You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ئازسانلىقلاشتۇرۇلۇشى»

خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ئازسانلىقلاشتۇرۇلۇشى»

ئاپتورى: دوكتور دىلنۇر رەيھان

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان

تەھرىر: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

قىسقىچە مەزمۇنى

2017-يىلىدىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركۈملەپ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا دۇچار بولۇۋاتقان «خىتاي ئاز سانلىق مىللىتى» دەپ تونۇشقا باشلىدى؛ تەتقىقاتچىلار ۋە بەزى دۆلەتلەر بۇ زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى. خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى «ئىچكى ئىشلار» دەپ رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ قالغان قىسمى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا بىر «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت» سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ستالىننىڭ تولۇق قوللىشى بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن باشلانغان خىتاي – ئۇيغۇر مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. ئولتۇراقلاشقۇچى مۇستەملىكىچىلىك (settler colonialism) ئاستىدىكى يەرلىك بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە يەرلىك ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىشقا خىزمەت قىلىدىغان بۇ خىل «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ بېكىتىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە قۇرۇلمىلىق باشقۇرۇشى بىلەن نىسبەتەن گۈللىنىۋاتقانن پەيىتتە، ماۋ زېدۇڭ بۇ رايوننىڭ خىتاي تەسىرىدىن چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى؛ چۈنكى 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شىمالىي موڭغۇلىيە دەل مۇشۇنداق قىلغان ئىدى. يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇشنى زادىلا خالىمايدىغان تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ نىيىتىمۇ دەل مۇستەقىللىق ئىدى. 1949-يىلى باھاردا، ماۋ زېدۇڭ بىلەن غەربىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى پېڭ دېخۇەي شەرقىي تۈركىستانغا قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى پات-پات مۇزاكىرە قىلىشتى: ئۇيغۇر رايونى بەكلا يىراق، ئىشەنچلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى كەمچىل، قىش يېقىنلىشىپ قالغان، ئۈستىگە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى (PLA) قىسىملىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى مۇزاكىرەلەردە، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى 1950-يىلى يازدا، ھەتتا 1951-يىلى ئېلىپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن ئىدى. شىمالىي موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇپ كېتىشى مەيلى گومىنداڭچىلار بولسۇن ياكى كوممۇنىستلار بولسۇن، خىتايلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن ئاچچىق بىر تالاپەت بولغان ئىدى. ماۋ، ستالىننى «تاشقى موڭغۇلىيەنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش» كە قايىل قىلىش پىكرىدىن تېخى ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە — مۇستەقىللىقى تېخى ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنمىغان شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش ئىدى.

«2010-يىللىرى  مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان ۋە 2021-يىلى ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رۇس ھۆججەتلەرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا — يەنى خىتايلار «شىنجاڭ» (يېڭى چېگرا) دەپ ئاتىغان زېمىنغا — قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردى. (1-ئىزاھات) ستالىن تېخى 1949-يىلى ئاۋغۇستتىلا يۈز بەرگەن سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى سۈيىقەست بىلەن يوقىتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا ئالدىن يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

1949-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا، ماۋ ستالىنغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ رايوندىكى تۆمۈر يوللار ناچار، شارائىت مۇشەققەتلىك، ئادىمىمىز ئاز، ئوزۇق-تۈلۈكىمىز يوق. بىز جىددىي ياردەمگە مۇھتاج؛ سىزنىڭ بىزنى 30 دىن 50 كىچە يۈك ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىڭىزنى؛ ئۇزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك، مۇھىم خادىملار ۋە قوشۇننىڭ بىر قىسمىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.» ستالىن ماۋنىڭ نېمىسى كەم بولسا ھەممىنى تولۇقلاپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋىئاتسىيە يېقىلغۇسى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى بېقىش ئۈچۈن 10,000 توننا ئاشلىقمۇ بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قوللىشى بولمىغان بولسا، كوممۇنىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ئەسلا مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.»

