تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھىفنىڭ تارىخى
تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھىفنىڭ تارىخى
«شەرقىي ئوكيان تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ خاتىرىلىرى» نىڭ 2003 – يىللىق 61 – سانىدىن
ئاپتورى: شىنمېن ياسۇشى (ياپونىيە)
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان نىياز
مۇقەددىمە
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار رايونىدا ئىسلام ئەۋلىيالىرىنىڭ «مازار» دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس قەبرە ۋە مەقبەرىلىرى يۇلتۇزلاردەك تارالغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى زىيارەتگاھلار ھەرقاچان زور ساندىكى تاۋابچىلارنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر مازارلار ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دىنىي مۇئەسسەسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاساسلىق مازارلار كەڭ دائىرىدىكى ئاۋامنىڭ رايونلار ئارا يۆتكىلىشىگە زىيارەت ۋە تاۋاپ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ كەلگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ رايونلار ئارا بىرگەۋدىلىشىش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەت ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك روللارنى ئوينايدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
مەزكۇر رايون جەمىيىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان بۇ مازارلار مۇئەييەن دەرىجىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان تەتقىقاتلار ۋە مەلۇم سالماقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. بەزى مۇھىم مازارلارنىڭ تارىخى قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ [①] ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مازارلار ھەققىدىكى تارىخىي مەنبەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت[②] ، يېقىندىن بۇيان بۇ مازارلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە خېلى كۆپ سالماقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋۇجۇدقا چىقتى[③]. بولۇپمۇ راھىلە داۋۇتنىڭ تەتقىقاتىدا مۇشۇ ساھەدىكى زور ساندىكى مازارلارنىڭ ئەھۋالاتى مۇشۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ، ئاغزاكى خاتىرىلەر بىلەن قوشۇپ بايان قىلىندى[④]. ئەمما ، ئاساسلىق مازارلار ھەققىدىكى غوللۇق تەتقىقاتلاردا ئۇلارنىڭ تارىخىي ئەھۋالىنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىش ھېلىھەم زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا. مۇشۇ مازارلار ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقىنى تۇرپاندىكى تۇيۇق خوجام مازىرى ھېساپلىنىدۇ.
مەزكۇر مازار ئادەتتە «ئەسھابۇل كەھىف» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق ئاتىلىشىغا تۆۋەندىكىدەك بىر رىۋايەت سەۋەپ بولغان: ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان بىر تۈركۈم يىگىتلەر زوراۋان ھۆكۈمدارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ئالللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن پەيدا بولغان غارغا يوشۇرۇنىۋاپتۇ ھەمدە بۇ جايدا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلاپتۇ. «ئەسھابۇل كەھىف» («غاردىكى كىشىلەر» دېگەن مەنىدە ) دېگەن نام «قۇرئان» دا تىلغا ئېلىنىدىغان ئەنە شۇ يىگىتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر مازار شۇ سەۋەپتىن بەزى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان، جۈملىدىن مازاردىكى غار «قۇرئان» دىكى رىۋايەت سەۋەبىدىن زىيارەتچىلەرنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلىنىپ قالغان. مەزكۇر مازار ھەققىدە تا ھازىرغىچە تېخى سىستېمىلىق بىرەر تەتقىقات نەتىجىسى بارلىققا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇشبۇ ماقالىمىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەزكۇر مازارنىڭ تارىخىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىشنى ئۆزىگە نىشان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۈممۇ مەزكۇر مازارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىگە دىنىي مۇئەسسەسە نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن[⑤].
I. «تۇيۇق خوجام» نامىدىكى «ئەسھابۇل كەھىف» مازىرى
مەزكۇر مازار تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدىكى تۇيۇق جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، غار يالقۇن تاغ باغرىغا قېزىلغان. مەزكۇر مازار سىرتقى تام بىلەن قورشالغان بولۇپ ،غارنىڭ ئالدى تەرىپىدە گۈمبەزسىمان ئىمارەت بار. بۇ جاي غارغا ئۇدۇل تۇتىشىدىغان بولۇپ، كىرىش ئېغىزىدىن باشلانغان تار بىر يول ئارقىلىق يۇقۇرىلاپ مېڭىپ ئۈستى تەرەپتىكى غارغا كىرگىلى بولىدۇ. راھىلە داۋۇتنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، مازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 12مىڭ كۇۋادرات مېتىر كېلىدۇ[⑥].مازارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ھېلىھەممۇ كۆپلىگەن تاۋاپچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىدا. يېقىندا خىتايچە نەشر قىلىنغان «تۇرپان ئويمانلىقىنى ساياھەت قىلىش قوللانمىسى»دا ئېيتىلىشىچە، ئەسھابۇل كەھىف گۈمبىزى (يىلىغا) ئون مىڭ زىيارەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بولۇپ[⑦]، مەزكۇر قوللانمىدا بۇ جايغا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتۈلگەن[⑧]. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر مازار ھازىرمۇ تۈرپان ئويمانلىقىدىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ مازارنىڭ شۇ دەرىجىدىكى داڭلىق زىيارەتگاھ بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى خۇددى ئالدىنقى بەتلەردە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇنىڭ «قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنغان «ئەسھابۇل كەھىف» غارى مۇشۇ ، دەپ قارىلىشىدا. يەرلىك مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا بەكلا ئىشىنىدىغان بولغانلىقتىن بۇ جاي تەبىئى رەۋىشتە تاۋاپگاھلاردىن بىرى بولۇپ قالغان. «ئەسھابۇل كەھىف» رىۋايىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا بېغىشلىغان بىرنەچچە يىگىتنىڭ زالىم ھۆكۈمراننىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن غارغا يوشۇرىنىۋالغانلىقى ۋە بۇ جايدا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلىغانلىقى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. بۇ رىۋايەت ئوتتۇرا دېڭىز خىرىستىيانلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، غارنىڭ ئورنى بىردەك كىچىك ئاسىيادىكى ئەفسۇس ( Ephesus) دا ، دەپ قارىلىدۇ.خرىستىيان كالاملىرىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ يىگىتلەر رىم ئىمپېراتورى دېكيۇس (Decius) نىڭ زامانىسىدا غارغا يوشۇرىنىۋالغان ۋە ئەفسۇس كونسۇلىدىن كېيىنكى ئىمپېراتور تېئودوسيۇس II (Theodosius) دەۋرىدە بايقالغان. بۇ رىۋايەت ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ياۋروپادىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «ئۇيقۇدىكى يەتتە زات» قىسەسى بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رىۋايەت «قۇرئان» نىڭ «كەھىف» سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «ئەسھابۇل كەھىف» دېگەن نامدا كەڭ تارالغان. «قۇرئان» دا ئېنىق قىلىپ ئۇلارنىڭ غاردا 309 يىل تۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا سانى يەتتە ، دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن غاردا ئۇخلىغانلارنىڭ سانىنىڭ بىر ئاللاھقىلا مەلۇملۇق ئىكەنلىكى ئېيتىلىپ ، بۇ ھەقتە ئېنىق بايان بېرىلمەيدۇ[⑨]. «قۇرئان» نىڭ تەپسىرىدە بۇلار ئوخشاشمىغان ئادەتلەر نۇقتىسىدىن ئۇيقۇدىكى زاتلارغا مۇشرىك ھۆكۈمدارنىڭ قانداق زۇلۇم قىلغانلىقى ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن غارغا يوشۇرىنىۋالغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق بولغانلىقى ناھايىتى تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىمۇ «ئەسھابۇل كەھىف» رىۋايىتى ناھايىتى كەڭ تارالغان. مەسىلەن، رابغۇزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان ئەسىرى «قىسسەسۇل ئەنبىيا» ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مۇشۇ ئەسەردە مەزكۇر رىۋايەت ھەققىدە خاس بايانلار بېرىلىدۇ[⑩] . بۇ ئەسەر بولسا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ[11].بۇنىڭدىن سىرت ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 19 – ئەسىردىن بۇيان «ئەسھابۇل كەھىف» ھەققىدە بۇ جايدا كۆپلىگەن ھىكايىلار بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ جۈملىسىگە «تەزكىرە ئەزىزان» نىڭ مۇئەللىپى بولۇش شەرىپى بىلەن مەشھۇر بولغان مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسھابۇل كەھىف ھەققىدىكى ئەسىرىدە تەفسىر ۋە باشقا مەنبەلەردىن مۇجەسسەملەنگەن ئۇچۇرلار جەملەنگەن[12]. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە كەلگەن س.گ. ماننېرخېيم تۇيۇقتىكى مەزكۇر مازار ھەققىدىكى رىۋايەت خاتىرىلەنگەن قوليازمىنى قولغا چۈشۈرگەن[13]. بۇ ئەمگەكلەردە ئوخشاشمىغان مەنبەلەردىن ئېلىنغان كۆپلىگەن تەپسىلاتلار ، جۈملىدىن زالىم دەقىيانۇس (دېكيۇس) ۋە بۇ ھەقتىكى ئاجايىپ – غارايىپ بايانلار، ئۇيقۇدىكى زاتلارنىڭ ئويغانغاندىن كېيىن بىرىنى يېقىندىكى شەھەرگە ماڭدۇرۇشى ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن شۈبھىگە چۈشكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى ھېساپتا جەننەت نىشانىغا يەتكەن ئۇيقۇدىكى بۇ كىشىلەر توغرىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپقانلىقى قاتارلىقلار ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇلار «قۇرئان» دا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۇ مەنبەلەردە يەنە ئۇ كىشلەرگە بىر ئىتنىڭ ھەمراھ بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ھازىرقى كۈندە بۇ جاينى زىيارەت قىلغۇچىلار ھەمدە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان دىنى زاتلارنىڭ مەزكۇر غارنى «قۇرئان» دا تىلغا ئېلىنغان ئەسھابۇل كەھىف شۇ ، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مازار تەبىئي رەۋەىشتە مۇقەددەس تاۋاپگاھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بىز 1996 – يىلى ئىيۇلدا بۇ جاينى زىيارەت قىلغىنىمىزدا تۇيۇق مەسجىدىنىڭ ئىمامى مازارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئەسھابۇل كەھىف ھەققىدىكى مۇنداق بىر رىۋايەت ئارقىلىق بايان قىلدى : «ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا خويەنسەن ( يالقۇنتاغ ) ۋادىسى دەقىيانۇسنىڭ زېمىنى ، دەپ ئاتىلىدىكەندۇق. ھەقىقەتنى تاپقان بىر قىسىم كىشىلەر ۋەھشى پادىشاھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن پاناھلىق ئزلەپ مۇشۇ غارغا يول ئاپتۇ. يولدا ئۇلارغا بىر ئىت قوشۇلۇپتۇ ھەمدە ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈپتۇ. ئۇلار مۇشۇ زېمىندا ھەقىقى ئاللاھنى تونۇغىچە غاردا نەچچە يۈز يىل ئۇخلاپتۇ.»[14] بىز 2001 – يىلى ئاۋغۇستتا بۇ جاينى قايتا زىيارەت قىلغىنىمىزدا مازارنىڭ باشقۇرغۇچىسى غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ، مەزكۇر مۇقەددەس جايدىكى غارغا ئائىت ئاشۇ رىۋايەتنى تونۇشتۇردى ھەمدە غارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بۇ بايانلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ «قۇرئان» دىكى ئەسھابۇل كەھىفكە ئائىت بايانلارنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
II .تارىخىي مەنبەلەردىكى ئەسھابۇل كەھىف مازىرى
(1) 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغانلىرى
تۇرپاندىكى« ئەسھابۇل كەھىف» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزكۇر مازار زادى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولغان؟ 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلەردە ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋرلەردىن ئاۋالقى تارىخىي ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ.
مەزكۇر مازارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە تۇرپاندىكى مۇقەددەس جايلارنى قوللانما خاراكتېرىدە بايان قىلىپ بېرىدىغان «كىتابى تارىخى جەرىدەئى جەدىدە» دە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا قاراخانىيلار خاندانلىقىدىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدا مەزكۇر غارنىڭ «قۇرئان» دا بىشارەت قىلىنغان ئەسھابۇل كەھىف غارى ، دەپ قارالغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە مەزكۇر خاتىرىدە كۆپلىگەن تەپسىلاتلار بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ «قۇرئان» دىكى بايانلارنى مەنبە قىلغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، قۇربان ئەلىنىڭ ئەسىرىدىن كېيىن يېزىلغان موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە ھېجىرىيە 1000 – يىلىغىچە «ھەتتا كاپىرلارمۇ بۇ غارنى بۇتخانا قىلىپ، لاما لودو ۋە بىراھمىنلارنى توختىتىپ ، ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ كەلگەن جاي ئىكەن » دېيىلىدۇ[15].
مەزكۇر غارنىڭ 17 – ئەسىردىكى ئەھۋالىغا دائىر خاتىرىلەر قۇربان ئەلى ۋە موللا مۇسانىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى پادىشاھ سۇلتان سەئىد بابا خان باھادۇرنىڭ يارلىقى تۈپەيلىدىن مەزكۇر غارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف دەپ تونۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەزكۇر خاننىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى يۇقۇرقى ئىككى ئالىمنىڭ ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك قۇرلار بار: «خوجە ئەييۇب موللا قامۇش ھەبىب ئوغلى كىچىك موللا بۇ ئۈچ يۈز ئۆيلۈك كىشىنى ھەزرىتى سۇلتان ئەسھابۇل كەھىف قۇددۇس سەرھەمنىڭ خىزمەتلىرىدە بولغان سەۋەپتىن ئىنايەت شاھانە ۋە ئىلتىپات خوسرىۋانە قىلىپ ، بىرىنى چىراقچى ، بىرىنى جارۇپكەش (تازىلىقچى – ت) ۋە بىرىنى باكاۋۇل (ئاشپەز-ت) قىلىپ تەرخان(ئالۋان – ياساقتىن ئازات-ت) قىلدۇق. ئوغلانلارىدىن ئوغلانلارىغا ۋە قىزلارىدىن قىزلارىغا تەرخان دەپ بىلسۇنلەر.»[16].
مەزكۇر يارلىق (كۆرسەتمە) سەۋەبىدىن بۇرۇندىن تارتىپ غاردىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلار غارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئورنى مىراس قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ۋاقتى ھېجىرىيە 1078 – يىلىنىڭ ئاشۇر ئېيى بولۇپ ، مىلادىيە 1667 – يىلى 6 – ئاينىڭ 22\23- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ساگۇچى تورۇنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا ، سۇلتان سەئىد بابا خان باھادۇر يەركەن خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خانى ئابدۇرەشىدنىڭ ئوغلى ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئۇنىڭ خانلىق مۇقامىغا يەتكەن ۋاقتى 1653 – يىلى ، دەپ قىياس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلىق دائىرىسى تۇرپان تەۋەسىدە بولۇپ ، بۇ جايدا 25 يىل ھۆكۈمران بولغان[17]. يارلىقنىڭ مىلادىيە 1667 – يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى باشقا تارىخىي ھۆججەتلەرمۇ تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ زات مازارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمدەمدە بولغانلىقى ۋەجىدىن «تارىخىي كاشىغەرى» دە تەقۋادار مۇسۇلمان سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان[18].
بۇنىڭدىن كېيىنكىرەك بولغان 17 – ئەسىرگە كەلگەندە قۇربان ئەلى مەخدۇمزادىنىڭ ئوغلى خوجا ئافاق ھەققىدىكى بىر ۋەقەنى خاتىرىگە ئالدى. قۇربان ئەلىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، خوجا ئافاق تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن غار سىرتىدا قىرىق كۈن ئىستىقامەت قىلىپتۇ[19] ۋە مەزكۇر غارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى ئىكەنلىكىنى ، شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى جاكا قىلىپتۇ. ئافاق خوجا تۇرپان ھاكىمىغا غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىر قۇببە بەرپا قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن 1110 – يىلى ( مىلادىيە 1698\99) بۇ قۇببە ئورنىتىلىپتۇ ھەمدە بۇ جايغا شەيخلەر تەيىنلىنىپتۇ[20].مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان خاتىرىلەرنى موللا مۇسا سايرامىمۇ قەلەمگە ئالغان بولۇپ ، خوجا ئافاقنىڭ دەسلەپتە غارغا سېغىنىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى ، غارغا كىرىپ ئىستىقامەت قىلغاندىن كېيىن: «سىزلەرنىڭ ئەقىدە ئىخلاسىڭىزلەر راست ئىكەن. ئەسھابۇل كەھىفنىڭ بۇ مەنزىلدە ئىكەنلىكىدە شەك – شۈبھە يوقدۇر»[21] دەپ جاكالىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ بايانلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ئەۋلىيا ۋە نوپۇز ساھىبىنىڭ مۇشۇ غارنى ئەسھابۇل كەھىف غارى ، دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالايىتەن خاتىرىگە ئېلىنغان ئىدى.
شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا 19 – ئەسىردە يېزىلغان ئەسەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن خاننىڭ ئاشۇ يارلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا 17 – ئەسىردىن 19 – ئەسىرگىچە بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەردە ، جۈملىدىن «تارىخىي رەشىدى» ، مىرزا فازىل چوراسنىڭ يىلنامىسى ،«تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەردە تۇيۇقتىكى ئەسھابۇل كەھىف غارى ھەققىدە زەررىچە خاتىرە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا 18- ئەسىرگىچە بولغان ئاساسلىق تارىخىي مەنبەلەردە مەزكۇر غارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف دەپ تونۇلغانلىقى ياكى ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇقەددەس زىيارەتگاھ سۈپىتىدە كۆپلىگەن تاۋاپچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى چېلىقتۇرغىلى بولمايدۇ ، دېيىش قىلچە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. 19 – ئەسىردىكى ئەسەرلەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن بايانلار ۋە ھېكايەتلەر تۇيۇقتىكى مازارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش يۈزىسىدىن پۈتۈلگەن بولسىمۇ ، ئۇلار يەنىلا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ۋە ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. بۇ جايدا شۇنداق بىر مۈمكىنچىلىك مەۋجۇتكى، مازارنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار بۇ بايانلارنى مەلۇم بىر زاماندا مۇشۇ مازارغا باغلىنىشلىق بىرەر شەخس مۇشۇ مازارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن توقۇپ چىقارغان ، ئاندىن بۇ بايانلار كەڭ ئاۋام ئارىسىدا تارقىلىپ ئاقىۋەت زامانىمىزغىچە بولغان ئەسەرلەرگە پۈتۈلگەن.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا قۇربان ئەلىنىڭ زامانىسىدىكى فۇلات ئىسىملىك بىر شەيخ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ كىشى خاننىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن يارلىقىنى قولىدا ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شەيىخلىق ئورنىغا ئاشۇ يارلىقتا نامى زىكرى قىلىنغان مازار شەيىخلىرىنىڭ بىرەرىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، خان تەرىپىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن، دەپ قارىلىۋاتقان ئاشۇ يارلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى فۇلاتنىڭ 19 – ئەسىردە مازارنىڭ شەيىخلىق ئورنىغا ئىزچىل تۈردە نائىل بولالىشىغا دەستەك بولۇپ بەرگەن. قۇربان ئەلىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ، 1303 – يىلى (مىلادىيە 1885\86) مازارنىڭ شەيىخلىرى ئارىسىدا بىر قېتىملىق تالاش – تارتىش بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە ۋەقفە كىرىمىدىن 17 شەيىخ بەھرىمەن بولۇشقا كېلىشكەن. فۇلات ئۆزىنىڭ باش شەيىخ ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ يۈرۈپ ۋەقفە كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان[22]. خان تارقاتقان ئاشۇ يارلىقىنىڭ شۇ قېتىملىق جىدەلدە «دەلىل» سۈپىتىدە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلگەنلىكى ھەمدە 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەزكۇر شەيىخنىڭ باش شەيىخلىك ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتى بولۇپ قېلىشى ئەقىلگە تامامەن سىغىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىشلارنىڭ داۋامى سۈپىتىدە راھىلە داۋۇت لۈكچۈن ۋاڭى ۋە تۇرپاننىڭ ھۆكۈمدارى بولغان ئېمىن خوجا زامانىسىدا[23] مازار قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ، ئېمىن خوجىنىڭ ۋەقفە سۈپىتىدە بىر قىسىم يەر – زېمىن ھەدىيە قىلىشتىن سىرت، تولۇق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان خىزمەتچىلەرنى ، جۈملىدىن مۆتىۋەللى ، ئىككى ياكى ئۈچ شەيىخ ، چىراغچى ، جارۇپكەش، باكاۋۇل ۋە بىر ھوشۇرچى(ھېساۋاتچى) تەيىنلىگەنلىكىنى، ئات ، قوي ۋە كالا قاتارلىق جاندارلارنى يىلدا ھەدىيە قىلىپ تۇرۇش ، تۇيۇق مازىرىدا جۈمە نامىزى ئوقۇش، مازارنىڭ دىنىي خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان سۇفىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭمۇ ئاشۇ قېتىم جاكالانغانلىقىنى يازىدۇ [24].ئەمما بۇ بايانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆرسىىتىلمىگەنلىكتىن ئۇلارغا ئىشەنچلىك تارىخىي پاكىت سۈپىتىدە قاراشقا ئىلاجىسىزمىز.
