خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرى – ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە ساياھىتى
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىمەكتە
ئېغىر يولسىز تەلەپلەر ۋە رەسمىي ساياھەت ئۆمەكلىرى — «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» ئاھالىلىرىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتى
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
2025-يىلى 2-يانۋار، قونجىراپ ئېغىزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر چېگرا تەكشۈرۈش ساقچىسى.
نيۇ-يورك– كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر چەكلىمە، شەرت ۋە كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان دۆلەتتىن چىقىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ديىلىشچە، ھۆكۈمەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا چەكلىك زىيارەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئېنىقلا رايوندىكى «نورماللىق» ھەققىدە ساختا ئاممىۋى ئوبراز يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» دا باشلىغان دەھشەتلىك «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدىن بۇيان، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى خالىغانچە مۇسادىرە قىلدى ۋە چەتئەلدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. گەرچە دائىرىلەر ھازىر بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت ئۈچۈن پاسپورت ئىلتىماس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىۋاتقان ياكى پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ساياھەت قىلغۇچىلارنى يەنىلا قاتتىق كونترول قىلماقتا.
كىىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول: «خىتاينىڭ ساياھەت چەكلىمىسىدىكى قىسمەن يۇمشاشلار، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يىللىق ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن كېيىن چەتئەلدىكى يېقىنلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت جەم بولۇشىغا يول قويدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى يەنىلا «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشنىڭ بىر ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا»، دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە:«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىش ھوقۇقىنى رەت قىلىشنى، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى سۆز ۋە جەمئىيەت ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى ھەمدە چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلارنى جازالاشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي سىرتىدىكى 23 ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. يېقىندا «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» دىن چىققان ياكى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» دىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىش ئىلتىماسى سۇنغاندا، چوقۇم دائىرىلەرنى ساياھەت مەقسىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تۇققان يوقلاش مەقسىتىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن چەتئەلدىكى تۇققىنىنىڭ تەكلىپنامىسى بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، ئادرېسى، خىزمەت ئەھۋالى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئىنتايىن قاتتىق شەرتلەر ئاستىدا ساياھەتكە چىقىشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ساياھەتكە چىققۇچىلار چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلماسلىقى ھەمدە بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ئايغىچە بولغان بېكىتىلگەن سۈرۈك ئىچىدە جەزمەن قايتىپ كېلىشى كېرەك. سودا ساياھىتىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت قازاقىستانغا ئوخشاش قىسمەن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ ئەمما تۈركىيەگە ئوخشاش مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ بولغان «سەزگۈر دۆلەتلەر»نى زىيارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ.
ۋەتەندىكى تۇغقىنىنىڭ پاسپورت ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دېدى: «ساقچىلار ئۇلارغا مېنىڭ سۈرىتىمنى كۆرسىتىپ: ›بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟‹ دەپ سوراپتۇ. [تۇغقىنىم] ›ھەئە‹ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارغا پاسپورت ئېلىش خىيالىدىن ۋاز كېچىشنى ئېيتىپتۇ.»
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر قانچە كىشى دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا پەقەت «ھەر بىر ئائىلىدىن بىرلا ئادەم ساياھەت قىلالايدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەمەلىيەتتە ساياھەتكە چىققۇچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «رەھىنە» ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇش تاكتىكىسىدۇر. بەزىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ساياھەتكە رۇخسەت قىلىشتىن بۇرۇن يەنە «كاپالەتچى» تېپىشنى، يەنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ساياھەتكە چىققۇچى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىرەر ئەمەلدارنى كاپالەتلىككە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماسلىق، كاپالەتچىنى ياكى ئائىلە ئەزالىرىنى ئېغىر جازا خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ. ساياھەتكە رۇخسەت قىلىنغانلار چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بېكىتىلگەن بىر ئەمەلدار ئۇلار بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىپ، كۈندىلىك پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر سوراپ تۇرغان. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر پاسپورتلىرىنى قايتىدىن مۇسادىرە قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ساياھەت جەريانى ۋە ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان دۆلەتلەردىكى باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىغان.
