You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » خىتاي نېمە ئۈچۈن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قانۇننى تەستىقلاشقا شۇنچە ئالدىرىدى؟

خىتاي نېمە ئۈچۈن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قانۇننى تەستىقلاشقا شۇنچە ئالدىرىدى؟

ئاپتورى: Stephen McDonell

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت

تەھرىر: مۇھەممەد ئابدۇمىجىت

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «دىننى خىتايلاشتۇرۇش»نى چاقىرىق قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيدا تەستىقلانغان يېڭى بىر قانۇن بۇ جەرياننى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، كېڭەيتىدۇ ۋە تېزلىتىدۇ. سىياسىي ئاكتىۋىست ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە تېخىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن باشقا تىللارنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ، خىتايچىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ مىللەتلەر ئارا نىكاھقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى چەكلەش ئارقىلىق خىتايلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تويلىشىشنى رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ شۇنداقلا، ئاتا-ئانىلارنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش» مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى «تېخىمۇ زور ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئاقلىماقتا. ھەمدە ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قانۇنى دەپ ئاتىماقتا.

شى جىنپىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە بەلگىلىگەن خىتاي مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قانۇننى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يادرولۇق قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان سىياسەتنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى دەپ قارىماقتا.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئارون گلاسسېرمان مۇنداق دېدى: «مەيلى خىتاي تىلىنى كېڭەيتىش بولسۇن ياكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى، دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلىشىنى چەكلەش بولسۇن، ھاكىمىيەت بىزنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىز توغرا، بىز بۇنىڭغا بەك ئىشىنىمىز، شۇڭا بىز ئىلگىرى پەقەت سىياسەت بولغان نەرسىنى ئەمدى ئاساسىي قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرىمىز دېمەكچى بولۇۋاتىدۇ».

خىتايدا ھازىر نەچچە ئون مىڭدىن نەچچە مىليونغىچە بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 55 خىتاي بولمىغان مىللەت بار. بىراق بېيجىڭ دائىرىلىرى بەزى مىللەتلەردىن باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر رايۇنىدا، شۇنداقلا تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ئەڭ ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي رەئىسى شى ۋە 14-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان قانۇننى ماقۇللىدى

كوممۇنىستىك پارتىيە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدە بولۇشىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك خاھىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جازالىنىش قورقۇنچىسىنى يېيىشقا تېخىمۇ بەكرەك تايىنىپ كەلدى.

2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئايلاردا، تىبەت راھىبلىرى لىخاسادا بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئىلگىرىكى ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا، بۇ قوزغىلاڭمۇ باستۇرۇلدى؛ بېيجىڭ 22 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بۇ ساننىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەيدۇ. كىيىنكى يىلى بولسا، ئۇيغۇر رايۇنى مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردا 200 گە يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2013-يىلى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر «بۆلگۈنچى» پارتلاتقۇچ  قاچىلانغان ماشىنىنى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ھەيدەپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلدى؛ 2014-يىلى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر پويىز ئىستانسىسىدا يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

بېيجىڭ ئۆزىنىڭخىتاي بولمىغان  مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىنى (يۇقارقىدەك) زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن يوللۇق دەپ قارايدۇ.

لېكىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ لاگېرلاردا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلارنى «قايتا تەربىيەلەش» ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتىدى. دوكلاتلاردا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەنلىكى ۋە مەسچىتلەرنىڭ تاقالغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تىبەتتە، بىر چاغلاردا ھوقۇق مەركىزى بولغان ئىبادەتخانىلار قاتتىق كونترول قىلىنماقتا. 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى ئۆگىنىشى كېرەك، ئۇلار بۇددا دىنى تېكىستلىرىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. بۇ، بالىلىرى ئىلگىرى ئىبادەتخانىلار باشقۇرىدىغان مەكتەپلەردە راھىب بولۇپ تەربىيەلىنىدىغان جەمئىيەت ئۈچۈن بىر زەربە ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل تىلى ئوقۇتۇشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ غەربىي شىمالدىكى نىڭشيادا خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلىرىنى چېقىش بۇيرۇقىدىن كېيىن قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقتى.

تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مۇشۇنداق يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىققا دۇچ كەلگەن ھۆكۈمەت،خىتاي بولمىغان  مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھازىرقى قانۇنلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى بىر قانۇننىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يەنە ئۇلارنىڭ خىتاينى قوشنىلىرى ۋە مۇھىم يەر شارى سودا يوللىرى بىلەن باغلايدىغان ھالقىلىق رايونلارنى كونترول قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

يېڭى قانۇن ھەققىدىكى تەھلىلىدە، «China Power Project» كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاساسچىسى ماۋزېدوڭنىڭ مۇنداق دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى: «بىز خىتاينى زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نۇپۇسى كۆپ دۆلەت دەيمىز؛ ئەمەلىيەتتە بولسا، نۇپۇسى كۆپ بولغىنى خىتاي مىللىتى، زېمىنى كەڭ ۋە بايلىقى مول بولغىنىخىتاي بولمىغان  مىللەتلەردۇر».

گەرچە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر قىسىمخىتاي بولمىغان  مىللەتلەرنىڭ سانى مىليونغا يەتسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا نۇپۇس تەكشۈرۈشتە خىتاي دەپ تىزىملانغان، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان خىتايلارنىڭ سانىغا قارىغاندا ئىنتايىن ئازدۇر.

لېكىن تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ۋەتىنىگە قارىغىنىمىزدا، بۇ غايەت زور رايونلار قېزىلما بايلىقى مول ۋە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇھىم، شۇنداقلا ئۇلار خىتاي دۆلىتى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

تارىختا بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولغان مەزگىللىرى كۆپ ئۇزۇن بولغان. ئۇلار چەتئەللەر بىلەن چىگىراداش بولغان كەڭ چېگرا رايونلاردا ياشايدۇ. ئۇلار ئۆز تىلىدا سۆزلەپلا قالماي، ئۆزىگە خاس يېزىقىغىمۇ ئىگە.

ئۇلار بەزىدە بېيجىڭنىڭ كونتروللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا تىرىشتى؛ گەرچە غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دىئاسپورادىكى تەشكىلاتلىرى چەتئەللەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلارغا ئايلاندى

خىتايدا قانۇن دائىم پارتىيەنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلسىمۇ، يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ئەمەلدارلارنىڭ ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى يۇقىرىدىن كەلگەن تېخىمۇ ئېنىق بۇيرۇقلىرى بار.

يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي (خەن) نۇپۇسىنى تىبەت ياكى ئۇيغۇر رايۇنىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. تەنقىدچىلەر بۇنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نۇپۇس نىسبىتىنى قەستەن سۇيۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، لىخاسا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق مەركىزى شەھەرلەردە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ زور كۆلەمدە سىڭىپ كىرگەنلىكى مەلۇم.

بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ دائىرىلىرى ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا تويلىشىشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى تويلىشىشقا تەشۋىق قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا بۇ يول بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتاينىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەندى. ھازىر تەستىقلانغان يېڭى قانۇنمۇ ئەنە شۇ مەسىلىگە چېتىلىدۇ.

گلاسسېرمان مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قانۇندا مىللەتلەر ئارا نىكاھنى ئوچۇق-ئاشكارە تەشۋىق قىلمايدۇ؛ ئەكىسچە ئۇلار ›ھېچقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ بىرەرسىنىڭ دىنىي ياكى مىللىي كىملىكىگە ئاساسەن نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ‹ دەپ كۆرسەتمەكتە». ئۇ يەنە، بىر خىتاي ئەر بىلەن خىتاي بولمىغان  مىللەت ئايالنىڭ نىكاھلىنىش جەريانىدا، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرەر ئىمام ياكى پوپنىڭ دىنىي قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشىنى مىسال قىلىپ كەلتۈردى.