نېمىلا بولمىسۇن، چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ زېمىنغا كىرىپ كېلىشى بىلەن ئېمىن خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى لۈكچۈننى مەركەز قىلغان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ( ئېيتىلىشىچە ،تۇرپان قوماندانلىق شىتابىدىكى سەركەردىلەر چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇھىم مەنسەپلەرگە تەيىنلەنگەن ئىدى[25] ) مەزكۇر مازارنىڭ مۇھىملىقىنى ئاشۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يەر ۋە باشقا ۋەقپە مۈلۈكلىرىنى ھەدىيە قىلغانلىقى ھەققىدىكى مۈمكىنچىلىكلەرنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. قۇربان ئەلىنىڭ يېزىشىچە ، 1220 – يىلى ( مىلادىيە 1805\ 06 – يىلى ) ئېمىن خوجىنىڭ ئوغلى فەرىدىن ۋاڭ[26] تاۋابچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ مازارغا قوشۇمچە قىلىپ بىر خانىقا ۋە مەسجىد بىنا قىلغان[27]. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 1216 – يىلى (مىلادىيە 1801\02 – يىلى ) تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئالپ ئاتا مازىرىنىڭ قايتا ياسالغانلىقىنى[28] ، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىنىڭ تۇرپاننىڭ لەشكىرىي سەردارلىرىدىن ئىسكەندەر بەگ[29] ئىسىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا بۇ مەقبەرەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە تۇرپاننىڭ باش لەشكىرىي سەردارىنىڭ دەپن قىلىنغان جايى سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى [30] نەزەردە تۇتقاندا ، تۇيۇقتىكى مازار تۇرپاندىكى باش لەشكىرىي سەردارنىڭ ماددىي ياردىمىگە نائىل بولغان ۋە مازارغا ئائىت ئىشلار يۈرۈشتۈرۈلگەن بولسا ئۇ ھالدا بۇنىڭغا ھېچقانداق ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجەتسىزلىكى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئەمما بۇ مازار تۇرپاندىكى ئاساسلىق مازارلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكتىن ئالپ ئاتا مازىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنى بىرەر ئۇلۇغ دىنىي نوپۇز ساھىبىنىڭ مازىرى ، دەپ قاراشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
(2) 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغانلىرى
19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سىرت جايلاردىن تۇرپانغا زىيارەتكە كەلگەن ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەزكۇر مازارغا ئائىت تەپسىلى بايانلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ قۇربان ئەلى ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىدۇ [31]. يەتتىسۇ ۋادىسىدىن كېلىپ شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندىكى چۆچەك (تارباغاتاي)تە تۇرۇپ قالغان تاتار مۇئەللىپىنىڭ مەزكۇر مازار ھەققىدىكى مۇشۇنچىۋالا زور دەرىجىدىكى خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۆز زامانىسىدا بۇ مازارنىڭ پەۋقۇلئاددە زىيارەت نۇقتىسى بولۇپ سانىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر[32]. « تارىخىي ئەمىنىيە » نىڭ ئاپتورى موللا مۇسا سايرامى كۇچانىڭ غەربىدىكى سايرام يېزىسىدىن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى مازارغا ئائىت بايانلار مەزكۇر مازارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ سىرتىدىكى خەلقلەر ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
مازارغا ئائىت بايانلار ئىچىدە مۇشۇ ۋاقىتلاردىن ئاۋالقى مەزگىللەرگە مەنسۇپلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تۇرپاننىڭ سىرتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنراق بولغان 1844 – يىلى يېزىلغان[33] دەپ قارىلىدىغان مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنىڭ ئەسىرىدە تۇيۇقتىكى غار ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە كۆزگە چېلىقمايدۇ. بۇ ھال مۇشۇنداق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە رىۋايەت ھەققىدىكى بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەييەن بىر مۇددىئا ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى ، شۇنداقلا مەزكۇر مازارنىڭ شۇنچە يىراق جايدىكى قەشقەر بوستانلىقىدا ياشاۋاتقان مۇئەلللىپ ئۈچۈنمۇ مۇھىم دىنىي ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا ، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى مەزكۇر رايوننى زىيارەت قىلغان ياۋروپالىقلار كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. شۇلاردىن 1907 – يىلى تۇرپان ئويمانلىقىدىن كېسىپ ئۆتكەن سەيياھ ماننېرخېيم مۇنداق بايانلارنى كەلتۈرىدۇ :
« بۈگۈن تاڭ سەھەردە كەنتنىڭ شىمالىي تاغ باغرىغا جايلاشقان «يەتتە قېرىنداش مازىرى» نى زىيارەت قىلدۇق. ئېيتىلىشىچە ، بۇ كىشىلەر ياتقان غارنىڭ ئىشىكىنى رەخت بىلەن ئوراپ قويۇلغان بىر ئىت ساقلايدىغان بولۇپ ، ئۇ زاتلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ئىكەن. بۇ جايدا گىلەملەر ، تۈرلۈك بايراقلار ۋە لاتا – پۇتىلار بىلەن ئوبدانلا بىزەلگەن بىر مەسجىدتىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا ياغاچ توساق بولۇپ ئۇنىڭ ئارقىسى مەقبەرىگە كىرىش ئېغىزى ئىدى.ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېسىلغان پەردىلەرنىڭ يوشۇرۇپ تۇرغانلىقىنى قىياس قىلماق قىيىن ئەمەس ئىدى. مۇللىلاردىن بىرى پەردىنىڭ يېنىدا بار ئاۋازى بىلەن قىرائەت قىلىۋاتقان بولۇپ ، يەردىكى كۆتۈرۈلىۋاتقان قىياپەتتىكى ئىتنىڭ رەڭدار قۇيرۇقىنى كۆرۈشكە بولاتتى.»[34]
نامىنىڭ «يەتتە قېرىنداش مازىرى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ۋە ئىتنىڭ بىللە تىلغا ئېلىنىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ گىلەملەر ۋە بايراقلار بىلەن بېزىلىشىدىن قارىغاندا بۇنىڭ ئەسھابۇل كەھىف مازىرىنى كۆرسىتىغانلىقى ئېنىق. ئالدىنقى بەتلەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك ماننېرخېيمنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى ئىچىدە «تۇيۇقتىكى يەتتە قېرىنداش مەقبەرىسىنىڭ تەزكىرىسى» بولۇپ ، مەزمۇن جەھەتتە ئەسھابۇل كەھىف رىۋايىتىگە ئوخشايدىغان بۇ ماتېرىيال ئاشكارا نەشىر قىلىنغان[35]. ماننېرخېيمنىڭ ئالايىتەن مەزكۇر مازارنى زىيارەت قىلىپ ، ئۆز ساياھەتنامىسىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانلارنى كەلتۈرۈشتىن سىرت، مۇشۇ غارغا ئائىت رىۋايەت خاتىرىلەنگەن قوليازمىنى ئالغاچ كېتىشىدىن قارىغاندا مەزكۇر غارنىڭ يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىنىڭ ياۋروپالىقلاردىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمما مەزكۇر مازارنىڭ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئاھالىسى ئۈچۈن مۇتلەق ۋە پەۋقۇلئاددە ئورۇن تۇتقان – تۇتمىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.1892 – يىلى لۈكچۈندىكى مازارلار ھەققىدە روسىيە شەرقشۇناسى ن.ز.كاتانوۋ مەخسۇس خاتىرە قالدۇرغان بولۇپ ، شۇلار قاتارىدا ئەسھابۇل كەھىف مازىرىمۇ مۇنداقلا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتىدۇ :
« تۇيۇقتا ئەسھابۇل كەھىف ۋە مەشەت خوجام دېيىلىدىغان ئىككى مازار بار. ياڭخىدا بىر مازار بار ، ياڭخى كارىزدىمۇ تاللىق خوجام دەيدىغان بىر مازار بار. قارا غوجىدا ئات باغلىغۇچ دەيدىغان بىر مازار بار. ئېيتىلىشىچە ، بۇ يەردە ھەزرىتى ئاپپاق خوجىنىڭ ئېتى نۇر چاچقانمىش. مۇرتۇقتا بىر مازار بولۇپ ، موللا بولۇشنى خالىغۇچىلار مۇرتۇق خوجام دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇ مازارنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ جايدا مۇرتۇق خوجام مىنگەن ئاتنىڭ تاشقا بېسىلغان ئىزى مۆھۈردەك ساقلىنىپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ بۇ جايدا ئۇنىڭ بەزى نەرسىلىرى قالغان ئىكەن. جۈملىدىن بۇ جايدا تاشقا ئايلىنىپ قالغان بىر تاۋۇز بار ئىكەن….. ئاستانىدا ئالپ ئاتا خوجام نامىدىكى بىر مازار بار. تاڭ خان زامانىسىدا ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئالپ ئاتا خوجام خىتايلارغا قارشى ئۇرۇشۇپ ،18 يېشىدا قارا غوجا شەھرىنى پەتھى قىلغان ئىكەن. قارا غوجىدا ئۇ ئىشلەتكەن جىنچىراق ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ، ئۇ زاتنىڭ ئۆزى ئاستانىدا ۋاپات تاپقان ئىكەن.»[36]
بۇ بايانلاردا ئالپ ئاتا مازىرى خېلىلا تەپسىلى بايان قىلىنغان بولۇپ ، باشقا تارىخىي ئەسەرلەردىمۇ 17 – ئەسىردىكى مۇھىم مازار سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. پاكىتلارنىڭ بىرى شۇكى ، ئۇ كىشى ئۆز زامانىسىدىكى قەشقەر خوجىلىرىدىن بولغان خوجا ئىسھاق ۋەلى تۇرپانغا ئەۋەتكەن بىر كىشى بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغان[37]. ئۇنىڭدىن سىرت ، يۇقىرىقى باياندا مۇرتۇق خوجام ھەققىدىكى كونكىرت تەپسىلاتلار بېرىلگەن بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن تاۋۇز» ھەققىدىكى ھېكايە كىشىنى ئالاھىدە دەرىجىدە ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. 1996 – يىلى ئىيۇلدا بىز مازارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا شەكلى تاۋۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تاشنىڭ مازاردىكى ئالاھىدە بىر بىر مۆجىزات سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى چېلىقتۇرغان ئىدۇق[38]. ئۇنىڭغا قارىغاندا ئەسھابۇل كەھىف مازىرى پەقەت نامى بويىچىلا تىلغا ئېلىنغان. يۇقىرىقى خاتىرىدە ئەكس ئەتكەن بۇ خىل يۈزلىنىش كىشىلەرنىڭ ھەرقايسى مازارلارغا بولغان ئۆزىگە خاس ھۆرمەت دەرىجىسىنىڭ ئىنكاسى بولسىمۇ، 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۇرپان ئاھالىسىنىڭ نەزىرىدە تۇيۇقتىكى مازار تۇرپاندىكى باشقا ئاساسلىق مازارلارغا قارىغاندا ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان دەرىجىدىكى ئۆزگىچە دىنىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
III ئەسھابۇل كەھىف مازىرىنىڭ تارىخىي ھەقىقىتى
(1) زىيارەتگاھ سۈپىتىدىكى مازارغا ئائىت تەپسىلاتلار
موللا مۇسا سايرامى 1908 – يىلى تاماملىغان «تارىخىي ھەمىدى» دە شۇ زاماندىكى ئەسھابۇل كەھىف مازىرى ھەققىدە مۇنداق تەپسىلى بايانلارنى پۈتىدۇ:
» بەزىلەر خۇداۋەندە كېرىمنىڭ ئۆز كالامىدا ئەسھابۇل كەھىفنىڭ غارى ھەققىدە چۈشۈرگەن ئايەتلىرى دەل تۇيۇقتىكى بۇ غارغا مۇۋاپىق ، دەپ ھېساپلاپ ، پۈتۈن مۇغۇلىستان، بەلكى فەرغانە ، تۈركىستان ، ھىندىستان قاتارلىق تۆت – بەش ئايلىق يولدىن نەزىر ۋە ھەدىيىلەر بىلەن كېلىپ زىيارەت قىلىپ يانىدۇ. بۇ يەرنىڭ شەيىخلىرى زىيارەتكە بارغانلارغا ھەر تۈرلۈك ھىلە – نەيرەڭلەرنى كۆرسىتىپ ، بۇ يەردە ئاتتىن چۈشىدۇ ، بۇ يەردە ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ يەردە تاۋاپ قىلىدۇ دەپ، گويا بۇ يەرنى ھەرەم شېرىپتەك كۆرسىتىپ ۋە شۇ جايدىكى قائىدىلەر بويىچە تەلىم بەرگەن بولۇپ، ھىلە – مىكىر بىلەن ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھەرەم شېرىپكە بېرىشقا ئاجىزلىق قىلغان تەقدىردە ، ئۇشبۇ ئەسھابۇل كەھىفكە بىر قېتىم كېلىپ زىيارەت قىلسا، يېرىم ھاجىلىق ئادا بولغان بولىدۇ دەپمۇ ئەقىدە قىلىدۇ. ئەسھەبۇل كەھىف ئورۇنلاشقان جاي ئېگىز بىر تاغ بولۇپ ، بۇ جايغا نەچچە – نەچچە شوتا بويى پەلەمپەي بىلەن چىقىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە بىرقانچە ھوجرا ، ئايۋان ، راۋاقچە ، مەسجىد، مېھراپ، مۇنبەر ۋە دۇئا قىلىدىغان جايلار بار، ئەتراپىدىمۇ كۆپ ئۆيلەر بار. بۇ مازارنىڭ خادىملىرى سېكۇنت قىلىپ ۋەخپە ئەۋقاپلىرىنى يەپ – ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مازارنىڭ شەيىخلىرى ئۈچ يۈز ئۆيلۈكتىن ئارتۇق. بۇرۇن مۇسۇلمان خانلار ۋە ھاكىمى ۋىلايەتلەر ، ئەمىرالارمۇ ئادەمگەرچىلىك ۋە خەيرىيات ئۈچۈن بىرمۇنچە ۋەخپە ئەۋقاپلارنى بەرگەن ئىدى. دەقىيانۇسنىڭ شەھىرى ۋە تەختىگاھىمۇ ئۇشبۇ تۇرپان تەۋەسىدە ئىكەن. ئەسھابۇل كەھىف بولسا دەل مۇشۇ غاردا ئۇخلايدۇ دەپ مۆلچەرلەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن.»[39]
ئاپتورنىڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىش بىلەن بىرگە 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى تۇيۇق مازىرىنىڭ زور ۋە ئاۋات مازار بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپىمەن.
