خىتاي بىلەن تىركىشىپ، يولدىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ئايال
ئاپتورى: توم لېۋىت (Tom Levitt)
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت
خىتاي زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدرىس بىلەن زەينۇرە ھەسەن ئائىلىسىنىڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ئەمما بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ۋە قايتا جەم بولۇش يولىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشكە سەۋەب بولدى.
2021-يىلى 7-ئايدا زەينۇرە ھەسەن ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە تۇرغاندا، يولدىشى ئىدرىس ھەسەن ئاخىرى تېلېفون قىلغان. ئۇنىڭ كاسابلانكاغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تاپقاندىن بۇيان تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ جىمجىتلىق ئازابلىق بولغان ئىدى.
ئەمما ئىدرىسنىڭ ھازىر ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن خەۋىرى تېخىمۇ يامان ئىدى. ئۇ ماراكەشكە يېتىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، ھەمدە ئۇنىڭغا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇ تېلېفون ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن: «ماڭا ياردەم قىلالايدىغان، مېنى قۇتقۇزالايدىغان كىملەر بولسا ھەممىسىگە تېلېفون قىل،» دېگەن.
31 ياشلىق زەينۇرە ھەسەن بىلەن 37 ياشلىق ئىدرىس ھەسەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىلدا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەسچىتكە بېرىش ياكى ھىجابلىنىشقا ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلار سەۋەبىدىن «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە قىيناشقا دۇچار بولغان.
بۇ ئەر-خوتۇن 2010-يىللىرى تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار دىئاسپورادا بىخەتەر ياشايمىز دەپ خاتا ئويلىغان ئىدى.
ئۇلار ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، زەينۇرە ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئىدرىس ھەسەن تەرجىمانلىق ۋە لايىھەلىگۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر مەتبۇئات خەۋەرلىرىنى نەشر قىلىشقا ياردەملەشكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى ۋە نورمال بىر مۇسۇلماندەك ئەركىن ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
زەينۇرە ھەسەن: ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەگەر ماراكەش ئىدرىسنى قويۇپ بەرسە، شۇ دۆلەتتىكى بارلىق زاۋۇتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئەمما 2021-يىلى يازدا، ئىدرىسنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلار ساقلىنىدىغان كۇتۇپخانىدا ئىشلەيدىغان ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى تۇتۇلغاندا، ئىدرىس ئەنسىرەشكە باشلىغان. بېيجىڭنىڭ تۈركىيەگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. ئىدرىس ئىلگىرىمۇ تۇتۇلۇپ باققانلىقى، شۇنداقلا ئاكتىپلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى خەتەر ئاستىدا ھېس قىلغان. ئۇ ماراكەشكە قېچىشقا قارار قىلغان، ئەمما خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن زەينۇرە، يولدىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغىچە بالىلار بىلەن بىللە قالغان.
تۈركىيەدىن ئايرىلىش ئېغىر بىر خاتالىق بولۇپ چىققان. ئىستانبۇل ئايرودرومىدا، چېگرا كونترول ئەمەلدارلىرى ئىدرىسنى سوئال-جاۋاب ئۈچۈن ئايرىم ئېلىپ قالغان. زەينۇرە: «ئۇنىڭ ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندا، ئۇ ماڭا قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن قانچىلىك خوشال بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ بىر قىلتاقتەك تۇيۇلدى،» دېدى. ئۇ ماراكەشتە ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلۈپ، چېگرا ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنسىرەشلىرى ھەقىقەتكە ئايلانغان.
ئۆتكەن ئون يىلدا، خىتاي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولدىن پايدىلىنىپ سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى نىشانلىغان، ھەمدە ئىدرىسنى تەشكىلاتنىڭ «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. زەينۇرەنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ ماراكەشكە بارغاندا تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويغان. كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئەڭ قورقىدىغان ئىشنى قىلىشقا، يەنى ئاقىۋىتىگە قارىماي خىتايغا قارشى چىقىشقا قايىل قىلغان.
يولدىشىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىنلا، زەينۇرە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن كۈتۈلمىگەن تېلېفون ئالغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 2016-يىلى تۈركىيەگە يوقلاپ كېلىپ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن بىر نەچچە ئاي قامالغان، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قورقۇنچلۇق بىر ئۇچۇر يەتكۈزگەن. زەينۇرە: «ئۇلار: <يولدىشىڭنىڭ يېنىڭدا ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، بەلكىم بىز ساڭا ياردەم قىلالايمىز،> دېدى،» دەپ ئەسلەيدۇ. «مەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى جەزم قىلدىم ۋە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغاندەك تۇردۇم. ئەمما ئۇلار ماڭا يولدىشىمغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقنى ئېيتتى. ئۇلار ماڭا: <بالىلىرىڭنى بېقىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلما،> دېدى. <خىتاي ھەققىدە يامان گەپ قىلما،> دېيىشتى.»
ئەمما يولدىشىنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا تۇرغاندا، مۇلايىم زەينۇرە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ساقچىلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاياللارنىڭ ھىجابىنى تارتىپ يىرتىۋەتكەنلىكىگە شاھىت بولۇپ چوڭ بولغان، شۇڭا دىنىي ئەركىنلىك بار دۆلەتتە ياشاشقا بەل باغلىغان ئىدى.
«يولدىشىم ماراكەشتە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن ھېچ ئىش قىلمايتتىم. پەقەت ئائىلەمگە قارايتتىم؛ فېيسبوك، تىۋىتتېر دېگەندەك نەرسىلىرىممۇ يوق ئىدى. ئەمما يولدىشىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىم كېرەك ئىدى – مەن دۇنياغا ھەقىقەتنى ئېيتىشىم كېرەك ئىدى. ھەممە ئادەم خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيناشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ياكى ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار [خىتاي ھۆكۈمىتى] مېنى ئاشكارە سۆزلەشكە مەجبۇرلىدى.»
زەينۇرەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى خىل پەرقلىق ئەسلىمىسى بار. بىرىنچىسى، دېھقان بولغان بوۋا-مومىسى بىلەن يېزىدا ئۆتكۈزگەن بەختلىك كۈنلىرى. «قوي ۋە توخۇلار بىلەن ئوينايتتىم. ئۇنداق پۇرسەتكە يەنە ئېرىشەمدىم يوق، بىلمەيمەن. ئۆي ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئائىلە جەم بولغان مەنزىرىلەر. ئۇ خۇددى بىر چۆچەكتىكى مەنزىرىدەك بەك گۈزەل ئىدى.»
ئىككىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەجبۇرىي ھالدا «كوممۇنىستىك ناخشىلار»نى ئۆگىنىش سەۋەبىدىن قىسقىراپ كەتكەن مەكتەپ تەتىللىرى ۋە مەسچىتكە بېرىش ياكى روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشىدۇر.
خىتاي «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش» ۋە «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىۋاتىمىز دەيدۇ، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. زەينۇرە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرگىزمۇ دىنىي ئېتىقادى بويىچە ئەركىن ياشىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى. «مەككىگە ھەجگە بارغان كىشىلەر تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۇلارغا «مېڭەڭدە مەسىلە بار بولسا كېرەك» دېيىلگەن.
«ئۇلار [خىتاي ھۆكۈمىتى] ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشىنى خالايتتى. ئۇلار: «بىزگە ئىشىنىشىڭلار كېرەك، بىز سىلەرگە خىزمەت ۋە مۇشۇنداق گۈزەل تۇرمۇش بەردۇق،» دەيتتى،» دېدى زەينۇرە.
ئۇ 2011-يىلى خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، دىنىي ئەركىنلىككە بولغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاخىرى خىتايدىن ئايرىلىشقا قارار قىلغان. شۇ چاغدا ئۇ بىر مەكتەپتىكى دوستى ئارقىلىق ئىدرىس بىلەن تونۇشقان. «ئۇ ئىككىمىزنىڭمۇ چەتئەلگە كېتىش قارارىغا كەلگەنلىكىمىزنى بىلەتتى، شۇڭا تونۇشۇپ بىرگە كېتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.»
زەينۇرە ئىدرىسنىڭ ئۇنىڭغا دەرھال ئىشەنچ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. «مەن ئۇنىڭ ناھايىتى راستچىل ۋە نومۇسچانلىقىنى، يالغان ئېيتالمايدىغانلىقىنى ياكى يامان ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىۋېرسىتېتتا مەن بىلەن توي قىلماقچى بولغان بەزى ئۇيغۇر بالىلار بار ئىدى، ئەمما ئىدرىس باشقىچە ئىدى.»
ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇلار توي قىلىپ، تۈركىيەدىكى يېڭى ھاياتقا ئاتلىنىشقا تەييارلانغان. ئۇلار تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان، تىلى ۋە مىللىتى ئوخشاش بولغان ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. زەينۇرە: «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىگە ئوخشايتتى،» دېدى. ئوقۇتقۇچى ۋە لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار دىئاسپورادىكى جەمئىيەتكىمۇ ياردەم بېرەلەيتتى. ئۇ: «ھازىر خىتايدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم ۋە تىلىسىز چوڭ بولۇۋاتقان نۇرغۇن بالىلار بار، شۇڭا ئۇلارنى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىشنى ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمىز،» دېدى.
ئەمما ئۇلارنىڭ چەتئەلدىن بىخەتەر جاي تاپقانلىقىدىن ھېس قىلغان خاتىرجەملىكى ئۇزۇنغا بارمىغان. بېيجىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە جىسمانىي ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دىئاسپورادا ياشايدىغان ئۆكتىچىلەر ۋە تەنقىدچىلەرنى نىشانلاشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما ئىدرىس دۇچار بولغان زىيانكەشلىك بولسا باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يېڭى بىر ۋاسىتىسى ئىدى: خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇش، جۈملىدىن ئۆزى سۈكۈت قىلدۇرماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېتىش ئىدى.
ئىدرىستىن تېلېفون كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، زەينۇرە ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ۋاقتى قالغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇ دەرھال توردا تاپقىلى بولىدىغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سورىغان. خىتاي باشقا نىشانلارنىڭ تۇغقانلىرىنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش نىيىتىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇ قورقۇپ قالمىغان.
زەينۇرە بالىلىرى بىلەن بىللە ئىستانبۇلدىكى ماراكەش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا باشلىغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر يوللىغان. ئۇنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە، ماراكەشتىمۇ پات يېقىندا ئىدرىسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشلار باشلانغان. ماراكەش ئەمەلدارلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى سوتنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولغان.
2021-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىدرىسنىڭ دېلوسى قايتا كۆرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئىنتېرپول قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان. ئەمما بۇ ماراكەش سوت مەھكىمىسىنىڭ كېيىنرەك ئۇنى يەنىلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى توسۇپ قالالمىغان. زەينۇرەنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭدىن غايەت زور دىپلوماتىك بېسىم كەلگەن بولۇپ، ھېچقانداق جىنايەت ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن ئەيىبلەنمىگەن بىر ئادەمگە نىسبەتەن بۇ بېسىم ئەقىلگە سىغمايتتى. «ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەگەر ماراكەش ئۇنى قويۇپ بەرسە، شۇ دۆلەتتىكى بارلىق زاۋۇتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.»
2021-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ب د ت ئارىغا كىرىپ، ئىدرىس خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيناشقا ياكى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلغان. كېيىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ماراكەش يەنىلا ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىشنى خالىمىغان. تۈركىيەمۇ ئىدرىسنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالىمىغاندەك كۆرۈنگەن. «ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى <بىز ئىدرىسنى ئالىمىز، بىزگە ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ> دېگەن بولسا، بەلكىم ماراكەش ئۇنى ئەۋەتكەن بولاتتى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ دېلوسىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. تۈركىيە ئەڭ بېشىدىنلا بۇ ئىشقا ئارىلاشمىدى، چۈنكى ئۇلار ھازىر خىتاي بىلەن دۈشمەن بولۇشنى خالىمايدۇ.»
دېلو ھەل بولماي ئايلار، ھەتتا يىللار ئۆتكەنسېرى، زەينۇرە داۋاملىق جاسارەت بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىدرىسنىڭ ئىسمىنى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە ساقلاپ كەلگەن. يولدىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج ئىدى. تۈرمىدە قامالغان ۋە ھەپتىسىگە پەقەت ئۈچ قېتىم قىسقا تېلېفون قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىدرىسنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلۈشكە باشلىغان. «ئۇ بەك قورقاتتى ۋە ئۇخلىيالمايتتى. تۈرمە ئىشىكى ئېچىلغان ھەر قېتىمدا، ئۇ <مېنى خىتايغا قايتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم> دەيتتى. » زەينۇرە بالىلىرىنىڭمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر ئالتە ياشقا كىرگەن ئەڭ كىچىك قىزىنىڭ تېخىمۇ بەك قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. «ئۇ بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئىلگىرىكىدەك ئوچۇق بالىلارغا ئوخشىمايدۇ.»
