تۈركىيە نېمە ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە جىم تۇرۇۋالىدۇ؟
مارتىن پاننېر
تەھرىرلەر: دوكتور خاي ئېيتان كوھېن ياناروچاك ۋە دوكتور جوئېل د. پاركېر
ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەھرىر: سۈبھىنۇر ئۆمەرجان ۋە ئابدۇمىجىد
2026-يىلىنىڭ بېشىدا، تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتى كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك تەشەببۇسى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك سۈكۈت ئوتتۇرىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە تۈركىيە پەلەستىن مەسىلىسىدە دۇنيادىكى ئاۋانگارت ئاۋازغا ئايلىنىپ، غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەخلاقىي سىناق دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ پوزىتىسىيە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا كەلگەندە ئۇنداق يارقىن ئەمەس. بۇ قوش ئۆلچەم ئەنقەرەنىڭ «پرىنسىپال» مەيدانى ھەققىدە ماھىيەتلىك بىر سوئال سورايدۇ:
نېمە ئۈچۈن پەلەستىندىكى ئۇرۇش مىللىي بۇرچتەك قوللىنىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمى ئورتاق تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق رىشتىسى بولۇشىغا قارىماي، دىپلوماتىك يۈك دەپ قارىلىدۇ؟
تۆۋەندىكى تەھلىل ئىستانبۇلنىڭ گالاتا كۆۋرۈكىدىكى كەڭ كۆلەملىك پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرگەن مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق مۇناسىۋەتلەردىكى زىددىيەتلەرگە قاراپ چىقىدۇ.
2026-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى، يۈزمىڭلىغان نامايىشچى ئامما غەززەدىكى ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆۋرۈكىگە جەم بولدى. بۇ يىغىلىش ئىنسانىيەت ئىتتىپاقى ۋە مىللىي ئىرادە مۇنبىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 400 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتناشتى؛ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى AKP بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم. نامايىش «بىز قورقمايمىز، بىز سۈكۈت قىلمايمىز، بىز پەلەستىننى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە مەقسەتلىك ھالدا بامدات نامىزىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى ئەتىگىنىنى دىنىي-مىللىي ھەمكارلىقنىڭ ئاشكارا سېمىۋولىغا ئايلاندۇردى.
بۇ نامايىشتا سۆز قىلغان ئىلىم يايما جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش رەئىسى، پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى بىلال ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خەلقئارا ئەخلاق تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ چوڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئىسپاتى دەپ ئاتىدى. ئۇ بۇ توقۇنۇشنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ بومباردىمان قىلىش، ئاچ قويۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى توختىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەستەن يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مىللىي سەپەرۋەرلىككە چاقىرىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بايقۇت قىلىش، تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋە بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىدى. ئەردوغان مەرھۇم بوسنىيە رەھبىرى ئالىيە ئىززەت بېگوۋىچتىن نەقىل كەلتۈرۈپ، نامايىشچىلارغا «ئۇنتۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەكرارلىنىشقا مەھكۇمدۇر» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا تۈركىيە، پەلەستىن مەسىلىسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ دادىل تەشەببۇسچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى زىددىيەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. پىرېزىدېنت ئەردوغان ئىلگىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قۇربانلىرى دەپ تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن تۈركۈملەپ قاماققا ئېلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇلار دىنىي چەكلىمىلەر، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى ھەمدە ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشنى نىشانلىغان سىياسەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەتكە يېقىن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان ئازابلىرىغا قەستەن سەل قاراپ كېلىۋاتقان بولسا، رەسمىي تاراتقۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرىدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. قىسقىسى، تۈركىيە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى يەنىلا بوغۇلۇپ كەلمەكتە.
بۇ زىددىيەتنىڭ يىلتىزى غەززە بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرىدىغان سىياسىي مەنپەئەتىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدا ياتىدۇ. غەززە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر سەھنىدۇر. تۈركىيە ئۆزىنىڭ ھاماس بىلەن بولغان ۋە 2006-يىلىغا تۇتىشىدىغان سىياسىي مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقىي يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدى. 2023-يىلدىكى غەززە ئۇرۇشىدىن كېيىن ھاماسنىڭ يەكلىنىشى ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى كۈچلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈركىيەنىڭ بۇ رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. ئۇرۇش مەزگىلىدە ھاماسنى پائالىيەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش، تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان سۆھبەت ۋاستىچىسى بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلگەن خاماس ئەزالىرىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززە باشقۇرۇش گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىلىدىن مۇستەھكەم بىر ئورۇنغا ئېرىشتى.
2025–يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەرم ئەل-شەيخ تىنچلىق يىغىنىدا مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا بىلەن بىللە تۈركىيەنى غەززىدىكى تىنچلىقنىڭ تۆت كاپالەتچى دۆلىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسەتتى. تۈركىيە يەنە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2803–نومۇرلۇق قارارنامىسى بىلەن ھوقۇق بېرىلگەن خەلقئارالىق تىنىچلىق ساقلاش قىسمىغا تۆھپە قوشىدىغان پوتانسىيال كۈچ دەپ بېكىتىلدى. بۇ رول 2026–يىلى يانۋاردا، تۈركىيەنىڭ ترامپ تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان، ب د ت تەرىپىدىن قوللانغان ۋە داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «غەززە تىنچلىق كېڭىشى» گە ئەزا بولۇشى بىلەن رەسمىيلەشتى. بۇ كېڭەشكە تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر بىلەن بىللە قاتناشتى؛ ئەمما غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
تۈركىيە ئۆزىنى «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھىمايىچىسى» سۈپىتىدە نامايان قىلىش ئارقىلىق، غەززەدە پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىغا ۋە تېخىمۇ ئېنىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەسىر كۈچىكە ئېرىشتى؛ ئەردوغان بولسا دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ «مۇسۇلمانلارنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى» دېگەن ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
ئەنقەرە قەستەن سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يەنىلا ئەڭ نازۇك نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشايدۇ. بۇ رايون تارىختا شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن نامى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. رايون نامدا ئاپتونومىيە بولسىمۇ، پۈتۈنلەي بېيجىڭ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە بارلىق سىياسىي ھوقۇقنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇتىدۇ. «يېڭى چىگرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەكس ئەتتۈرسە، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار رايوننىڭ تۈركىي كىملىك ۋە ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولغان مەزگىلىنى تەكىتلەش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئۇيغۇر كىملىكى تۈرك تىلى، ئىسلام دىنى ئەنئەنىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك خەلقلىرى بىلەن بولغان تارىخىي قانداشلىق رىشتىلەرگە تۇتىشىدۇ.
بۇ ئورتاق مىللىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىسى ئەنقەرەنىڭ بىر چاغلاردا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 1950-يىللاردىن بۇيان تۈركىيە خىتايدىن قېچىپ كەلگەن مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلارغا سىياسىي پاناھلىق بەردى؛ بۇ تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر دىئاسپورالىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 50،000 ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىنىدۇ. 1995-يىلى، ئەينى چاغدىكى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەردوغان سۇلتان ئەھمەت مەسچىتى يېنىدىكى بىر باغچىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە بېغىشلىغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننى «تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.
گەرچە ئەردوغان تۈركىيەنى كۈنسىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت رەھبىرى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، 2010-يىلى خىتاي بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك شېرىك» بولغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئاشكارا باياناتلىرىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك چىقىرىپ تاشلىدى.
خەلقئارالىق خەۋەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 12 مىليون ئۇيغۇرنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ سىستېمىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2014-يىلىدىن باشلاپ «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئاستىدا نازارەتچىلىك، سىياسىي مىڭە يۇيۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، ئادەتتىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ بېكىتىلدى.
بۇ زۇلۇم 2017-يىلى ئەتراپىدا تېخىمۇ ئەۋج ئالدى، خىتاي بىر مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سولايدىغان كەڭ كۆلەملىك لاگېر سىستېمىسىنى قۇردى. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى، مەسچىتلەرنى چاقتى ۋە دىنىي ئىپادىلەرگە قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويدى. ب د ت دوكلاتىدا يەنە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك رەقەملىك نازارەتچىلىك پائالىيەتلىرى يەر ئالغان بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى خۇلاسىلەپ چىقىلدى.
ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر رايۇنىدا يەنىلا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشى رەسمىي تۈرمىلەردە ياكى سوتسىز قاماقخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئىلگىرى، ئەردوغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە دادىل سۆزلىگەن ئىدى. 2009-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ باياناتى تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقنى قوزغىدى؛ ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى؛ نامايىشچىلار خىتاي بايراقلىرىنى كۆيدۈردى؛ شۇنداقلا سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. بۇ بايانات ئەردوغان ئۈچۈن ئىنتايىن پەرقلىق بىر مۇھتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇنى «مۆتىدىل ئىسلامچى» رەھبەر دەپ ماختىشىۋاتاتتى، ھەمدە تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. 2015 –يىلى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشتەك كەسكىن سىياسىي بۇرۇلۇش، ئەردوغاننىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىدىن يىراقلىشىشىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى؛ ئۇ 2013–يىلدىكى گېزى نامايىشى ۋە ئۆز يېقىنلىرىنى نىشان قىلغان پاراخورلۇق تەكشۈرۈشلىرىنى ھاكىمىيەتىگە قارشى غەربنىڭ سۇيىقەستى دەپ جەزملەشتۈرگەن ئىدى.
شۇ يىلى يازدا، ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى بىر نەچچە ھەپتىلىك نامايىشلار يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار خىتاي بايراقلىرىنى كۆيدۈردى، خىتاي رېستورانلىرىغا بېسىپ كىردى، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا خىتاي دەپ قارالغان ساياھەتچىلەرگە ھوجۇم قىلىش ئەھۋالى يۈز بەردى. شۇنداقتىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى غەربكە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىزچىل كۈچەيتىش يولىنى تۇتتى.
دەل شۇ يىلى، بىر خىتاي بىرلەشمە گەۋدىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كونتېينېر پورتى ۋە ياۋروپا دېڭىز قاتنىشى لىنىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بوغۇزى بولغان كۇمپورت پورتىنىڭ 65% ھېسسىسىنى سېتىۋالدى. خىتاي سانائەت ۋە سودا بانكىسى (ICBC) بولسا تېكىستىل بانكا (Tekstilbank) نىڭ كۆپ قىسىم پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، تۈركىيەدە تولۇق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن تۇنجى خىتاي بانكىسىغا ئايلاندى. بۇ كېلىشىملەر تۈركىيە ئېغىر پۇل-مۇئامىلە بېسىمىغا، تاشقىي پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئازىيىشىغا ۋە قەرز تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي كاپىتالىنى تاشقىي ئىقتىساد ئېقىمىنىڭ ئاز ساندىكى ئىشەنچلىك مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
بۇ ئەھۋالدا، ئەردوغاننىڭ 2015-يىلى ئىيۇلدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مەيدانىدا روشەن بۇرۇلۇش بولدى. گەرچە تۈركىيە تاراتقۇلىرى بۇ زىيارەتنىڭ ئەردوغاننىڭ «خىتايغا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش» مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپ ئاساس قىلىندى. زىيارەتكە ئەردوغانغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز شۇنداقلا تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى ھەمراھ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 400 گە يېقىن تۈرك ۋە خىتاي شىركەت رەھبەرلىرى سانائەت ھەمكارلىقى نىشان قىلىنغان تۈركىيە-خىتاي سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى. ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى «ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچ»نى كۈچەيتىشنى نىشان قىلدى. ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.
دەل مۇشۇنداق شارائىتتا، ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى مۇبالىغە قىلىنغان ياكى ساختا خەۋەر دەپ رەت قىلدى. شۇ يىلى تۈركىيە ئۆزىنى ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا بولغان ئېكىسپورتنى ئاشۇرۇش ئۈمىدى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەندىكىدەك مۆلچەرلەشكە بولاتتى: ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىي سۈكۈت تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي مەبلەغ بىلەن تارتۇقلىناتتى.