بىرىنچى،مەزكۇر مازارغا تاۋاپقا كەلگۈچىلەر تۇرپان ئويمانلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، خىتايغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي تۈركىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىنمۇ كېلىدىغانلار بولغان. بۇ نۇقتا 1910 – يىلى تۇرپاندا تۇرغان ۋە مەزكۇر مازارنى زىيارەت قىلغان ئالبېرت فون لېكوكنىڭ بايانلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:
ئوڭ تەرەپتە «ئۇيقۇدىكى يەتتە زاتنىڭ قەدەم جايى» ( ئەسھابۇل كەھىف) دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەسجىد بولۇپ ، يېقىنقى زامانلاردا بىنا قىلىنغاندەك قىلاتتى. مەن مەسجىدنى زىيارەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ مەسجىدنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاغقا بىر قەدىمىي ئىبادەتگاھنىڭ قېزىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.
بۇ يەردىمۇ خۇددى باشقا جايلاردىكىگە ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىپ كىرىش بىلەن تەڭلا شۇ يەرگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمىي مۇقەددەس جايلارنىڭ ئىسلامغا ئورۇن بوشاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ ھال مۇسۇلمانلارغا ئانچە قىيىن چۈشمىگەن ، چۈنكى «ئۇيقۇدىكى يەتتە زات» (ئەسھابۇل كەھىف) رىۋايىتى ئۇلارغا بەكلا تونۇشلۇق ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ بولدىكى، ماڭا ئاشۇ قەدىمىي تاۋاپ غارىغا كىرىشكە ئىجازەت قىلىشمىدى. غارنىڭ كىرىش ئېغىزى ھېساپسىز بايراقلار بىلەن تىندۇرىۋېتىلگەن بولۇپ ، بۇ بايراقلارنى ياقۇببەگ قوشۇنىدىكىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – ۋە 70 – يىللىرى تۇنگان ئىسيانچىلىرىدىن ئولجا ئالغان ئىكەن.
بۇ پاناھگاھنى پۈتكۈل رايوندىكىلەر، ھەتتا ھىندىستان ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن تاۋاپچىلار زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، بۇ ھالنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. دەرۋەقە،ھىندىستاندىن كەلگەن ئەسەبىي ھەم كالۋا بىر تاۋاپچى مەندىن ئۆزىنىڭ قايتىشىغا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالغانلىقتىن ئاخىرى بولماي لۈكچۈن ۋاڭىنى ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشقا ياردەملىشىش ئىشىغا شېرىك بولۇشقا كۆندۈردۈم.
«ئۇيقۇدىكى يەتتە زات» ( ئەسھابۇل كەھىف) مەسجىدى قاراغوجىغا يېقىن بولغانلىقتىن «Ephesus» نامىنىڭ ئەرەب – تۈرك تىللىرىدىكى » Apsus» شەكلى مۇشۇ قەدىمىي شەھەرگە قويۇلغان ئىكەن.» [40]
ھىندىستانلىق تاۋاپچىنىڭ ئەسەبىيلىكى ۋە لې كوكنىڭ ئۇنى لۈكچۈن ۋاڭى[41] ئارقىلىق ئۇزىتىپ قويغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. بۇ ئىشلار راست بولغان ھالەتتىمۇ، خۇددى ئالدىدىراق قاراپ چىققىنىمىزدەك 19- ئەسىردە مەزكۇر مازار تۇرپانلىقلار ئۈچۈن قانداقتۇر روشەن ئەھمىيەتكە ، ئۇنىڭ قەدىمىيلىكىگە بولغان ھۆرمەتكە ۋە دىنىي نوپۇزغا ئىگە بولۇپ كەتمىگەن بولسا كېرەك. شۈبھىسىزكى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ مازار دىنىي ئۇلۇغلاش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى مەۋجۇدات بولۇشتىن خوشلاشقان ۋە دىنىي مۇقەددەسلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇئەييەن جۇغراپىيەلىك دائىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىككىنچى، زور ساندىكى تاۋاپچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇشى ئارقىسىدا بۇ جايدا خېلىلا زور كۆلەمگە ئىگە قۇرۇلۇشلارنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. تۇرپان لەشكىرىي سەردارىنىڭ بۇ جايدا مەسجىد ۋە خانىقا بىنا قىلغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ مىش-مىش پاراڭ كەبى مەۋجۇتلۇقىنى يۇقۇرىدا نەزەردىن ئۆكتۈزدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا پاكىت سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا تۇرغىنى شۇكى، تاۋاپ يولى ئۈچۈن بۇ جايغا غارغا تۇتىشىدىغان قىلىپ مەلۇم ئىگىزلىكتە پەشتاق ياسالغان[42].
ئۈچىنچى، مەزكۇر مازار كىشى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدىكى دىنىي نوپۇزغا مۇيەسسەر بولغان. بۇ نۇقتا موللا مۇسا سايرامىنىڭ بايانلىرىدا كۆزگە چېلىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە شۇ زاماندىكى تاۋاپچىلارنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر مازار مۇقەددەسلىكتە مەككە بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرغان ھەمدە ئۇنى ئىككى قېتىم تاۋاپ قىلسا بىر قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا باراۋەر ، دەپ قارالغان. تۇيۇق غارىنىڭ شۇنچە يۈكسەك مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بولۇشى مەزكۇر مازارنىڭ دىنىي مۇقەددەس ماكان بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى «ئەسھابۇل كەھىف» مازىرى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ قۇرئاندا زىكرى قىلىنىشىدىن ئىدى. شۇنداقلا ئومۇمىيلىق مەنىسىدىكى ۋە يۈكسەك سەۋىيىدىكى دىنىي جەلپكارلىق بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن دىنىي نوپۇزنىڭ كەڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىدى.
تۆتىنچى، تاۋاپچىلارنىڭ ھەركىتى تاۋاپ يولىنىڭ ھەربىر باسقۇچىدىكى شەيخلەر بەلگىلەپ بېرىدىغان مەخسۇس تەرتىپ ۋە ئۇلار بىجا كەلتۈرىدىغان مۇراسىملارغا ماس ھالدا يۈرگۈزۈلگەن. قۇربان ئەلى مەزكۇر جاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس خاتىرە قالدۇرغان: ئۇ ئالدى بىلەن غارنىڭ تۆۋىنىدىكى «جايى مۇقەددەس» تە ئاتتىن چۈشكەن ۋە غۇسلى قىلغاندىن كېيىن غارغا قاراپ قەدەم ئالغان. بۇ چاغدا مازارغا قارايدىغان شەيىخ تۆۋەندىكى غار يېنىغا جايلاشقان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئىشىكنى تاقىۋالغان ھەمدە قۇربان ئەلى تاۋاپ يولىغا تۇتىشىدىغان ئىشىكتىن ئۆتۈشىگىلا ئۇنىمۇ تاقىۋالغان. ئۇنىڭ قەدىمى غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چاپلاپ سېلىنغان ئۆيگە يەتكەندە بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭمۇ تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن قۇربان ئەلى غارغا بولغان ھۆرمەت ھەققىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان[43]. غارنىڭ كىرىش ئېغىزىنى يېپىپ تۇرغان يىپەك پەردە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ قۇرئان سۈرىلىرىدىن قىرائەت قىلغاچ ئۆز ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئۆزى ئالغاچ كەلگەن سوۋغىلىرىنى شەيىخكە سۇنغان. غاردىكى ئىبادەتنى تامام قىلغاندىن كېيىن ئۇ بۇ ئۆيدىن ئايرىلغان ھەمدە ئوڭ تەرەپتىكى «قەدەم جايى چاھار يار»[44] سارىيىنى ۋە سول تەرەپتىكى ئافاق خوجىنىڭ قەدەم جايى جايلاشقان كىچىك گۈمبەزنى زىيارەت قىلغان ، شۇنداقلا بۇ جايلاردا قايتىلاپ قىرائەت قىلغان[45].
بۇ بايانلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭ بولىدۇكى، تاۋاپ يولى ۋە تاۋاپ ھوجرىلىرى مەخسۇس ئىشىك ئارقىلىق قوغدالغان ۋە پەشتاقلار ئارقىلىق قاتتىق باشقۇرۇلغان، زىيارەتچىلەر بۇ پەشتاقلاردىن ئۆتكىچە تېگىشلىك قائىدە- يوسۇنلارنى بىجا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇ تەرتىپ- قائىدىلەر خوجا ئافاقنىڭ زىيارەت ئىزناسى ۋە باشقا ئالاقىدار رىۋايەتلىك ئىزنالار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. تاۋاپ يولىدىكى قۇلۇپلۇق بىرنەچچە ئىشىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى تاۋاپچىلارغا مازارنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان غارنىڭ ئالاھىدە دەرىجىدىكى مۇقەددەس جاي ئىكەنلىكىدەك دىنىي نوپۇزىنى ۋە ئۇنىڭ خالىغانلا ئادەم كىرىپ كېتىۋېرىدىغان جاي ئەمەسلىكىنى روشەن ئەسكەرتىپ تۇرغۇچى ماددىي ۋاستىلار ئىدى. شەيىخلەرنىڭ ئىشىكلەرنى ئېچىپ قويۇشى بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس يوسۇندا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە دىنىي ئىمتىيازىغا ئاساسەن تاۋاپچىلارغا غارغا يېقىنلىشىش پۇرسىتى ئۈچۈن ئىجازەت قىلغىنى بولۇپ ھېساپلىناتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاشۇ ئەسلىھەلەر ۋە تاۋاپ تەرتىپلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا مازارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى بولۇشتەك دىنىي ئورنىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ كەتكەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، 20 – ئەسىرنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن مەزكۇر مازارنىڭ»ئەسھابۇل كەھىف»نىڭ غارى بولۇشتەك نوپۇزى بىلەن كەڭ دائىرىدىكى زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان دىنىي نۇقتا بولۇپ قالغانلىقىغا قىل سىغماس ھالەت شەكىللەندى. بۇ خىلدىكى دىنىي نوپۇزنىڭ تۇرغۇزۇلىشى بولسا ھەرگىزمۇ مەزكۇر مازارنىڭ نام- شۆھرەت بابىدىكى تەبىئىي ئۆسۈپ بارغان ھالىتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. بۇ مازارنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆسۈپ بارغان نوپۇزىنىڭ يوشۇرۇن سەۋەبلىرىنى مازارغا چېتىشلىق غەرەزلىك يوسۇندىكى ئاشۇرما سۈپەتلەشلەر ھەمدە تاۋاپ جەريانىدىكى يوسۇن ۋە قائىدىلەرنىڭ زىيادە مونوپول قىلىنىشىدىن ، دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم يوشۇرۇن سەۋەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە مازار بىلەن ئالاقىدار بولغان سىياسىي قۇدرەتنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.
