۇرغۇن خىتاي مەنبەلىرى غەربتىكى تۈركىي بۇغداي تائاملىرىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي مىقياسىدا كەڭ تارقالغانلىقىنى — سوزما لەغمەن (لاميەن)، ياقما نان (شاۋبىڭ) ۋە خونتون جۇۋاۋىسى (خۇنتۈن) قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىدۇ (Wang 2015, 52-53). ھازىرقى ۋەكىللىك تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدا تەھدىت سۈپىتىدە. نۆۋەتتىكى خەۋەر ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلار دائىم خىتايدىكى بىر تۈركىي ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدىلا تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا پەقەت بىر خىتاي مىللىي دۆلىتى دائىرىسىدىلا قاراش رېئاللىقنى بۇرمىلايدۇ. خىتايدا تەخمىنەن ئون مىليون ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئۇلار خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %1 گىمۇ يەتمەيدۇ.

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. مۇنداق تىرىشچانلىقلار مۇستەملىكە قىلىنغانلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇستەملىكىچى ئارزۇلارغا ئاساسلانغان، ئەمما ئۇلارنى ھەرگىزمۇ باراۋەر دەپ قوبۇل قىلمايدۇ (Roberts 2020). ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەمۇ يېقىنقى تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلىرى بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك بىر ئىلاۋە سۈپىتىدە، خىتايدىكى يەنە بىر رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت تۇڭگانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ سانى ئون مىليون ئەتراپىدا، يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش.  مىللەت جەھەتتىن خىتاي بولغان تۇڭگانلار (خىتاي سىرتىدا دۇڭگانلار دەپ ئاتىلىدۇ) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى، كىيىم – كېچىكى، فامىلىسى قاتارلىق باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرى مىللەتچىلىك ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تولۇق ئاسسىمىلياتسىيەنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئادەتتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بېسىمغا ئۇچرىمايدۇ (Mack 2005).

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەدەنىيەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. ئۇيغۇر تىلى تۈركىي تىل سېستىمىسىدا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇ ئۆزگەرتىلگەن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا يېزىلىدۇ، بۇ خىتايچە سۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن پۈتۈنلەي چۈشىنىكسىزدۇر (Millward 2021).  ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال قويىدۇ، ئاياللىرى بېشىغا ياغلىق چىگىدۇ ۋە ئەرلەر بىلەن قول ېلىشىپئ كۆرۈشمەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار ھالال يېمەكلىك قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، چوشقا گۆشى ۋە ھاراقتىن پەرھىز تۇتىدۇ. ئۇلار قوي گۆشى ۋە تونۇر نانلىرىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ، خىتايلار بولسا ئادەتتە باشقا ھايۋانات ئاقسىللىرىنى ۋە گۈرۈچنى تاللايدۇ. خىتايلار ئادەتتە مۇسۇلمانچە تائاملارغا ۋە ئۇ تائاملارنىڭ ىەىسىگەئ بولغان سەل قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. خىتاي خەلقى ھەتتا قوي پۇرىقىنى «سۇ» (Soo) دەپ تەسۋىرلەيدۇ، بۇ سېسىق، پۇراپ قالغان، ئاچچىق، تەر ياكى چۈچۈك دېگەن مەنىدىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەسۋىردۇر.

تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئاشپەزلىك ئادەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قارىشىدىكى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئەمەس. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ رايونغا نىسبەتەن جىددىي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بار. بۇ رايون نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مېتال ۋە مىنېرال ماددىلار قاتارلىق غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە، بۇنىڭدىن باشقا ئوتلاق، سۇ بايلىقى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى تىلغا ئالماسلىق مۇمكىن ئەمەس (Millward 2021, Wong 2014) . 2000 – يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ خىتاي تۆمۈر يول، تۇرۇبا يولى ۋە تاشيوللارنى ياساپ، شەرقىي تۈركىستاننى پەقەت پايتەخت بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينى ياۋرو – ئاسىيا ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇردى.

ئامېرىكىدىكى 2001-يىلى  11-سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش، خىتاينى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش نامىدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق باھانىلەر بىلەن تەمىنلىدى (Roberts 2020). خىتاي بەزى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە تەربىەلەنگەن. خىتاي ئىچىدىكى ۋە چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت.

