خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى سىياسىتى
ئاپتورى: John Curtis، Timothy Robinson
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: سۈبھىنۇر ئۆمەرجان
نوپۇس ئەھۋالى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسى 2024-يىلىغا كەلگەندە 1.41 مىليارد ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، نوپۇسنىڭ دىنىي تەركىبى كۆپ خىللىققا ئىگە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلدىكى سىتاتىستىكىلىق مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %52.2 نى ئاتېئىستلار (دىنسىز) ياكى ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار تەشكىل قىلىدۇ. قالغان قىسمىدا بولسا، خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئېتىقادچىلار %21.9 نى، بۇددا مۇرىتلىرى %18.2 نى، خىرىستىيانلار %5.1 نى، مۇسۇلمانلار بولسا %1.8 نى ئىگىلەيدۇ. ھىندۇ دىنى، يەھۇدىي دىنى ۋە داۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %1 كىمۇ يەتمەيدۇ.
خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇنلىرى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن. بۇ ماددىدا ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ، ئاساسىي قانۇندىكى «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دېگەن ئىبارىدىكى «نورمال» سۆزىگە ئېنىق قانۇنىي تەرىپ بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال دائىرىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى خالىغانچە چەكلىشىگە بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان بولۇپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنىپ قالماسلىقى شەرت قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي دۆلىتى دىنىي ئىشلارنى ئىنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. «خەلقئارا ھۇمانىستلار تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ دەۋرىدە دىنلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» تىرىشچانلىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان. بۇ سىياسەتنىڭ تۈپ مەقسىتى دىنىي ئېتىقادلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە ماسلاشتۇرۇش، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دىنىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە رەسمىي ھالدا بەش دىننى، يەنى بۇددا دىنى، داۋ دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانت دىنىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ دىنلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن دۆلەت تەرىپىدىن خىتاي بۇددا دىنى جەمئىيىتى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ۋە پروتېستانت دىنى «ئۈچ ئۆزى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قاتارلىق يەتتە چوڭ دىنىي جەمئىيەت قۇرۇلغان. مەزكۇر ئورگانلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا تۇرىدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) نىڭ تەتقىقاتلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتايدىكى ھەرقانداق دىنىي گۇرۇپپا قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم مۇشۇ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان بەش دىننىڭ بىرىگە تەۋە بولۇشى ۋە ھۆكۈمەتتە تىزىملىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تەلىپىگە بويسۇنۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى
خىتايدىكى دىنىي چەكلىمىلەر پەقەت ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ يادروسى بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) ئەزالىرىغىمۇ تېخىمۇ قاتتىق تەتبىقلىنىدۇ. پيۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق ياشلار تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغان تەخمىنەن 281 مىليون كىشىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەنىۋى ۋە دىنىي ئەنئەنىلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى رەسمىي تۈردە چەكلەنگەن. پارتىيە نىزامنامىسى بويىچە، ئەزالارنىڭ ئاتېئىزىمدا چىڭ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئەمەلىيەتتە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا دىنىي ئېتىقادنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم. پيۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2023-يىلى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، خ ك پ ئەزالىرىنىڭ تەخمىنەن %6 ى ئۆزىنى بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى ياكى داۋ دىنى قاتارلىق مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، «2018-يىلدىكى خىتاي ئومۇمىي ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشى» (CGSS) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ نىسبەت پارتىيە ئەزاسى بولمىغان خىتاي چوڭلار ئارىسىدىكى دىنىي ئېتىقادچىلار نىسبىتى (%10) بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ پارتىيەنىڭ قاتتىق چەكلىمىلىرىگە قارىماي، ئەزالار ئارىسىدا مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ يەنىلا ساقلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى USCIRF نىڭ قارىشىچە، خىتاي «دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش» نى داۋاملاشتۇرماقتا