چەتئەلدە ياشايدىغان بەزى ئۇيغۇرلار قاتتىق تەكشۈرۈش جەريانلىرىدىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نى زىيارەتكە بارالىغان. خىتايغا ۋىزىسىز كىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە چەتئەل پاسپورتى بارلارغىمۇ، تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ھەمدە ئائىلىسى تۇرۇشلۇق يەردىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىق ھۆكۈمەت ئورنى بولغان «مەھەللە كومىتېتى» ۋە يەرلىك ساقچىخانىنىڭ ئالدىن تەستىقىنى ئېلىش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان. «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەزىلەر سوراق قىلىنغان ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئەمەس، بەلكى مېھمانخانىلاردا قونۇشقا مەجبۇرلانغان.
خىتاي ۋىزا كىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ گېرىژدانلىقى بار ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئۇزۇن ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى دىپلوماتىك ۋەكىلخانىلىرى ئىنتايىن تەپسىلىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، بۇ جەريان ئالتە ئايغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ھەتتا سىياسىي تۈسى بولمىغان دىئاسپورا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، مەسىلەن، بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىش ياكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان توي مۇراسىملىرىدا بولۇشمۇ ۋىزىنىڭ رەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي كونسولخانىلىرى چەتئەلدە ياشايدىغان بەزى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمى رەسمىي تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ساياھەت ئۆمەكلىرى»گە قاتنىشىشقا يېتەكلىگەن. بۇ ئۆمەككە قاتنىشىش ئۈچۈن، شەخسلەر كونسولخانىغا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى، پاسپورتىنى ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى ئۆي ئادرېسىنى تەمىنلىشى كېرەك. ئاندىن بۇ تىزىملىك خىتايغا ئەۋەتىلىدۇ؛ ئۇ يەردە يەرلىك ساقچىخانا، جەمئىيەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار، شۇنداقلا مەھەللە كومىتېتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ.
پەقەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ تەستىقلانغان كىشىلەرلا ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشالايدۇ. چەتئەل پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساياھەتكە قاتنىشىشى ئۈچۈن، قوشۇمچە شەرت سۈپىتىدە خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى يالغۇز بېرىپ ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلغاندىن كۆرە، بۇ رەسمىي ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېز ھەم ۋىزا بېجىرىش جەريانىنىڭ ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ساياھەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلىك سەپ خادىملىرى ئۇلارنى يېقىندىن نازارەت قىلغان، ھەتتا ئۆز ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بولغان، ئۆزئارا پاراڭلاشقاندىمۇ خىتاي تىلىدا سۆزلىشىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇلار يەنە تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان. مەسىلەن، خىتاي تىلىغا پىششىق بولمىغانلار پىنيىن ياكى تاۋۇش بەلگىلىرى قويۇلغان، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلەيدىغان تەييار تېكىستلەر بىلەن تەمىنلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كونتروللۇق زىيارەت ۋە ساياھەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى تىزگىنلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. دىئاسپورادىكى بەزى كىشىلەر ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرتىنى زىيارەت قىلىش ئۈمىدىدە سۈكۈت قىلماقتا ياكى سىياسىي پائالىيەتلەردىن، ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىنمۇ ئۆزىنى تارتماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش»، يەنى دۆلەت چېگراسىنىڭ سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى ئائىلە ئەزالىرى ئىزچىل نىشان قىلىنماقتا.
خىتاي خەلقئارالىق قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىغا يول قويۇشى، چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلارنى جازالاشنى توختىتىشى ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرەت جامائىتىگە قارىتا باستۇرۇش تەدبىرلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك. مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر(ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى) خىتاينىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى، بارلىق پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ قارىشچە، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت جەم بولۇش ياكى ئاددىيلا ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئىنتايىن قاتتىق شەرتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. چەتئەلدىكى يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى ئۇلارنى زىيارەت قىلىش، پەقەت چەكلىك ساندىكى ئۇيغۇرلارغىلا بېرىلىدىغان <ئالاھىدە ئېمتىياز> بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈپ ھوقۇق بولۇشى كېرەك.