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىن مۇتلەق كونتروللۇق ئورناتتى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان چاغلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتتى. ئېنىق سانىنى بېكىتىش قىيىن بولسىمۇ، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.  ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ياشايدۇ، يەنە 50،000 ئەتراپىدىكى كىشىلەر تۈركىيەدە.  سوۋېت دەۋرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار رۇس تىلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، رۇس مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى.  ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئەنئەنىلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تېخىمۇ يېڭى مۇھاجىرلار توپىنىڭ كەچمىشلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدە جەمئىي 10،000 دىن 20،000 غىچە ئۇيغۇر ياشايدۇ (Kuşçu 2014, Reyhan 2012, Roberts 2020;). ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان سىرتىدا 1 مىليوندىن 1.5 مىليونغىچە ئۇيغۇر بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ (Amnesty International 2020). يېقىندا كۆچكەن نۇرغۇن گۇرۇپپىلار، ھەتتا تۈركىيە ياكى مالايسىياغا ئوخشاش مەدەنىيەت جەھەتتىن تونۇش جايلاردىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئائىلىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق پوسىتسىيەسقدە تۇرماقتا.

دىئاسپورادا ئۇيغۇر تامىقى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى

سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا، رەھبەرلەر دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا مىللىي مەدەنىيەتنى قوللىدى، كۈچەيتتى، ھەتتا يېڭىدىن ئىجاد قىلدى. تەتقىقاتچىلار ھەتتا 1990 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئۆزبېكىستاندا باشقا مۇھىم ئىشلار بولسىمۇ، مىللىي تائاملار كىتابى تۈرلىرىدە مەخسۇس ئىشلىگەن. يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر دۆلەتنىڭ تارىخى يېڭى مۇزېيلارنىڭ سېلىنىشىنى، مىللىي ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ  دۆلەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشىنى ۋە كۈتۈپخانىلاردا ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلاتتى (Mack 2005). ئاشپەزلىكمۇ مۇشۇنداق مىللەتچىلىك مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىلەر ۋە مىللىي تائاملارغا ئائىت كىتابلار مىللىي تائاملارغا ئېنىقلىما بەردى، ئاشخانىلار بولسا، ئاتالمىش «ئەسلىي» تاماقلارنى بازارغا سالدى. زامانىۋى ئاشپەزلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مىللىي تائاملارنى تارتىدىغان ئاشخانىلار، مىللىي تائاملارنى سىستېمىلاشتۇرىدىغان يېمەك – ئىچمەك كىتابلىرى ۋە يېمەكلىك بايراملىرى مىللەت قۇرۇش ۋە مىللىي سالاھىيەتنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ (King 2019, Spengler 2000).

يېمەكلىك دىئاسپورادا مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. غەربنىڭ يېمەكلىك بايانلىرى دائىم باشقا مەدەنىيەتلەرنى زامانىۋى بىر ئاشخانا تاماق تىزىملىكى پىرىزمىسى ئارقىلىق كۆرىدۇ — يەنى باشقا بىر زېمىننىڭ ئىشتىھا ئاچقۇچى يېمەكلىكلىرىنى، سالاتلىرىنى، ئاساسلىق تاماقلىرىنى ۋە تاتلىق تۈرۈملىرىنى ياۋروپادىكى تەڭداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ (King 2020, Spengler 2000). ياكى يەرلىك بولمىغان ئوبزورچىلار «چەتئەل تائاملىرى» ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شۇ مەدەنىيەت بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئۇچرىشىش تەجرىبىسىگە تايانماي، بەلكى سالاھىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى ياكى تاۋارلارنى سېتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تاماق كىتابلىرى، تور بېكەتلەر ياكى باشقا تاراتقۇلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تاماشىبىنلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنىدۇ.