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) ئۆزىنىڭ 2026-يىللىق يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينى «ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەر» قاتارىدا داۋاملىق قالدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2025-يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولغان كەڭ دائىرىلىك قانۇن-نىزاملار تورى ئارقىلىق دىننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. بولۇپمۇ سېنتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىلەر بىلەن دىنىي خادىملارنىڭ تور بېكەتلىرىدىن باشقا يەرلەردە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى دىنىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن. رەئىس شى جىنپىڭمۇ 2025-يىللىق زىيارەتلىرىدە تىبەت ۋە شىنجاڭنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىبادەتخانىلارنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيتىلگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددا مۇرىتلىرى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، كۆپىنچىسى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان ئاز دېگەندە يېرىم مىليون كىشىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈرمە ياكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ياتاقلىق مەكتەپ پىروگراممىلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. تىبەتتە بولسا ئىبادەتخانىلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە دالاي لاماغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن راھىبلارنىڭ غايىب قىلىنىشى يەنىلا ئېغىر مەسىلە سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى مۇستەقىل پروتېستانت رەھبەرلىرىنى نىشانلاشنى كۈچەيتكەن، كاتولىك دىنى خادىملىرى بولسا ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى تەشكىلاتلارغا قوشۇلۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، پالۇن گۇڭ مەشىق قىلغۇچىلىرى ۋە باشقا ئېتىراپ قىلىنمىغان دىنىي گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى داۋاملاشقان.
بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جىياكۇن 2025-يىلى دېكابىردا بايانات ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ تەنقىدلىرىنى غەرەزلىك دەپ رەت قىلدى. گو ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ساھەسىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي جازادىن قۇتۇلۇشنىڭ باھانىسى بولالمايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان يات دىنلەر
پيۇ تەتقىقات مەركىزى 2023-يىلى خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان دىنلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بۇددا دىنى (تىبەت بۇددا دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) خىرىستىيان دىنى ياكى ئىسلام دىنىغا قارىغاندا بىر قەدەر يۇمشاقراق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي بۇددا مۇرىتلىرىنىڭ كۇڭزىچىلىق، داۋىزىم ۋە باشقا ئەنئەنىۋى خىتاي ئېتىقادلىرى بىلەن سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت يەنە خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئەنئەنىۋى خەلق ئېتىقادى ئىبادەتخانىلىرىنى رېمونت قىلىشقا مەبلەغ سالماقتا.
«چەت ئەل مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» تەرىپىدىن 2024-يىلى ماي ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرلىك دىنلار»غا نىسبەتەن ئوخشىمىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، بەزى يەرلىك دىنىي گۇرۇپپىلار ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ۋە سىياسىي قوللىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي بۇددا دىنى، داۋ دىنى ۋە باشقا خەلق ئېتىقادلىرىنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاز بولغان، سىياسىي جەھەتتىن «خەۋپسىز» ۋە «يەرلىك» ئېتىقادلار دەپ قارىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن سىياسىتىدە سىرتقى تەسىرگە ئىگە دىنلارنى قاتتىق چەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز سىياسىي كىملىكىگە ماس كېلىدىغان ئېتىقادلارنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ (FCDO) دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى (FCDO) دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى (دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى قوغداشنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. 2025-يىلى مارتتا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى بويىچە، قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، دىنىي جەھەتتىكى كەمسىتىش، ئۆچمەنلىك ياكى زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرى كەسكىن ئەيىبلىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە دۇنيا مىقياسىدا ئىسلامغا ۋە يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولۇپ كەلمەكتە.