ساياھەت چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك پاسپورت سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان پاسپورت ئىلتىماسىدا ئالاھىدە قاتتىق جەريانلارغا دۇچ كېلىپ كەلمەكتە. 2016-يىلى دەھشەتلىك «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى يەنە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» ئاھالىلىرىنى پاسپورتلىرىنى «ساقلاپ بېرىش» نامىدا تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىدى ۋە چەتئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېڭىلاپ بېرىشنى توختاتتى. چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نىڭ شىمالىدىكى باشقا ئىككى شەھەردىن كەلگەن كىشىلەردۇر. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا رايوندىن چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس؛ چەتئەلدە ياشايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئائىلىسىدىن، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالماي كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پەردازلاش ئۈچۈن، رەسمىي تاراتقۇلاردا ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى ئارقىلىق بۇ خىل زىيارەتلەرنى تەشۋىق قىلدى. بۇ تەشۋىقاتلاردا ساياھەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئادەتتە ««ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر»نى مەدھىيەلەيدۇ ۋە «ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى»نى بايان قىلىدۇ.
تەتقىقات ئۇسۇلى
2024-يىلى ئۆكتەبىردىن 2025-يىلى فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، قىرغىزىستان، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق توققۇزدۆلەتتە ياشايدىغان 23 ئۇيغۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇھاجىرەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ئىككى مۇتەخەسسىس بىلەن سۆھبەتلەشتى. زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ياكى ئۇلار ئۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نى زىيارەت قىلغان. يەنە بىر قانچە كىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك پاسپورت ۋە ساياھەت رۇخسىتى بېجىرىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يېقىنقى يىللاردا «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر، ھۆججەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى پاراڭ خاتىرىلىرىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇ ماقالىلىرى ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نى زىيارەت قىلغۇچىلار يوللىغان دويىن (TikTok نىڭ خىتايچە نۇسخىسى) سىنلىرى قاتارلىق ئوچۇق تور مەنبەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەخپىي تۇتۇلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ بايقاشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزدى ۋە قارىشىنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار
چەتئەلدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سەككىز يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلىگەن، ئەمما بۇ كۆرۈشۈش پەقەت ئانىسىنىڭ سودا ئۈچۈن چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ ئايال قاتتىق ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ۋە «سۈكۈت قىلىش» شەرتىگە قوشۇلغاندىن كېيىن ئاندىن چەتئەلگە چىقالىغان:
«ئۇنىڭ چەتئەلدە پەقەت 15 كۈن تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. مەھەللە كومىتېتى ۋە يەرلىك ساقچىلار ئۇنىڭغا <خەتەرلىك كىشىلەر> بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى، ھۆكۈمەت ھەققىدە ناچار پىكىردە بولماسلىقنى ۋە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشنى تاپىلىدى. مەن ئۇنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما مەن ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى ئۇنداق قىلمىساق، مال- مۈلكىمىز مۇسادىرە قىلىنىشى، باشقا تۇغقانلىرىمىز جازاغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.»
يەنە بىر كىشى ساقچىلارنىڭ دادىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش بەدىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمەلىيەتتە «بارىمتاي» قىلىپ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى:
«دادامنىڭ پاسپورتى بار ئىدى؛ بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەھەللە كومىتېتى تەرىپىدىن يىغىۋىلىندى. ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر كاپالەتچىسى بار ئىدى. دائىرىلەر پەقەت دادامنىڭلا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىپ: <سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايالىڭمۇ چىقسا بولىدۇ>، دېدى. ئۇ قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ۋەدەنامە يازغاندىن كېيىن، بىر ئايلىق رۇخسەت بېرىلدى. ئۇ چەتئەلدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولدى، ئەمما رۇخسەت ئالالمىدى. شۇڭا ئاپامنىڭ چىقىشىغا يول ئېچىش ئۈمىدىدە قايتىپ كەتتى، لېكىن دائىرىلەر ئاپامغا پاسپورت بەرمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەقەت <ساقلاشنى> ئېيتتى.»
