• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەنئەنىۋىي مېھماندارچىلىق (ھېكايە)

ئەنئەنىۋىي مېھماندارچىلىق (ھېكايە)

200px-Aziz_Nesin[1]ئەزىز نەسىن[تۈركىيە] 
     تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: چوپانىي

ئىستانبۇلنىڭ ئەتراپىدىكى بىر شەھەردە بىر كىتابپۇرۇش دوستۇم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ مەكتۇپلىشىپ تونۇشقان، ھازىرغىچە مەكتۇپلىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ مەكتۇپلىرىدىن بىلىشىمچە، ئۇ ئىلغار پىكىرلىك بىر ياش ئىدى. ھەر يىلى باھار كەلگەندە ئۇ مېنى كىتابپۇرۇشلۇق قىلىدىغان شەھەرگە مېھمانغا چاقىراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشلىرىمنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ھارغىنلىقىمنى، شۇڭا بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ مەكتۇپ يازاتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ مېنى تەكلىپ قىلىشتىن پەقەتلا ۋاز كەچمەيۋاتاتتى. ئۇمۇ مەكتۇپىدا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مەن بىلەن تونۇشۇشقا تەشنا ئىكەنلىكلىرىنى، شۇ سەۋەبتىن مېنى زارىقىپ كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى يازاتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ماڭا ناتونۇش بولغان ئۇ شەھەرگە مېنىڭمۇ بەكمۇ بارغۇم، بېرىپ ئۇ يەردە بىر – ئىككى كۈن تۇرۇپ كەلگۈم بار ئىدى. ئەمما ئىشلىرىمنىڭ جىقلىقىدىن پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم.
باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بۇ ياش كىتابپۇرۇش ئىستانبۇلغا كەپتۇ. ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، مېنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پېشكەللىك دېگەن مانا شۇ. ناھايىتى قىيىن بىر ماقالە ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، پەقەتلا ۋاقتىم يوق ئىدى. ئەمما بىر يازغۇچىنىڭ ۋاقتى يوقلۇقىنى ئوقۇرمەنلىرىگە چۈشەندۈرمىكى ناھايىتى تەس بىر ئىش ئىدى.
قاچان قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ كەلگىلى ئىككى كۈن بولغانلىقىنى، بۈگۈن ئاخشام ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك، ئۇنىڭمۇ ۋاقتى يوق ئىكەن، ئۇنى ئۆيۈمدە ساقلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
ئۈچ − تۆت يىلدىن بېرى مەكتۇپلىشىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىلغار پىكىرلىك ياش كىتابپۇرۇش ئۇزاق ئۆتمەي ئۆيۈمگە كەلدى. ئۇ قۇرۇق قول كەلمىگەن: ئۆز رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن بىر قۇتا سورتلۇق يەل – يېمىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەدەپ – قائىدە بىلەن جىق ۋاقتىمنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مۇڭدىشىش ۋە چاي ئېچىش بىلەن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ شېرىن بىر يەرلىك شېۋە بىلەن سۆزلەيتتى. ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشكەن بىر زىيالىي ئىدى. مەن بۇنداق ئادەملەرنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتىم… ياخشى كۆرگەن ھەر بىر ئادىمىمگە بىر – ئىككى سائەت ۋاقتىمنى سەرپ قىلىۋەرسەم، يازغۇچىلىقىمغا »ئەلۋىدا« دېيىشىم كېرەك ئىدى. كېيىنكى يىللاردا دەل مۇشۇنداق بولۇۋاتاتتى. ئۇ ئوقۇرمەنلەرگە كىتابلىرىمغا قول قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىتابخانىسىغا كېلىشىمنى، بۇ شەھەردە بىر – ئىككى كۈن مېھمان بولغاچ ئارام ئېلىشىمنى ئۆتۈنەتتى ۋە چىڭ تۇرۇۋالاتاتتى. ئارام ئالماق ! مېنى قايىل قىلغان سۆز مانا مۇشۇ ئىدى.
بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىش ۋاقتىمنى بېكىتىشتۇق. ياش كىتابپۇرۇشمۇ مەندىن ۋەدە ئالغانلىقىنىڭ سۆيۈنچىسى بىلەن قايتىپ كەتتى.
مەن ۋەدە قىلغان ۋاقىتنىڭ دەل ئۆزىدە ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئايرودۇرۇمىدا ھازىر بولدۇم. ياش كىتابپۇرۇش بىر دوستى بىلەن مېنى ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى. بىز ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن يولغا چىقتۇق. چۈشكىنىم كەچلىك ئايروپىلان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەھەرگە كېچە كەلگەن ئىدىم. شۇڭا بۇ كېچىدە ئۇدۇل مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىلىمەنغۇ دەپ ئويلىدىم. كەچلىك تاماقمۇ يېگۈم يوق ئىدى. چۈنكى بۇنداق مېھماندارچىلىقلاردا ئىچىملىك نازۇ نېمەتلەردىن قۇتۇلماق تەس ئىدى. بۇنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، تاماق يېمەيلا يېتىپ ئارام ئېلىشنى ئېيتقان بولساممۇ، لېكىن ئېرىشكەن جاۋابىم شۇ بولدى: »ۋاي تېخى… تاماق يېمەي ياتقىلى بولامدۇ؟«
كونىلارنىڭ »مېھمان −− ساھىبخانىنىڭ ئېشىكى« دېگەن سۆزىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق ئەمەسمۇ، مېھماندارچىلىقنى قوبۇل قىلغان ئىكەنمەن، ساھىبخانىنىڭ ئۆتۈنۈش − مۇلايىملىقىغا ئورالغان بۇيرۇق – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر ئىدىم.