«بۇ ئەمەلدارلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەمىلى ئۆسۈش ياكى ھېچ بولمىغاندا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر ئاز مەسىلە چىقىرىشتۇر. ئىلگىرى، بۇنداق ئەمەلدارلار بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق نىكاھنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئاستىرتتىن تەڭشىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمدى بۇ قانۇن بۇ خىل غەيرىي رەسمىي توسالغۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئىمام، پوپ ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ›سېنىڭ ئۇ كىشىگە ياتلىق بولۇشىڭغا بولمايدۇ‹ دېيىشىگە يول قويماسلىق ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ».

2026-يىلىدىكى خىتايدا، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ياكى موڭغۇللارنى بۇ قانۇن ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا زىيارەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى، ھۆكۈمەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ھەر قانداق سۆز «بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇن ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا دېيىشلىچە: يېڭى قانۇن كۆپىنچە دەرسلەردە خىتاي بولمىغان مىللەت تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەش ئارقىلىق، «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى دەرسلەردە ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئوقۇغۇچىلار كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىنىدۇ».

ھىندىستانغا جايلاشقان ۋە تىبەت دىياسپوراسى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان «Phayul» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «تەنقىدچىلەر بۇ قانۇننى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە تېزلىتىلگەن ›خىتايلاشتۇرۇش‹ ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى باسقۇچى دەپ قارايدۇ». مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كوممۇنىستىك پارتىيە پائالىيەتچىلەر ۋە تەنقىدچىلەر بىلەن بۇ قانۇننىڭ ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغانلىقىغا قوشۇلىدۇ، پەقەت پارتىيە بۇنى «ياخشى ئىش» دەپ دەۋا قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى لو چىنجياننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى «پارتىيەنىڭ مىللىي ئىشلارغا بولغان ئەتراپلىق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە خىتاي بولمىغان مىللەت رايونلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاش» تۇر. پارتىيە ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ سانلىق خىتايلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زامانىۋىلىشىشنىڭ يۇقىرىراق باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى؛ يەنى ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلارغا قارىغاندا «قالاق».

گلاسسېرماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەنە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ زىيادە قىزغىن يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى باش ئاغرىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ئەمەلدارلارنىڭ پوزىتسىيەسى بەزىدە: «بىز ئىنقىلاب قىلدۇق، ئەمدى ھەممىمىزنىڭ خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى، ئۇلارنىڭ ›قالاق‹ دەفنە مۇراسىمى ياكى نىكاھ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەندەك بولغان. ئۆتمۈشتە، بۇ خىل قاراشلار تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىشىغا ياكى زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ ھالال ئاشخانىسى بولمىغان ئەھۋالدا مۇسۇلمان ئىشچىلارنى ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغان.

بېيجىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان «كىچىك كۈرەشلەر» بولسىمۇ، ئەمما بەزى جايلاردا بۇ ئۇچۇرنى كادىرلارغا يەتكۈزۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. شۇڭا بۇ قانۇننىڭ شۇ خىل ئىنكاسلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئۈمىد قىلىنماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول مۇنداق دېدى: «بۇ مائارىپ، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئاممىۋى تاراتقۇ ۋە تور بوشلۇقىدا ›خىتاي مىللىتىنىڭ ئورتاق ئېڭى’غا مۇناسىۋەتلىك ئىدىئولوگىيەلىك رامكىنى رەسمىيلەشتۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئىدىئولوگىيەنى شەھەر-يېزا پىلانلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ».

كۆپىنچە تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن يېڭى قانۇنغا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇننىڭ ئەھمىيىتى — شى جىنپىڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينى قەيەرگە باشلاپ ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ئېنىق سىگنالىدا.

ئىلاۋە: بۇ ماقالە  https://www.bbc.com/ تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:

https://www.bbc.com/news/articles/c6271gxpdkzo

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top