يەنە بىر زىيارەت قىلىنغۇچى دادىسى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنى سوراق قىلغانلىقىنى ئېيتتى:
«دادام قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مەھەللە كومىتېتى، يەرلىك ساقچىخانا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى دادامنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇلار دادامدىن كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، نەگە بارغانلىقىنى ۋە كىشىلەرگە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سوراپتۇ. دادام: <ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدىم>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ راست ئىدى، بىز دىققەتنى تارتماسلىق ۋە خىتاينىڭ نازارىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەتتا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغىمۇ بارمىغان ئىدۇق.»
چەتئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىغا» ساياھەتكە بېرىشى
شەخسىي ساياھەت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا خىتايغا ۋىزىسىز كىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە چەتئەل پاسپورتى بارلارمۇ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» غا بېرىشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا پاسپورتى بار نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋىزا كەچۈرۈم سىياسىتىن پايدىلىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن ۋەتىنىگە قايتىۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا بارماقچى بولغان ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەھەللە كومىتېتى ۋە ساقچىخانىسىدىن رۇخسەت ئېلىشى، چېگرادا شۇ تەستىق خېتىنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سوراق قىلىنپتۇ؛ يەنە بەزىلىرىگە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئائىلىسىنىڭ ئۆيىدە ئەمەس، بەلكى مېھمانخانىدا قونۇش بۇيرۇلۇپتۇ. بۇ ساياھەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نىڭ شىمالىدىكى باشقا بىر قانچە شەھەرلەر بىلەن چەكلىنىكلىك.»
چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەقەت بالىلىرىنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي ۋىزىسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى:
«ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىتاي ساقچىلىرى ۋە خىتاي كونسولخانا خادىملىرى، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىگە بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا بېرىشىغا «توسالغۇ» بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ سەۋەبتىن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ بوپتۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىنى تىل مەكتىپىگە ئەۋەتىشنى توختاتتى. مەكتىپىمىز 2014-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇ-؛وقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى، 2025-يىلى يانۋارغا كەلگەندە، سىنىپلىرىمىز بوشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىمىزنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق».
يەنە بىر كىشى مۇنداق دېدى:
«يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تويدا، ساھىبخانلار بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كەلمەسلىكنى تەلەپ قىپتۇ. چۈنكى يىگىت بىلەن كېلىننىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان يېقىن تۇغقانلىرى بار ئىكەن. ھەتتا ئاددىي ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىز قوغلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال. بۇ جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىشەنچسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ.»
ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» ساياھەتلىرى
يېقىندا «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا تەشكىللىك ساياھەتكە بارغان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دېدى:
«ئۆيىدىكىلىرىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش پۇرسىتىم بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، شۇ سەۋەبتىن بۇ ساياھەتكە قاتنىشىشنى تاللىدىم. مەن ھەممە نەرسىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىم؛ ساياھەت جەريانى ساقچىلار تەرىپىدىن يېقىندىن نازارەت قىلىندى. ساياھەتتىن كېيىن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن بىللە تۇرۇش ئۈچۈن مەھەللە كومىتېتى ۋە يەرلىك ساقچىخانىدىن ئالاھىدە رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بولدۇم.»
يەنە بىر كىشى مۇنداق دېدى:
«بىزنى <ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى> بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمى كۈتۈۋالدى ۋە دەرھال ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى. ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن 7 كۈندىن 15 كۈنگىچە بولىدىكەن. ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، يېتەكچىلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى، ئەمما ھەممەيلەندىن خىتايچە سۆزلەش تەلەپ قىلىندى. بىز دۇكان، مۇزېي ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلدۇق، بۇ خۇددى YouTube تىن كۆرگىلى بولىدىغان تىپىك بىر تەشۋىقات ساياھىتىگە ئوخشايتتى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتۇق؛ بىزنىڭ بەزىلىرىمىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئالدىن يېزىلغان تېكىستلەر بېرىلدى. ساياھەتتىن كېيىن، يەرلىك مەھەللە كومىتېتى ۋە ساقچىخانىغا تىزىملىتىپ تەستىق ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن بىر قانچە كۈن بىللە تۇرالىدىم.»
