خەلقىمىزگە ئوچۇق خەت
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان مىللىي كىملىك ۋە دىنىي قەدىرىيەتلىرىمىزنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس خىزمەت پىرىنسىپلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتىپ، ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان مىللىي مەدەنىيەتىمىزنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئالىي مەقسەت ۋە نىشان قىلىپ، پىدائىيلىق روھى بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ۋە كۆز قارىشىدا، مىللى كىملىك، نوقۇل بىرنەچچە ساھەنىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللى مەدەنىيەت ئامىللىرى بولغان ئانا تىل، دىنىي ئېتىقات، تارىخ، ئۆرپ – ئادەت، دۇنيا قاراش، مىللى سەنئەت ۋە مىللى ئەنئەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مىللى قەدرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەشكىلاتىمىز، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، دىنىي قەدىرىيەتلىرى بىلەن بىللە پۈتۈن مىللىي كىملىكى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋە بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەلىك بىر دەۋرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالار ھەمدە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي بىرلىكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۈچەش بىلەن بىرگە، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى قوغداش يولىدا تەر تۆكۈپ يىللاردىن بېرى بۇ يولدا ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، بۇگۈنگىچە ئەمەل قىلىپ كەلگەن پىرىنسىپلىرىدىن ھېچقاچان، ھەرقانداق شارائىتتا ۋاز كەچمەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئەخلاقىي قىممەتلىرىگە ماس ھالدا ئورتاق ئەقىل بىلەن، سەمىمىي ھەمكارلىق، چەكسىز پىداكارلىق روھى ۋە قۇرۇلۇش پىرىنسىپلىرىغا بولغان مۇستەھكەم ساداقىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مىللىي بىرلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش يولىدا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە ياشاش ئادەتلىرىدىكى پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆملۈك ۋە بىرلىك بايرىقى ئاستىغا چاقىرىپ، مىللەتنىڭ بېشىدىكى زۇلۇمنى يوقىتىشقا سەپەرۋەر قىلىشنىمۇ بىر بۇرچ دەپ بىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، ھەم شۇنداقلا مىللىي مەنپەئەت تەقەززا بولۇۋاتقان مىللىي مەۋجۇدلۇق ۋە ھۆرلۈك يولىدا پىداكارلىق قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بىر ئىلمىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىئولوگىيە ۋە تۇرمۇشتىكى ئەركىن تاللاشلىرىغا، ئېتىقاد ۋە پىكىر پەرقلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن، ھۇجۇمنىڭ تىغ ئۇچىنى ئورتاق دۈشمەنگە قارىتىپ، مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى
2026 – يىلى 19 – ئىيۇل