(2) سىياسىي ئامىللار
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرپان لەشكىرىي قوماندانىنىڭ مازارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان ۋە ماددىي جەھەتتە ھەمدەمدە بولغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ 17 – ئەسىردىكى تۇرپان خانىنىڭ مەزكۇر مازارنى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئائىت بىۋاستە ھۆججەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنكار قىلىنسا، بۇ مازار بىلەن سىياسىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەپسىلىي مۇناسىۋەتلەرنى يېشىپ بېرىشكە ئىلاج بولماي قالىدۇ. ئەمما 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئەھۋاللار بىلەن باغلاپ قارىغاندا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۈمكىنكى ، بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار ئانچە تولۇق بولۇپ كەتمىسىمۇ بۇ خىلدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ 1864 – يىلى چىڭ سۇلالىسىغا قارشى كۆتىرىلگەن مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن ياقۇببەگ ھاكىمىيىتى زامانىسىدىكى تۇرپان ھۆكۈمدارلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. گرېنارد ۋە باشقىلار توپلىغان «بەگ قۇلى بەگ قوشىقى» دا مۇنداق مىسرالار كۆزگە چېلىقىدۇ:
تۇرفان يولى يول بولدى باسقان ئىزى گۈل بولدى،
تۇرفاندىكى تۆرەمگە* ئەسھابۇل كەھىف يار بولدى،
گومادىدا جەڭ بولدى تەشنالىققا تەڭ بولدى،
يۈزى قارا نىياز ھاكىم بەدەۋلەتنى يەپ ئۆلدى**،
بەدەۋلەت ئۆلۈپ كەتتى ئەرتەياز باھارىدا،
بەگ بەچچە*** قوپۇپ قاچتى ھېيت قۇربان نامازىدا،
باچىندىن**** چېرىك كەلدى ئوتتۇز ئامبالىنى باشلاپ،
بەگ بەچچە قوپۇپ قاچتى داخو شوخونى باشلاپ،[46]
………………………………
(* ھاكىم خان تۆرە ؛ ** يەنى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈردى؛ *** بەگ قۇلى بەگ؛ ****بېيجىڭ)
بۇ قوشاقلاردىن بەگقۇلى بەگ ( بەگ بەچچە) نىڭ ياقۇببەگنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ نامى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى[47] ، ياقۇببەگنىڭ «بەدەۋلەت» دېگەن نامدا ئاتالغانلىقىنى ، شۇنداقلا بۇنىڭ ياقۇببەگ دەۋر سۈرگەن زاماندىكى ۋەقەلەرنىڭ دەلىلى ھەققىدىكى قوشاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭدا ياقۇببەگ زامانىسىدىكى ئىشلار، جۈملىدىن ياقۇببەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرىۋاتقان تۇرپاننىڭ ئەھۋالى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىستىلا قىلىشقا قوشۇن ئەۋەتىشى، ئۇلارنىڭ ياقۇببەگ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، گۇمادى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرىشى، نەتىجىدە ياقۇببەگنىڭ كورلىدا ئۆلگەنلىكى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن[48]. ئۇنىڭدا يەنە ياقۇببەگ تەرەپتن[49] تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن ھاكىمخان تۆرىگە ئەسھابۇل كەھىفنىڭ يار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھال بەلكىم مەزكۇر مازارنىڭ ھاكىم خان تۆرىنى مەلۇم جەھەتلەردىن يۆلىگەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. بۇنىڭ پەقەتلا بىر نەچچە كۇپلېت خەلق قوشىقى ئىكەنلىكى ئېنىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقىقى تارىخىي پاكىتلارنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېمەك قىيىن. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى ، مۇشۇ قوشاق ئىجاد بولغان 1890 – يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇشۇ مازار تۇرپاندىكى ئاساسلىق مازار بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە قۇدرەتلىك دىنىي نوپۇزغا ۋە تۇرپان ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان. رېئال ئەھۋال سۈپىتىدە لې كوك بىزگە «غارنىڭ كىرىش ئېغىزى ھېساپسىز بايراقلار بىلەن تىندۇرىۋېتىلگەن بولۇپ ، بۇ بايراقلارنى ياقۇببەگ قوشۇنىدىكىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – ۋە 70 – يىللىرى تۇنگان ئىسيانچىلىرىدىن ئولجا ئالغان ئىكەن» دېگەنلەرنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ بايانلار ئۆز نۆۋىتىدە ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تۇرپاننى ئىستىلا قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇ مازارغا نىسبەتەن دوستانە مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى قىياس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
مازارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىدىلەرگە ئۇلارنى يۆلەش ئارقىلىق يېقىنلاشقانلىقىنى رېئاللىق سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ : كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ سىياسى مۇھىت مالىمانلاشقاندا ۋە مۇشۇ رايوننى ئۆز تەسەرۇۇپىدا تۇتۇپ تۇرغان ھاكىمىيەت ساھىبلىرى توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرغاندا[50] مازارنىڭ شەيىخلىرى تۇرپان رايونىغا كىرىپ كەلگەن ياقۇببەگ قوشۇنىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچى ئالدىدا ئۆز دىنىي مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يېڭى ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن ھەمكارلىق مۇئامىلىسىدە بولغان بولۇشى مۈمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە تۇرپاندا ئۆز يارلىقىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىدە غايەت زور دىنىي نوپۇزغا ئىگە مەزكۇر مازار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ يەردىكى ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىگە دائىر يەنە بىر ئەھۋال شۇكى ، مەزكۇر ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا ئاساسلىق مازارلارغا قارىتا مەقبەرىلەرنى رېمونت قىلىش، ۋەقپە يەر ھەدىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئافاق خوجا مازىرى، سۇتۇق بۇغرا خان مازىرى ۋە باشقا مازارلارنىڭ دەل مۇشۇ مەزگىللەردە زور كۆلەمدە قايتا ياسالغانلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق پاكىتلاردىن سانىلىدۇ[51].شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ياقۇببەگ ھاكىمىيىتى تۇرپاندىكى «ئەسھابۇل كەھىف» دەپ قارىلىۋاتقان بىر مازارغا ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن ھالەتتىمۇ بۇنىڭ قىلچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. تېخىمۇ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت بەرپا قىلغان ياقۇببەگنىڭ ھىيلە–نەيرەڭ بابىدا كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىكەنلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ مەزكۇر مازارنىڭ شۇ نىسبەتتىكى نوپۇزىغا كۆز ئالايتماسلىقى ئۇنچىۋالا ئويلىنىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى. ئالدىنقى بەتلەردە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ياقۇببەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلىشىپ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە مەزكۇر مازار ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان كەڭ دائىرىلىك دىنىي نوپۇزىنى ئۇشتۇمتۇتلا نامايەن قىلىشقا باشلىدى.
IV مۇسۇلمانلار ئاممىسى ۋە تۇيۇق خوجامغا دائىر چۈشەنچىلەر
(1) ئاساس ۋە تەنقىد
دەرۋەقە تۇيۇقتىكى مازارنىڭ زور ساندىكى تاۋاپچىلارنى ئۆزىنى جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي مۇئەسسەسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاشۇ تاۋاپچىلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئاشۇ غارنى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان «ئەسھابۇل كەھىف » دەپ تونۇپ ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ كەلگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمما «ئەسھابۇل كەھىف غارى» دەپ قارىلىۋاتقان جاي زادى دۇنيانىڭ قەيىرىدە؟ بۇ چۈشەنچە قانداق قىلىپ دۇنيا مىقياسىدىكى ئېتىراپ قىلىغان ئاشۇنداق بىر زىيارەتگاھقا ئايلىنىپ قالغان؟ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە قايسى پاكىت مۇشۇ غارنى «ئەسھابۇل كەھىف» دەپ مۇقىملاشتۇرىۋەتكەن؟ بۇ ئەھۋاللارغا دائىر ھەقىقى پاكىتلار تارىخىي مەنبەلەردە ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا يۇقۇرقى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش تولىمۇ مۈشكۈل. شۇنداقتىمۇ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشنىڭ ئاچقۇچى قەلەم ساھىبلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن بەتلەرنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ.
قۇربان ئەلى «ئەسھابۇل كەھىف » غارى دەپ قارىلۋاتقان جايدىن دۇنيا بويىچە يەتتىسى بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ ، تۇرپاندىكى غارنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدىغانلىقىغا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە سەۋەبنى بايان قىلىدۇ: ئۇ قۇياش نۇرىنىڭ غارغا چۈشۈشى قۇرئاندىكى تەسۋىرلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ؛غار ئىسلام كىرىشىتىن ئاۋالقى مەزگىللەردىن تارتىپلا كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئىدى؛ ئافاق خوجا بۇ غارنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئەگەر كىمدە كىم بۇ جاينى تاۋاپ قىلسا شۇ كىشىنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ؛مەزكۇر غارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلار قاتتىق جازاغا مۇپتىلا بولىدۇ[52].ئۇ يەنە تەپسىرلەردە ئۇچرايدىغان دەقىيانۇس ماكان تۇتقان رۇم ، ئەفسۇس قاتارلىق يەر ناملىرىنىڭ تۇيۇققا يېقىن جايلاردىكى رۇمچا ، تۇرفان قاتارلىق يەر ناملىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتپ ئۆتىدۇ. ئۇ «تۇرفان» نامىنىڭ «ئەفسۇس» نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى (ئەفسۇس¬ تارسۇس ¬ تارفانا¬ تۇرفان)دە چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ تۈركىي تىللارنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ[53].
بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۈمكىنكى ، رۇم نامىنىڭ ئۈرۈمچى بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت شەرھىلەرنىڭ بىرى «تارىخىي ئەمىنىيە» دە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا «ئۈرۈمچى» نىڭ ئەسلى نامىنىڭ «رۇمچە» ئىكەنلىكى، تۈركىي تىللاردا ئەركىلىتىش دەرىجىسىنىڭ «- چە » قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدىغانلىقىنى، «رۇمچە» نىڭ «كىچىك رۇم» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئاندىن «رۇمچە»نىڭ ئالدىغا «ا »(ئەلىف) ھەرپىنىڭ ، ئارقىغا «ى» (يا) ھەرپىنىڭ خاتا ھالدا قوشۇلۇپ قېلىشى بىلەن «ئۈرۈمچى» نامىنىڭ ھاسىل بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ[54]. سۆز قۇرۇلمىسىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىش ھالىتىنى ئاساس قىلغان بۇ خىل چۈشەندۈرۈش شۇ جاينىڭ يەر نامى بىلەن ئەسھابۇل كەھىف رىۋايىتىدە ئۇچرايدىغان يەر نامى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاقلاش مەقسىدىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇرۇنۇش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
باشقا مازارلارغىمۇ تەقلىد قىلىشقا بولىدىغان تىلەكنى ئىجاۋەت قىلىشتەك مۆجىزە خاراكتېرلىك رولىنى دىققەتتىن ساقىت قىلغىنىمىزدا ئەسھابۇل كەھىف رىۋايىتىگە ئالاقىدار يەر نامىنىڭ غار جايلاشقان جايغا يېقىن جاينىڭ يەر نامى بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىشى ۋە مەزكۇر جاينىڭ مەشھۇر ئەۋلىيا خوجا ئافاق تەرىپىدىن مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر ھەرگىزمۇ قۇربان ئەلى ۋە موللا مۇسا سايرامىغا ئوخشاش قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئەسلى نۇقتىئىنەزىرى ئەمەس ئىدى ، بەلكىم ئۇلار مۇشۇ جايلارنى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر مازارغا دائىر ئىشلاردىن ۋە يەرلىك كىشىلەردىن توپلىغان ئۇچۇر بولسا كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئۇ ھالدا مەزكۇر مازار بىلەن ئەسھابۇل كەھىف غارىنى بىر دەپ قاراشنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدىكى مىش – مىش پاراڭلارنىڭ مەزكۇر مازارنىڭ زىيارەتگاھلىق داڭقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە چىقىرىش مەقسىدىدە تارقىتىلغانلىقىنى زور دەرىجىدە قىياس قىلىشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ چۈشەنچىلەر ئاۋام ئارىسىدا تارقىلىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ (تاۋاپچىلار) مازارغا بولغان ئىلاھىي ھۆرمەت ھىسسىياتىغا ماس روللارنى ئوينىغان. موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ئەمىنىيە» نى يازغاندا ئۇمۇ مۇشۇ مازارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى بايانلارغا دائىر زورلۇق خاراكتېرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى بايانلار بىلەن خاتىرىگە ئالغان ھەمدە تۇيۇقتىكى مازارنى ئەسھابۇل كەھىف غارى دەپ بىلىدىغان قاراشتىن قىلچىمۇ شۈبھىلەنمىگەن.
