خىتاي چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قانداق ئۈزىدۇ؟
«ئەگەر ئائىلەمگە تېلېفون قىلسام، ئۇلار خىتايلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.»
ھېنرىك شادجىيېۋسكىي (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى)
ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
تەھرىر: ئابىدە ئابباس نەسرىن
2017-يىلى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئابلاجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلغان. سۆھبەت ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قايتا تېلېفون قىلماسلىقنى بۇيرۇشى بىلەن تۇيۇقسىز ئاخىرلاشقان. ئۇ يەنە ئالاقە قىلىشنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇ قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىنكى سەككىز يىل مابەينىدە، ئابلاجان ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغان.
بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈت شەخسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ئەمەس. بۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كونتروللۇقى ۋە دۆلەت تېرورىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى مۇسۇلماندۇر، ئۇلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون (دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئەڭ ئاز 25 مىليۇن دەپ قارىماقتا)، دىئاسپورادا بولسا بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىنى «شىنجاڭ» ياكى «يېڭى چىگرا» دەپ ئاتايدۇ، بۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مۇستەملىكىچىلىك ئاتالغۇسى دەپ قارىلىدۇ. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇر رايونى» دېگەن يەر ناملىرىنى ئىشلىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر رايونىدا – ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە – نازارەت قىلىش ۋە تۈركۈملەپ لاگېرغا قاماشنى كېڭەيتكەچكە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئائىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. 2020-يىلى، ئاشكارىلىنىپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن «چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىشى» لاگېرغا قاماشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە ئەرزان ۋە تېز بولغان ئۆزئارا تورلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا، بىر قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا.
مەن ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن سۆزلىشەلمىگەن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات تەييارلاش جەريانىدا، ئابلاجاننىڭ دۆلەتنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن سۈكۈت قىلىش ھېكايىسىنىڭ ئايرىم بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى كۆردۈم. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگىنىگە ئون يىلغا يېقىنلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭلاشتىن كەلگەن ئېغىر قايغۇ، بالىلارنىڭ بوۋا-مومىلىرىنى تونۇماي چوڭ بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەۋلادلار ئارا بوشلۇق، روھىي ساغلاملىقنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا يىلتىز تارتقان مەدەنىيەت ئىپادىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار شەكىللەنگەن. بۇ زىيانكەشلىكلەر ئىسلاموفوبىيە (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش) كۈچىيىۋاتقان دۇنياۋى ئارقا كۆرۈنۈشتە يۈز بەرمەكتە، بۇ يەردە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى بارغانسېرى خەۋپسىزلىك نىشانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىنىپ، كوللېكتىپ تەھدىت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئائىلە تۇرمۇشى ئۈستىدىن ئادەتتىن تاشقىرى دۆلەت كونتروللۇقىنى نورماللاشتۇرۇۋاتقان ئەھۋالغا ئايلانماقتا.
تۇغقانلار بىلەن ئۆزئارا تونۇشلار ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئالاقە قىلىشمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر ئۇيغۇر ماڭا ئۆتكەن يىلى بىر ۋاسىتىچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىخەتەر ئالاقىدىن كېيىن، خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ قېيىنئاتىسىنى سوراق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولغان چاغلاردا، بەزى ئائىلىلەر نازارەت قىلىنغان ياكى سىنارىيە بويىچە ئورۇنلانغان تېلېفون سۆھبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ سۆھبەتتە «نورماللىق» تەقلىد قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تېلىفۇن كۆرۈشۈشلىرى تەھدىت سۈپىتىدە رول ئوينىغان. باشقىلارغا ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتى تەمىنلەنگەن، ئەمما خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىۋىستلار چوقۇم دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قوشۇلۇش ياكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىق قاتتىق شەرتلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك بولغان. خەۋەرلەر، ئەگەر يېتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادەتتە تولۇق بولمىغان ياكى ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن، ئېنىقسىزلىق ئىچىدە تۇرۇش دائىملىق ھالەتكە ئايلانغان. بۇلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دراماتىك خورلاشلار ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك زىيان سىستېمىلىرىدۇر.
ۋەتەندىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئائىلە بولسا دۆلەت ئۇلارغا قول سوزىدىغان ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر ۋاسىتە، ھەتتا چېگرا سىرتىدىمۇ شۇنداق. ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئائىلە ئەزالىرى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىنىڭ قىلمىشلىرى، سۆزلىرى ياكى چەتئەلدە بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. بۇ تەھدىت چەتئەلدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرنى جىمىقتۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدا ئائىلىسىنىڭ بولۇشى بىر خىل تۇتقا (گۆرۈ) بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەسلى قەشقەردىن بولغان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۈسۈپجان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى ئانىسى بىلەن سۆزلەشكەن. يۈسۈپجان ئۆزلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى سەۋەبىدىن بولغان-بولمىغانلىقىغا جەزم قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئانىسى شۇ يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئالتە يىل تۈرمىدە ياتقان.
نەچچە يىللىق ئايرىلىشقا قارىماي، ھەتتا ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولمىغان چاغلاردىمۇ، ئائىلە رىشتىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىش مۇمكىىن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم، ئوچۇق، ساياھەت ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى. 2021-يىلى 1-ئايدىكى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى زۇلھايات ئىسمايىل: «شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئەركىن ۋە نورمال» دەپ دەۋا قىلدى. ھالبۇكى، بۇ دەۋا مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە پۈتۈنلەي زىت. يۈسۈپجان چۈشەندۈرگەندەك: «ئەگەر ئائىلەمگە تېلېفون قىلسام، ئۇلار خىتايلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.»
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇ قورقۇتۇش ۋە مەجبۇرلاشلار كۈنسىرى كۈچىيىپ داۋاملىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈۋاتقان تۇرسا؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى، دۇنيانىڭ دىققىتى باشقا جىددىي ۋەقەلەرگە بۇرۇلۇپ كېتىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى مۇستەبىت خىتاي كونتروللۇقىنىڭ نازۇك قورالىغا ئايلانغان بۇ ئەھۋال بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ قويدى. شۇنداقتىمۇ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىسى دېموكراتىك جەمئىيەتلەر ئۈچۈن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنماقتا. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2026-يىلى 1-ئايدىكى ئانالىزىدا دۆلەتلەرنىڭ چەتئەلدىكى دىئاسپورالارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش ۋە ئائىلىنى ئاساس قىلغان مەجبۇرلاشلارنى قانداق كۈچەيتىۋاتقانلىقى خاتىرىلەنگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»نىڭ 17-ماددىسىغا ئاساسەن، شەخسىي سىر ۋە ئائىلە تۇرمۇشى ھوقۇقىنى، جۈملىدىن تۇغقانلار بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما شەخسلەرنىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى دۆلەت زوراۋانلىقىغا دۇچار قىلىپ قويۇشتىن ئەيمىنىپ ئالاقە قىلىشتىن يانغان ئەھۋاللارنى ھەل قىلىش زۆرۈر: بۇنداق دۆلەت تەھدىتى بەزىدە ئاشكارا بولغاندىن كۆرە يوشۇرۇن بولىدۇ.
مېنىڭ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىم جەريانىدا، گەۋدىلىك بولغىنى پەقەت يوقىتىش ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسىلا ئەمەس، بەلكى قەدىر-قىممەتمۇ ئىدى. نەچچە يىللىق ئايرىلىشقا قارىماي، ھەتتا ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولمىغان چاغلاردىمۇ، ئائىلە رىشتىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىش مەۋجۇت ئىدى. ئائىلىسى غۇلجىدىن بولغان رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: «ھازىر ئالدىراش تۇرمۇشۇم بولغانلىقىدىن خۇشالمەن. بالىلىرىم، يولدىشىم ۋە خىزمىتىم بولغاچقا، ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلمايمەن. شۇنداقتىمۇ، مەن ئۆز تۇرمۇشۇمنى كەچۈرۈۋاتقان بولساممۇ، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرىمنىڭ بۇ دۇنيادا تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.»
مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلار ھېسداشلىق ياكى ئالاھىدە مۇئامىلە تەلەپ قىلمىدى. ئۇلارنىڭ تەلىپى ئاددىي بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەيمەنمەي ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىش ئىدى.
*بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تىلغا ئېلىنمىدى.
ماقالىنىڭ ئېنگلىزچە ئەسلى مەنبەسى:
