You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە

ئابدۇلھەمىد قاراخان

ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەت، مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ داۋاملىشىشى ھەم غەلىبە قىلىشى كۈچلۈك، سىستېمىلىق ۋە مۇستەقىل بىر ئىقتىسادىي ئاساسقا باغلىق. تارىختا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى (مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ زىئونىزم ھەرىكىتى، نۆۋەتتىكى تىبەت ھەرىكىتى ياكى غەربىي ساخارا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى) ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مالىيە سىستېمىسىنى مۇستەقىل ۋە سىستېمىلىق قۇرۇپ چىققان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەتلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىچىك تىپتىكى فوندلىرىغا ياكى يەككە شەخسلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىئانىلىرىگە تايىنىپ قېلىشى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تولىمۇ يىتەرسىز. تۆۋەندە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەنى سىستېمىلىق ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت يوللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر دېئاسپوراسى ئىئانە سىستېمىسى: مىللىي بىرلىك فوندى ۋە ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مالىيە مەنبەسىدۇر. بۇ جەھەتتە يەھۇدىي، ئىرېلاندىيە ۋە تىبەت كۆچمەنلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىلەرنى يولغا قويۇش زۆرۈر:

مىللىي بىرلىك فوندى قۇرۇش: ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئۆزئارا كېڭىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە پۈتۈنلەي ئوچۇق-ئاشكارە، تەپتىش قىلىنىدىغان ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بىر مەركىزىي فوند قۇرۇشى كېرەك.

ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى: چەتئەلدىكى دائىملىق خىزمەت ۋە كىرىمى بار ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايلىق كىرىمىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى (مەسىلەن %1 ياكى %2) ياكى بېكىتىلگەن بىر سوممىنى (مەسىلەن 10 دوللار / ياۋرو) قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى سۈپىتىدە مىللىي بىرلىك فوندىغا ئىئانە قىلىدىغان سىستېما بەرپا قىلىنىشى زۆرۈر.

مالىيە تەپتىشلىكى: ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى تۆلىگەن ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ يىغىلغان پۇلنىڭ نەگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بار. يىللىق مالىيە دوكلاتلىرىنى مۇستەقىل خەلقئارالىق بوغالتىرلىق شىركەتلىرىگە تەپتىش قىلدۇرۇپ ئېلان قىلىش خەلقنىڭ تەشكىلاتلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىئانە ئېقىمىنى ئۈزلۈكسىز قىلىدۇ.

ئىقتىسادىي ئىگىلىك يارىتىش

تەشكىلاتلار پەقەتلا ياردەم تەلەپ قىلغۇچى ئورۇن بولۇپ قالماستىن، بەلكى مىللىي بىرلىك فوندىدىن پايىدىلىنىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغان ئېگىلىك بەرپا قىلىشى كېرەك:

ماركا ۋە تىجارەت تورى: تەشكىلاتلار ۋە تىجارەتچىلەر بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆرگەزمە، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، كونسېرت، كىتاب ۋە يىمەك يەرمەنكىسى ئويۇشتۇرۇش ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك زەنجىرلىرىنى سانائەتلىشىش سەۋىيەسىدە بازارغا سېلىش. بۇ كارخانىلاردىن كەلگەن پايدىنىڭ مەلۇم قىسمى بىۋاسىتە مىللىي بىرلىك فوندىغا كىرىم قىلىنىدۇ.

مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى قۇرۇش: چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ شىركەت ياكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك، تېخنىكا، يېمەكلىك ياكى باشقا پايدىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە ئېھتىياجىنى قامدايدىغان كىرىم مەنبەسى يارىتىشى لازىم.

خەلقئارالىق دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندلىرىدىن پايدىلىنىش

نۇرغۇنلىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار (NGOs) دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تۈرلىرىگە غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىدۇ.

تۈر يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى غەربتىكى چوڭ فوندلار مەسىلەن، NED، OSF،  Freedom Houseۋە ياۋروپا دېموكىراتىيە فوندى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىدىغان سەۋىيەدە سىستېمىلىق، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك تۈر پىلانلىرىنى يېزىپ سۇنالايدىغان كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈشى ۋە ياللىشى كېرەك.

