You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈزۈلمەس رىشتە-ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈزۈلمەس رىشتە-ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈزۈلمەس رىشتە-ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ باش ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق رېئاللىققا ئايلىنىپ قالماقتا. دەرۋەقە دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر، شۇنىڭدەك ئاللىقاچان ئۇچۇرلىشىش دەۋرىگە ئۆتۈپ بولغان تاشقى دۇنيادىكى يېڭىلىقلار بۇنىڭغا يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقاندا بۇ خىل يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق يۈزلىنىش مۇھاجىرەتتىكى ھەممىلا كىشىنى جىددىي ئويلاندۇرىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى قىسقا مۇددەتلىك جىددىي تەييارلىق ئارقىلىق 25-ئىيۇلدا بىر كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»دە چاقىرىلغان «ئۈزۈلمەس رىشتە-ئۇيغۇر مۇنبىرى» تېمىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن ۋېرجىنىيە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، بولۇپمۇ تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى  ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىشقا بېغىشلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قانداق ئۆتكۈزۈپ بېرش مەسىلىسى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋامغا تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئويناۋاتقان زىيالىلىرىنى ئالدى بىلەن يوقىتىش نىشانى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقتا ئەنە شۇ زىيالىلار ئالدى بىلەن قۇربانلىقنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى قالمىغان ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدە قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى نامايەن قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى بولۇپ قالماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ﺩوكتور ﺭﯨﺸﺎﺕ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ئەپەندىنىڭ «ﺋﯘﺯﯗﻟﻤﻪﺱ ﺭﯨﺸﺘﻪ» ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئېچىلىش نوتۇقى

2026-يىلى 25-ئىيۇل، فېيىرفەكس، ۋېرجىنىيە، ئامېرىكا

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،

ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسى ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ سەمىمىي ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ئېيتىمەن.

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺑﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻦ شىتاﺗﻼﺭﺩﯨﻦ كېلىپ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ رىياﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺩوﻛﯩﻼﺕ ﺑﻪﺭگۈﭼﯩﻠﻪﺭ، ﺯﯨﻴﺎلىيلار ۋە ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪشكىللەشكە ﺋﻪجىر ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسى ﺋﺎمېرىكا ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ دوختور ﻣﻪمەﺕ ئېمىن ﯞﻩ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮىغا ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭۈمنى ﺑﯩﻠﺪﯨﺮﯨﻤﻪﻥ.

ﻣﻪﻥ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎدﺩﻯ ﮪﻪﻡ ﻣﯘھىم بىر ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ: ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ قېلىشى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ، ﺩﯨﻨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﺘﯩﻦ-ﺋﻪﯞﻻﺗﻘﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ قابىلىيىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪلگىلىنىدۇ.

2016-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، خىتاي ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎئاﺭىپىنى، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘش ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎلىيلىرﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺩﯨﻦ يىتەكچىلىرىمىزنى، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ يوﻗﺎﺗﺘﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ 2016-ﻳﯩﻠﻰ 9–10-ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮيغان ئاتالمىش «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎقلىقىنى ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛش» ﻗﺎﻧﯘنىنى باھانە قىلىپ ﺑﯘ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ تۈسكە ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ.

ﺑﯩﺰ ﻣﯘھاﺟﯩﺮﻩﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ خىتاﻱ ھۆكۈﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩۆلەﺕ ھالقىغان ﺑﺎستۇرۇشقا ئۇچراپ ﻛﻪﻟﻤﻪكتىمىز، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭىتىلغان.

ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎلىيلار ﺯىممىسىگە ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎزىنىش ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯜﭺ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯘﺭچ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ: 1) ۋەتەندىكى ئېزىلگەن ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ، 2) كېيىنكى ﺋﻪﯞﻻﺗﻨﻰ يىتەكلەش ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، 3) ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسى ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﯞﺍڭگارتلىق ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺧﯩﺰمەت ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ بۇ مۇنبەردە ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎش 2023-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪسىنىڭ ئەنقەرەدە تەشكىللىگەن «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎشلىرىنى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» غا ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئاشۇ قېتىملىق كۇرستىن بېرى ياشلارنى تەشكىللەپ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪتلەرنى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭماقتا. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ يىتەكلەيدىغان ﻳﺎﺵ يىتەكچىلەرگە ئايلاندى. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ بۇ ئۇيغۇر مۇنبىرىدە ئاساسلىقى ﺗﯚت ﻣﯘﮪﯩﻢ تېما (1) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ كىملىكى، 2) ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻡ ﭘﻪﻥ-تېخنىكىسى، 3) ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ﻛﯘچلەندۈرۈش، 4) ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ياشلىرىنى يىتەكلەش) ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ مۇھاكىمە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎكتىپ ﭘﯩﻜﯩﺮ قاتناشتۇرۇپ ئەھمىيەتلىك ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮىشقا ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ!

