You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » خىتاينىڭ يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى

خىتاينىڭ يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى

ئاپتورى: لاۋرا بىچەر Laura Bicker

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت

تەھرىر: سۈبھىنۇر ئۆمەرجان

بېيجىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چەكلىگەنلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

خىتاي «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك يېڭى بىر قانۇننى تەستىقلىدى. ئەمما تەنقىدچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

مەزكۇر قانۇن قەغەز يۈزىدە مائارىپ ۋە تۇرالغۇ سىياسەتلىرى ئارقىلىق، خىتايلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 56 مىللەتنىڭ «بىر گەۋدىلىشىشى»نى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىياسەتنىڭ كىشىلەرنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

يېڭى قانۇن بويىچە، بارلىق بالىلار يەسلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر، تىبەت ياكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆز ئانا تىلىدا ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىدى.

مەزكۇر قانۇن 12-مارت پەيشەنبە كۈنى، يىللىق قورچاق پارلامېنت يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تەستىقلاندى.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە دوتسېنتى ماگنۇس فىسكېسجو (Magnus Fiskesjö) ئۇنىۋېرسىتېت دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن 1949-يىلىدىن بۇيان رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن مىللىي كۆپ خىللىقنى باستۇرۇش مەقسىتىدە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان كەسكىن سىياسەت ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان. كېيىنكى ئەۋلاد بالىلار ھازىر ئۆز جەمئىيىتىدىن يەكلىنىپ، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرلانماقتا.»

شۇنداقتىمۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستىقبالىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھۆكۈمەت يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قانۇنىنىڭ «تېخىمۇ زور ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى» ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر قانۇن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ مەلۇمكى، بۇ ئورگان كۈنتەرتىپىدىكى ھېچقانداق تۈرنى رەت قىلىپ باقمىغان.

بۇ قانۇن يەنە، بالىلارغا مىللىي ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان «زىيانلىق» قاراشلارنى سىڭدۈرگەن ئاتا-انىلارنى ياكى ۋەسىيلەرنى جازالاشقا قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قانۇندا «ئۆزئارا سىڭىشكەن مەھەللە مۇھىتى» يارىتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «خىتايلاشتۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، مىللەتلەرنى ئاساسلىق خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ بىر تۇتاش دۆلەت كىملىكى يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە خىتايلار دۆلەتنىڭ 1.4 مىليارد نوپۇسىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

بېيجىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چەكلىگەنلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى. تەنقىدچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەرلەردىكى كىشىلەر سىڭىشىشكە مەجبۇرلانغان. دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بۇ سىياسەت خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ تېزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆكتىچى پىكىرلەر ۋە نامايىشلارغا، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەت رايونلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بەرمەكتە.

تىبەتتە دائىرىلەر راھىبلارنى قولغا ئېلىش ۋە ئىبادەتخانىلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دالاي لامانىڭ نامىنى تىلغا ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا، BBC تىبەت قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى دەپ قارالغان بىر ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلغاندا، راھىبلار ئۆزلىرىنىڭ دائىملىق قورقۇنچ ۋە تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان راھىبلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «بىز تىبەتلەر ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىمىزدىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى سىستېمىلىق باستۇرۇپ ۋە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس».

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا (شەرقىي تۈركىستاندا) كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتىۋالغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېيجىڭنى رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

BBC نىڭ 2021- ۋە 2022-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار، شۇنداقلا بېيجىڭ ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايەتلىرىگە ئائىت دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2020- يىلى، خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان موڭغۇل مىللىتى، موڭغۇل تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى قىسقارتىپ، خىتاي تىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىگە قارشى، رايوندا كەم ئۇچرايدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى.

بەزى موڭغۇللار بۇ سىياسەتنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە قارىتىلغان تەھدىت دەپ قارىغاچقا، ئاتا-ئانىلار قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشتىن باش تارتتى. دائىرىلەر بولسا ئۆزلىرى «قارشى پىكىر» دەپ قارىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېز سۈرەتتە ھەرىكەتكە كەلدى.

گەرچە خىتاي كۆممۇنىستىك پارتىيەسى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، تەنقىدچىلەر يېڭى قانۇننىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى دوتسېنتى ئاللېن كارلسون (Allen Carlson) خىتاينىڭ رەسمىي نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى غەيرىي خىتاي مىللەتلەرنى كۆپ سانلىق خىتاي مىللىتى بىلەن بىرلىشىشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، ھەممىدىن مۇھىمى بېيجىڭغا سادىق بولۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى».

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىئان چوڭ (Ian Chong) BBC غا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ «مەقسەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: «بۇ خىل بايانلارنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ’قالاق‘، ’تەرەققىياتقا توسالغۇ‘ دەپ چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن ئاسان».

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلدى: «شى جىنپىڭنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىنى يادرو قىلغان ’بۈيۈك ۋە كۈچلۈك خىتاي مىللىتى‘ بەرپا قىلىش ئىدىيىسى بىلەن بىردەك. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر شۇ يادرودىن ئايرىلىپ چىققان قوشۇمچە تەركىب سۈپىتىدە قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەھۋالخىتاي بولمىغان  مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىللىرى ئۈستىدىن يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن كونتروللۇق، چەكلەش ۋە باستۇرۇش باسقۇچلىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن ئەندىشە پەيدا قىلماقتا».

ئىلاۋە: بۇ ماقالە https://www.bbc.com  تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2026-يىلى 12-مارتتا ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:

https://www.bbc.com/news/articles/cp9meeek051o

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top