You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىسى

ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىسى

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنداشلىرىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

ئاپتورى: ئېللىئوت ئابرامس Elliott Abrams

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: شاتگۈل پاكزات

تەھرىر: ئابدۇلھەمىد قاراخان

يىگىرمە بەش يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق خىرىستىيانلار ئۆزلىرى بىلەن ئېتىقادتىن باشقا ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان، دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدىكى خىرىستىيانلارنى ئالاھىدە قوللىدى. بىر تەتقىقاتتا ئېيتىلغىنىدەك، «1990-يىللار ۋە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا، سۇداندىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئۇ يەردىكى خىرىستىيانلارنىڭ تەقدىرى ئامېرىكا خىرىستىيانلىرىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىسىگە ئايلانغان» ئىدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيەنىڭ ئېفىيوپىيە يەھۇدىيلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى يەھۇدىي دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلىيەلەيمىز. يىللار مابەينىدە 85000 دىن ئارتۇق ئېفىيوپىيە يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يېقىندا ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيمەكتە» ناملىق بىر دوكلاتىنى ئوقۇغىنىمدا، خىرىستىيانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بۇ خىل ئىتتىپاقلىقى ئېسىمگە كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائېر پاكىتلار ئېنىق بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. 2018-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەيئىتى بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقىنى ئېيتتى. تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CFR) نىڭ قىسقىچە دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە: «ئامېرىكا باشچىلىق ئون نەچچە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىنى ئەيىبلىدى. ب د ت ئەمەلدارلىرى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى». 2021-يىلى 1-ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. پرېزىدېنت بايدىن سايلام مەزگىلىدە خىتاينىڭ قىلمىشلېرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەسۋېرلىدى. سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن پومپېئونىڭ باياناتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەمما CFR دوكلاتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆۋەندىكى جۈملىلەر بار ئىدى: 2019-يىلى 7-ئايدا، كۆپىنچىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر (بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىغا يوللانغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىگەن باياناتىغا ئىمزا قويغېنىدىن كېيىن، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇز نەچچە دۆلەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى «ئاجايىپ نەتىجىلىرى» ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تىرىشچانلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان بىر باياناتقا ئىمزا قويدى.

ئەمەلىيەتتە، ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى (تۈركىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا) ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشقا ياردەم بەردى، ھەتتا تۈركىيە، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق بۇ ئۈچ دۆلەتمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باياناتىغا قوشۇلۇشنى رەت قىلدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەھرىرىي ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 37 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ باياناتى «پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە ۋە باشقا كۆپىنچە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ نومۇسسىزلارچە تەسلىم بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ دۆلەتلەر دائىم ئېتىقادنىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، – بولۇپمۇ ئىشلار ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشكە چېتىشلىق بولغاندا.»

نېمە ئۈچۈن؟  نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىنداشلىرىغا نىسبەتەن قوللاش بۇنچىلىك كەمچىل؟  گاردىئان گېزىتىدىكى نىك كوئېن مۇنداق يازدى: «مۇسۇلمانلارنىڭ جىم-جىتلىق ئىچىدە ئازاب تارتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، رۇشدې، جىللاندس-پوستېن ۋە چارلى ئېبدوغا قارشى غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقىدۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بىر سەپ بولىشى دېگەن ئۇقۇمنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەندىلا ئىشلىتىدۇ».

بېرمادىكى مۇسۇلمان رۇھىڭگالارغا كەلسەك، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن. ئەمما بېرما ئاجىز، خىتاي بولسا كۈچلۈكتۇر.

تۈركىيەدىكى بىر نەشرياتنىڭ ماقالسىىدە مۇنداق دېيىلگەن: مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت پەلەستىنلىكلەر، كەشمىرلىكلەر ۋە رۇھىڭگالىقلار دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋالدىن پەرقلىنىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى دىن قېرىنداشلىرىنىڭ نالە-پەريادلىرىغا ئاساسەن پىسەنت قىلمىدى، بۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماھىيەتتە، خىتاي تېز سۈرەتتە ئۆزىنى بارلىق كۈچلۈك ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم سودا ۋە دىپلوماتىك ھەمراھىغا ئايلاندۇردى.

بۇ تولىمۇ ئاددىي، ئەمما بۇ ئەلۋەتتە بىر ئاقلاش ياكى يوللۇق كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر چۈشەندۈرۈشتۇر. دەرۋەقە، سىياسەت بەلكىم ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس. ئەرەب دۇنياسىغا نىسبەتەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاشقا ئېرىشەلماسلىكى ئۇلارنىڭ ئەرەب ئەمەسلىكى ۋە قانداقتۇر «ھەقىقىي مۇسۇلمان» دەپ قارالماسلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئەرەب بولمىغانلارغا بولغان مۇئامىلە مۇرەككەپ بىر تېما. نېمىلا بولمىسۇن، ئەرەب بولمىغانلار بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر ئىدى. (مەسىلەن، جون رالف ۋىللىس تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇسۇلمان ئافرىقىسىدىكى قۇللار ۋە قۇللۇق» ناملىق كىتابنىڭ 1-توم، 10-بابىدىكى دانىيال پايپسنىڭ «مەۋلالار: دەسلەپكى ئىسلامدىكى ئازاد قىلىنغان قۇللار ۋە دىنغا كىرگەنلەر» دېگەن مۇنازىرىسىگە قاراڭ.) بۈگۈنكى كۈندە ئەرەبلەرنىڭ كۆپ خىل كوللېكتىپ ئېڭى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بارلىقى ھەمدە بۇلارنىڭ دۆلەت سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. گەرچە ئىسلام دىنى بارلىق مۆمىنلەرنىڭ مۇتلەق باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەرەبلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقتىن كۈچلۈك بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس (ئەلۋەتتە، پان-ئەرەب ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىگىمۇ سوئال قويۇشقا بولىدۇ).

بىراق شۇنداق بىر خۇلاسىگە ئاسانلا كىلەلەيمىز، بۇ خىل مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي ھەمكارلىق بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغاندىلا قوللىنىلىدۇ، بولمىسا سەل قارىلىدۇ. بۇنىڭدا زىيان تارتىۋاتقانلار بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ دىنىي ھەمكارلىقى ۋە قوللىشىغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كىشىلەردۇر. باشقىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ساۋاق بەلكىم ھېچقانداق پرىنسىپقا تايانمىغان ھالدا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، پەلەستىنلىكلەر بىلەن بولغان — ئاتالمىش «پرىنسىپال دىنىي ھەمكارلىق» بايانلىرىنى چەتكە قېقىش بولسا كېرەك.

ئىلاۋە: بۇ ماقالە تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تورىدا (Council on Foreign Relation) ئېنگلىز تىلىدا 2021-يىلى 29-نويابىردا ائېلان قىلىنغان.

ماقالىڭ ئىنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسىنى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز: https://www.cfr.org/blog/uighurs-and-question-muslim-solidarity

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top