كۆپ خىللاشتۇرۇش: پەقەت ئامېرىكا فوندلىرىغىلا تايىنىپ قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، كانادا، ياپونىيە، كورىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئانا تىلنى قوغداش فوندلىرىغىمۇ ئىلتىماس قىلىش ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

ئىسلام دۇنياسى خەيرى-ساخاۋەت فوندلىرى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى 1.8 مىليارد مۇسۇلمان ۋە ئۇلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئورگانلىرى ئىنتايىن چوڭ بىر يوشۇرۇن كۈچتۇر.

شەرقىي تۈركىستان فوندى قۇرۇش: تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مىللىي فونلىرى بار. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان، زاكات ۋە سەدىقە قوبۇل قىلالايدىغان قانۇنىي فونلارنى قۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىسلامىي ساخاۋەت فوندلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش: ئوتتۇرا شەرق، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە غەربتىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ساخاۋەت فوندلىرىغا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سىستېمىلىق تۈر سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئىجتىمائىي ياردەم مەبلىغىنى قېيىنچىلىقتا قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ۋە ئىجتىمائىي مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش، بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

يېڭىچە ياردەم توپلاش يوللىرى

تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنىۋى بولمىغان نۇرغۇن ياردەم توپلاش يوللىرىنى ئاچتى:

خەلقئارالىق سۇپىلارنى ئىشلىتىش: GoFundMe ۋەKickstarter  قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ۋىجدانلىق ئىنسانلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، مەخسۇس بىر تۈر (مەسىلەن، كىتاب يېزىش، فىلىم ئىشلەش، يەرمەنكە ئويۇشتۇرۇش ۋە يەرلىك مۇستەقىل سوت ئېچىش قاتارلىقلار) ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتتا يۈزمىڭلىغان دوللار توپلاش سىستېمىسىنى كۆپلەپ سىناپ بېقىش لازىم.

رەقەملىك كىرىم: YouTube ۋەPatreon  قاتارلىق سۇپىلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش، تارىخ تەتقىقاتى، ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرى قۇل ئەمگىكى، ئاسمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىنى توختوتۇش ھەققىدە يۇقىرى سۈپەتلىك كۆپ تىللىق مەزمۇنلارنى ئىشلەپ، شۇ سۇپىلارنىڭ ئۆزىدىن ۋە مۇشتەرىلەرنىڭ قەرەللىك قوللىشىدىن كىرىم يارىتىش.

دۆلەت دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياردىمى

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارالىق سىياسىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق كۈرەشكە ئايلانغاندا، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بىر قىسىم دېمۇگراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ.

مەنپەئەت بىرلىكى: ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە تەيۋەن قاتارلىق خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن بىۋاسىتە تەھدىت ھېس قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خىتاينى تىزگىنلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش.

سىياسىي قوللاش مەبلىغى: بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، مەدەنىيەت ئورگانلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركەزلىرىگە يىتەرلىك مىقداردا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللىتىش (مەسىلەن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تىبەت ۋە باشقا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە ئايرىغان خامچوتىغا ئوخشاش).

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىشتا تەشكىلىي ئىسلاھات ۋە تەۋسىيەلەر

ئىقتىسادىي مەنبەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جەزمەن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار بويىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك:

تارقاقلىق ۋە ئىشەنچسىزلىك: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك نازارەت قىلىنىدىغان «مىللىي بىرلىك فوندى» قۇرۇلغاندا، خەلقنىڭ قەرەللىك ۋە ئاكتىپ ئىئانە بېرىشىگە يول ئېچىلىدۇ.

فوند ئىلتىماس قىلىش ئاجىزلىقى: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياشلار ۋە غەربتە ئوقۇغان كەسپىي خادىملاردىن تۈر يېزىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەندە، خەلقئارالىق غايەت زور مەبلەغلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

ئىقتىسادتا تولۇق بېقىندىلىق: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆز كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي يۆنىلىشتە پۈتۈنلەي ئەركىن ۋە مۇستەقىل قارار ئېلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

يۇقارقى ئىستراتېگىيەلەر ئەمەلىيلەشكەندە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ مىلياردلىغان دوللارلىق يالغان تەشۋىقات ماشىنىسىغا قارشى، تېخىمۇ كەسپىي، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بىر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top