2016-يىلدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش ئورۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستىلىدى. گوللاندىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەدىكى مەبلىغىنى ئازايتتى. تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى 29 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى؛ خەلقئارالىق ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتلىرىمۇ تۈركىيەنى داۋاملىق خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي ياردەم قولىنى سۇنغان قىياپەتتە، 2018-يىلى تۈركىيەگە 3.6 مىليارد دوللار قەرز بەردى؛ كېيىنكى ئۈچ يىلدا يەنە 6.6 مىليارد دوللار قوشۇمچە قەرز ئاجراتتى. رەسمىي پۇل-مۇئامىلە ياردىمىدىن سىرت، 2018-يىلى خىتاينىڭ ئەلىبابا (Alibaba) شىركىتى تۈركىيەنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ترېنديول (Trendyol) نىڭ كۆپ قىسىم پاي چېكىنى 750 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىپ، خەلقئارادا قاتتىق دىققەت قوزغىدى.
بۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە ياكى نامايىش قىلىشقا يول قويماسلىق» ھەققىدىكى ۋەدىسى ماسلاشتى.
ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى ساقلاپ قېلىش دۆلەت ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى؛ ھەتتا بۇ پوزىتسىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاشكارا تەنقىدلەرنى يۇمشىتىش بەدىلىگە بولسىمۇ قوبۇل قىلىندى. قىسقىسى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرۇش مەنپەئىتى مىللىي ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسىدىن ئۈستۈن كەلدى.
بۇ نازۇك مۇناسىۋەتتىكى تۇنجى يېرىلىش 2022-يىلى نويابىردا مىللىيەتچى ئۆكتىچى «ئىيى پارتىيىسى» نىڭ رەھبىرى مەرال ئاكشەنېرنىڭ تىۋىتتىردا خىتاينىڭ بارىن قىرغىنچىلىقىدىكى ئۇيغۇر شېھىتلىرىنى خاتىرىلەپ، «شەرقىي تۈركىستان بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ» دەپ يازمان ئېلان قىلغاندا يۈز بەردى. ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتىسى تىۋىتتىردا ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە ۋە ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە مەرال ئاكشەنەرنى ئەيىپلىدى.
ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «بېيجىڭ تۈركىيەنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلۋاتىدۇ» دېگەن پەرەزنى بىۋاسىتە رەت قىلىپ، خىتاي تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا بەش يىلدىن بۇيان توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ 2022-يىللىق يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق تىلغا ئالدى ۋە: «بىز نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىشىمىز كېرەك؟» دەپ سوئال قويدى.
بىراق، بۇ پوزىتسىيە ئۇزۇنغا بارمىدى. 2028–يىلدىكى چوڭ سايلامنىڭ كۆرسەتكۈچى دەپ قارالغان 2024–يىلى مارتتىكى يەرلىك سايلامدا ئەردوغان كۈتكەن غەلبىسىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئەنقەرە ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بېسىمى ئاستىدا خىتاي كاپىتالىنى جەلپ قىلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى. چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن ئاران ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ سىمۋوللۇق مەركەزلىرى بولغان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلدى؛ شۇنداقلا، چاۋۇشئوغلۇ ۋاقتىدا رەت قىلغان رولنى دەل ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. زىيارەت جەريانىدا ئۇ «دۇنيانىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە تۇرمۇشىغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىش»كە ئۈندەپ، بۇ خىل بۇرۇلۇشنى «خىتاي ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن ۋە ھەممە ئۈچۈن پايدىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ «خىتاينىڭ سىياسىي بىرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى» قوللايدىغانلىقىنى قايتا جاكارلىدى. بۇ پوزىتسىيە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى پۈتۈنلەي سىرتىغا ئىتتىرىش ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ ئۈچۈن بېيجىڭنى رازى قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى 2010–يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ كەلدى. 2022–يىلىغا كەلگەندە، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت شىرىكىگە ئايلاندى؛ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2024–يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى 48.3 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بىراق، بۇ شېرىكچىلىك باشتىن-ئاخىر ئېغىر دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك (تەڭپۇڭسىزلىق) خاراكتېرىنى ئېلىپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكىسپورت قىممىتى ئاران 3.4 مىليارد دوللار ئەتراپىدا قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال 2024–يىلى تۈركىيە ئۈچۈن 41.5 مىليارد دوللارلىق غايەت زور سودا قىزىل رەقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مىقدار تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ 60% تىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھازىر تۈركىيە ئىقتىسادىدا شۇنداق بىر ئۆتكۈر تەسىر كۈچىگە ئىگە بولدىكى، دۆلەتنىڭ باشقا ھېچقانداق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سىستېمىسى بۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.
