خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىگە قارىتا جىنايى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى
خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان زىيالىيلارغا سەل قاراش، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇشتۇر.
ئاپتورى: ئۆمەر قانات (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى)
2025-يىلى 19-ئاۋغۇست
ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
تەھرىرلىگۈچى: رەھىمە تۇرسۇن
2018-يىلى 29-ئىيۇل كېچىسى، خىتاي دائىرىلىرى داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى دوكتور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن دۆلەت تېرورلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق نىشانىدۇر.
ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرنى يازغان بولۇپ، بۇ شېئىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە قامالغانلار تەرىپىدىن يادلىنىپ، كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرى تۆۋەندىكىدەك:
يانارىم يوق
بىر بۇلۇڭدا يىگانىمەن نىگارىم يوق
كىچەلىرى قارا باستى تۇمارىم يوق
بۇ ھاياتتىن ئۆزگە يەنە خۇمارىم يوق
جىمجىتلىقتا خىيال ئەزدى ئامالىم يوق
مەن كىم ئىدىم نىمە بولدۇم بىلەلمىدىم
كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى دىيەلمىدىم
يا پەلەكنىڭ خۇي پەيلىنى سېزەلمىدىم
يار قېشىڭغا باراي دەيمەن قارايىم يوق
پەسىللەرنى بىلىپ تۇردۇم بۇرجەكلەردىن
ھېچبىر خەۋەر ئالالمىدىم چىچەكلەردىن
بۇ سېغىنىش ئۆتۈپ كەتتى سۆڭەكلەردىن
قانداق يەر بۇ بارارىم بار يانارىم يوق
2017-يىلى دېكابىردا، داڭلىق ئۇيغۇر ئېتنولوگى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور تەتقىقاتخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت بېيجىڭغا بارماقچى بولغان. ئەمما سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىزلا غايىب بولغان. بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2023-يىلى ئائىلىسى ئۇنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلەلىگەن.
يەتتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە راھىلە داۋۇت تاشقىي دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تامامەن ئۈزۈۋېتىلگەن ھالدا تۈرمىدە تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرى نەدە ئىكەنلىكىنى ياكى قانداق شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئالالمىغان.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنىدا، راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ۋە داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تۈپەيلى ياشىغان ئازابلىرىنى تەسىرلىك ھالدا ئىپادىلىدى. بۇ ئىپادىلەشلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى رەھىمسىزلەرچە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
شۇنداقتىمۇ، دۇنيا بۇنىڭغا سەل قارىماقتا. ئاكادېمىك ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاكادېمىك ئەركىنلىك ۋە ئومۇمىي سۆز ئەركىنلىكىنى خىتايدىكى تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيەتكە ئىگە.
پىرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بۇ ساۋاقنى ئاچچىق تەجرىبە ئارقىلىق ئۆگەندى. ئىيۇن ئېيىدا، مەزكۇر نەشرىياتنىڭ مۇدىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللىغان بولۇپ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىگە قاتناشتى ۋە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كارامەت كۈچى» نى مەدھىيەلەپ بايانات ئېلان قىلدى، ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش ئۇيغۇر شائىرلىرىغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلە ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. شۇنداقلا پىرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بۇ قارارنى «يالغان ئۇچۇر قورالى» غا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ نۇقتا «ئۇيغۇر ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تەنقىدىي ئىنكاسلاردا قەيت قىلىندى.