FCDO دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى خەلقئارا تەرتىپنى كۈچەيتىش، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ بېكىتكەن. ئەنگلىيە تەمىنلەيدىغان خەلقئارالىق ياردەملەرمۇ ئەڭ ئاجىز ياكى چەتكە قېقىلغان ئاز سانلىق دىنىي جەمئىيەتلەرنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىشخانا يەنە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئاز سانلىق دىنلارغا تەۋە ئاياللارنىڭ ئۆز ئېتىقادى تۈپەيلىدىن قوش قاتلاملىق زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئەنگلىيەنىڭ قارىشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باشقا بارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ئاساسىي كاپالىتىدۇر. 2022-يىلى FCDO تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قەيەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، شۇ يەردە سۆز ئەركىنلىكىنى رەت قىلىش، سوتسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە شەخسىي مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قانۇنسىزلىقلار كۆپىيىپ، ئاقىۋەتتە جەمئىيەتتە ئەسەبىيلىك ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ياردەم تەسىرى مۇستەقىل كومىتېتىنىڭ (ICAI) ئانالىزى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، 2018-يىلىدىن باشلاپ، جېرامىي خانت ۋە دومىنىك راب قاتارلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەۋرىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش مەسىلىسى ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇ مەقسەتتە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى قورال ساندۇقى ناملىق قوللانما، ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بۇ ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان كونكرېت تەدبىرلىرىگە يول كۆرسەتكۈچ بولۇپ كەلمەكتە.
ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى ھەققىدىكى سىياسىتى
2025-يىلى ئىيۇلدا، ئەنگلىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، پارلامېنت ئەزاسى داۋىد سىمىس «تاشقى سىياسىتىمىزدە دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى نىڭ مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى ۋەدىنى» ئېلان قىلدى ۋە ھەرىكەت رامكىسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ قارار كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل FCDO مىنىستىرى لورد كوللىنس بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن چىقىرىلدى.
سىمىس ئەپەندى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «تۈپ نىشانى» دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى «كۆرۈنەرلىك چەكلەنگەن» دۆلەتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى نى خەلقئارادا ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ خىزمەت بەش يۆنىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ب د ت ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكىنى قوغداش.
ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىك تورىدىن پايدىلىنىپ، كونكرېت دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى نى تېخىمۇ ياخشى قوللاش ئۈچۈن قىلمىشلىرى، قانۇنلىرى ۋە سىياسەتلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش. ئەنگلىيە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئون دۆلەت بولسا سۇرىيە، ئۇكرائىنا، ئافغانىستان، ئىراق، ۋېيتنام، ئالجىرىيە، ھىندىستان، نىگېرىيە، خىتاي ۋە پاكىستاندۇر.
«18-ماددا ئىتتىپاقى» ۋە «دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى» غا ئوخشاش خەلقئارالىق ئىتتىپاقلارنى كۈچەيتىش.
دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى تىرىشچانلىقىنى پۈتكۈل FCDO خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇش.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەدەنىي جەمئىيەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
ئالاھىدە ئەلچى ئۆز خىزمىتى ھەققىدە ھەر يىلى دوكلات بېرىشنى پىلانلىغان.
ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى ھەققىدىكى باياناتلىرى
2025-يىلى ئىيۇل ئېيىدا، ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد دوددس خىتايدىكى خىرىستىيانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇپپىلار دۇچ كېلىۋاتقان قاتتىق چەكلىمىلەر ھەمدە زىيانكەشلىكلەرگە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە قانداق سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىدى. بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بارونېس چاپمان خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى (دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى) مۇھىتىنىڭ بارغانسىز قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىرىستىيانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق دىنلارنىڭ سىستېمىلىق زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي بەلگىلىمىلىرى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنى قاتتىق بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدە چىڭ تۇرۇش مەيدانىنى قەتئىي ساقلاپ كەلمەكتە. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۇچرىشىشلاردا خىتاي تەرەپ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالغان.
تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇھىم مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ. ئەنگلىيە ب د ت، G7ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى تەسىر كۈچىدىن، شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك ئالاقىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. 2025-يىلى 8-ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان يېڭى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىستراتېگىيەسى ئەنگلىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت پىلانىنى بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئەنگلىيە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئون دۆلەتنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بارونېس چاپمان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيەنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلەردىن داۋاملىق پايدىلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر بار جەزملەشتۈردى.
ئىلاۋە: بۇ ماقالە https://commonslibrary.parliament.uk تورىدا ئېنگلىز تىلىدا 2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە ئەسلى مەنبەسىدىن كۆرەلەيسىز:
https://commonslibrary.parliament.uk/research-briefings/cbp-10578/