زامانىۋى دەۋردىكى مىللەتچىلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى يېمەكلىك ئارقىلىق — تاماق كىتابلىرى، ئاشخانىلار، يىغىلىشلار ۋە بايراملار، شۇنداقلا تور ئارقىلىق كۆپ ۋاسىتىلىك تونۇشتۇرۇشلار بىلەن ئىپادىلەشنى تاللىدى (Appadurai 1988). نۇرغۇن مەدەنىيەت گۇرۇپپىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاشپەزلىك ئۆزگىچىلىكىنى ۋە مىراسلىرىنى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى تاماق كىتابلىرى، ئاشپەزلىك ساياھىتى ۋە ئاتالمىش شۇ زېمىننىڭ تەمىنى تەمىنلەيدىغان ئاشخانىلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ (King 2019). خىتاي ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلىك ساھەسىنى ئېچىشتىن پايدىلىنىپ، كونا شەھەرلەرنى چېقىپ تۈزلەپ، شىئەندىن قەشقەرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر يېمەكلىك بازارلىرى، دۇكانلىرى ۋە چايخانىلىرىنى دىسنىي ئۇسلۇبىدىكى يېڭىياچە شەكلىنى ياراتتى. بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىدا ۋە يېڭىلانغان ئۇيغۇر ساياھەت كوچىلىرىدا خىتاي بايراقلىرى، رەئىس شىنىڭ سۆزلىرى ۋە سۈرەتلىرى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان كوممۇنىستىك شوئارلارنىڭ كۆرسىتىلىشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىشانى ۋە ھەرىكەتلىرى، ھەتتا بىر دۆلەت ئىچىدىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. كۆزقاراشلار مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشتىن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغىچە بولغان دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (Abdulbakieva 2020). خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ۇيغۇر جامائىتى چوڭ – كىچىك توي – تۆكۈن ۋە ئۆلۈم – يېتىم قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە، مەشرەپ ۋە چايلاردا (قىرغىزىستاندىكى ئاياللار ئۈچۈن)، شۇنداقلا توي ياكى ئىسلامىي ھېيت – بايراملاردا، بولۇپمۇ قۇربان ھېيتتا يېمەكلىك تەييارلاش ئۈچۈن جەم بولىدۇ.

ئەرلەر ئۈچۈن مەشرەپ ۋە ئاياللار ئۈچۈن چاي؛ مۇزىكا، ناخشا، ئەخلاقىي تەلىم – تەربىيە ۋە بەلكىم دىنىي تەركىبلەر بىلەن مەدەنىيەت تەربىيەسى رولىنى ئوينايدۇ (Brophy 2016, Roberts 2004). ئەنئەنىۋى مەشرەپ ۋە چايلار ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلەتتى، گەرچە بەزى گۇرۇپپىلار قولايلىق ۋە ئەرزان بولسا، ئاشخانىلاردا كۆرۈشسىمۇ شۇنداق. مەشرەپ يەنە ياش يىگىتلەر ئۈچۈن رىشتىلەرنى باغلاش ۋە ۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ ئ بىر قىسمى بولالايدۇ، ئاياللار بولسا چاي جەريانىدا كېيىنكى پائالىيەتلەرنى پىلانلايدۇ ۋە تاماق رېتسېپلىرىنى ھەمبەھىرلەيدۇ؛ ھازىر بۇ پائالىيەت دىئاسپورادا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئەنئەنىلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالەتكە تەرەققىي قىلدى.

ئاشخانىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى جامائەت ئارىسىدا زور رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. بىر يېمەكلىك تارىخچىسى مىلادىيە ئون توققۇزىنچى ئەسىردە پارىژدىكى ئىنگلىز ۋە ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ، چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەمما ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر خىل ئۇسۇلدا، «مىللىي خاراكتېر» ئاشخانىلارنىڭ غىزالىنىش زاللىرىدا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تۇنجى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن (Spang, 2000, 2-بەت). 193تېخىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن يېرى، بىر مۇھاجىر ساھىبخان يېڭى بىر زېمىندا ئۆز قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ساپلا ھايات قېلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئاچىدۇ. مەلۇم بىر مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تائاملىرىنى تارتىدىغان ئاشخانىلار يەنە سالاھىيەت يارىتىش جەريانىدا رول ئوينىيالايدۇ.

ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنلىرى ۋە خېرىدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەر، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئاشخانا ئوبزورلىرى، ئاشخانا ئارقىلىق  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جانلىق ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشى ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر شەكلى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى «دولان ئۇيغۇر ئاشخانىسى» ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ھېكايىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ۋەزىپىسىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە غۇرۇرنى قوغداش» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ (Dolan 2022). باشقىچە ئېيتقاندا، ئاشخانىلار «دۆلىتى يوق بىر خەلق ئۈچۈن ئاشپەزلىك دىپلوماتىيەسى»نىڭ مۇكەممەل بولمىغان ۋاسىتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ (Rathi 2018). ئەمەلىيەتتە، بىر ئاشخانا بىر تىجارەت پائالىيىتىدۇر، شۇڭا تاماق تىزىملىكىگە، ئۇنىڭ ئەسلىي تەمىگە ياكى مەدەنىيەت قىممىتىگە چوڭقۇر مەنىلەرنى يۈكلەشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

ئۇيغۇر ئاشپەزلىك مەدەنىيىتى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە ۋە چەتئەلدە داۋاملىق گۈللىنىشى ئۈچۈن شارائىتلار يوق دېيەرلىك كۆرۈنمەكتە. ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مەدەنىيىتى بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئەڭ يامان بولغاندا، بىز بىر قىرغىنچىلىققا شاھىت بولۇۋاتىمىز (Serhan 2020). دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا ۆز ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئ بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.  شۇنداق بولسىمۇ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئازغىنە كىشى ئالدىن پەرەز قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشىغا بولغان يىراقتىكى بىر ئۈمىد يەنىلا مەۋجۇت. باشقىلار بولسا خىتاي ئىچىدە ۋە چەتئەلدە قولىدىن كېلىشىچە ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە تۇغقانچىلىق رىشتىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېخى 1990 – يىللاردىلا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزئارا تۇتاشقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇردى. تور دۇنياسى بۇ جەرياننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىدۇر (Reyhan 2012). تىل ۋە يېزىق تاللاش بۇ مەدەنىيەت تور بېكەتلىرى ئۈچۈن ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرى.  ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا ئالاقە ناھايىتى ئاز، چۈنكى ئۇچۇرلار ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە، شۇنداقلا لاتىن، كىرىل ۋە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا يېزىقلارنىڭ ئارىلاشمىسىدا تەمىنلىنىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى «تارىم تورى»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى»، «ئاتلاس تاراتقۇ ۋە لايىھە» ۋە «ئەركىن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ئاشپەزلىك مىراسلىرىنى ۋە بىلىملىرىنى توپلاش ھەمدە تارقىتىشقا بېغىشلانغان، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان بىر تور بېكەت يوق.  ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە تاماق ئېتىش ئىشلىرىنى ئۆز چوڭلىرىدىن ئۆگەنگەن ماھىر ئاياللار قىلىدىغان بولغاچقا، ئائىلە ئاشپەزلىرىنىڭ رېتسېپقا ياكى تاماق ئېتىش تەمىنلەنگەن تور بېكەتلىرىگە تايىنىشى يەنىلا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تاماق تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ كۆڭۈل ئېچىش ياكى سودا مەقسىتىدە.  كۆڭۈلدىكىدەك بولغاندا، تارقاقلاشقان ھەر خىل مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئاشپەزلىك روھىنى كوللېكتىپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇيغۇر ئاشپەزلىك مەدەنىيىتى ئۈچۈن مەخسۇس بىر خەزىنىنىڭ يارىتىلىشىدۇر.

ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاشپەزلەر، ئالىملار ۋە پائالىيەتچىلەر ھەمدە بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر ئاشپىزى ۋە لەغمەن ئۇستىسى رەھىمجان ئۇشۇرۇۋنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسەن (Ushurov 1992)، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئاشپەزلىك مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۇل ماتېرىياللارنى يارىتىش ۋە تەقدىم قىلىشقا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.  1995-يىلى، ئاشپەز ئۇشۇرۇۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ ئەسىرىنى تېخىمۇ كەڭ وقۇرمەنلەرگەئ تارقىتىش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىغا ھەدىيە قىلغان ئىدى. شۇ ۋەدە ئاخىرىدا رۇس، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېنىقلىمىلىرى، كۆرسەتمىلىرى، رېتسېپلىرى ۋە خام ئەشيالىرى بار بولغان كۆپ ۋاسىتىلىك تور بېكەت قۇرۇش پىلانىغا ئېلىپ كەلدى. تور بېكەت ئاشپەزلەر ۋە ئالىملار تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ. رەقەملىك مەزمۇندىن كېيىن ئۇيغۇر، رۇس ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى ئىخچاملانغان بىر باسما نۇسخىسىمۇ تەييارلىنىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشقا نەچچە ئون يىل سەرپ قىلغان بىر كىشى سۈپىتىدە، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك يازما ئەسىرىنى سەمىمىي بىر ناتونۇش كىشىگە ۋە چەتئەللىككە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئاشپەز ئۇشۇرۇۋدىن مەڭگۈ مىننەتداردۇر. بۇ تۈر يەنە كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلىنىش ھەم داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يېمەكلىك ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاپ، ئۇلارنى ھازىرقى زامان ئىشلىتىلىشى بىلەن باغلاشنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەقەملىك تور بېكەت كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۆھپىلىرى ۋە پىكىر – بايانلىرى ئۈچۈن ئوچۇق بولىدۇ. نۇرغۇن مەدەنىيەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېڭى زېمىنلاردىكى تەجرىبىلىرى شاھىت بولغاندەك، مۇھاجىرلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ تاماق ئېتىش ماھارىتىنى ۋە بىلىملىرىنى ئاسانلا ساقلاپ قالىدۇ، كېيىنكى ئەۋلادلار بولسا، ئەسلىمە ۋە ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاشپەزلىك بىلىملىرى ۋە ھېكايىلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئىزدەيدۇ.

خۇلاسە

بۇ ئەسەرنىڭ مەقسىتى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە، سالاھىيەت، مىللىي كىملىك، سېغىنىش ۋە ئەسلىي تەم قاتارلىق ئاساسلىق تېمىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئىچىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە يارىتىلغان پەرقلەرنىڭ مەدەنىيەت ھېكايىسىنى يېزىپ چىقىشتۇر. يېمەكلىك ۋە مەدەنىيەت دائىم تاۋارلاشتۇرۇلىدۇ ۋە دۇنياغا «ئەسلىي نۇسخا» سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىدۇ. سالاھىيەت، مىللەتچىلىك ۋە مىللىي كىملىك يېڭى شارائىتلارغا قاراپ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان جانلىق ئۇقۇملاردۇر. ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرى تەتقىقاتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى تائاملارنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى ئەكسىچە، زامانىۋى تېز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۈنۈم قوغلىشىش جەريانىدا يوقىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەش بولۇشى مۇمكىن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاشخانىلار ۋە تاماق كىتابلىرى ھەقىقىي بىر مىللىي تائامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. مەلۇم دەرىجىدە، ھەر ئىككىلىسى يەر شارى خاراكتېرلىك ساياھەت، تاراتقۇ ۋە ئېلان ئېقىمى دائىرىسىدە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەتكۈزىدۇ. تېخىمى كىنايىلىك ئېيتقاندا، ئاشخانىلار نۆۋەتتىكى مىللىي ياكى رايونلۇق تائاملارنى توختىماي كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، تاماق كىتابلىرى بولسا، تاماقلارنى ۋاقىتلىق ھالەتتىن مەڭگۈلۈك ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ. يېمەكلىك ۋە يېمەك – ئىچمەك ئەنئەنىلىرىگە كەلسەك، بۈگۈنكى كۆپ ۋاسىتىلىك، ماركا، ھېكايە ئېيتىش ۋە ئەپسانە يارىتىش دۇنياسىدا، مىللەتلەر ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى تائاملار ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا سىمۋوللۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرى ئارىسىدا ئازغىنە پەرق باردەك كۆرۈنىدۇ. 194ئاخىرىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشپەزلىك، تاماق ئېتىش ۋە مېھماندوستلۇق ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ۋە ئېنىقلىمىلىرىمىز بىلەن چەكلىنىپ قالىمىز.  نۇرغۇن جەھەتتىن، بىز ئاشپەزلىك ئىپادىلىرى ئۈچۈن قېلىپلاشقان ۋە يەر شارىلاشقان بىر تىزىملىكنى جىمجىت ئوقۇپ چىقىشقا كۆنۈپ قالدۇق.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە 2022 – يىللىق دۇبلىن ئاشپەزلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنۇلغان

ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسى: Uyghur Cuisine and Identity: An Historical Overview of a Discreet Diaspora

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top