ياتىدىغان مېھمانخانىغا بېرىپلا چامادىنىمنى تاشلاپ، يۈز – قولۇمنى يۇيۇپ، ئاندىن مېھمانخانا رېستورانىدا تاماق يەيمىزغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھالبۇكى ماشىنىمىز دەسلەپ بوش − بىكار يەرلەردىن چىراغلىرى يېنىپ تۇرغان ماگىزىنلار، ئېگىز ئىمارەتلەر ئارىسىدىن، يوپيورۇق چوڭ كوچىلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەتتۇق. پەردىلىرى چۈشۈرۈلۈپ، مەھكەم ئېتىلگەن دېرىزىلەردىن غىل – پال يورۇقلۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پەرىزىمچە مېنى ياتقۇزىدىغان مېھمانخانا تاشلاندۇق بىر رايوندا ئىدى.
ماشىنا بىر قانچە كاتاڭغا چۈشۈپ – چىققاندىن كېيىن، بىر چوڭ كۆلەڭگە ئالدىدا توختىدى. بۇ چوڭ كۆلەڭگە مەن چۈشىدىغان مېھمانخانا بولۇشى مۇمكىن، بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق. ئىشىكتىن ھېچ بىر يورۇقلۇق كۆرۈنمەيتتى. ساھىبخانا ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىۋېدى، ئىشىك ئېچىلدى. ئىچكىرىنى بىر ئاق لامپۇچكا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئىشىك ئالدىدا بىزنى دېھقان كىيىملىك بىر ئايال بالىلىرى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى. ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بىلەن قوشۇپ تۆت بالىسى بار ئىدى. ئۇ قورسىقىدىكى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ساناقلىق كۈنلەرنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بالىلىرىنىڭ بىرسى قۇچىقىدا، بىرسىنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالغان، ئەڭ چوڭ بالىسى ئانىسىنىڭ ئېتىكىگە چاپلىشىۋالغانىدى.
−− مەرھەمەت!
كەلگەن يېرىمىزنىڭ مېھمانخانا ئەمەس، بىر قانچە يىلدىن بۇيان مېنى تەرسالىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئىشىكتىن كىرىۋېتىپ:
−− بۇ كېچە بولغاندا سىلەرنى ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى… −− دېدىم.
−− نېمىدېگەن گەپ ئۇ ئاۋارە قىلىش دېگەن… ئەستاغپۇرۇللا… مەرھەمەت، مەرھەمەت…
بۇ يەر كونا بىر بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتى ئىدى.
ياش كىتابپۇرۇش ئۈچ بالىسىنىڭ ئانىسى −− يەتتە – سەككىز ئايلىق بولغان ھامىلىدار خوتۇنىدىن سورىدى:
−− داستىخان تەييارمۇ، خانىم؟
ئايال ماڭا »خۇش كەپسىز« دەپ قولۇمنى سىققاندىن كېيىن، ئېرىگە داستىخاننىڭ ئاخشامدىن بېرى تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كىرگەن ئۆيدە تاماق ئۈستىلى ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغانىدى، ئەلۋەتتە راكى شېشىسىمۇ… شىرەگە رەخت داستىخان سېلىنغان ئىدى. ماشىنىدا بىز بىلەن بىللە كەلگەن يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈچ بالىلىق ئايالنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇقتۇم.
ئىككىقات ئايالنىڭ بۇنچە جىق تەييارلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، »قورسىقىم توق« دەپ تاماق شىرەسىگە كەلمەسلىك ئەدەپسىزلىك بولاتتى. قانداق قىلىپ بولسۇن تاماقتىن كېيىن مېھمانخانىغا كېتىش نىيىتىم بولغاچقا، بىر – ئىككى سائەتلىك بۇ ئاۋارىچىلىككە بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ئىدى.
يەرلىك تاماقلار، مەزەلەر ھەقىقەتەن ئېسىل ئىدى. قورسىقىدىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۈچ بالا بىلەن بۇنچىۋالا كۆپ تاماقنى قانداق ئېتىپ بولغانلىقىغا ھەيران قالدىم. باشقا بىر ئۆيگە سولىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ خۇيلىرى، كەپسىزلىكلىرىنى ھېسابلىمىغاندا، گەرچە تاماق ئۈستىدىكى سۆھبەت بەكمۇ قىزغىن بولمىسىمۇ، لېكىن بەك سوغۇقمۇ ئەمەس ئىدى. بىر قەدەم بولسىمۇ جېنىمنى مېھمانخانىغا ئېلىش ئىستىكىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن:
−− ئىجازەت بەرسىڭىزلەر… مەن ئەمدى كېتەي… −− دېدىم.
ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى جامدەك ئېچىلغان ساھىبخانا:
−− قەيەرگە؟ −− دەپ سورىدى.
−− مېھمانخانىغا، مېنى مېھمانخانىغا شارتلا ئاپىرىپ قويمامسىز، −− دېدىم.