ئەگەر ماۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن بولسا نېمە بولغان بولاتتى؟ گەرچە ئۇ(ماۋ) تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى سەل كېچىكتۈرۈپ، بەلكىم 1951-يىلىغا قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بېسىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللانغان كۈچلۈك بىر مىللىي ئارمىيەگە ئىگە بولۇپ، گومىنداڭنىڭ خىتاي مىللىي ئارمىيىسىنى ئاللىبۇرۇن مەغلۇپ قىلىپ بولغان ئىدى؛ شۇڭا ئۇ ئۆز ئازادلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار «خىتاي ئاز سانلىق مىللىتى» دەپ ئاتالمايتتى — بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشنى ئەلا بىلىدىغان بىر ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «شىنجاڭ» دېگەن نامغا ئوخشاش بىر تەرەپلىمە (پارتىزانچە) بېكىتىلگەن نامدىن ئىبارەت؛ بۇ خىل ئاتاش خىتاي-ئۇيغۇر مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر خىل سېمۋوللۇق زوراۋانلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

1. ئاز سانلىق دېگەن نېمە؟

ئالدىنقى ئىمپېرىيەدىن قالغان مۇستەملىكىچىلىك مىراسلىرى، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ «ياۋايى» دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ «قالاق» كىملىكلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قىلىنغان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ئايان تۇرسىمۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنى «غەرب ئىمپېرىيالىزمىنىڭ قۇربانى» قىلىپ كۆرسىتەلىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل زېمىنلىرىدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش (decolonization) مەسىلىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. شۇ سەۋەبتىن، بۇ مۇستەملىكە رايونلارنىڭ ئاساسلىق خەلقلىرى — ھەتتا ئالىملار تەرىپىدىنمۇ — يەنىلا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىك ئۆز نۆۋىتىدە «ئازسانلىقلاشتۇرۇش»نى (minoritization) كۆزدە تۇتىدۇ. «ئاز سانلىق مىللەت» ئۇقۇمى ئەسلىدە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا خەلقئارالىق تۈس ئالغان بولسىمۇ، ئۇنى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخى نۇقتىسىدىن قايتا باھالاش زۆرۈر. ئۇنداقتا، ئاز سانلىق مىللەت دېگەن زادى نېمە؟

ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى نوپۇس (سان جەھەتتىن ئازلىق) ۋە ئىجتىمائىي (بېقىندىلىق) نۇقتىسىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما نوپۇس سانىلا يېتەرلىك ئۆلچەم ئەمەس؛ مەسىلەن، دۇنيانىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا ئاياللار سان جەھەتتىن كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندىن ناھايىتى ئاز بەھرىمەن بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان قارا تەنلىكلەرنىڭ يەنىلا بېقىندى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

پەيلاسوپلار گىللېس دېلۇز ۋە فېلىكس گۇاتتارىنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت بىر «ئازسانلىقلاشتۇرۇش» جەريانىدىن، يەنى بېكىتىلگەن بىر «ئۆلچەم»دىن چەتنەشتىن بارلىققا كېلىدۇ. بۇ يەردە كۆپ سانلىق بىلەن ئاز سانلىق نوپۇس ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئورگان خاراكتېرلىك ھوقۇق (institutional power) ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. كۆپ سانلىق دېگىنىمىز تاللاشلىرى ئورگانلار (ئادەت، قانۇن ۋە تۈزۈملەر) تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ۋە يەتكۈزۈلىدىغان شەخسلەردۇر. بۇ ئورگانلار بىر تۈركۈم ئاز ساندىكى ئادەملەرنى — دېلۇز ۋە گۇاتتارى «سېگمېنت» (segment) دەپ ئاتىغان توپنى — قوغدايدىغان ھۆكۈمران ۋە بىر خىل شەكىلدىكى سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت مۇشۇنداق بىر يۈرۈش ئۆلچەملەر بويىچە قاتلاملارغا ئايرىلىدۇ.

كۆپ سانلىقنىڭ بىر قىسىمى بولۇش «قارار چىقىرىش ھوقۇقى»غا ئىگە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھوقۇق باشقىلارنى «ئازسانلىقلاشتۇرۇش»، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەقەتلا «ئۆلچەمدىن چەتنەش»كە چۈشۈرۈپ قويۇش — قىسقىسى، ئۇلارنى سىرتتىن تۇرۇپ بېكىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئازسانلىقلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلەپ، ئۇلارنى «سىڭىشىش ۋە بىر گەۋدىلىشىشكە موھتاج» قىلىپ كۆرسىتىدۇ، يەنى كۆپ سانلىققا ئوخشىشى كېرەكلىكىنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىدۇ. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە «مەدەنىيەت تارقىتىش ۋەزىپىسى» بولسا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆز كىملىكىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە ياتلاشقان دەپ قارالغان ئاشۇ ئازسانلىقلاشتۇرۇلغان خەلقلەرنى يۇتۇۋېلىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلار بولسا «دۈشمەن» ياكى «يولدىن چىققانلار» دەپ ئاتىلىدۇ.