يەنە بىر كىشى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كەچۈرمىشنى ئورتاقلاشتى:
«ھەممە نەرسىنىڭ ساختىلىقى چىقىپ تۇراتتى؛ بىز ئۈچۈن ئاتايەن تەييارلانغان ئىدى. ئەمما شەھەر ئايلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدە، بوش قالغان مەسچىتلەرنى، ساقالسز ئەرلەرنى، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان كىچىك بالىلارنى كۆردۈم. مەن ئىلگىرى ئۆزۈم تونۇيدىغان ئۇ شەھەرنى ئاران تەسلىكتە تونۇدىم.»
ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا بولغان تەسىرى
مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن يەنىلا ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىر ئۇيغۇر مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردىكى خىتاي كونسولخانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بەزى كىشىلەر مەندىن ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئۆمەكلەر بىلەن ۋەتەنگە بارغۇم بار-يوقلۇقىنى سورىدى. مەن پائالىيەتچى ئەمەس، مەندە چەتئەل پاسپورتى بار. ئەگەر راستىنلا خالىسام، بەلكىم قايتىپ بارالار ئىدىم. ئەمما مەن ئۇلارغا ھېچقانداق سەۋەبسىز ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئاتا-ئانام ھەققىدە ئېغىز ئاچقىنىمدا، ئالاقىنى ئۈزدى. ئۆز-ئۆزۈمدىن سوراپ كېىتمەن: قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن ئۆيۈمدىكلەردىن بىرەسى قالغاندىمۇ؟»
يەنە بىر كىشىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشى بار بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»غا تەۋەككۈل قىلىپ بېرىشنى خالىمىغان:
«خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن بىرى مەن بىلەن ئالاقىلاشتى ۋە مىنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى يوقلاپ كېلىشكە ئۈندىدى. ئۇ، بېرىشنىڭ ھېچقانداق خەۋپى يوقلۇق، بىخەتەر قايتىپ كېلىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالايمىز، دەپ مېىنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئەمما مەن قايتىپ بېرىپ، يۇرتتىكى ئەھۋالدىن قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرنى تونۇيمەن؛ ئۇلار ئاممىۋى سورۇنلاردا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەنپىي گەپ قىلمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇلارغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. لېكىن شەخسىي پاراڭلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى زىيارەت جەريانىدا سوراققا تارتىلغانلىقىنى ۋە بەزى ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئيېتىپ بەردى. ئۇلار يەنە «ھەرگىز قايتىپ بارمايمەن» دېيىشىپ كەتتى. شۇڭا مېنىڭ بېرىش پىلانىم يوق.»
«قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى مەجبۇرىي يوق قىلىۋىتىلگەن تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، ئائىلىسىدىن يەنىلا ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى «نورماللىق» ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ دىئاسپوراغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىقىنى ئىسپاتلىغان كىشىلەر بۇنداق <ئالاھىدە> زىيارەت پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قايتىپ بېرىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نىسبىتى ئازايماقتا. ئۇلار <ئاۋارىچىلىك> تىن نېرى تۇرۇش ۋە ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىشكە يول ئېچىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىنى قىلماقتا.»
قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت جەريانىدا ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان بىر كىشى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«بۇ بىر ئىشەنگۈسىز بىر جەريان بولدى؛ مەن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن قايتا جەم بولالىغانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ئىشىنەلمەي قالدىم؛ بۇ گويا قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. يەنە بىر تەرەپتىم، ھەتتا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان دوستلىرىمنى ئەسلەپ، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. ئۆتكەن يەتتە يىلدا شۇنچە كۆپ ئىشلار يۈز بەرگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرالايمەن؟»
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بېرى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» دا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ئېغىر باستۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا سادىر قىلىنغان دەپسەندىچىلىكلەر كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە قاماش، قىيناش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىك، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زورلۇق ھەمدە تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلارغا دۇچار قىلىپ كەلمەكتە.