ئىككىسى ماڭا يالۋۇرغاندەك قىلىپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشتى. ئەمما نېمە دېيىشكەنلىكىنى، نېمە دېمەكچى بولغانلىقلىرىنى خېلى ئۇزاققىچە چۈشىنەلمىدىم.
ئۇلار يەرلىك شېۋە بىلەن شۇنداق بىر نەرسىلەرنى دېيىشەتتى:
−− سەن مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسەن ئوبدان ئاكا … بۇنداق قىلساڭ مېنى بۇ مەملىكەتتە شەرمەندە قىلىسەن… مېنى ئون پۇللۇق قىلىسەن… >ئىستانبۇلدىن بىر مېھمىنى كەپتى − يۇ، ئۆيىدە قوندۇرالماپتۇ < دېگۈزىسەن… سادىغاڭ كېتەي ئاكا… »شۇنداق بىر ئېسىل مېھمانىنى چاقىرىپ ئەكەپتۇ – يۇ، كېيىن مېھمانخانىغا ئاپىرىۋېتىپتۇ« دېگۈزمە، بولمايدۇ ئاكا، بولمايدۇ! بۇنداق قىلساڭ مېنى توقۇ – لەنەتكە قويىسەن. مەملىكەتتە بىر توقۇ – لەنەتكە قالدۇقمۇ، بولدى، بۇ توقۇ – لەنەتتىن بالا – چاقا يەتتە ئەۋلادىمىزغىچە قۇتۇلالمايمىز… سەن بۇ ئۆيدىن مېھمانخانىغا كەتسەڭ، مەن يا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىم ياكى ئۆزۈمنى ياقا يۇرتلارغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشىم كېرەك. ئۇنداق قىلما ئاكا، مېنى پەرىشان ئەتمە ئاكا…
دەسلىپىدە نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. كېيىن بارا – بارا چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭ مېنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالغۇسى بار ئىكەن، مېھمانخانىغا كېتىشىمنى خالىمايدىكەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، ئۇ مېنى »مېھمانخانا بۇلۇڭلىرىغا« تاشلىغۇسى يوق ئىكەن.
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم ۋە گاڭگىراشلىق ئىلكىدە:
−− سىزنى ئاۋارە قىلغۇم يوق، مېھمانخانىدا قونۇشۇم تېخىمۇ مۇۋاپىق… −− دېدىم.
−− ئەستاغپۇرۇللا… نېمە ئۇ ئاۋارە قىلىش دېگەن، قايسى ئاۋارىچىلىك ئۇ؟… سىز يات ئادەممىدىڭىز يا بىز سىزدىن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلىدىغان؟
رەھمەت ئېيتتىم، ئەمما بۇ ئۆيدە قونۇپ قالالمايتتىم.
−− بىئارام بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن… ئەمما سىزنى بىئارام قىلىپ قويۇشنىڭ قورقۇنچىسى بىلەن ئۆزۈم بىئارام بولىمەن.
نېمىلا دېسەم بىكار… بۇ قېتىم ھەر كىمنىڭ ئايرىم – ئايرىم خۇيى بولىدىغانلىقىنى، مەسىلەن: مېنىڭ )دېيىش ئەيىب(كېچىلىرى ئۇخلاش كىيىمىسىز يېتىشتەك بىر خۇيۇم بارلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن مېھمانخانىدا يېتىشنى لايىق كۆرگەنلىكىمنى ئېيتتىم.
جاۋاب تەييار ئىدى:
−− مەيلى ئىچ كىيىم بىلەن يات، مەيلى ئىچ كىيىمسىز يات… بۇنى كەيپىياتىڭ… بەلگىلەيدۇ.
نېمىلا دېگىنىم بىلەن ساھىبخانىنىڭ قولىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم، ئاخىر كېچىنى مۇشۇ ئۆيدە ئۆتكۈزۈشكە رازىلىق بەردىم ۋە: تاڭمۇ ئاتار، ئىشلىرىم خەيرلىك بولار، دەپ ئويلاپ، ئەتە ئەتىگەن بىر يولىنى تېپىپ، جېنىمنى مېھمانخانىغا ئالماقچى بولدۇم.
ئۆيدە قونۇپ قېلىشىمنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ساھىبخانا مەقسىتىنىڭ مېنى ئارام ئالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مېنى ئارام ئالدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق شۈبھەم يوق ئىدى. ئەمما بۇ خىل شارائىتتىكى ئۆيدە مېھمانخانىدىن ئارتۇقراق ئارام ئالدۇرالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم.
سەپەر ھارغىنلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بالدۇرراق ياتماقچى ئىكەنلىكىمىنى ئېيتتىم. »بالدۇر« دېگىنىم يېرىم كېچە ئىدى. ياتماقچى ئىكەنلىكىمىنى دېمىسەم، قۇرۇق گەپ – سۆزلەر بىلەن بەلكى كېچىنى تاڭ ئاتتۇرۇۋېتىشىم مۇمكىن ئىدى.
ياتىدىغان ھۇجرامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، كىرىپ ئۇخلىشىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياتاق ئۆيۈم بىز تاماق يېگەن ئۆي ئىكەن.
تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىكى يېمەكلىكلەر بىر – بىرلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقىلدى، ئۈستەل ئۆينىڭ بىر بولۇڭىغا ئاپىرىپ قويۇلدى. ئايال داستىخاننى يىغىپ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. كېيىن ئىككى ئەر تاشقىرىدىن ئىككى كۆرپە ئېلىپ كىرىپ ئۈستى – ئۈستىلەپ سالدى، ئاندىن كېيىن ياستۇق، كىرلىك، يۇڭ ئەدىيال، يوتقاننى ئېلىپ كىردى، شۇنداق قىلىپ ياتاق تەييار بولدى − دە:
−− ئاللا راھەت ئاتا قىلسۇن! −− دەپ چىقىپ كېتىشتى.
بىردەم ئۆينىڭ ئىچ – تېشىنى تىڭشىدىم، ھاجەتخانىنىڭ بىكار بولۇشىنى ساقلىدىم، جىمجىتلىق پۈتۈنلەي ھۆكۈم سۈرۈپ، ئەل ئايىغى جىمىققاندا سىرتقا چىقتىم. تاراق – تۇرۇق چىقارماسلىق ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭاتتىم. كارىدوردا ئۈزچاتنى تېپىشىم خېلىلا تەسكە توختىدى. بىردىنلا پۇتۇمغا بىر نەرسە پۇتلاشتى. ئۇ نەرسىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن دەپ ئاز قالدىم دومىلاپ كەتكىلى. ئەسلىي مەن پۇتلىرىمنىڭ ئارىسىدا پۇتلىشىپ يۈرگەن مۈشۈكنىڭ ئۈستىگە دەسسەپتىمەن. مۈشۈك جان ئاچچىقىدا شۇنداق مىياۋلاپ كەتتىكى، ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئويغىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھاجەتخانىغا كىردىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا، »ھاجەتخانا بولۇش مۇمكىن« دەپ ئويلىغان بىر يەرگە كىردىم. پۇرىقىغا قارىغاندا كىرگەن يېرىم ھاجەتخانا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆرۈنۈشىدىن كىچىك بىر ئىسكىلات − ئامباردەك بىر يەر ئىدى. بۇ يەر ئۈستى – ئۈستىلەپ قويۇپ قويۇلغان بىر ساندۇق، چوڭراق بىر سېۋەت، بىر ۋېلىسىپىت، مۇقاۋىلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن كىتابلار، بىرى كىچىك، بىرى چوڭ داس، بىر قانچە جۈپ ئاياغ، قۇرۇق بوتۇلكىلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇنچە ئەسكى – تۈسكى نەرسىلەر بىلەن تولغان ئىدى. ھاجەتخانا مۇشۇنداق ئەسكى – تۈسكىلەر ئارىسىدىكى بىر يەرگە شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇنغان ئىدىكى پەقەتلا تاپالمايۋاتاتتىم. قولۇمدىن كەلسە چوڭ تاھارەت قىلىشتىن ۋاز كېچەتتىم. ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كەچۈرۈڭلار، تاھارىتىم بەكمۇ قىستاپ كېتىۋاتاتتى. ئىزدە – ئىزدە پۇراقنىڭ قويۇقلاشقان يېرىگە بېرىپ قۇتا – قاپلارنىڭ، گېزىت دۆۋىلىرىنىڭ ۋە كىر – قاسماق كىيىملەرنىڭ ئارىسىغا ۋە ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان تاھارەت تۇڭىنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. تاھارەت تۇڭى سۇنۇق ئىدى. ئەمما تاھارىتىم بەكمۇ قىستاپ كەتكەچكە، مېنىڭ كۆزۈم ھازىر سۇنۇق – پۇنۇقنى كۆرىدىغان ئەمەس ئىدى.
سۇ چۈشۈرۈش زەنجىرى ئورنىغا ئىشتانبېغىدەك بىر نەرسە باغلانغانىدى. ئۇچىدىن تۇتۇپ تارتتىم، تارتىشىم بىلەن تەڭلا ئۆي تىترەپ، ئۇلىدىن تەۋرەشكە باشلىدى. راستتىنلا يەر تەۋرەۋاتاتتى. نېمە قىلىشىمنى، قەيەرگە قېچىشىمنى بىلەلمىدىم. ھەر نېمە بولسا بۇ يەر تەۋرەش ئۇزاق داۋاملاشمىدى. يەر تەۋرەش ۋە تاراق – تۇرۇقلار تېزلا توختىغان ئىدى. شۇنچە يەر تەۋرەش، شۇنچە تاراق – تۇرۇق بولغىنىغا يارىشا سۇ ساندۇقىدىن بىر تامچىمۇ سۇ ئاقمىغان ئىدى. گاڭگىراشلىق ئىلكىدە ھاجەتخانا ئىشىكىنى ئېچىشىمغىلا ئ−الدىمدا ئ−ۇزۇن ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا ياتاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىككى ئەر پەيدا بولدى. كىتابپۇرۇش:
−− ئەستا، سىزگە دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمىز. بۇ ھاجەتخانىنىڭ سۇ ئامبىرى ئىشلىمەيدۇ، زەنجىرنى تارتقاندا ھەم مۇشۇنداق گۈلدۈر – پالاق ئاۋازلار چىقىرىدۇ، −− دېدى.