شۇڭا، «ئاز سانلىق مىللەت» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ نېيترال ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سالاھىيەت تېڭىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ بۇنداق ئازسانلىقلاشتۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئۆزىنى مۇستەملىكە قىلىنغان بىر مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە تىرىشىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئامما ئۈچۈن قوشۇمچە بىر زوراۋانلىق شەكلىدۇر.

2. نېئو-ئورىېيانتالىزمدىن ھالقىش

ھەتتا «ئاز سانلىق مىللەت» ئۇقۇمىنى تېڭىۋاتقان مەدەنىيەت ئىمپېرىيالىزمىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىرغان بوردىيۇ (Bourdieu) ۋە ۋاكنت (Wacquant) قاتارلىق ئالىملارمۇ، مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىسىگە يەنىلا ياۋروپا مەركەزچىلىك نۇقتىسىدىن باھا بەرمەكتە. ئۇلار ئىمپېرىيالىزم بىلەن مۇستەملىكىچىلىكنى پەقەت غەربكە خاس ھادىسە دەپ قاراپ، باشقا يەرلەردە، بولۇپمۇ ئاسىيادا بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بۇ خىل ياۋروپا مەركەزچىلىك قارىشى، بولۇپمۇ غەرب سولچىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكا قوللىغان ھەر قانداق نەرسىنى قەتئىي رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەن «نېئو-ئورىېنتالىزم» (يېڭى شەرقشۇناسلىق) دەپ ئاتىغان بۇ ئەما ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى ئىدىيە، غەربلىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىمپېرىيالىزمى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىنى ئاقلاشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرگە سەل قاراشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ بەلكىم «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغۇچى» تەپەككۇر ئىگىلىرى، غەربنىڭ ئوڭچىللىرى ۋە غەربكە قارشى تۇرغۇچى جەنۇب دۆلەتلىرى (Global South) بىرلىككە كەلگەن ئاز ساندىكى ئىدىيەلەرنىڭ بىرىدۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىن باشقا ئىمپېرىيەلەر، بولۇپمۇ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى «ئازسانلىقلاشتۇرۇش»تا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ قاراشنىڭ «نېئو-ئورىېنتالىزم» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەنىلا ئاشۇ كونا ئورىېنتالىستچە (شەرقشۇناسلىق) قاراشنى تەكرارلاپ، «خاتا» مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى خەلقلەرگە سىرتتىن تۇرۇپ باھا بېرىۋاتقانلىقىدىدۇر.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنى «غەرب ئىمپېرىيالىزمىنىڭ قۇربانى» قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىك تەنقىدلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن قۇتۇلۇپ قالماقتا. ياۋروپا-ئامېرىكا مۇھىتىدىن كىرگۈزۈلگەن «ئاز سانلىق مىللەت» ئۇقۇمى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى بېقىندى قىلىش، ئۇلارنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە ھۆكۈمران سىستېمىغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورال قىلىنماقتا. ئازسانلىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېڭىلغان بۇ بويۇنتۇرۇقنى رەت قىلغان مۇستەملىكە مىللەتلەر بولسا «دۈشمەن» دەپ ئاتالماقتا، ياكى 2001-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن باشلانغان «تېررورلۇققا قارشى يەر شارى ئۇرۇشى»دىن بۇيان «تېررورچى» دەپ تامغىلانماقتا.

3. «ئىلمىي بايان» ۋە نېئو-ئورىېيانتالىزمنىڭ ئاقىۋەتلىرى

مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى «ئاز سانلىق مىللەتلەر» دەپ ئاتاشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچى بولماقتا. دىن، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ياكى تىل بىلەن بەلگىلەنگەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش، تارىختىن بۇيان ئارىلىشىۋالماسلىقنى ئاساس قىلغان لىبېرال مودېلغا ئەگىشىپ كەلدى؛ بۇ مودېل ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەقەت پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنىلا تەكىتلەيتتى. يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇساپىسىگە ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ «ئەتراپلىق جازاسىز قېلىش» ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، بارلىق تەنقىدلەرنى «ئىچكى ئىشلار» دېگەن سۆز بىلەن رەت قىلىپ، جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئازسانلىقلاشتۇرۇش (minoritization) بىر توتالىتار دۆلەتكە مەلۇم بىر خەلقنىڭ ھايات-ماماتى ئۈستىدىن چەكلىمىسىز ھوقۇق بېرىدۇ، بۇ بولسا سىرتتىن مۇداخىلە قىلىشنى ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