ئەمما موللا مۇسا سايرامى كېيىنرەك يازغان «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسىىرىدە مەزكۇر مازار ھەققىدىكى بىرنەچچە تۈپ مەسىلىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارشى مەۋقەدىكى تەنقىدىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[55]. ئۇنىڭ ئاساسلىق پىكرىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: (1) مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدىن ئاۋال تۇيۇقتا قانداقتۇر بىر قەدىمىي زاتنىڭ قەبرىسى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل يوق، يەنە كېلىپ بۇ جايدا بىرەر پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى بار ، دېيىشنىڭمۇ ئاساسى يوق؛ (2) قەدىمكى ئەرەب تەپسىرچىلىرى ياكى ساھابىلەر بۇ غارنى تۇيۇقتا دېگەن ئەمەس، يەرلىك قەلەم ساھىبلىرىمۇ(«تارىخىي رەشىدى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئەسھابۇل كەھىف ھەققىدە بىرەر ئېغىز سۆز قىلغان ئەمەس؛ (3) تۇرپان دىيارى فەرغانە ۋە قەشقەردىن كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ھېچكىم بۇ غارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ياكى بىلگەن ئەمەس، بابا خاننىڭ غارنى ئېتىراپ قىلىپ يارلىق پۈتۈشىنىمۇ بۇنىڭغا دەلىل قىلغىلى بولمايدۇ؛ (4) تۇرپان تارىختىن بۇيان «تۇرفان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ، «ئۈرۈمچى» نامى بولسا ئادەمنىڭ ئىسمىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ ناملارنىڭ ئەسلىسى «تەرسۇس» ۋە «رۇمچە» ئىدى ، دېيىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق؛ (5) (قۇرئاندا) ئەسھابۇل كەھىف ئېگىز بويلۇق ، بېشى ناھايىتى يوغان شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ، ئەمما تۇيۇقتىكى غارنىڭ ئېغىزىدىن قويمۇ تەستە ئۆتىدۇ؛ (6) تۇيۇقتىكى غار خاراكتېر جەھەتتە قۇرئاندىكى غار تەسۋىرىدىن، شۇنداقلا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىدىن پەرقلىنىدۇ؛ (7)«قۇرئان»غا ئاساسلانغاندا ، ئەسھابۇل كەھىفكە قارىغانلار قورققىنىدىن ئالدى – كەينىگە قارىماي قاچىدۇ، ئەمما تۇيۇقتىكى غاردا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس؛ (8) مەككىدىن باشقا بىرەر جاينى مەككىگە تەڭلەشتۈرۈش ۋە ئۇ جاينى مەككىگە ئوخشىتىپ تاۋاپ قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھدىن باشقا ھەرقانداق ئەۋلىياغا سەجدە قىلىش كۇپرانە قىلمىش ھېساپلىنىدۇ؛ (9) كىشىلەر تۇيۇقنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىش — مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاننىڭ يېرىمىغا باراۋەر، دەپ قارايدۇ، ئەمما مەككىدىكى ھەج پائالىيىتى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا مەقبۇل بولىدۇ؛(10) يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى تۇيۇقتا ، دەپ بىلىشى قۇرئان ،ھەدىس ، تەفسىر ۋە تارىختىكى بايانلارغا ئوخشىمايدۇ[56].
موللا مۇسا سايرامىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى مەزكۇر مازارنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئەسھابۇل كەھىف غارى ئەمەسلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزىرىگە قارشى چىقىشنىڭمۇ ھېچقانداق قىممىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئەسھابۇل كەھىفنىڭ تارىختا كۆزگە چېلىقمايدىغانلىقىنى ۋە يەر نامىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ نۇقتىنى(ئەسھابۇل كەھىفنىڭ تۇيۇقتا ئىكەنلىكىنى) قۇۋۋەتلەشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەنە بۇ غارنىڭ خاراكتېر جەھەتتە قۇرئان ۋە تەفسىرلەردىكى غار تەسۋىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىدۇ[57]. ئۇنىڭ ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇشقا ۋە مەككىدىن باشقا ھەرقانداق جاينى مۇقەددەسلىككە كۆتۈرۈپ تاۋاپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئۇنىڭ كۆزقارىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ، دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىسى، موللا مۇسا سايرامى يەرلىك خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇيۇقتىكى مازارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئورتاق قاراشنى تولۇق تەھقىق ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەنقىدلىرى ئارقىلىق ئۇنى ئۆز زامانىسىدىكى قەلەم ساھىبلىرى ۋە تارىخشۇناسلىرىنىڭ ۋەكىلى ، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلەردە تىلغا ئېلىنغان بايانلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىللەر ، جۈملىدىن مازار شەيىخلىرىنىڭ بۇ جاينى مەككە مۇكەررەمدەك كۆرسىتىپ ، تۈرلۈك نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ تاۋاپچىلارنىڭ مال- مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلىشى ھەققىدىكى تەنقىدلىرى دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مازارغا ئائىت بۇ قىلمىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق نوپۇزغا ئىگە بولۇۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىلمىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن ،دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان موللا مۇسا سايرامىغا شۈبھىلىك ۋە نەيرەڭۋازلىق بولۇپ تۇيۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئاشۇ مازاردىن كېلىپ چىققانلىقى قىياس قىلىنىۋاتقان تالاش – تارتىشقا تەنقىدىي مەۋقە تۇتقانلىقى ۋە مۇشۇ مازارنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە قارشى چۇقان كۆتەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، دەپ ئېيتىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.
(2) ئومۇمىي چۈشەنچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى
گەرچە «تارىخىي ھەمىدى» دە ئاشۇنداق تەنقىدلەر بايان قىلىنغان بولسىمۇ ، مەزكۇر مازار يەنىلا زور ساندىكى تاۋاپچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى. سىرتتىن كەلگەن زىيارەتچىلەر قاتارىغا 1930 – يىللىرى خىتايدىن كېلىپ مۇشۇ غار ھەققىدە مەلۇمات پۈتكەن ئېۋانجىلىن فرېنچ ۋە مىلدرېد كېيبل باشچىلىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنى تىزىشقا بولىدۇ[58]. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەزكۇر مازارنىڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئارىسىدىكى دىنىي نوپۇزى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىزغا ئىگە بولۇپ، بۇ ھالەتنىڭ خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردىن ۋە مازارغا ئائىت «مىش – مىش پاراڭلار» نىڭ كەڭ مىقياستا تارقىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭغا يەنە قىسمەن مۇسۇلمان پىداركارلارنىڭ باشقا مۇسۇلمانلار رايونىدىكى ئۈنۈمسىز دېيىشكە بولمايدىغان تەرغىبات مېھنەتلىرىنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ.
سانتكت – پېتىربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان شېئىرىي قوليازمىلارنىڭ بىرىدە ئەسھابۇل كەھىف رىۋايىتىگە ئەينەن ئوخشاپ كېتىدىغان[59] ناھايىتى تەپسىلى بىر بايان ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قىسمىدا «تۇيۇق» نامى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىز بۇ قوليازمىنىڭ تۇيۇقتىكى «ئەسھابۇل كەھىف» مازىرىنى مەنبە قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز. بۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇن جەھەتتە مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنىڭ ئالدىنقى سەھىپىمىزدە تىلغا ئېلىنغان ئەسىرىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىلدىكى تەفسىر ۋەقەلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ نۇسخا موتىف جەھەتتە قىسمەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، تېمىدىن چەتلەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەپسىلى توختالماسلىقنى لايىق تاپتىم. مەزكۇر كونتېكىستتىكى ئاساسلىق مۇھىم نۇقتا تۇيۇققا بىر جاي سۈپىتىدە مەدھىيە ئوقۇلغانلىقى ھەمدە ئالپ ئاتا ۋە باشقا مازارلارنىڭ بايان قىلىنىشى بولۇپ، ئۇنى تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇلۇغ جايلارنىڭ تۇيۇق مازىرى مەركەز قىلىنغان سىياقتىكى تەسۋىرى، دېيىشكە بولىدۇ. يەنە شۇنىمۇ قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر مازارنىڭ زىيارەتگاھ بولۇشتىكى مۇھىملىق دەرىجىسى مۇشۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئارقىلىق بارغانسېرى ئېشىپ بارغان.
ئەمما مەزكۇر مازارنىڭ ئاشۇ دەرىجىدىكى ھاياتىي كۈچىنى زېھىن قويۇپ يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقاتلار ۋە ئالاقىدار دىنىي پېشىۋالارنىڭ ئەمگەكلىرىگىلا مەنسۇپ قىلىپ قويۇش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ. بۇ نۇقتىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن دىنىغا قارشى سىياسەتلەر ۋە كومۇنىستىك ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا دىنىي پېشىۋالارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋاقتىنچە توختىغان بولسىمۇ، مەزكۇر مازار ئارقىلىق مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
1996 – يىلى ئاۋغۇستتا ۋە 2001 – يىلى ئاۋغۇستتا بۇ غارنى زىيارەت قىلغىنىمدا بىردەك غارنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، شۇنداقلا گۇرۇپپىمىزدىكى ۋاڭ جيەنشىن ۋە باشقىلار بىلەن مازار شەيىخلىرىنى ۋە تۇيۇق مەسجىدىنىڭ ئىمامىنى زىيارەت قىلدىم. نەتىجىدە 1950 – يىللىرىدىن بۇيانقى بەزى چىگىشلەر يېشىلگەندەك بولدى: ئازاتلىقتىن ئىلگىرى بۇ مازاردا ئوتتۇزچە شەيىخ بولۇپ، مازار ئاساسەن ئۆزىنىڭ ۋەقپە يېرىدىن يىلدا بولىدىغان تۆت توننا ئۈزۈمگە تايىنىپ مېڭىۋاتقان ئىكەن. «ئازادلىق»تىن كېيىن ۋەقپە يەر قولدىن كېتىپ قېلىپ[60] ، مازار ئاساسەن خەيرى – ئېھسانغا قاراشلىق بولۇپ قاپتۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا مەزكۇر مازاردىكى گۈمبەز شەكىللىك ئىمارەت ۋە مەسجىد بۇزۇپ تاشلىنىپتۇ، شۇنداقلا مازارنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزېل – كېسىل ئۈزۈلۈپتۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاياقلىشىپ ، 1982 – يىلىغا كەلگەندە مەسجىدنىڭ ئىمامى يوقالغان مۈلۈكلەرنىڭ تىزىمىنى ئۇلارنىڭ قىممىتى بىلەن قوشۇپ ھېساپلاپ بىر ھۆججەت تەييارلاپ پىچان ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە سۇنۇپتۇ ۋە ھۆكۈمەتتىن ئاشۇ زىيانلار ئۈچۈن تۆلەم ئېلىش ئۈمىدىدە بولۇپتۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولماپتۇ. تا يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە بۇزۇلغان ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشكەن خارابە پارچىلىرى مازار ھويلىسىدا چېچىلىپ تۇرىدىكەندۇق. كېيىن خەيرى – ئېھسان ئارقىلىق يىگىرمە – ئوتتۇز مىڭ يۈەن پۇل توپلىنىپ ، 1996 – يىلى ئىيۇندا بۇ جاي قايتا ياسىلىپتۇ.
گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ بەرگۈدەك ئېنىق ھۆججەتلەر بولمىسىمۇ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئىزلىرى ۋە 1980 – يىللىرىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ شاراپىتىدىن دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن دىنىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى– ھازىرقى زامان خىتاي تەۋەسىدىكى دىنىي سىياسەتلەرنىڭ ۋە سىياسىي شارائىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان دىنىي مۇئەسسەلەرنىڭ گرافىك شەكلىدىكى تەسۋىرى ئىكەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئاساسلىق ئىمارەتلەرنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ھەقىقەت بولۇپ، لې كوك تارتقان ئومۇمىي مەنزىرە سۈرىتى[61] بىلەن مۇشۇ مەنزىرىنىڭ 2001 – يىلى ئاۋغۇستتا مەن تارتقان نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە مازارنىڭ تاشقى ئايلانما قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاشلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن مازارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۇنىڭ 1910- يىللاردىكى قىسمەن ئەھۋالىنى ساقلاپ قالغان، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
مازار 1980 – يىللىرى ئەسلىگە كەلگەندىن تارتىپ يېقىنقى يىللارغىچە 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھاياتى كۈچىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدىكى جەلپكارلىقىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ۋاڭ جيەنشىننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا تۇرپاندا مەزكۇر مازارنى زىيارەت قىلىپ باقمىغان كىشى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن، يەنە كېلىپ بەزى كىشىلەر ئائىلە بويىچە ۋە قوشنىلار ئارا توپ بولۇشۇپ بۇ جاينى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت ئىكەن[62]. 1996 – يىلى ئاۋغۇستتا بۇ جايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاۋاپچىلارنى ، جۈملىدىن غۇلجىدىن كەلگەن بىرەيلەننى، گۇچېڭدىن كەلگەن تۆت كىشىلىك بىر ئائىلىنى ۋە قەشقەردىن كەلگەن ئون كىشلىك بىر ئائىلىنى كۆردۇق. قازاقلارمۇ مەزكۇر مازارغا يانداش جايلاشقان كىچىك قەبرىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن. 2001 – يىلى ئاۋغۇستتا بىز خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىن بۇ جايغا ئاپتوۋۇز ئارقىلىق كەلگەن دېھقانلارنى كۆردۇق. ئېيتىلىشىچە، مازاردىكى خېلىلا نەپىس قۇرۇلۇشلاردىن بولغان گۈمبەز شەكىللىك ئىمارەتنىڭ كىرىش ئېغىزى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر باي كىشىنىڭ خەيرى – ئېھسان قىلغانلىقىنىڭ شاراپىتى ئىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ مازارنى تۇرپاندىكى مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئېتنىك پەرققە قارىماستىن ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ كۆپلىگەن تاۋاپچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ھېچقانداق شۈبھە زۆرۈر بولمىسا كېرەك.
بۈگۈنكى تاۋاپچىلار تۇيۇقتىكى مازاردا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن مازارغا كېلىدۇ ۋە غارغا چاپلاپ سېلىنغان ئۆي ئىچىدە شەيخلەرنىڭ ئەسھابۇل كەھىفنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن ئۇلار غارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە خەتمۇ قۇرئان قىلىدۇ ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرگەندىن كېيىن غاردىن ئايرىلىدۇ. ئۇلار ماڭغاندا شەيىخلەرنىڭ بىرى ئاق رەخت بىلەن ئورالغان توقماق بىلەن ئۇلارنىڭ غولىغا ۋە غولىنىڭ تۆۋىنىگە ئۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ زىيارىتى مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تەرتىپنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا بۇ مازارنى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ رايوندىكىلەر ئۈچۈن قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان مۆجىزىۋى ھېكايىدىكى مۇقەددەس تاۋاپگاھ سۈپىتىدىلا ئەمەس[63] ، كەڭ تارقالغان ئېتىقاد ئاساسىدىكى ۋە سىرلىق تەبىئەتتىكى دىنىي قائىدە – يوسۇنلار بىلەن باغلانغان ئادەتتىن تاشقىرى دىنىي مۇئەسسە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ، دېيىشكە بولىدۇ[64].
خاتىمە
ئەمدى بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن مەزكۇر مازارغا دائىر تارىخىي ئەھۋاللارنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ كۆرەيلى. تارىخىي مەنبەلەردىكى بۇ مازارغا دائىر تۇنجى «دەلىل» 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۇرپان خانىنىڭ مەزكۇر غارنى «ئەسھابۇل كەھىف» دەپ ئېتىراپ قىلىش ھەققىدىكى يارلىقى بولۇپ، شۇ چاغدا باشقۇرغۇچى شەيىخلەر تەيىن قىلىنغان. كېيىنچە ، يەنى 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ ھال تۇرپاندىكى لەشكىرىي قوشۇننىڭ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە سەركەردىسى تەرىپىدىن يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. گەرچە بۇ مازار ئۇ چاغدا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان شەيئىلەردىن بولمىغان بولسىمۇ ، پاكىتلار ئۇنىڭ مۇشۇ رايوندىكى ئاساسلىق مازارلارنىڭ بىرى سانالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ مازار زور كۆلەمگە قاراپ تەرەققى قىلدى ھەمدە ناھايىتى تېزلا تۇرپاندىنلا ئەمەس ، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا بوستانلىقلار ، ھەتتا ھىندىستان ۋە غەربىي تۈركىستاندىن كەلگەن تاۋاپچىلار زىيارەت قىلىدىغان ئاساسلىق مۇقەددەس جايغا ئايلاندى[65]. بۇ خىل تەرەققىياتقا ۋە مازارنىڭ دىنىي نوپۇزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار جۈملىسىگە بۇ مازارنىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارى ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا كەڭ ئەۋج ئالغان ئومۇمىي چۈشەنچە ھەمدە مازاردىكى شەيىخلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە تۈس بېرىلگەن تاۋاپ تەرتىپلىرى بىلەن يوسۇنلارنى كۆرسىتىش مۈمكىن. ئەمما ، مەزكۇر مازارنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئۇقۇمۇشلۇقلار تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇنىڭ روھىي تىرەك ھېساپلىنىدىغانلىقىنى، ئەۋلىيالار بىلەن ئۇچراشقاندا خۇداغا تېخىمۇ يېقىن تۇرغىلى بولىدۇ ، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «مۇقەددەس جايلار» نىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى زۆرۈر ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
بۇ مازارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ «قۇرئان» دىكى رىۋايەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تۇرپان ئويمانلىقىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ جاي بولسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ چەت قىرغاقلىرىدىن بولۇپ ، بۇ جاي ئىسلامنى خېلىلا كېچىكىپ قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ئۇ بۇ جايدىكى باشقا مازارلار بىلەن ئۆز تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىدە ۋە تۇتقان ئورنىدا بەسلىشەلمىسىمۇ ئاشۇ كەڭ رايوندا يېتەكچى ئورۇندا تۇرالايدىغان دىنىي نوپۇزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشقان ھەمدە ئۆزىنى ناھايىتى تېزلا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان دىنىي مۇئەسسەسەگە ئايلاندۇرالىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىنى شۇ رايوندا كەڭ دائىرىلىك دىنىي نوپۇزغا ئىگە بىرەر ئەۋلىياغا ئەمەس، بەلكى قۇرئاندىكى ئەۋلىيالارغا باغلىيالىغانلىقى ئۈچۈن تۇرپاندىكى باشقا مازارلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرالىغان. تۇيۇققا يېقىن جايلاردىن بۇددىزىمغا ئائىت كۆپلىگەن قالدۇقلارنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە شۇ سەۋەپتىن غارنىڭ ماددىي جەھەتتىن ئىپتىدائى ئېتىقادنىڭ چوقۇنۇش ئوبېكتى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئويلاشقاندا مەزكۇر مازارنى يەرلىك ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ كونكىرتلاشتۇرۇلىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سېستىمىدا ئومۇمىيۈزلۈك تارقالغان ئېتىقادنى ئەكس ئەتتۈرگەن دىنىي دائىرە ۋە ئىسلامنى چۆرىدىگەن ئەبجەش مەزمۇنلار ، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەقىدىلەر ، ئىسلام پىرىنسىپلىرى ۋە بارلىق يەرلىك ئەقىدە – ئېتىقادلار داشقايناق بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئدى.
ئاخىرىدا بۇندىن كېيىن مەزكۇر مازار ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنىڭ روياپقا چىقىشىنى، جۈملىدىن مەزكۇر مازار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ شەجەرىسى ۋە ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت سېھىرلىك يوسۇنلارنىڭ رېئال ئەھۋالى ، مازارنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى ۋە مەنزىرىسى ، ئۇنىڭ بوشلۇقتىكى ھالىتىنى ئالەم نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىزدىنىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا مەزكۇر ئەسىرىم يۇقۇرقى ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس بولۇش رولىنى ئوينىيالىسا ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھىس قىلغان بولاتتىم.
ئىزاھلار:
[①] خامادا ماسامى :« ئىسلام ئەۋلىيالىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەقبەرىلىرى» — « ئاسىيا شەرقشۇناسلىقى» 1977 – يىللىق 34- سان ، 79 – 98 – بەتلەر ؛ « تارىختىكى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسى» — « غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» 1991 – يىللىق 34 – سان، 89 – 112 – بەتلەر؛ كىم خودوڭ:« شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇش: تۇرپاندىكى ئالپ ئاتا مازىرى» – 35 –نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقالىسى ، تەيبېي، 1992 – يىلى 12 – 17 – سىنتەبىر؛ ساۋادا مىنورۇ :« ئوردام پادىشاھ سىستېمىسى» – «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى» 1999 – يىللىق 14 – سان ، 91 – 109 – بەتلەر.
[②] ساگۇچى تورۇ:«شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» ، توكيو ، يوشىكاۋا نەشرىياتى ، 1986 – يىلى نەشرى، 229 – 233 – بەتلەر
[③] شىنمېن ياسۇشى، سانادا ياسۇشى ۋە ۋاڭ جيەنشىن :«شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىدا بازار ۋە مازار» – توكيو ، «ئاسىيا-ئافرىقا تىل ۋە مەدەنىيەت ئىنىستۇتى ژورنىلى»،2001 – يىلى
[④] راھىلە داۋۇت : « ئۇيغۇر مازارلىرى» – شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى ،2001- يىلى نەشرى
[⑤] بۇ مازارغا دائىر تارىخىي مەنبەلەرنى خامادا ماسامىنىڭ «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرىغا مۇقەددىمە» («شەرقشۇناسلىق ژورنىلى» 1983 –يىللىق 55 – سان ، 380 – 381 – بەتلەر) دىن كۆرۈڭ. ساگۇچى تورۇمۇ سەيياھلارنىڭ كۆپلىگەن خاتىرىلىرىنى تىلغا ئالىدۇ(يۇقۇرىدىكى ئەسەرنىڭ 231 – 232 – بەتلىرىگە قاراڭ). مەزكۇر ماقالىدا پايدىلىنىلغان ئالاقىدار مەنبەلەر بىردەك مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك تەتقىقاتتىن ئېلىندى.
[⑥] راھىلە داۋۇتنىڭ يۇقۇرىقى ئەسىرى،205 – بەت
[⑦] راھىلە داۋۇتنىڭ يۇقۇرىقى ئەسىرى(206- بەت) دىمۇ ئون مىڭ زىيارەتچى ، دەپ ئېلىنغان.