−− يالغۇز گۈلدۈر – پالاقلىق ئاۋازلارلا ئەمەس، تىترەشمۇ بولدى. مەن يەر تەۋرىدى بولغاي، دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئىككى ئۇزۇن ئىچ كىيىملىك ئادەم ماڭا تاھارەت تۇڭىنىڭ قانداق تازىلىنىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى: يەردە بىر چېلەكنىڭ ئىچىدە بىر قاچا بار ئىدى. قاچا چېلەكتىن ئېلىنىپ، جۈمەكتىن سۇ تولدۇرۇلۇپ تاھارەت تۇڭىغا تۆكۈلەتتى.
مېھماندوست ساھىبخانىغا:
−− دېگىنىڭىز ناھايىتى توغرا، −− دېدىم، −− ھەر بىر ئۆينىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە – يوسۇنى بولىدۇ. ئەسلىي بۇلارنى سىزدىن سوراپ ئۇقۇۋېلىشىم كېرەك ئىدى، گۇناھ مەندە.
ئىككى ئۇزۇن ئىچ كىيىملىك ئادەم ياتاق ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا، مەن ئىككى ئادەمنىڭ بىر ئۆيدە، ئايال بىلەن ئۈچ بالىسى ئايرىم بىر ئۆيدە ياتىغانلىقىنى چۈشەندىم. چۈنكى بىز تۇرغان قەۋەتتە ئاشخانا ۋە ھاجەتخانا ئىشىكى بىلەن ئۈچ ئۆي ئىشىكىدىن باشقا ئىشىك يوق ئىدى.
ئۇلار ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كەتكەندە، مەنمۇ يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن، يۈز – قول يۇيۇش ئورنىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. يۈز – قول يۇيۇش ئورنى مۇنداقچە ئىزدىگەن بىلەن ئاسانلا تېپىلىدىغان بىر يەردە ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇنى تاپماق… تەلىيىم بار ئىكەن، خېلى ئۇزاق ئىزدىگەندىن كېيىن ئاخىر قولۇم سۇ جۈمىكىگە ئىلناشتى. مىڭ شۈكرىكى، يۈز – قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ جۈمىكىنى ئاخىر تاپقان ئىدىم. ئەمما جۈمەكنىڭ بۇرىغۇچى شوينا بىلەن مەھكەم باغلىۋېتىلگەن ئىدى. بىر ھازا جۈمەكنى قانداق ئېچىش توغرىسىدا ئويلاندىم، ئەمما بىرەر ئامالىنى تاپالمىدىم. ئەمما جۈمەكنىڭ بۇرىغۇچى شوينا بىلەن باغلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا جۈمەكتىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئاستاغىنە جۈمەكنىڭ بۇرىغۇچىنى بۇرىدىم، جۈمەكتىن بىردىنلا سۇ ئېتىلىپ چىقىپ شارقىراپ ئېقىشقا باشلىدى. جۈمەكنى ئەتكەنسېرىم سۇ تېخىمۇ جىق پۈركۈلۈپ چىقاتتى. نېمە قېلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم. مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويۇپ، يېتىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئەمما جۈمەكتىن ئاققان سۇ سۇ كۆلچىكىدىن تېشىپ چىقىپ يەرگە يېيىلىۋاتاتتى. بىر قانچە سائەتكە قالماي پۈتۈن ئۆي سۇ ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۆز − ئۆزۈمنى تىللىغۇم كېلەتتى. نېمە دەپ بۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ماقۇل بولۇپ بۇ ئۆيدە قونۇپ قالغاندىمەن؟ نېمە ئۈچۈن »بىرەر مېھمانخانىدا ياتاي« دەپ چىڭ تۇتۇۋالمىغاندىمەن !
جۈمەك بىلەن بىر ھازا بوغۇشقان بولساممۇ، ھەممىسى بىكارغا كەتتى… ئۈستبېشىم چىپچىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاخىر ساھىبخانىنى ئويغاتماقتىن باشقا ئامال تاپالمىدىم. ئۈنلۈك قوش خورەك كېلىۋاتقان ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى تىرىقلاتتىم. ئالغان جاۋابىم ئىككى ئايرىم ئاۋازلىق قوش خورەك ئىدى.