قىسقىسى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەدىب، شائىر ۋە تارىخچىلىرىنى مەڭگۈلۈك قاماقتا تۇتۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئۇزۇن يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش نىشانىغا يەتكەن بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشتۇر. ئەكسىچە، تۈرمىدە ئازابلىنىۋاتقان زىيالىيلارغا سەل قاراش بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇشتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيالىيلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت ئاسمىلياتسىيەسى ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىلى تۇنجى قېتىم كۆرسەتكەندەك «ئۇيغۇر سەرخىلىرىغا قارىتا قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى شەكلى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى، ھەمدە ئوستىن رامزى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە خەۋەر قىلغاندەك «بىر مىللىي كىملىكنى يوقىتىش» ئىستراتېگىيەسى دەپ قارىلىشى كېرەك.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئامېرىكا ۋە باشقا دېمۇگراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئاشكارە چاقىرىق قىلىشى، ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە نەشرىياتلار زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان خىتايدىكى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشى كېرەك.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە راھىلە داۋۇت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈكۈتكە مەجبۇرلانغان نۇرغۇن داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پەقەت ئىككىسىدۇر. 2021-يىلى، ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن ئۇچۇرلار چەكلىك بولسىمۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە غايىب بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى، سەنئەتكارى ۋە يازغۇچىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ۋەتەندە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلارنىڭ ئومۇمىي سانى چوقۇم بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئۇلارنىڭ تەقدىرىچۇ؟ نەچچە ئون يىللىق قاماق جازاسى، ھەتتا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىدۇر. بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تەستىقلىغان، ھەتتا ھاۋالە قىلغان خىزمەتلەر، جۈملىدىن ھازىر «ئاغدۇرمىچىلىق» دەپ قارىلىۋاتقان دۆلەت قوللىغان دەرسلىك كىتابلارنى يازغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار ۋە تەرجىمانلارنى نىشانلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يادروسىغا ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ زىيالىيلار ياۋرو-ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ كۆۋرۈكىدە مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت گۈللەنگەن بىر مىللەتنىڭ جانلىق ئەسلىمىسىدۇر. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، فولكلورى ۋە ئەدەبىياتى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى، پارس ئەدەبىياتى ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ تەسىرى، شۇنداقلا شەرق ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئامىللىرىدىن ئوزۇقلىنىپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش پەقەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى مەدەنىيىتىگە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىشتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىختىساسلىق ۋە ئىجادچان سەنئەتكارلار بىلەن يازغۇچىلارنى قاماشتەك جىنايى قىلمىش جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالسا، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى بوغۇپ تۇنجۇقتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
ھازىر بېيجىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ساختا بىر نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىزنىڭ مىراسلىرىمىزدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلارنى پەيدا قىلماقتا. ئاز بىر قىسىم مەسچىتلىرىمىز يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇقتۇر. بالىلىرىمىز دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلدى، ئۇ يەردە ئۇلار ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۆزگەرتىلدى. تىلىمىز چەكلەندى، مەسچىتلىرىمىز ۋە قەبرىستانلىقلىرىمىز تۈزلەپ تاشلاندى، كىتابلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى.
راھىلە داۋۇتتەك مازارلىرىمىزنى تەتقىق قىلغۇچى، ئىلھام توختىدەك كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغدىغۇچى، يالقۇن روزىدەك ئەدەبىياتىمىزنى يۈكسەلدۇرگۈچى ۋە ھۈسەنجان ئەسقەردەك تىلىمىزنى قوغدۇغۇچى زىيالىيلار بولمىسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز جانلىق بولۇشتىن قېلىپ، پەقەت كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بىر تاشقاتمىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
بۇنداق شارائىتتا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشتەك ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلارنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقى ياكى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقى بولغان بىۋاستە تۇققانلىرى بار. جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى. بىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ قويۇپ بېرىشكە ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشكە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلىشقا ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز. خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتمىسە دۇنيا بىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
بۇ ھەرىكەتلەر پەقەت سىمۋوللۇقلا بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمىنى خەلقئارادا ئاشكارىلاش خىتايغا زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىتايغا قارشى ھەرىكەتتە ئۈنۈمى زور بولغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت ئاسمىلياتسىيەسى ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ياخشىلىغىلى، قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. سۈكۈت قىلىش بولسا، مەھبۇسلارنى مەڭگۈلۈك غايىب بولۇشىغا يول ئاچىدۇ.
خىتاي دۇنيانىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاراتقان سەرخىللار قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى خالايدۇ. بىز بۇ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشىغا ئەسلا يول قويالمايمىز. دېمۇگراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئاكادېمىك جەمئىيەتلەرنىڭ خىتاي تۇتقۇنىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىسىملىرىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشى، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى نۆۋەتتە ئەڭ جىددىي بىر زۆرۈرىيەتتۇر.
ماقالىنىڭ ئېنگىلىزچە ئەسلى مەنبەسى:
https://thediplomat.com/2025/08/chinas-genocide-and-the-eliticide-of-uyghur-scholars/

