مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقى: ۋاز كېچىلمەس كىملىك ۋە قېچىپ بولالماس خىرىسلار
دوكتور ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈزۈلمەس رىشتە-ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنغان دوكلاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى توپلۇقى – شەكىللىنىش تارىخى نىسبەتەن قىسقا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا تارقالغان، كۆلىمى كىچىك، سانى ئاز، مەۋجۇتلۇق، كىملىكىنى ساقلاش ۋە داۋاملىشىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغان، شۇنداقلا ھەرۋاقىت تۈرلۈك خرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە رېئال ئەھۋالى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مۇھاجىرەت توپىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر جامائەتتۇر.
بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سىستېمىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە بىر تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھاجىرەت توپلۇقلۇقلىرى ۋە ھەرقايسىي ئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ زېممىسىگە چۈشمەكتە. تۈرك-تاتار جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئىسمائىل غاسپىرالى (1851-1914) بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئېيتقاندەك: «زىيالىيلار ۋەتەن-مىللەت كېلەچىكىنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەرمايەسىدۇر».
«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقى: ۋاز كېچىلمەس كىملىك ۋە قېچىپ بولالماس خىرىسلار» ناملىق بۇ لېكسىيەدە دوكتور ئەسەت سۇلايمان ئالدى بىلەن زىيالىي ۋە زىيالىلىق بۇرچى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن. 1913-يىلى مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىب ۋە نەشرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1976-1937) نىڭ جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمائىل غاسپىرالىغا «قەشقەردىن مەكتۇپ» ناملىق مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى نېمە قىلىش كېرەك؟» دەپ سوئال قويغانلىقى؛ ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ «باغچاسارايدىن قەشقەرگە مەكتۇپ» ناملىق جاۋاب يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنىڭ ۋەتەن-مىللەت يولىدا ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنلىكى مىسال تەرىقىسىدە بايان قىلىنغان. بۇ ئۆرنەكنىڭ تىمسالىدا بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قېچىپ بولالماس ۋە ۋاز كېچىلمەس بۇرچ ھەم مەسئۇلىيەتلىرى تەكىتلەنگەن.
لېكسىيەنىڭ داۋامىدا بىزگە تىل، مەدەنىيەت، قان-قېرىنداشلىق ۋە تارىخىي قىسمەتلەر نۇقتىسىدىن ئەڭ يېقىن بولغان تاتار مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىدىن – ياپونىيەدىكى تاتار دىئاسپوراسىنىڭ 1920-يىللاردىن 1950-يىللارغىچە بولغان تارىخىي مۇساپىسى ھەمدە بىزگە قالدۇرغان تەجرىبە مىراسلىرى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدا غەربىي تۈركىستاندىكى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى (1920-1924) دىن تۇنجى تۈركۈمدە گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن تۈركىستانلىق ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلگەن.
يەنى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ۋە چېگرا ھالقىغان ئۇزۇن قولى سەۋەبلىك ۋەتىنىگە قايتىش بىلەن ياۋروپادا قەپ قېلىپ مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن مىللىي داۋا يۈرۈتۈش ئارىسىدىكى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكى؛ ئامالسىز سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كېيىنچە بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچى»، «پان-تۈركىست»، «سوۋېت دۈشمىنى»، «چەت ئەل جاسۇسى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئېتىپ تاشلانغانلىقى، سىبىرىيەدىكى گۇلاگلارغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىدەك پاجىئەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا باش ئەگمەي گېرمانىيەدە قەپ قالغان تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە بىر تۈركۈم دوكتور ۋە ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى، ئۇلارنىڭ 1930-1940-يىللاردا ياۋروپادا قۇرۇلغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان «تۈركىستان مىللىي بىرلىكى» قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى، «مىللىي يول»، «ياش تۈركىستان» قاتارلىق ئورتاق تۈركىي تىلىدا نەشىر قىلىنغان گېزىت-ژورناللارنىڭ تەھرىر ۋە يازارلىرىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
لېكسىيەنىڭ ئاخىرىقى خۇلاسە قىسمىدا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى تەۋپىق، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، قۇربان قوداي قاتارلىق چەت ئەللەردە ئوقۇغان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك سەرخىللارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، ۋەتەن ۋە مىللىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە ئاخىرى بۇ يولدا ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەنلىكى؛ 1950-يىللاردىن كېيىنكى كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى دەۋرىدە زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرەھىم ئەيسا، زۇنۇن قادىرى، ئابۇرېھىم ئۆتكۈر، نىزامىدىن ھۈسەيىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇتلۇقى يولىدا ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يىللىرى بىلەن بەدەل تۆلىگەنلىكىدەك ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلگەن. ئاندىن 2017-يىلىدىن بۇيانقى خىتاينىڭ زور تۇتقۇنىدا قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېغىر بەدەللىرى تىلغا ئېلىنىپ، بۈگۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، زىيالىيلىرى ئۈستىدىكى قېچىپ بولالماس بۇرچ ھەم مەسئۇلىيەتلەر تەكىتلىنىپ ئۆتۈلگەن.