ھەرقانداق بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسى تۈركىيەنىڭ پان-تۈركىزىم شوئارلىرىنىڭ ئىچى قۇرۇق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاندى. ئەمما تۈركىيە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن تارتىپ، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىش ۋە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ كېڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەشكىلىي ھەمكارلىققا زور مىقداردا مەبلەغ سالدى. بۇ تىرىشچانلىقلار 2009-يىلى ناخچىۋان كېلىشىمى ئارقىلىق تۈرك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى ۋە 2021-يىلى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دەپ قايتىدىن نام بېرىلدى. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھازىر تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە 170 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ۋە 1.5 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق ئومۇمىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قەرەللىك باشلىقلار يىغىنى، مىنىستىر دەرىجىلىك ھەمكارلىقلار ۋە 500 مىليون دوللارلىق تۈرك مەبلەغ فوندى ئارقىلىق «ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق كىملىك ۋە ئورتاق مەدەنىيەت» نى كونكرېت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكچىلىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
گەرچە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ زور نىشانلىرى بولسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە كۈچى ئالدىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ. بېيجىڭنىڭ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا قەرز بېرىش ۋە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى نەچچە يۈز مىليون ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق غايەت زور كۆلەمگە ئىگە. ئەنقەرە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ رېئاللىق پانتۈركىزىم (تۈرك بىرلىكى) ھەمكارلىقىنىڭ ئېنىق چەك-چېگراسىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ؛ يەنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دەز كېتىش خەۋپى تۇغۇلغان ھەر قانداق شارائىتتا، بۇ ھەمكارلىق ئەنقەرە ئالدىنقى ئورۇنغا قويالايدىغان ياكى قويۇشنى خالايدىغان ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ئەمەس، بەلكى پەقەتلا سىمۋوللۇق ۋە دىپلوماتىك بىر تۈردۇر.
گەرچە تۈركىيە پان-تۈركىزىم رەھبەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇن ئىقتىسادىي بەدەلگە دۇچ كەلگەندە، بۇ ۋەدىلەر رېئاللىققا ئايلانمىدى. مەسىلەن، 2022–يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا خالىغانچە «چەكلىمە كودلىرى» نى قويۇش ئومۇملىشىشقا باشلىدى؛ بۇ قانۇنىي مېخانىزم، خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھېچقانداق رەسمىي سوت مەھكىمىسى رەسمىيەتلىرىسىز تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشىگە يول ئاچتى. «چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغداش قانۇنى» (6458–نومۇرلۇق) غا ئاساسەن، كۆچمەنلەر ئىدارىسى سوت ھۆكمىگە تايانماي، پەقەتلا مەمۇرىي تەكشۈرۈش ۋە باھالاشلارغا ئاساسەن چەتئەل پۇقرالىرىنى «بىخەتەرلىك خەۋپى» دەپ ئايرىش ھوقۇقىغا ئىگە. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆپىنچە ھاللاردا ھېچقانداق تۇتۇش بۇيرۇقى، رەسمىي ئەيىبلەش ياكى جىنايى ھۆكۈم بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، «جەمئىيەت تەرتىپى ياكى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارىلىدىغان G-87 كودى ياكى «چەتئەللىك تېررورچى جەڭچى» لەر بىلەن ئالاقىسى بارلارغا بېرىلىدىغان Ç-114 كودى چۈشۈرۈلگەن. بۇ كودلار قويۇلغانھامان، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى (ئىقامەت) ئەمەلدىن قالىدۇ، پۇقرالىق ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى چەكلىنىدۇ، ساقچىخانىغا قەرەللىك ئىمزا قويۇش مەجبۇرىيىتى يۈكلىنىدۇ ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي قايتۇرۇش مەركەزلىرىگە (geri gönderme merkezleri) قامىلىدۇ. تېخىمۇ ناچار يېرى شۇكى، تۈركىيە دائىرىلىرى خىتاي رازۋېدكا ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل سىستېمىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ بۇ كودلارنى قويۇشمققانۇنلۇق دەپ قاراۋاتىدۇ.