ئەمما ئىدرىسنىڭ ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمەي تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن، يەنى يېڭى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن بىخەتەرلىككە چىقىش ئۈمىدى تۇغۇلغان.
ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. ماركو رۇبىيو 2025-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تەيىنلەنگەندە، بۇنى «بۇگۈنگىچە يۈز بەرگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ بىرى» دەپ تەسۋىرلىگەن.
«بۇلار ئاساسلىقى مىللىتى ۋە دىنى سەۋەبىدىن تۇتۇپ يىغىۋېلىنغان كىشىلەر… ئۇلار ئاتالمىش <قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى> گە قامالدى. ئۇلارنىڭ كىملىكى تارتىۋېلىندى، بالىلىرىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى،» دېدى ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا.
بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا ماراكەشنى ئاستاغىنە خىتايغا قارشى چىقىپ، ئىدرىسنى قويۇپ بېرىشكە قايىل قىلغان. 12-فېۋرال كۈنى، زەينۇرەگە يولدىشىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن كاسابلانكادىكى بىر مېھمانخانىغا كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە تېلېفون كەلگەن. ئۇ يەردىن ئۇ ب د ت ئىشخانىسىغا، ئاندىن ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشنى كۈتۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما زەينۇرەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا قەسەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئاشكارە خەۋەر بېرىلمىگەن.
ئامېرىكا ئۇنى قۇتقۇزۇشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىدرىس ماراكەشتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن يەنىلا ئەنسىرەش بار ئىدى. «مەن ئۇنىڭ ئايروپىلانغا چىقالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، ئەمما ئادۋوكاتلار ئەلچىخانىدىكى بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھېچقانداق مەسىلە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن كۈلەتتىم. ھېسسىياتلىرىم بەك مۇرەككەپ ئىدى،» دېدى زەينۇرە.
2025-يىلى 14-فېۋرال كەچتە، زەينۇرە ئاخىرى ئائىلىسىدىكىلەر كۈتكەن تېلېفوننى ئالغان: ئىدرىس بىخەتەر ئىدى. ئۇ ۋاشىنگتونغا يېتىپ بارغان ئىدى.
ئەمما زەينۇرە ۋە بالىلار ئۈچۈن ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىنى كۈتۈشى يەنىلا داۋاملاشقان. ئىدرىسقا ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋىزىسى بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئائىلىسىنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشقا نۇرغۇن يىللار كېتىشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلغان. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچىلارغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جەم بولۇشىنى توسۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدرىس، ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن كانادادىن پاناھلىق تىلىگەن.
يەنە يەتتە ئاي ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، ئۆتكەن ئاي زەينۇرە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كاناداغا كۆچۈش ئۈچۈن دائىمىي ئولتۇراقلىشىش ۋىزىسى بېرىلگەن. 24-سېنتەبىر كۈنى، زەينۇرە ۋە بالىلار ئىستانبۇلدىن ئايروپىلان بىلەن يولغا چىققان. ئىدرىس تورونتو ئايرودرومىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان. ئائىلە ئاخىرى جەم بولغان ئىدى.
«مەن ئۇنى كۆرۈشۈمگىلا پۈتۈن ئەنسىرەشلىرىم يوقىدى. كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىمىز ئۈچۈن، شۇنچە كۆپ يىللارنى قورقۇنچ ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتكۈزدۇق. ئەگەر ئادەتتىكى بىر ئادەم جىنايەت سادىر قىلسا ياكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ تۇتۇلىدۇ، جىنايىتى بېكىتىلىدۇ ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
«ئەڭ ئادالەتسىز يېرى شۇكى، ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز، ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتۇلۇشىڭىز مۇمكىن ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيسىز. بالىلىرىم پەقەت دادىسىنى قايتا كۆرۈشنى ۋە قۇچاقلاشنىلا خالايتتى.»
ئىلاۋە: بۇ ماقالە گارديان گېزىتى تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2025-يىلى 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:
https://www.theguardian.com/global-development/2025/oct/23/china-uyghur-turkey-morocco-arrest