نېمە بولسا بولسۇن ئۆيدىن قېچىپ كېتىشنى ئويلىدىم، ئەمما كېچىنىڭ بۇ سەھەرگە يېقىن پەيتىدە ناتونۇش بىر شەھەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا قەيەرگە بارالايتتىم، مېھمانخانىنى قانداق تاپالايتتىم…
ئىشىككە تېخىمۇ تېز – تېز ئۇرۇشقا باشلىدىم. بىرى ئىنچىكە ۋە ئىسقىرتلىق، يەنە بىرى كېمە زەنجىرى بوشىتىلىغاندەك جاراڭ – جۇرۇڭلۇق خورەكتىن باشقا جاۋاب يوق ئىدى. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى، شۇنداق قىلدىم. ئىككى ئەر بىر يوتقاندا يانمۇ يان خورۇلدىشاتتى. يېرىم سائەتتەك تۈرتۈپ – نوقۇشلاپ يۈرۈپ تەستە ئويغاتتىم. كىتابپۇرۇش تەشۋىش ۋە ئالاقزادىلىك ئىچىدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ئەندىشە قىلغۇدەك بىر ئىش بولمىغانلىقىنى، پەقەت جۈمەكتىن ئاققان سۇنىڭ ئۆينى بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، جىق ھەپىلەشكەن بولساممۇ سۇنى توختىتىشقا ئامال قىلالمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. كىتابپۇرۇش ئون – ئونبەش مىنۇتقىچە كىم ئىكەنلىكىمنى، نېمە دېگەنلىكىمىنى ئاڭقىراشقا تىرىشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىسى ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا چۈشتى. ھاجەتخانىنىڭ تاختايلىرى، ئاياغ، ئەسكى – تۈسكىلەرگىچە سۇ ئاستىدا قالغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئىككى ئادەم بىردىنلا جۈمەكنىڭ ئۈستىگە ئېتىلدى. شوينا بىلەن باغلانغان جۈمەك ئارىسىدا دەھشەتلىك بىر ئېلىشىش باشلاندى. بۇ ئېلىشىشتا ئىككىسى بۇرۇنقى شوينىنى يېشىپ، جۈمەكنى باشقا بىر شوينا بىلەن باغلاپ، جۈمەكتىن ئاققان سۇنى توختىتىش ئارقىلىق ئاخىر غەلىبە قازاندى. ئەمما بۇ قېتىممۇ جۈمەكتىن بىر قاراۋۇل ئىتىدەك خارقىرىغان ئاۋازلار چىقىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئىككى ئادەم بىر تەرەپتىن، يەردە لۆمشىپ تۇرغان سۇنى ئەۋرەزگە ئېقىتىۋاتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، مېنى ياتىقىمغا كىرىپ كېتىشكە دەۋەت قىلىشاتتى.
−− قېنى، سىز كىرىپ يېتىڭ… ئۇخلاڭ !
ئۇلار ماڭا ھەر بىر ئۆينىڭ ئەنە شۇنداق ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى. جۈمەك شۇنداق شىددەتلىك خارقىرايتتىكى، بۇ خارقىراشلار ئارىسىدا يېتىپ ئۇخلىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خارقىراۋاتقان جۈمەك بېنزىن موتورىدەك ھە دېسىلا پاتپاتلايتتى. بۇ پاتپاتلارغا يەنە تورۇستىن كېلىۋاتقان بىر تاراق – تۇرۇقمۇ قوشۇلغان ئىدى.
كىتابپۇرۇش ئالاھىدە بىر ئىش بولمىغانلىقىنى، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ جۈمەكنىڭ خارقىراشلىرىنىڭ توختىشى ئۈچۈن تورۇسقا كالتەك بىلەن ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، قوشنىدارچىلىقتا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تېخى بۇنىڭدەك نى – نى تاراق – تۇرۇقلارغا، خارقىراشلارغا چىداپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشەتتى.
بۇ ئارىدا كىتابپۇرۇشنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ياتقان ھۇجرىدا تۇرۇپ:
−− ۋاننىنى ئېتىۋېتىڭ! −− دەپ ۋارقىرايتتى.
شۈبھىسىزكى، بۇنداق ئەھۋاللاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ توغرا ئىش ۋاننىنى تاقىۋېتىش ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ۋاننىنىڭ ئورنىنى تېپىش لازىم ئىدى. ئۇزاق بىر ئىزدەشتىن كېيىن ۋاننىنى تېپىپ ئېتىۋەتكىنىمدىلا ئاندىن خارقىراشلار ۋە ئاققان سۇمۇ توختىغان ئىدى.
بۇ كېچە ساھىبخانا ئۈچىنچى قېتىم »ئاللا راھەت ئاتا قىلسۇن« دەپ ياتىقىمغا كىرگۈزدى. شۇنچىلىك جىق ئۇيقۇم بار ئىدى. ئەمما كۆپ ھەرىكەتلىك بۇ كېچىنىڭ ھارغىنلىقىدا نېرۋىلىرىم بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم.
ئەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىۋېدى، بۇ چاققىچە پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل غىچىرلاشتىن ئويغىنىپ كەتتىم. جىممىدە يېتىپ خېلى ئۇزاققىچە بۇ غىچىر – غىچىرنىڭ نېمىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. بوغۇزلانغان بىر يوغانباش ھايۋاننىڭ يۈرەكنى سىرقىرىتىدىغان ئاۋازى، كالا ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىشى، بىر كالتەكنىڭ ئىسكىرىپكا كامالچىسى ئۈستىدە چىقارغان ئاۋازىغا ئوخشاش بىر خىل ئىشلار يۈز بېرىۋاتاتتى. كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرىشىغىلا يەنە مۇشۇنداق ئاۋازلار بىلەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتەتتىم. ئاخىر بۇ ئاۋازنىڭ مەن ياتقان ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنىڭ چىقارغان غىچىر – غىچىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەممە ئىشىكلەر ئېچىلىپ − يېپىلغاندا ئەنە شۇنداق چالا بوغۇزلانغان ھايۋان ئاۋازلىرىدەك ئاۋاز چىقىراتتى. قانداق بولسۇن سەھەرگىچە ھاجەتخانىغا كىرىپ – چىقىپ تۇرغان تىۋىشلەر ئارىسىدا مەنمۇ بىرئاز ئۇخلىغاندەك بولۇۋېدىم، بىر مۈشۈكنىڭ مىياۋلىشى بىلەن يەنە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. بىر مۈشۈك ھەم ئىشىكنى تاشقىرىدىن تاتىلايتتى، ھەم تىنىمسىز مىياۋلايتتى. بۇ باياتىن ھاجەتخانىغا كېتىۋاتقاندا پۇتلىرىمغا پۇتلاشقان مۈشۈك بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مەن ياتقان ھۇجرىدا ئۇخلاشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى تاتىلاپلا تۇراتتى. مۈشۈك نىيىتىدىن ھېلى ۋاز كېچەر، ھېلى توختاپ قالار دەپ خېلى ئۇزاق ساقلىدىم. ئاخىر مۈشۈكنىڭ نىيىتىگە تەسلىم بولۇپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىكنى ئاچار – ئاچماس مۈشۈك يوتقانغا ئېتىلىپ كىردى. ئۇ يوتقاندا يېتىشقا ئادەتلىنىپ قالغىنى بىلەن، مەن مۈشۈك بىلەن بىر يوتقاندا يېتىپ ئادەتلەنمىگەن ئىدىم. يوتقاننى مۈشۈككە تاشلاپ بېرىپ بىردەم ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولساممۇ، ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمەي مۈشۈكنىڭ قوينىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم. مۈشۈك بۇ يوتقانغا كۆنۈك بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن ھېچبىر نارازىلىق ئىپادىسى كۆرسەتمەستىن، قوينۇمغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ تۈگۈلۈپ ياتتى. ئەمما بەش – ئون مىنۇتتىن كېيىن مۈشۈكنىڭ بۈرگىلىرى بەدىنىمنى ئىشغال قىلىۋالغاچقا، كارت – كۇرت قاشلاشقا، لامپىنى ياندۇرۇپ ئىچ كىيىملىرىمدىن بۈرگە تۇتۇشقا باشلىدىم. ئەمما نېمىلا قىلغىنىم بىلەن مۈشۈكنى يوتقىنىمدىن چىقىرالماي، ئاخىر يوتقاننى مۈشۈككە تەقدىم ئېتىپ يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئورۇندۇقتا تۈنىدىم. ئۇزاق ئۆتمەي پەردىنى قايرىپ سىرتقا قارىدىم. ئۇپۇق ئاستا – ئاستا ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى. بېشىمنى يۆلەنچۈككە تىرەپ ئۇخلاشقا تىرىشىۋاتقىنىمدا، بالىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. بۇ ئۆينىڭ ئۈچ بالىسىدىن تۆت – بەش ياشلاردىكى ئىككى شوخ تايچاق ھۇجرامغا ئۈسسۈپ كىرگەن ئىدى. ئۈچىنچىسى يېشى كىچىك بولغاچقا ئانىسىنىڭ قوينىدا ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھۇجرامغا كىرگەن بالىلارنىڭ بىرى نېمە ئۈچۈن ئىچ كۆڭلەك بىلەن ئورۇندۇقتا تۈنىگەنلىكىمنى ۋە نېمە ئۈچۈن يوتقانغا كىرمىگەنلىكىمىنى سورىۋېدى، يوتقاندا مۈشۈكنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. كىچىكى ۋىلىقلاپ كۈلۈپ:
−− مۈشۈك بىلەن بىللە يوتقانغا پاتمامتىڭ؟ −− دەپ سورىدى ۋە، −− قارا، مانا مۇنداق! −− دەپ يوتقانغا كىرىپ مۈشۈك بىلەن يوتقاننى قانداق بۆلۈشىدىغانلىقىمنى كۆرسەتتى.
نېرۋىلىرىم بۇزۇلغان ئىدى. شۇڭا بالىلارنىڭ بالا ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇپ:
−− يوقىلىپ، ھۇجراڭلارغا كىرىپ كەتسەڭلارچۇ! −− دەپ ۋاقىرىدىم.
ئۇلار ھۇجرىلىرىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى، ھەر سەھەر، ھەر سائەتتە ئانىلىرىنىڭ قوينىدىن چىقىپ بۇ ھۇجرىدا مۈشۈك بىلەن بىللە ياتىدىغان دادىلىرىنىڭ قوينىغا كىرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.
بۇ ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ھەممە ئىشلارنى ئازدۇر – كۆپتۇر چۈشەنگەن بولساممۇ، لېكىن پۈتۈن بىر كېچە ھۇجرىنىڭ ئىچىدە كىتىرلىشىپ يۈرگەن چاشقانلار بىلەن مۈشۈكنىڭ نېمە ئۈچۈن كارى بولمىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيۋاتاتتىم. بۇنىمۇ بالىلاردىن ئۇقتۇم. مۈشۈك بىلەن چاشقانلار بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، بىر – بىرلىرى بىلەن چىقىشىپ قاپتۇدەك، ھەتتا ئۆتكەن يىلى مۈشۈك ئاسلانلىغاندا مۈشۈك ئاسلانلىرىنى ئېمىتىۋېتىپ، چاشقان بالىلىرىنىمۇ ئېمىتىپ بېرىپتۇ.
بالىلارنى ھۇجرىدىن ۋە يوتقاندىن چىقىرالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ، ئاخىر كىيىملىرىمنى كىيىپ ھۇجرىنىڭ ئىچىدە ئۇياندىن – بۇيانغا مېڭىشقا باشلىدىم. كېچىدىكى پىراكتىكامغا ئاساسەن، ھاجەتخانا ئارىلىقىدىكى جۈمەكتە يۈز – قولۇمنى يۇيۇشتىن قورققانلىقىم ئۈچۈن، ھاجەتخانىغا كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەمما پاراخۇت دۈدۈكى، زاۋۇتنىڭ ئىش باشلاش دۈدۈكى، پويىز دۈدۈكى ۋە لالما ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرىغا ئوخشاش ئاۋازلار ئاستىدا جۈمەكنىڭ بىر قانچە قېتىم ئېچىلىپ – ئېتىلگەنلىكىنى، ھاجەتخانا سۇ ساندۇقى شوينىسىنىڭ بىر قانچە قېتىم تارتىلغانلىقىنى تۇيغان ئىدىم.
تاڭ خېلىلا سۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما مەن بۇ ئۆينىڭ داۋاملىق قاراڭغۇلۇقتا قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. چۈنكى كېچىنىڭ ئاقىرىشى بىلەن بىللە چىۋىنلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ ئۆيدە شۇ قەدەر جىق چىۋىنلەر بار ئىدىكى، چىۋىنلەردىن ئۆزۈمنى قوغداشنىڭ ئەسلا مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. چىۋىنلەر بۇرنۇمغا، كۆزۈمگە، قۇلىقىمغا، ئاغزىمغا، بولۇپمۇ لەۋلىرىمگە قوناتتى. چىۋىنلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆز – ئۆزۈمنى كاچاتلاشقا باشلىۋېدىم، يوتقاندىكى ئىككى قېرىندىشىمنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى نېرۋىلىرىمنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى.
−− كۈلگۈدەك نېمە بار؟ −− دەپ ۋارقىرىدىم.
بۇ قاتتىق تېگىشىم بالىلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشلىرىگە سەۋەب بولدى ۋە ئۇلار يوتقاندا تېپىشىپ جېدەل – ماجىرا قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇشقا تەمشىلىۋېدىم، ھەر نېمە بولسا دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلدى.
−− مەرھەمەت! −− دېدىم.
ھۇجرىغا بالىلارنىڭ دادىسى »خەيرلىك سەھەر« دېگىنىچە كىرىپ كەلدى ۋە يىغلىشىۋاتقان بالىلىرىنى دۆشكەلەپ ھۇجرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
مەقسىتىم تۇنجى ئايروپىلان بىلەن ھازىرلا ئىستانبۇلغا قايتىش ئىدى. ئەپسۇسكى، تۇنجى ئايروپىلان ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇچاتتى.
بىر ئازدىن كېيىن كىتابپۇرۇشنىڭ تۇغقىنىمۇ كىردى، ئىككى ئەر يوتقان – كۆرپىلەرنى يىغىپ – قاتلاپ سىرتقا ئاچىقىۋەتتى. ئۈچ بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئانىسىمۇ بالىلىرى بىلەن بىللە كىردى.
كىتابپۇرۇش كېچە راھەت ئۇخلىغان − ئۇخلىمىغانلىقىمنى سورىدى. مېھمان بولغىنىمنىڭ يۈز − خاتىرىسىدىن كېچىنى بەكمۇ راھەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئېيتتىم.
−− ئەلۋەتتە، جېنىم، −− دېدى ساھىبخانا، −− ئۆي باشقا، مېھمانخانا باشقا − دە…
−− مېھمانخانا بىلەن ئۆي ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ… −− دەپ قوشۇپ قويدى يەنە بىرىمۇ.
−− بۇ يەر سىزنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە ئوخشىمايدۇ… −− دېدى كىتابپۇرۇش.
−− قانداق ئوخشىمايدۇ؟ −− دەپ سورىدىم.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمانلارنى مېھمانخانىدا ياتقۇزۇش ناھايىتى ئەيىب ھېسابلىنارمىش.
ئايال شىرەنى ھۇجرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىلىپ ناشتىلىق تەييار قىلدى.
ئىككىنچى، ئۈچىنچى كېچىدىكى مېھماندارچىلىقممۇ تۇنجى كېچىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى. پەقەت شۇ پەرقلا بار ئىدىكى، ئۈچىنچى كېچە ئۇيقۇسىزلىقتىنمۇ ياكى بۇ ئۆينىڭ تۇرمۇشىغا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، نېمە سەۋەبتىندۇ، بىلمىدىم، سىزىپ قالغان تۇلۇمدەك ئېزىلىپ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدىم.
ئۈچىنچى كۈنى بۇ شەھەردىن ئايرىلماقچى بولدۇم. ئايرودۇرۇمغا مېنى ئۇزاتقىلى چىققان كىتابپۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تۇغقىنى:
−− بۇنى ھېساب قىلمايمىز… پات – پات كېلىڭ، يەنە مەرھەمەت، كۈتىمىز…، −− دېيىشەتتى.
ئۇلار شۇ قەدەر ئەزگۈ نىيەتلىك ئىنسانلار ئىدىكى، مېھماندوستلۇقىغا تەشەككۈر ئېيتقاچ، ئۇلار بىلەن ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ياشىغانلىقىمنى ئىزھار قىلدىم.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

 
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top