2025–يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) دوكلاتىدا، خىتاي تەمىنلىگەن، تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەۋاسى بىلەن يوشۇرۇلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىمە كودى چۈشۈرۈشتىكى يېتەرلىك ئاساس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن دېلولار ئېنىق خاتىرىلەنگەن.
ئەردوغان تارىخىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «16 تۈرك دۆلىتى» نىڭ مىراسىنى دائىم تىلغا ئالىدۇ ھەمدە تۈركىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى رەھبەرلىك رولىنى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ھىمايىچىسى (قوغدىغۇچىسى) بولۇش سىگنالى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ بۇ سىياسىي رېتورىكىسى خىتاينىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ياكى كاپىتال ئېقىمىغا خەتەر تۇغدۇرغان ھامان ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان ئاللىبۇرۇن تۇراقسىزلىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى خەتەرگە تاشلاشتىن قورقۇپ، قوغدىلىشى ھەقىقىي ئىقتىسادىي بەدەل تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرك خەلقىنى قۇربان قىلىش يولىنى تۇتتى. تۈركىيەنىڭ غەززە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان قىزغىن تەشەببۇسلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقان ھېسابلىق سۈكۈتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر سېلىشتۇرما، ئۇنىڭ دۆلەت تاشقى سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈپ ئەمەلىيەتچىللىك (پراگماتىزم) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. პىرېزىدېنت ئەردوغان غەززە مەسىلىسىدە ئۆزىنى «مەزلۇملارنىڭ ھىمايىچىسى» قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، مۇھىم جۇغراپىيىلىك سىياسىي (گېئوپولىتىكىلىق) تەسىرگە ئېرىشتى ۋە دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمان رەھبەر ئوبرازىنى مۇستەھكەملىدى. بىراق، بۇ ھىمايىچىلىك خىتابلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چېگراسىغا كەلگەندە ئۈنۈمىنى يوقاتتى؛ چۈنكى، ئەخلاقىي پرىنسىپنىڭ بەدەللىرى خىتاي كاپىتالىنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. ئەگەر ئەنقەرە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھايات قېلىش ئېھتىياجىنىڭ ئۆز ۋىجدانى ۋە قىممەت قارىشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا داۋاملىق يول قويسا، ئۇنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى رەھبەرلىك دەۋاسى قۇرۇق شۇئاردىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ
ئاپتور ھەققىدە:
مارتىن پاننېر (Martin Panner) — تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كولومبىيەئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ «YES Abroad» ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئەنقەرەدە بىر يىللىق تەتقىقاتتا بولغان. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى تۈركىيە تاشقى سىياسىتى، ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتىدىكى كىملىك سىياسىتى ۋە ھوقۇقنىڭقوراللاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەركەزلەزكەن.
ماقالىدىكى كۆز قاراشلار پۈتۈنلەي ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، مۇسې دايان مەركىزى (MDC) نىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
نەشر ھوقۇقى تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇسې دايان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەركىزىگە تەۋە.
ماتېرىياللارنى پەقەت غەيرىي سودا مەقسىتىدە، ئاپتور ۋە مەركەزنى مەنبەقىلىپ كۆرسىتىش ھەمدە ئەسلى تور بېكەتكە (http://www.dayan.org) ئۇلىنىش بېرىش شەرتى بىلەن قايتا نەشر قىلىشقا بولىدۇ.
مەنبە:
https://dayan.org/content/why-turkey-speaks-gaza-not-uyghurs
نەشر ئۇچۇرى: 10-توم، 1-سان، 2026-يىلى يانۋار-فېۋرال.
