ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتلاردىن ئەندىشە قىلماقتا
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ خىتاي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان 2026-يىللىق ئاخبارات باياناتى
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
تەھرىر: دوكتور قۇربانجان نىياز
جەنۋە – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇتەخەسسىسلىرى بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر، شۇنىڭدەك تىبەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئىزچىل ئەيىبلەشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باغلىنىشلىق بولغان، شۇنىڭدەك دۆلەت ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىزىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇ ھەقتە توختىلىپ «كۆپ خىل ئەھۋالدا مەجبۇرلاش ئامىللىرى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، كىشىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سۈپىتىدە قۇل قىلىش دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەت ئىجرا قىلىۋاتقان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىش» شوئارى ئاسىتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا رايونلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي يوسۇندا يۆتكىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار سىستېمىلىق نازارەت، كۆزىتىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەگە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، جازالىنىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇنلۇقتىن قورقۇش تۈپەيلدىن بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى رەت قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ بەش يىللىق پىلانى» (2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە) دا 13.75 مىليون قېتىملىق ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلانلانغان بولۇپ، ئەمەلىي سان ئاللىقاچان يېڭى پەللىگە يەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان «تەربىيەلەش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ھەرىكەت پىلانى» لايىھەلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نىشانلىرىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدا سىستېمىلىق تەربىيەلەش ۋە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» چاقىرىقلىرى ۋاستە قىلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ سىياسەتلەر ھەربىيچە شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەلەشكە ئوخشاپ كېتىدىغان مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنى ئاقلايدۇ. 2024-يىلىنىڭ ئۆزىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تىبەتلەرنىڭ سانى 650 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ.
ئېيتىلىشىچە، تىبەتلەر «پۈتۈن كەنتنى كۆچۈرۈش» پىلانى بويىچە كۆچۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ «رازىلىقى» مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىنىدۇ. شۇ قاتاردا توختىماستىن «ئۆي زىيارىتى» قىلىش، جازا ھەققىدىكى تەھدىت سېلىشلار، تەنقىد پىكىرلىرىنى مەنئىي قىلىش ياكى زۆرۈر تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى كېسىپ تاشلاش بىلەن تەھدىت سېلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ «2000-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 3.36 مىليون تىبەتلىك بۇ خىل سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا يۆتكىلىشكە لايىقلىشىش نامىدا ئولتۇراق ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇشقا مەجبۇرلانغان. ھۆكۈمەت ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا نوپۇسىدىكى 930 مىڭغا يېقىن تىبەتلىك پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈرۈش ياكى يەككە ئائىلىلەرنى كۆچۈرۈش شەكلىدە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلگەن» دەيدۇ.
ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ خىلدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تەدبىرلىرى ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدا نامراتلىقنى تۈگىتىش نىقابىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر، شۇنىڭدەك تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى مەجبۇرىي يوسۇندا قايتا بەرپا قىلىپ چىقىش نىشان قىلىنغان» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «ئەمگەك كۈچى ۋە يەرلەرنى يۆتكەش ئارقىلىق ئاشۇ ئاۋام خەلق ئالايىتەن بېكىتىلگەن نۇقتىلارغا كۆچۈرىلدۇ، بۇ جايلاردا بولسا ئۇلارغا ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا تاللاش نېسىپ بولمايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ياكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆزلىرى تاللىغان جامائەت توپلۇقى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، شۇنداقلا مەدەنىيەت، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى يىمىرىلىپ كۆزدىن يۈتىدۇ. بۇ بولسا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان ۋە يوقىتىشتۇر.»
مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق دۇنياۋىي تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىۋاتقان مەھسۇلاتلاردىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى بۇ ھال تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان نازارەت، نىشانلىق سودا چەكلىمىسى ساھەسىدىكى تەدبىرلەرنىڭ تەسىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرتىپكە سېلىشتا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپلىگەن شۈبھلىك سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ياكى مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىلارنى بۇ جايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەرنى تولۇق ئويلىشىشقا، شۇنىڭدەك ب د ت نىڭ «سودا-سانائەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى يېتەكچى پرىنسىپى» بويىچە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە تولۇق قاراپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ.
ئۇلار بۇ ھەقتە توختىلىپ «شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەيدۇ. شۇنىڭدەك ب د ت قارمىقىدىكى مۇستەقىل ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا چەكلىمىسىز كىرىشىگە يول قويۇش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ.
ئەسلى مەنبە ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
