ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەمدى قوغدالمايدۇ
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەمدى قوغدالمايدۇ
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: قۇربان نىياز
قىسقىچە مەزمۇنى: «يېمەك – ئىچمەك سېتىۋېلىشتەك ئاددىي ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چىقىشتىنمۇ قورقىمەن، چۈنكى بۇنى دەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە قايتا قامىلىپ قالغۇم يوق.»
― تۈركىيە دائىرىلىرى ئىقامىتىنى سەۋەبسىزلا بىكار قىلىۋەتكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزى، 2025-يىلى 7-ئاي.
ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىلىدە ياشايدىغان ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 25 مىليۇن (مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسىدا ئاپتور 11.6 مىليون دەپ ئالىدۇ) نوپۇسقا ئىگە تۈركىي خەلقتۇر. 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ۋە مۇستەقىل قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئۇيغۇرلاردىن بىرنەچچە يۈز مىڭ كىشى چەتئەللەردە ياشايدىغان بولۇپ، بۇلاردىن تەخمىنەن 50 مىڭ كىشى تۈركىيەنى ماكان قىلغان. ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىشتىلەر، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتكە ئولتۇراقلىشىش ۋە پۇقرا بولۇش ئىمكانىيتى يارىتىپ بەرگەن ئېتىبارلىق كۆچمەنلەر سىياسىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي بولۇپ كەلگەن.
ئەمما 2022-يىلىدىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۈركىيەدە ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيە بارا-بارا تۈركىيە پۇقرالىقى يوق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانچە بىخەتەر بولمىغان ماكانغا ئايلىنىپ قالدى. تۈركىيە دائىرىلىرى باشقا كۆچمەنلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ خالىغانچە «چەكلىمە كودلىرى» نى قويۇپ، ئۇلارنى «ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت» دەپ بېكىتتى. بۇ ھېچقانداق سەۋەبسىز ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتمەستىن ئىجرا قىلىندى. بۇنداق كودلارنىڭ (ئادەتتە «G87» كودى) قويۇلىشى بىر قاتار سەلبىي ۋە ھالاكەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى، خەلقئارالىق قوغداش ياكى ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بېرىدىغان باشقا سالاھىيەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە «قانۇنسىز كۆچمەن» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ بەزىلىرى ئۈچۈن ئاخىرىدا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئېلىنىدۇ. بۇنداق شەخسلەرنى ساقچى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۇتقۇن قىلغاندا ياكى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە يوللىغىلى بولىدۇ.
ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «سەزگۈر» دەپ قارايدىغان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن قايتۇرۇلسا ئۇيغۇرلار قاماق، سوراق، قىيناق ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە كەمسىتىشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئاز دېگەندىمۇ 2018-يىلى ماي ئېيىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيە دائىرىلىرى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنى بىۋاسىتە خىتايغا قايتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتايغا ۋاسىتىلىك قايتۇرۇش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت: 2019-يىلى ئىيۇندىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇر ئايالنى ۋە ئۇنىڭ نارەسىدە ئىككى قىزىنى تاجىكىستانغا قايتۇرۇۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن تاجىكىستان دائىرىلىرى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
بۇنىڭدىن باشقا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2018-يىلى دېكابىردىن 2025-يىلى ئۆكتەبىرگىچە تۈركىيەدىكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 33 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىنى بايقىغان. ئەمەلىي سان بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۈركىيەدىكى بىر غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 2024-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا تۈركىيەدىكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان.
چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىدە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا «ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتىش» جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇش ھەققىدە بېسىم قىلغان، بەزىدە مەجبۇرلىغان. بۇ تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىك ۋە ئافغانىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كۆچمەنلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئومۇمىي ئەمەلىيەتكە ئايلانغان. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچەيلەن مۇشۇنداق جەدۋەلگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ بىرى 2019-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2008-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى تۈزگەن. بۇ كىشى كېيىن بىخەتەر جايغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر قانچە دۆلەتكە بارغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە يەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم تۇتۇپ تۇرۇلغان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخان ھۆكۈمەتلەرگە ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن. يەنە بىر ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى 2019-يىلى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئايرودرومدا سۈرەن سېلىپ بۇ ئۇرۇنۇشنى توسۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان قانۇنىي ۋە ئەمەلىي ئېتىبار مۇئامىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىشى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئېتىبار مۇئامىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرنى ئورۇندىمايلا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى (ئىقامەت)گە ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنى ۋە كېيىنچە تۈركى تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن يول بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قەيت قىلىنغىنىدەك، ئۇيغۇرلار بارغانسېرى «چەكلىمە كودلىرى»غا نىشان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ساقچى ۋە كۆچمەنلەر ساندانىدىكى بىر كىشىنىڭ ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ياكى پاسپورتىغا چاپلانغان بەلگە بولۇپ، ئىلگىرى بېرىلگەن ئىمتىيازلارنى يوققا چىقىرىدۇ. چەكلىمە كودلىرىنىڭ قويۇلۇشى تۈركىيەنىڭ چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغدىنىش توغرىسىدىكى 6458-نومۇرلۇق قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما كودلارنىڭ ھازىر قانداق كىشىلەرگە ۋە نېمە ئۈچۈن قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەدبىقلىنىشى قانۇندا بېكىتىلگەن دائىرىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ سۆزلىرى، شۇنىڭدەك ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كۆرۈپ چىققان سوت ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا بەزىدە بۇ سەۋەبسىز، ئېنىق دەلىل-ئىسپاتسىز ياكى خاتا قىلمىش بىلەن ئېنىق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭدەك دائىرىلەر ئۆز سۆزىنى قوللايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمەيلا «ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتىنى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنداقلا ئولتۇراقلىشىش ياكى پۇقرالىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلغان.
قوشنىلارنىڭ ئاددىيغىنە شىكايىتى ياكى مەلۇم جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىش (گەرچە كېيىن ئاقلانغان بولسىمۇ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكلىمە كودى قويۇشقا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. تۈركىيە دائىرىلىرى يەنە باشقا ھۆكۈمەتلەر تەمىنلىگەن ئاخباراتلارغا ئاساسەن بۇ كودلارنى چاپلايدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى «تېررورچى» دەپ ئاتىغان شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈركىيە دائىرىلىرىگە يوللاپ بەرگەن. ھالبۇكى، «تېرورچى» ئاتالغۇسى ھەرقاچان ئۇيغۇر رايۇنىدىكى تىنچ شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ياكى ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايەن قىلىشقا دائىر ئىشلارنى ئىپادىلەشتە سۈيئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرگە ئاخىرىدا چەكلىمە كودلىرى بىلەن بەلگە قويۇلۇپ قالغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر تۈرك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، كۆچمەنلەر سىستېمىسىدا چەكلىمە كودلىرىنىڭ قوللىنىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىدۇ ۋە «كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي نامەلۇم بىر ھاڭغا ئىتتىرىدۇ».
بۇ دوكلات ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جەمئىي 20 كىشىنى زىيارەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 13 نەپىرى ئۇيغۇر (ئۇلارنىڭ ئىككىسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى)، ئالتىسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا ئىشلەيدىغان كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى، بىرەيلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمەلدارىدۇر.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى زىيارەت قىلغان 13 ئۇيغۇرنىڭ توققۇزى چەكلىمە كودى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە بىر قېتىم چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىدە تۇرۇپ باققان. بەشەيلەن ھازىر تۈركىيەدە قانۇنىي سالاھىيىتى بولمىغان ھالدا ياشايدۇ ۋە قورقۇنچ تۈپەيلىدىن سىرتلارغىمۇ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. چۈنكى تۈركىيە ساقچىلىرى ياكى كۆچمەنلەر خادىملىرى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم. زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ ئىككىسى «شەرتلىك مۇساپىر» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك سالاھىيەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارالق قوغدىنىشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئەمما دائىرىلەر ھېچقانداق ئىزاھاتسىزلا ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە ھەر ئىككىيلەننىڭ ھازىر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە خەلقئارالىق قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگىنى بولغان «كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» (PMM) ئېلان قىلغان 12 پارچە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتىنى رەت قىلىش ھەققىدىكى تۆت قارارنى، شۇنداقلا نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى باش مۇدىرىيىتىنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ھەققىدىكى ئۈچ قارارىنى كۆرۈپ چىقتى. 2018-2025-يىللىرى ئارىلىقىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھۆججەتلەردە ئابىستراكىت ئۇقۇم قوللىنلغان بولۇپ، قارارنىڭ ئاساسىنى باھالاشقا ئىمكان بېرىدىغان ھېچقانداق كونكرېت چۈشەندۈرۈش، پايدىلىنىش مەنبەسى ياكى باھالاش كۆرسىتىلمىگەن.