2016-يىلىدىن باشلاپ، «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى» دائىرىلىرى چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىنى جازالىنىدىغان جىنايەت تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. قازاقىستان، مىسىر، تۈركىيە، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان «26 سەزگۈر دۆلەت»نىڭ بىرىگە بارغان، ئۇ يەردە ئائىلىسى بار ياكى ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ئۇيغۇرلار سوراق قىلىندى، تۇتقۇن قىلىندى؛ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى.
خىتاي ۋە خەلقئارا قانۇن
خىتاينىڭ «چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 12-ماددا 5-تارمىقىدا، «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ياكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان» پۇقرالارنىڭ دۆلەتتىن چىقىشىنى مەنئى قىلىشقا بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «پاسپورت قانۇنى»نىڭ 13-ماددىسىدا، دائىرىلەر دۆلەتتىن چىقىپ كەتسە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ قارالغان شەخسلەرگە پاسپورت بېرىشنى رەت قىلىسا بولىدۇ دېيىلگەن.
ساياھەت ئەركىنلىكى ھوقۇقى ئادەتتىكى خەلقئارا قانۇننىڭ جەۋھىرى دەپ قارىلىدىغان «ئىنسانىي ھوقۇق ئومۇمىي خىتابنامىسى»دە ۋە خىتاي ئىمزا قويغان «خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى»دە (ICCPR) ئېتىراپ قىلىنغان. مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 12-ماددىسىغا ئاساسەن، «ھەر بىر ئادەم ئۆز دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق دۆلەتتىن ئەركىن چىقىپ كېتىش ھوقۇقىغا ئىگە.»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ساياھەت ئەركىنلىكى ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي باھاسىدا مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق ساياھەت ئادەتتە ئۆلچەملىك بەلگىلەرنى، بولۇپمۇ پاسپورتنى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، دۆلەتتىن چىقىش ھوقۇقى زۆرۈر بولغان ساياھەت بەلگىلىرىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.» ھۆكۈمەتلەر اھايەت ئەركىنلىكىنى پەقەت «قانۇندا بەلگىلەنگەن» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى، ئاممىۋى ساغلاملىقنى ياكى ئەخلاقنى، ياكى باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش» ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردىلا چەكلىسە بولىدۇ.
بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەر كەمسىتىش خاراكتېرلىك بولماسلىقى، بىر ياكى بىر قانچە قانۇنلۇق مەقسەت ئۈچۈن ئېنىق زۆرۈرىيەت ھاسىل قىلغان بولۇشى ھەمدە كۆزلەنگەن مەقسەتكە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولۇشى شەرت. شۇنداقلا، مەزكۇر مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەر مۇمكىنقەدەر ئەڭ تۆۋەن چەكلەش دائىرىسىدە بولۇشى لازىم. قانۇنلۇق مەقسەتلەرنى باھانە قىلىپ قويۇلغان چەكلىمىلەردە، مەسىلەن، ئەگەر دۆلەتتىن چىقىشى چەكلەنگەن شەخسلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇلسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زادى قانداق ئەمەلىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك.
«ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»دىكى نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىش ھوقۇقىغا ئۈزۈل-كېسىل دەخلى-تەرۇز قىلماقتا؛ چۈنكى بۇ خىل چەكلىمىلەر پۈتۈنلەي خالىغانچە يولغا قويۇلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە.
ئىلاۋە: بۇ ماقالە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) تور بېكىتىدە (www.hrw.org) 2025-يىلى 3-فېۋرال ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى ئەسلى مەنبە ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز:
https://www.hrw.org/news/2025/02/03/china-travel-uyghurs-heavily-restricted