ئېزىلگەنلەرنىڭ قارشىلىقى دائىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ئۆچ ئېلىش ۋە باستۇرۇش تەدبىرلىرىگە سەۋەب بولىدۇ. قۇربانلارنىڭ ھۆكۈمران ياكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە قاراتقان بۇ خىل قارشىلىقى ئىزچىل تۈردە «جىنايەت» ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى — مەيلى ئۇ ھەقىقىي بولسۇن ياكى ئويدۇرما بولسۇن — «تېررورلۇق» دەپ بېكىتىلدى. غەربتىكى ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلمى ھەققىدە يېزىلغان خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ «تېررورلۇق تەھدىتى» ھەققىدىكى بايانلىرى تىلغا ئېلىنمىغان بىرەر پارچە ماقالىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك. بۇ دەل ئورىېنتالىستچە «ھەقىقەت تۈزۈمى»نىڭ (regime of truth) كۈچىدۇر؛ بۇ تۈزۈمدە مۇستەملىكىچى يەرلىك خەلقنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئائىت بايانلارنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتىدۇ. (5-ئىزاھات) بۇ جەرياندا مۇستەملىكىچىنى چەتئەلدىكى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى، ھېكايىلىرىنى ۋە ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغان بىلىم ئورگانلىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرى قوللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇستەملىكىچى «ئىلمىي بىلىم»گە ئىگە بولۇۋالىدۇ، مۇستەملىكە قىلىنغانلار بولسا ئۆزلىرى ئۈچۈن سۆزلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ، سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى قىممەت ۋە قانۇنىيەتتىن ئايرىپ تاشلىنىدۇ.

ئاممىۋى بايانلاردىكى بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك زوراۋانلىقىنى ئاقلاش «نورمال تەتۈر چۆرۈش» (normative inversion) دېيىلىدۇ. (6-ئىزاھات) بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە نىقابلىق تۈس ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار رەسمىي تۈردە ھەم «ئاز سانلىق مىللەت» ھەم «تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ تامغىلانماقتا. «نورمال تەتۈر چۆرۈش» مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارىماي، ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك ۋە سىياسىي ھوقۇق تالاب قىلىشىغا ئاساس بولىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي قانۇنىيەتلىك تەلىپىنى ئىنكار قىلىش — يەنى ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى جىنايەتكە چىقىرىش، سىياسىي ئىرادىسى ۋە ئەخلاقىي ئورنىنى ئىرقىي جەھەتتىن يوققا چىقىرىشتۇر. ئورىېنتالىزمدىكىگە ئوخشاش، «ئىلمىي بايان» نىقابى ئاستىدىكى سىياسىي ۋە ئاكادېمىك مەھسۇلاتلار «نورمال تەتۈر چۆرۈش»نى داۋاملاشتۇرۇشتا، قارشىلىقنى جىنايەتكە چىقىرىشتا ۋە مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي قانۇنىيەتلىكىنى ئىنكار قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىلمىي بىلىم بىر ھۆكۈمرانلىق قورالىغا ئايلىنىدۇ، بۇ يەردە مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ ئاۋازى مۇستەملىكىچى بايانلار ئۈچۈن قۇربان قىلىنىدۇ، كۆرۈنمەس قىلىنىدۇ ياكى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشلەردە ياۋروپا مەركەزچىلىك قارىشىدىن ھالقىش ۋە غەربتىن باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى ئېتىراپ قىلىش تولىمۇ جىددىي ۋەزىپە. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقاتقان ئولتۇراقلاشقۇچى مۇستەملىكىچىلىكىگە دۇچار بولماقتا؛ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمىدىن خالىي، ئەركىن ياشاش ھوقۇقى بار. ئالىملار، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسەتچىلەر مۇستەملىكىچى ئاتالغۇلارنى تەكرارلاشنى توختىتىپ، مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش (decolonization) مۇستەملىكىچى قاراش تەرىپىدىن تېڭىلغان تۈرلەرنى ۋە ئۇلارنى يۆلەپ تۇرغان ئىدىيەلەرنى تەنقىدىي نۇقتىدىن قايتا باھالاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ماقالىنىڭ ئېنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ:

https://www.cambridge.org/core/journals/public-humanities/article/minoritization-of-the-uyghur-nation-under-chinese-colonialism/4FF948261245E03FEFE99D8D584B326D

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top