تۈركىيە قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ شەخسلەر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ئەرزلەرنى كۆپ قېتىم سۇنغان بىر ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، «سوتچىلار چەكلىمە كودلىرىنى كۆرگەن ھامان ئېھتىيات يۈزىسىدىن دائىم سەلبىي قارار چىرىدۇ».
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2024 ۋە 2025-يىللىرى چىقىرىلغان، «ئاممىۋى تەرتىپ ۋە جەمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بەش سوت قارارىنى كۆرۈپ چىقتى. ھەر بىر دېلودا، سوت قارارى شەخسلەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە جەمىيەت تەرتىۋىگە قانداق تەھدىت سالغانلىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماستىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى كۈچكە ئىگە قىلغان. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، سوت مەھكىمىلىرى قايتۇرماسلىق (non-refoulement) چەكلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغر ئاقىۋەت ياكى قىيناق خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زىيارەت قىلىنغۇچىلار يەنە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىدىكى ناچار مۇئامىلە ۋە شارائىت توغرىسىدا سۆز قىلغان. ئۇلاردىن تۆتەيلەن يالىڭاچلىنىپ ئاختۇرۇلغان.
2017-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ تۈركىيە پارلامېنتى تېخى ئۇنى تەستىقلىمىدى. ناۋادا جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى يولغا قويۇلسا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا زور بولغان ئىككىنچى تەھدىت بولۇپ قالىدۇ.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى «قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى»غا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ پىرىنسىپ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق كىشىنى زىيانكەشلىك، قىيناق ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە، جۈملىدىن ھاياتىغا تەھدىت بولىدىغان ياكى باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىدىغان جايغا قايتۇرۇشىنى چەكلەيدۇ. «مەجبۇرىي قايتۇرۇش» (Refoulement) تۈركىيە ئىمزا قويغان «ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسى»، «خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»، شۇنداقلا «قىيناق ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ياكى كەمسىتىش مۇئامىلىسى ياكى جازالاشقا قارشى ئەھدىنامە» قاتارلىق ئۈچ كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىدە چەكلەنگەن؛ شۇنداقلا 1951-يىلىدىكى «مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارا قانۇنلاردىمۇ چەكلەنگەن. بۇ چەكلىمە تۈركىيەنىڭ 6458-نومۇرلۇق «چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغدىنىش قانۇنى»غا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقتىن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «خىتاينىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر رايۇنىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق» دەپ قارايدۇ.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈركىيە ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنى «مۇساپىر» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارلىرىنى دەرھال توختىتىشى، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى بارلىق قارارلارنى، جۈملىدىن ئۈچىنچى بىر مەملىكەتكە قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىشى كېرەك. چۈنكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قوغلاپ چىقىرىش زەنجىرسىمان قايتۇرۇش خەۋپىگە، ئاخىرىدا مەجبۇرىي قايتۇرۇش خەۋپىگە يول ئاچىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بارچە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك.
باشقا ھۆكۈمەتلەر تۈركىيەدىن باشقا يەرگە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ياكى تۈركىيە ئارقىلىق ئۆتكەندىن كېيىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى باھالىغاندا، تۈركىيەنى بىخەتەر دۆلەت دەپ قارىماسلىقى كېرەك. گەرچە ئۇلار تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى ياكى خەلقئارالىق قوغداش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالىسىمۇ، بۇ سالاھىيەتلەر ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىل بولالمايدۇ.
ئىلاۋە: بۇ ماقالە www.hrw.org تورىدا 2025-يىلى 12-نويابىر ئېنگلىزچە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:
https://www.hrw.org/report/2025/11/12/protected-no-more/uyghurs-in-turkiye