[⑧] شېن بېيرېن: «تۇرپانABC » ، شەرقىي تۈركىستان گۈزەل – سەنئەت نەشرىياتى ، 1993 – يىلى نەشرى 63- بەت
[⑨] « قۇرئان » ،18 – سۈرە ، 8 – 24 – ئايەت
[⑩] رابغۇزى : « قىسسەسۇل ئەنبىيا» 1-توم، لېيدېن، 1995- يىلى نەشرى ، 408 – 411 – بەتلەر
11 مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تۈزگەن 1980-يىلغىچە توپلانغان ئەسەرلەر كاتالوگىدا بۇنىڭ توققۇز خىل نۇسخىسى كۆرسىتىلىدۇ. شۇلارنىڭ بىرىنى يەركەنلىك بىرەيلەن ھېجىرىىيە 1288-يىلى (مىلادىيە 1871\1872- يىلى) كۆچۈرگەن ئىكەن.قاراڭ: «ئۇيغۇر،ئۆزبېك،تاتار قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 – يىلى – نەشرى، 111- 114 – بەتلەر
12 مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى :«ئەسھابۇل كەھىف تەزكىرىسى» ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى، 1994 – يىلى
13 «ئەسھابۇل كەھىف: شەرقىي تۈركىي تىلدىكى بايان» ، ئېمىنە گۇرسوي ناسكالى ، خېلسىنكى ، 1985 – يىلى نەشرى
14 شىنمېن ياسۇشى ، سانادا ياسۇشى ۋە ۋاڭ جيەنشىننىڭ ئىزاھ3 تىكى ماقالىسىغا قاراڭ. 172 – بەت
[15] موللا مۇسا سايرامى : « تارىخىي ھەمىدى » ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988 – يىلى نەشرى ، 664 – 665 – بەتلەر.شىۋېتسىيەدىكى لۇند ئۇنۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىنىڭ گۇننار ياررىڭ بۆلۈمىدىمۇ «تارىخىي رەشىدى»نىڭ قوليازمىسى ساقلانغان. ئەمما مەزكۇر قوليازمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى كەمۈك بولغاچقا ئۇنىڭدىن تۇرپاندىكى مازارغا ئائىت بايانلارنى كۆرۈش مۈمكىنچىلىكى بولمىدى.
[16] قۇربان ئەلى ۋەلەد خالىد ھاجى ئاياگۈزى : « كىتابى تارىخى جەرىدە ئى جەدىدە » ،1306 – يىلى(مىلادىيە 1886\1887 – يىلى )،ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام، 20 – بەت ب ياپراق. مەن ئاپتورنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان مۇشۇ نۇسخىدىن پايدىلاندىم.
[17] ساگۇچى تورۇ ، ئالدىنقى ئەسەر ، 139 – بەت
[18] «تارىخىي قەشقەر» ، فاكسىمىل ۋە قوليازما، ئو.ف. ئاكىمۇشكىن نەشرگەتەييارلىغان، سانكىت – پېتربۇرگ، 2001 – يىلى نەشرى ، 96 – بەت (قوليازمىنىڭ 100 – ياپرىقى ئا بەت)
[19] قۇربان ئەلىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا ئۇ توختاپ ئۆتكەن جاي «قەدەم جايى ھەزرەتى ئافاق» دەپ ئاتىلىدىكەن.
[20] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 22 – ياپراقنىڭ ئا ۋە ب يۈزلىرى
[21] «تارىخىي ھەمىدى» ، 664 – بەت
[22] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 21 – ياپراقنىڭ ئا ۋە ب يۈزلىرى
[23] ئىمىن خوجا 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى يولباشچى شەخس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جۇڭغارلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بۇ رايونغا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە ئۇ باش بولۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولغان ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن 1759 – يىلى تۇرپاننىڭ ئىنانچىخانى بولۇپ تەيىنلەنگەن (قاراڭ : ساگۇچى تورۇنىڭ ئەسىرى ، 171 – 172 – بەتلەر)
[24] راھىلە داۋۇتنىڭ ئەسىرى ، 206 – 207 – بەتلەر
[25] تەپسىلاتىنى ساگۇچى تورۇنىڭ ئەسىرىنىڭ 153 – 197 – بەتلىرىدىن كۆرۈڭ.
[26] ئۇ تۇرپاننىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئىنانچىخانى بولۇپ، 1815 – يىلى ئۆلگەن
[27] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 47 – ياپراقنىڭ ب يۈزى
[28] كىم خودوڭنىڭ ئەسىرى ، 25 – 27 – بەتلەر
[29] ئۇ تۇرپاننىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىنانچىخانى بولۇپ ، ئېمىن خوجىنىڭ ئوغلى ، يەنى فەرىدىننىڭ ئاكىسى (ساگۇچى تورۇنىڭ ئەسىرى، 178 – بەت).
[30] س.گ.ماننېرخېيم :« 1906 – 1908: ئاسىيانى غەرپتىن شەرققە كېسىپ ئۆتۈش » ، خېلسىنكى ، 1940 – يىلى نەشرى، 1- توم ، 359 – بەت
[31] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلامدا بۇ مەزمۇنلار 32 ياپراق ھۆججەتتە خاتىرىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى بولسا 68 ياپراققا يېتىدۇ.
[32] موللا مۇسا سايرامى:«تارىخىي ئەمىنىيە» ، نەشر قىلدۇرغۇچى ئى.ن.پانتۇسۇف ، قازان 1905 – يىلى نەشىرى، 318 – 319 – بەتلەر
[33] مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ ئەسىرى ، 7 – 8 – بەتلەر ( مۇھەررىرنىڭ سۆزى)
[34] ماننېرخېيمنىڭ ئەسىرى ، 360 – 361 – بەتلەر
[35] «ئەسھابۇل كەھىف» ،13 – بەت
[36] ك.خ. مېنگىس: « شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان فولكلور تېكىستلىرى» 2- توم ، بېرلىن 1943 – يىلى ، 51 – بەت
[37] كىم خودوڭنىڭ ئەسىرى، 16 – بەت؛ شاھ مەھمۇد جۇراس : « يىلنامە» ، موسكۋا ، 1976 – يىلى نەشرى ، 19 – ۋە 165 – بەت
[38] شىنمېن ياسۇشى ، سانادا ياسۇشى ۋە ۋاڭ جيەنشىننىڭ يۇقۇرىقى ئەسىرى ، 182 – 183 – بەت. ھازىرقى شەيىخ ئاۋام ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تاۋۇزنىڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەپسانىنى ئىنكار قىلىدىكەن.
[39] « تارىخىي ھەمىدى » ،663 – 664 – بەتلەر
[40] ئا.ۋون.لې كوك :« جۇڭگو تۈركىستانىغا كۆمۈلگەن جاۋاھىرلار » ، لوندون ، 1928 – يىلى نەشرى ، 93 – 94 – بەتلەر
[41] بۇ ئىمىن خوجىنى ، يەنى تۇرپاننىڭ 9 – ئەۋلاد ئىنانچىخانىنى كۆرسىتىدۇ.
[42] بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدا پەشتاقلىق يول مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ يول كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇزۇۋېتىلگەن بولۇشى مۈمكىن.ھازىرقى يول كېيىن ياسالغان.
[43] تامغا «قۇرئان» ۋە ھەدىس شېرىپتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئويۇلغان ، دېيىلىدۇ. ھازىرقى تامدىمۇ مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
[44] بۇ ھال بەلكىم تۆت چاھاريانىڭ ئەسھابۇل كەھىف غارىنى مۆجىزە كەبى زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن(قاراڭ: مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ، 41 – 42 – بەتلەر).
[45]ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 47 – 48 – ياپراقلار
[46] دۇترېل رېنس :« ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە ئېكىسپېدىتسىيە» ، پارىژ ، 1898 – يىلى ، 3 – توم، 98 – 99 – بەتلەر
[47] خامادا ماسامى : « خوتەندىكى مۇھەممەد ئەلەمنىڭ تارىخى(3)» – «زىنبۇن» 1982 – يىللىق 18 – سان، 75 – بەت
[48] شەرقىي تۈركىستاندا بارلىققا كەلگەن بىرنەچچە ئەسەردە ياقۇببەگنىڭ خوتەن ھاكىمى نىياز بەگ تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
[49] خ.م. ۋېسېلوۋىسكىي :« بەدۆۋلەت ، ياقۇببەگ ، ئاتالىق غازى » – «روسىيە پادىشاھلىق ئارخېئولوگىيە جەمىيىتى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ خاتىرىلىرى» ، 11 – توم ، 1889- يىلى ، 100- بەت؛ ئابدۇللا پانسات :« تارىخىي سىغارى» ، بىرىتانىيە كۈتۈپخانىسى ، 8156 – نومۇر ، 80 – بەت ئا ياپراق.ھاكىم خان قەشقەر خوجىلىرىدىن ھېساپلىنىدۇ.
[50] مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدىن كۇچار خوجىلىرىنىڭ قولىغا، ئاندىن تۇنگان قوشۇنىغا ، ئاخىرىدا ياقۇببەگكە ئۆتتى. قاراڭ: شىنمېن ياسۇشى: « 19 – ئەسىر مالىمانچىلىقىدىكى تۇرپان» – «ئىسلام دۇنياسى» ، 1988 – يىللىق 29\30- سان، 68 – بەت
[51] ما پىنيەن : « جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى مازارلار ۋە مازار ئېتىقادچىلىقى» ، چىڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1987- يىلى ، 381 – بەت
[52] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 24 – 25 – بەتلەر
[53] ھىندىستان ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى ، تۈركى ئەسەرلەر ، 2- توپلام ، 29 – 30 – بەتلەر
[54] « تارىخىي ئەمىنىيە » ، 318 – بەت
[55] « تارىخىي ئەمىنىيە » ۋە « تارىخىي ھەمىدى» مەزمۇن جەھەتتە چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.«تارىخىي ھەمىدى» نى «تارىخىي ئەمىنىيە» نىڭ تۈزىتىلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى ، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلاردا بېرىلگەن ئەسھابۇل كەھىف ھەققىدىكى بايانلار بۇ ھالدىن مۇستەسنا.
[56] « تارىخىي ھەمىدى» ، 671 – 695 – بەت
[57] بەشىنجى نۇقتا كىشىنى بەكرەك قايىل قىلىدۇ. 2001 – يىلى ئاۋغۇستتا غارغا كىرگىنىمدە كىرىش ئېغىزىدىن غارنىڭ ئىچىگىچە بولغان يولنىڭ تارلىقىدىن جۇغى كىچىك ئادەمنىڭمۇ ئېڭىشىپ مېڭىشقا مەخبۇر بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم.
[58] ئې.فرېنچ ۋە م.كېيبل:«چۆللۈك ژورنىلى: ئوتتۇرا ئاسىيادىن مەكتۈپ» ، لوندون ، 1934 – يىلى ، 118- بەت
[59] « تەزكىرەئى ھەزرىتى سۇلتان ئەسھابۇل كەھىف» ، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ، سانكىت – پېتربۇرگ، 2- 11 ياپراق
[60] 1935 – يىلى، يەنى شېڭ شىسەي زامانىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى مەزكۇر مازارغا بىر قىسىم يەر ۋەقپە قىلغان.1950- يىلى پۈتكۈل ۋەقپە يەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى شەرقىي تۈركىستان خەلقچىللىق ئىتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ( قاراڭ : راھىلە داۋۇت :«ئۇيغۇر مازار مەدەنىيتى ھەققىدە تەتقىقات» ، شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 2001 – يىلى نەشرى ، 129 – بەت
[61] لې كوك ، 23 – بەت
[62] ۋاڭ جيەنشىن :« تۇرپان يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى ۋە ئۇنۋېرسال ھالىتى» – «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى » ، 1996 – يىلى 11 – سان ، 55 – بەت
[63] ۋاڭ جيەنشىننىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا مەزكۇر مازار كىشىگە ئىسلام ھەققىدىكى تەتقىقات مەركىزىدەك تەسىر بېرىدىكەن.
[64] 1950 – يىللاردىن ئىلگىرى تۈرلۈك شەكىللەردىكى كېسەل داۋالاش ۋە باشقا خىل دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان ئىكەن( قاراڭ : راھىلە داۋۇت :«ئۇيغۇر مازارلىرى» ، 207 – 208 – بەت)
[65] بۇ خىلدىكى كەڭ دائىرىلىك تەسىرنىڭ ئارقىسىدا 19 – ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستاننى قاپلىغان (ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىق ) سودا چەمبىرىكى نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ ، ئەمما بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھقىق قىلىپ كۆرۈش زۆرۈر.
«شەرقىي ئوكيان تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ خاتىرىلىرى» نىڭ 2003 – يىللىق 61 – سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : قۇربان نىياز
ماقالىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن تور بوشلۇقىدىكى ئېنگلزچە ئەسلى نۇسخىسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