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، مۇھاجىرەتتىكى ئەركىن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئەركىنلىك ۋە پايدىلىق بولغان ماددىي شارائىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى يولىدىكى زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى تېگىشلىك بولغان پۇرسەتلەر بلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ زىممىسىگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش، ياش ئەۋلاتلارنى تەربيەلەش ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولۇشتەك بىر تارىخىي مەجبۇرىيەتمۇ ئارتىلىدۇ.

دەرۋەقە پۈتۈن بىر مىللەت تۈركۈمىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھالاكەت سىناقلىرىغا دۇچ كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تۇنجى قېتىملىق ھادىسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن باشقا قوۋملار بۇ خىلدىكى تارىخىي سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ماددىي ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇنىڭغا قارشى بەزى تىرىشچانلىقلارنى روياپقا چىقىرالىغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈلگە قىلىش تامامەن مۇمكىن.

تۇنجى بولۇپ تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدىب دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تاتار جامائىتى دۇچ كەلگەن تارىخىي پاجىئەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. تاتارلار بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ھالاكەتكە ئىتتىرىلگەندە ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىنى تاللىغانلىرى جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش، مەكتەپلەرنى ئېچىش، مەسچىت بىنا قىلىش، تىل ئۆگىتىش،  ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرلىشىش، شۇ ئارقىلىق مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش يولىنى تۇتقان. ئۇلارنىڭ ياۋروپا ۋە ياپونىيەگە چىقىپ كەتكەن زىيالىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەمملا تىرىشچانلىقنى ۋۇجۇتقا چقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىلىرىدىن ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، پولات قادىرى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشىغان زىيالىلىرمۇ خۇددى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆز خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە ئاتىيالىغان. شۇنداق بولغانىكەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن بىر شارائ‍تتا مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ جەھەتتە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئالدىنقى ئەۋلاتلار بىلەن كېيىنكى ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىق ۋە باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىزچىللىق ۋە مىللىي رىشتە بولۇپ، بۇنى قانداق ھەل قىلىشمۇ نۆۋەتتە مۇھىم مەسىلىلەردىن سانىلىدۇ. بۇ جەھەتتە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەۋسەر ياسىن ۋە زىلالە ئەنۋەرنىڭ ئېيتقانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يېقىندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىىتېتى تارىخ ۋە ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن كەۋسەر ياسىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىنىشىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئالدى. نۆۋەتتە خىتاي مىقياسىدا ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى قانۇن بولسا بۇ ھالنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چقىرىدۇ. خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان تىبەت پائالىيەتچى لوبساڭ پالدېن چۇقان سالغاندەك تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى ۋەتەن ھېسابلىنىدىغان زېمىننىڭ قولدىن كېتىشىدۇر. ۋەتەن بولمىغاندا تىل ئىككىنچى ئەۋلاتقا بارغاندا بىر قەدەم ئاجىزلايدۇ. ئۈچىنچى ئەۋلاتقا بارغاندا ئاساسەن تۈگەيدۇ. بۇ ھال مەيلى تىبەتلەر ياكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاساسەن ئوخشاش. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى قولغا كەلمىسە بۇ خىل يۈزلىنىشتە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.  مۇشۇ خىل يۈزلىنىشكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ «مەشرەپ» ۋە «نورۇز» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، ئالىي مەكتەپلەردە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلار تەشەببۇسى نامىدا تەشكىلاتلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش قاتارلىقلارنى سىناق قىلىپ كۆرگەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى تاشقى دۇنيا كىشىلىرىگە ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ساھەسى بويىچە تەربيەلەشكىمۇ پۇرسەت يارىتىلىدۇ. ئۇلار يەنە «تۈركىستان كۇتۇپخانىسى»غا ئوخشاش ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى تور كۇتۇپخانىسى شەكىلدە قايتىدىن تورلارغا چقىرىپ، ياشلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ۋە بىلىشىگە ئىلمىي مۇھىت ياراتقان.

ياشلارنىڭ بۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقلىرى قاتارىدا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىمى كەسپىنى پۈتتۈرگەن زىلالە ئەنۋەرنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ كورنېل ئۇنىۋېرستېتدا ئوقۇش جەريانىدا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقارغان «راۋان» ۋە باشقا ناملاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەشەببۇسلىرى ئالدىنقى ئەۋلات ئۇيغۇرلار بىلەن ياش-ئ‍ۆسمۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى يوقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۈكۈت ھېچقاچان جاۋاپ بولالمايدۇ، ئەكسىچە سۈكۈت داۋام قىلىۋەرسە زۇلۇممۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئېشىپ ماڭىدۇ.

ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل مۇھاجىرەت دۇنياسىدىكى ئاتا-ئانىلار ھېسابلىنىدۇ. چەتئەللەرگە چىقىپ مۇھاجىرلىق ھاياتىغا قەدەم ئالغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا چەتئەللەردە تۇغۇلغان بولۇپ، يات زېمىندا دۇنياغا كەلگەن بۇ بوغۇنلارنى قانداق قىلىپ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇر كىملىكىنى سىڭدۈرۈش نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت بولۇپ قالماقتا. بۇ جەھەتتە مائارىپشۇناسلاردىن دوكتۇر نۇرنىسا قۇربان ۋە «مېھرىبان ئانا» ئانا تىل مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈرەييە ئابلىمىت ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئانا-ئانىلار مۇھاجىرەتتە دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى ئەۋلاتقا ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلەنگەن ئېڭىدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلى بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەن شەكىلدە ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئادەت شەكلى بويىچە ئۇلارغا بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئائىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر كىملىكىنى سىڭدۈرۈش يولىنى تۇتقاندا بۇنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇنىڭ دەسلەپكى ئۇتۇقلىرى كۆرۈنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ياشلار بۇنىڭدا ئالغا ئۈزۈپ چىقىپ، بۇ يولدا بايراقدارلىق رولىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.

دەرۋەقە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن يەنە بىر ئىجابىي پۇرسەت ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ئارقىلىق ئ‍ۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق مىللەتكە خىزمەت قىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مىساللار قاتارىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ ھەقتە قىسقىچە لېكسىيە بەرگەن كالىفورنىيە لاۋرېنىس بېركىلى دۆلەتلىك تەجرىبەخانىسى تەتقىقاتچىسى دوكتور بارات ئاچىنۇق، لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئەكبەرجان شېرىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ۋە چاغاتاي تىللىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئەزىز يۇلغۇن ۋە ئامېرىكا نەك تەجرىبىخانىسى مېدىيا ئالىز بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى تۇرغۇن قەشقىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋەتەندىكى ئاشۇ چەكلىك دائىرىدە نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەبىئىي پەن، جۈملىدىن فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى بەكمۇ كىچىك جامائەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئىختىساس ئىگىسىنىڭ يېتىىشىپ چىققانلىقىنى بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى دېيىش مۇمكىن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر بارات ئاچىنۇق چەتئەللەردىكى تەبىئىي پەن تەتقىقات ساھەسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، ھەتتا ھېچقانداق كۆچمەنلىك ھۆججەتلىرى تېخى تەييار بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆز ئىستىقبالىغىلا ئەمەس، يەنە يېڭى بازار ئېچشتەك زور ئىشلارغىمۇ تۇنجى قەدەمنى باسالايدىغانلىقىنى جانلىق مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇيغۇرلاردا ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆلمەس ھېكمەتلەرنىڭ بىرى «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ» دېگەن ئاتىلار سۆزى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر دەل مۇشۇ ئىقتىسادىي ئامىل تۈپەيلىدىن ئىزىدا توختاپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ باشقا مىللەت جامائەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاز بولۇشى، يەنە كېلىپ كۆپ قىسمىنىڭ نورمال ھاياتلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا مەجبۇرلىنىشى تۈپەيلىدىن ئىقتىساد ساھەسىدە غايەت زور ئۇتۇق قازانغانلار يوق دېيەرلىك بولماقتا. ئەمما نۆۋەتتىكى دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا بارلىققا كېلىۋاتقان يۈزلىنىشلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. بولۇپمۇ سۈنئى ئەقىل، بۇلۇت تېخنىكىسى، ئاپتوماتلىشىش، ماشىنا ئادەم قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ياشلار كەسپىي بىلىملەرنى ئ‍ۆگىنىش، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ شىركەت-كارخانىلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا يول ئاچىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىلىم غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپىنچىسى نورمال ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە بۇ ساھەدە دەسلەپكى قەدەمنى ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە بەل باغلىغانلار ئۈچۈن پۇرسەتلەر يوقمۇ ئەمەس. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا خالىس مەسلىھەتلەرنى بېرىش مەقسىدىدە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق نەزىريىۋى يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان دوكتۇر قەيسەر مىجىت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. بۇنىڭدا ياشلارنىڭ ھايات ۋە كەسپ جەھەتتە توغرا نىشان ۋە پىلان تۈزۈشى، ئۆزىنى زورايتىشى ۋە ئاخىرىدا جامائەتنى قوللاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئەڭ مۇھىم رول ئ‍وينايدۇ. بولۇپمۇ زورىيىش باسقۇچىغا بارغاندا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۆرلىشىگە زۆرۈر بولىدىغان دەسمايە مەسىلىسىدە شاكىر شەمسى ئەپەندى غەرپ دۇنياسىدىكى «تەۋەككۈل سەرمايىسى» (Venture capital) سىستېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ بۇ ساھەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىپ بېقىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ئارقىلىق شىركەت قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، توغرا بايقاش ۋە ئاقىلانە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى بازار ۋە ئىستىقبالغا كېرەكلىك غايەت زور مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا «يول ئالغا ئىنتىلگۈچىلەر ئۈچۈن ھەرقاچان ئوچۇق.»

بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى قىسقا ئېچىلغان بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە دەسلەپكى مۇزاكىرە ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى رەئىسى دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندى بۇ بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى خۇلاسىلاپ تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلىدى:

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى ئەزالارنىڭ 3 يېرىم ئايلىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، تۇنجى قېتىملىق «ئۈزۈلمەس رىشتە – ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فەيېرفېكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى قېتىملىق «ئۈزۈلمەس رىشتە – ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن، ئەسلى پىلان قىلغان مەقسەتكە يەتكەن بولۇپ، يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى، بۇ يىغىنغا كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارنى ئالاھىدە سۆيۈندۈردى.

مىنىڭ قارىشىمچە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىدا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن باشقا تۆۋەندىكى ئامىللار ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

1) بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى يىغىنلاردىن پەرقلىق ئۆزگىچە بىر يىغىن بولۇشى. بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار، مەيلى ئاكادېمىيە ئۇيۇشتۇرغان ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەندىكى زۇلۇمنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاساسەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئۆزىمىزگە ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش مەقسەت قىلىنغان بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر كىملىكى، تارىخ، پەن تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. يىغىن جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەر بىلەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ساھەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن ئەھلىگە ناھايىتى مۇھىم بولغان ئۇچۇرلارنى سۇندى.

2) بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەر خىللىقى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلەپلىرى ئۆز كەسسىپىدە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە چوڭلارغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇندىن باشقا ھەممەيلەنگە تونۇشلار بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلمىغانلار بىر يەرگە ئىلىپ كېلىندى.

3) بۇ قىتىمقى يىغىن ئەڭ تۆۋەن چىقىم بىلەن خەلقىمىزگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدا يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، يىغىن مىھمانخانا ياكى يىغىن زالىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى؛ يىغىن جەريانىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار جامائەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋە جامائەتكە بىۋاستە پايدا ئىلىپ كىلىدىغان مەزمۇنلار ئاساس قىلىندى.

يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top