ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچرىماقتا
ئاپتورى: ئانى Ani (ھىندىستان مۇنبەر تور گېزىتى مۇخبىرى)
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: رەھىمە تۇرسۇن
ميۇنخېن [گېرمانىيە]، 5-ئاپرېل (ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، پائالىيەتچىلەر، قانۇن تۈزگۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەدەنىيەتنى يوقىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە بولغان خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىتالىيەدىكى پوردېنونې خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا، لاگېر شاھىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى قەلبىنۇر سىدىق «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ دایا کاھېن رېژىسسورلۇق قىلغان «ماشىنا كۆزلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى گۇۋاھلىقىدىن كېيىن قولغا كەلگەن.
کاھېن بۇ شەرەپنى مۇھىم دەپ تەسۋىرلىدى ۋە بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسىگە تېخىمۇ كەڭ دىققەت قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پارلامېنتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىدىن گۇمانلانغان كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكېل مانىڭ سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
بۇ مۇنازىرە باش مىنىستىر مارك كارنىينىڭ يېقىندا خىتاي ئېلېكترونلۇق ماشىنىلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش قارارى بىلەن تەڭ كەلگەن. مارگارېت مەككۇئايگ-جونسوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى كانادانىڭ ئۆزگىرىۋاتقان مەيدانىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى.
ئاياللار بايرىمى ئېيىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگىمۇ دىققەت تارتىلدى. «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رەھىمە مەھمۇت مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۈركۈملەپ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە جىنسىي زورلۇق قاتارلىق سىستېمىلىق خورلاشلارنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى جىنسىي ھوقۇق مۇنازىرىلىرىدىن چەتتە قالدۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خۇلاسىلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى يەكۈنلەنگەن.
خىتاي ئىچىدە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن ئەندىشىلەر كۈچەيدى.
دوكلاتلاردا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ئوخشاش شەھەرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى بەلگىلەرنىڭ ئېلىۋېتىلىشى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن مۇھىم بولغان بىناكارلىق سەنئەتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلىشى قاتارلىق يېڭى بىر قېتىملىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلدى. بۇ تەرەققىياتلار سىستېمىلىق مەدەنىيەت يوقىتىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.
ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېرلىندا تەيۋەن ۋەكىلى كلېمېنت گۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ئالدىمىزدىكى خەلقئارالىق ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىلاۋە: بۇ يازما https://www.tribuneindia.com تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2026-يىلى 5-ئاپرىلدا ئېلان قىلىنغان.
تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:
