• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجرەت ۋە نۇسرەت

ھىجرەت ۋە نۇسرەت

fotoğrafھىجرەت ۋە نۇسرەت
-ھىجرەتتە سۆيگۈ ،ھىجرەتتە مۇھەببەت
(ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي)

ھىجرەتلىك تۇرمۇشنىڭ غۇربەتچى مۇساپىر ئىنسانغا ھە دېگەندىلا ئاتا قىلدىغىنى مۇشەققەت بۇلۇش بىلەن بىر چاغدا،ئۇنىڭ مەزكۇر ئىنساننىڭ قەلبىدا ئويغىتىدىغان ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ ياراملىق بىلىك تۇيغۇسى ئالدى بىلەن مۇھەببەت،خۇسۇسەن ئانا يۇرت مۇھەببىتى،ۋەتەن سۆيگۈسى بولدىكەن،دەپ قالدىم.
قەيەرگىلا بارساڭ،ئالدى بىلەن شۇ يەرنىڭ تەبئىي جۇغراپىيەسىنى،ياشام مۇھىتىنى ۋە ۋەتەنداشلىرىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىكەنسەن؛مەيلى سەن يۇرتىڭدىن«چەت ئەل دېگەن جەننەتمېىش»دەپ ئاڭلاپ،رىغبەت بىلەن چىققان بولساڭمۇ،بىراۋدىن ئازار يەپ،يامانلاپ چىقىپ كەتكەن بولساڭمۇ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يەنە ئاشۇ ئانا يۇرتىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ،ئارمان بىلەن ئېغىر خۇرسىنىپ قالدىكەنسەن؛يەنىلا ئاشۇ تۇغۇلغان مەھەللە-كويلارنى سېغىنىپ،قەددىڭنى ئېگىپ،بوينۇڭنى تۆۋەن سالدىكەنسەن.بۇلۇپمۇ،باشقىلارنىڭ كۆكرىكىنى كىرىپ،ھاكاۋۇر كۆزىنى ساڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن تىكىپ تۇرۇپ،پەقەت سەنلا ھېس قىلدىغان ئازارلىغۇچى«بىزنىڭ»تەلەپپۇز بىلەن،سەندىن:«بىزنىڭ ۋەتىنىمىز قانداقراق ئكەن،كۈنۈپ قالغانسىز-ھە؟»دەپ سورىغان چاغلىرىدا،باشقىلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى،ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىننى نېمە ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن قانداق سۆيىدىغانلىقلىرىنى،قانداق قەدىرلەيدىغانلىقلىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن چېغىڭدا.
«شېھىت ئاكامنىڭ ئورنىغا ئالدىنقى سەپكە مەن بارىمەن،مانا!»
ئەسىرىمىنىڭ بېشىدا تاپشۇرما قىلغىنىمدەك،1984-يىلى 4-ئاينىڭ4-كۈنىدىن1984-يىلى 10-ئاينىڭ2-كۈنىگچە،جۇڭگۇ قۇرۇلۇش باش شىركىتىنىڭ تەركىبدە،ئىراق ئەرەب جۇمھۇريىتىگە بېرىپ،ئابباسىيە ۋە كېفىل توسمىلىردا،ئەرەبچە-خەنزۇچە تەرجىمانلىق قىلدىم.
بىز ئىراققا يېتىپ بارغان چاغ تېخى باش باھار بۇلۇشىغا قارىماي،ھاۋانىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى 35 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.بۇ دېگەن نېمە تېخى؟!تۇمۇز ئايلىردا،ئەمەلىي ئىسسىقلىق دەرىجىسى50 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان كۈنلەر«ھاۋا سۆرۈن كۈنلەر»ھېسابلىندۇ.مۇنداق ئاي،كۈنلەردە،قۇياش ئەتىگەن سائەت بەش يېرىمدىلا ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ،زېمىننى قىزدۇرۇشقا باشلايدۇ.بۇ زېمىندە،قىش پەسىلدە ناگان-ناگاندا يامغۇر تېمشىپ قۇيۇشتىن باشقا باھار ۋە ياز پەسىللىردە مۇتلەق ھۆل-يېغىن بولمايدۇ.تۇمۇز كۈنلىرىدە،سائەت11 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 4لەرگىچە دالىدىكى ئىش ئورنىدا ئىشلەش مۇمكىن ئەمەس،قۇياش ئاسىتىدا بەش مىنۇت جىم تۇرالمايسەن،ئۇيان-بۇيانغا ماڭماي،سەل-پەل جىم تۇرۇپ قالدىڭمۇ بولدى،گەدىنىڭدىن خۇددى بىرسى لوپا ئەينەك بىلەن قۇياش نۇرىنى جۇغلاپ تۇرۇپ،ئەتەي كۆيدۈرۋاتقاندەك كۆيدۈردۇ.شۇ ھالدا ئەتراپىڭغا قارىساڭ،زىمىندىن«لاپ-لاپ»قىلىپ كۆتۈرلىۋاتقان ئىسسىق تازا قىزتىپ،نان يېقىشقا تەييار قىلىنغان تۇنۇرنى ئەسلىتىدۇ.مۇشۇنداق چاغدا،كاللاڭغا كېلدىغان بىرنچى تەسىرات«شۇ قەدەر ئىسسىقتا بۇ ئەرەبلەر قانداق ياشايدىغاندۇ؟بۇ يەرنىڭ تەبىئي شارائىتى نېمدېگەن ناچار-ھە؟»دېگەنلەر بولىدۇ-دە،ئىختىيارسىز ھالدا،ئاشۇ تۆت پەسىلى ئېنىق يۇرتىڭنى زارىقىش بىلەن ئەسلەپ قەلىسەن؛ئاھ،قەشقەر،ئاھ،ئانا يۇرت!
بىراق،ئەرەبلەرنىڭ،ئىراقلقلارنىڭ نەزىردە ۋە يۈرىكىدە بۇ زىمىننىڭ ئالەمدە ھېچ تەڭدىشى يوق ئىكەنلىكىنى سەزگىنىڭدە ھەيران قالىسەن.1984-يىلى«ئىراق-ئىران ئۇرۇشى»4-يىلغا قەدەم قويغان،ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققان يىللار ئىدى.ئىراق ئايرۇپىلانلىرى تاكى تېھران ئەتراپلىرىغىچە ئىچكىرلەپ كىرىپ،بەزى ھەربىي ئەسلىھەلىرنى بومباردىمان قىلۋاتقان،ئىران ئاتقان باشقۇرۇلدىغان بومبىلار بولسا،باغدادنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىگە چۈشۈپ پارتىلاپ،خەلىقىنى پاراكەندە قىلۋاتقان خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتۇق.توسما
قۇرۇلۇش ئورنىمىز ئابباسىيات كۆۋرۈكىنىڭ يېندىلا بولغاچقا،جەنۇبىي ئىراق باسىرا ئالدىنقى سېپى تەرەپتىن كېلدىغان ۋە ئۈسىتىگە ئىراقنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلغان توپ-توپ شېھىت ماشىنلىرىنى ئەتىگەن-ئاخشاملىرى كۆرۈپ تۇراتتۇق.
تۇمۇز ئېيىنىڭ بىر كۈنى ئىدى.توسما ئىش ئورنىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا ھەمراھ بۇلۇپ،بىر زۆرۈريىەت بىلەن ئابباسىيە خەلىق ھۆكۈمىتىگە بېرىشقا توغرا كەلدى.چۈشتىن كىين سائەت بەشلەر بولغاندا،ئابباسىيە ناھىيسىنىڭ ھاكىمى جاسىم ئەپەندى كۈرۈشۈپ،بېجىردىغان ئىشلىرىمىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ چىقتۇق.ماشىنىمىز بىلەن ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى قوروسىدىن چىقىپ،ئالاھەزەل400-500 مېتىرچە ماڭغان ئىدۇق،ۋاڭ باشلىق مېنى نۇقۇدى:
-ئا تەرجىمان،قارىغىنا!ئاۋۇ يەر نېمە ئىدارە ئىكەن؟بىرمۇنچە ياشلار توپلىشۋاپتىغۇ،نېمە ئىش بولغاندۇ،چۈشۈپ قاراپ باقايلىمۇ؟
شوپۇر ماشننى دەرھال توختاتتى.ۋاڭ باشلىق ئىككىمىز چۈشتۇق.بېرىپ قارىساق،ئۇ يەر ناھىيەلىك ئەسكەر قۇبۇل قىلىش شۆبە پونكىتى ئىكەن.توپلىشۋالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياشلار بۇلۇپ،ئەسكەرلىككە تىزىملىتۋاتقانلار ئىكەن.شۇ ئارىدا،پونكىتنىڭ ئىچىدىن بىر ياش بالا قولدىكى قەغەزنى يىرتىپ تاشلاپ،غۇدۇڭشىغىنچە قايتىپ چىقتى.ئارقىسىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم تاپان باستۇرۇپلا چىقىپ كەلدى.
-بۇلارغا نېمە بولغاندۇ،سوراپ باققىنا،ئا تەرجىمان!-ھەممىگە قىزقىدىغان باشلىق ئاۋازىنى كۆتۈرۈپرەك ئەمىر قىلدى.
مەن بېرىپ ھېلىقى ئارقىدىن چىققان ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بىلەن ئەدەبلىك سالاملاشتىم ۋە ئۆزۈر بىلەن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۈم.
-ئىسمىم ئابدۇسەتتار،تىجارەتچىمەن،-دېدى ئۇ يېنىدىن «سومىر»ماركىلىق تاماكىنى چىقىرىپ ئاۋال بىزگە تەڭلىدى،بىز باش چايقىغاندىن كىيىن،ئۆزى بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردى ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى،-ئۇ ھۈسەيىن،مېنىڭ كىچىك ئوغلۇم بولىدۇ.«يېشىڭ كىچىك ئىكەن»دەپ ئالغىلى ئۇنمىدى ئۇنى،شۇنىڭ خاپىلىقى.
ھۈسەيىن ئىسىملىك يىگىتمۇ ئارقىسىغا قايىتىپ كىلىپ،بىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولدى؛
-مەن سىلەرنى تۇنۇيمەن،سىلەر جۇڭگۇلۇق،مېنىڭ سىلەر تۇرۇشلۇق ھەيدەرىي كەنتىدە بىر ئاغىنەم بار،ئىسمى ئەلى.شۇنىڭكىگە ئويناپ بارغاندا،سىزنى كۆرگەنمەن،تەرجىمان ئەپەندىم،-دېدى ئۇ تېخى خاپلىقى يانمىغان قىياپەتتە،-سېلەر دەپ بېقىڭلار،يېشىم ئۈچ ئاي كېمىپ قالغىنغا مېنى ئەسكەرلىككە ئالمىسا بولامدۇ؟
-ئالدىنقى ئايدا،ئاكىسى ھەسەن باسىرا ئالدىنقى سېپىدە شېھىت بولغان.شۇنىڭدىن بۇيان،«مەن بېرىپ ئاكامنىڭ قىساسنى ئالمىسام،قانداقمۇ ئوغۇل بالا سانىلمەن»دەپ،بۇ ئوغلۇم زادىلا ئولتۇرالماي قالدى،-دەپ چۈشەنچە بەردى40ياشلىق ئابدۇسەتتار،-دېمىسمۇ شۇ،ئوغۇل بالا دېگەن جەڭگە يارالغان،ھۈسەيىننى بارغىلى قوۇسا بولاتتى.بىراق،يېڭىلا شېھىت چىققان ئۆيدىن ئەسكەر ئالمايدۇ دەڭلا بۇلار.بۈگۈن ئۈچىنچى قېتىم ئىلتىماس سۇنۇشىمىز.ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا ھۈسەيىن ئۆزى كەلگەن ئىدى.بۈگۈن مەن بىللە كىلىپ،قەتئىي قوللايدىغانلىقىمىنى بىلدۈرۈپ،دېيشىپ بەردىم.يەنە ئامال بولمىدى.«بالا 18 ياشقا تۇلۇق كىرىپ باقسۇن،شۇ چاغدا بىر گەپ بۇلۇر»دەپ رەت قىلدى.
ھۈسەيىن ياشتا كىچىك بولغىنى بىلەن،پىكىرى پىشقان يېگىت بۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش ئادەمگە راھەت بېغىشلايتتى.بىزبىر مۇڭدىشىپ كەتسەك،فۇرات ۋادىسىدىن چىقىپ،تارىم ئويمانلىقىغىچە سۆزلەشمىگەن ماۋزويىمىز قالمايتتى.بىر كۈنى گەپ يەنە ئىراق-ئىران ئۇرۇشى ئۈستىدە بولغاندا،مەن سەمىمىي ھالدا:«ئىراق،ئىران ھەر ئىككىلىسى مۇسۇلمان ئەل بولغاندىكىن،ئۇرۇشىۋەرمەي،ئەمدى يارشىپ قالسا بولاتتى»دېدىم.مېنىڭ بۇ قارىشىمغا نىسبەتەن ھۈسەيىن باشقا ئېتىرازدا بولمىدى.بىراق مەن گەپ ئارىسىدا:«سىلەردە نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۈرىيە،ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانلاردا تۇغقانلىرىڭلا بار ئىكەن.ھالبۇكى،ئۇلار بۇ ئۇرۇش ئاياغلاشقىچە بېرىپ،ئاشۇ تۇغقانلىرىنىڭ قېشىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشنى خالىمامدۇ؟»دەپ سورىۋدىم،ئۇ:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز،رائوپ ئاكا؟-دېدى،خۇددى مېنى ئەمدىلا كۈرۈۋاتقان ئادەمدەك بېشىمدىن-ئايىغىمغىچە باشقىدىن سىنچىلاپ قاراپ چىقىپ،-سىز چاقچاق قىلىپ دېدىڭىزغۇ دەيمەن-ھە؟بىر ئىنسان ئۆز ۋەتىننىڭ بېشىغا ئۇرۇش بالاسى كەلگەن چاغدا،ئۇنى تاشلاپ پاناھلىق ئىزدەپ باشقا يۇرتلارغا كەتسە،ئۇ قانداقمۇ ئىنسان بولسۇن؟
شۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى.بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ،ياتىقىغا كىرىپ تۇرسام،ئىشىك چېكىلدى،«تەفەددال!»(مەرھەمەت)دېدىم.ئۆيگە بىر ئەسكەر كىرىپ كەلدى ۋە «سالام،رائوپ ئاكا!»دەپ ھەربىيچە سالام بەردى.سىنچىلاپ قارىسام،ھۈسەيىن ئابدۇسەتتار شۇ،ھەربىي كىيىم ئۇنىڭغا ئاجايىپ ياراشقان،چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى.
-ئىگەم مۇرادىمغا يەتكۈزدىغان بولدى،رائوپ ئاكا،-دېدى ئۇ مەن قۇيۇپ بەرگەن بۇرتۇقال سۈيىدىن بىر يۈتۈم ئوتلىۋىتىپ،-بۈگۈن نەجەبكە بېرىپ،ئىمام ھۈسەيىن بوۋام بىلەن خوشلىشىپ كەلدىم(نەجەب شەھىردىكى ئەل ئىبنى ئەبۇ تالىپ قەبىرگاھىنى ۋە كەربالا شەھىردىكى ھۈسەيىن ئبىنى ئەلى قەبىرگاھىنى زىيارەت قىلىپ كەلدىم دېمەكچى).قايتىشىمدا سىزگىمۇ خوش دېگۈم كەلدى،ھەربىي گازارمىمىز ناسىريىەدە بولدىكەن.دېمەك،باسىرا ئالدىنقى سېپى بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىز دېگەن گەپ!
رۇخسارىدىن ئىشەنچ مەۋقەسىنىڭ مۇستەھكەملىكى جۇلالاپ تۇردىغان 18 ياشلىق بۇ ئەرەب يېگىتىنىڭ شۇ تاپتا،مەمنۇنلىقىدا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى.قارىسام شۇ تۇرۇقتا،ئۇ قايتىپ كېلەلمەسلىكى ئېھتىمال بولغان رەھىمسىز ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئەمەس،بەلكى مەشۇقى بىلەن ئۇچىرشىپ،ۋىسال شەربىتىنى ئىچىدىغان تويغا كېتىۋاتقان ياش يېگىتتەك بەھۇزۇر ۋە ئىچ-ئىچىدىن خۇشال كۈرۈنەتتى.
«بۇ زېمىنغا تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ!»
مەن تۈركىيەگە بېرىپ،ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانىتى بولغىنىمدىن كىيىن،تەبىئي ھالدا ئاشۇ يەردە ئۇقۇۋاتقان بىرمۇنچە يۇرتداش ياش ئۇقۇغۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇم قالدىم.شۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇمىجىت مۇھەممەدجان ئىسىملىك خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىى بۇيچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇۋاتقان بىر يېگىت بۇلۇپ،يېڭى بارغان چېغىمدا يۇرتداشلىق-قېرىنداشلىق كۆرسىتىپ،ھال-ئەھۋالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالغان ئىدى.
-ئانا يۇرتتا مېنىڭ بىر تاغام بار،ئۇنىڭغا بەك ئوخشىشىدىكەنسىز،-دەيتتى ئۇ پات-پات،-تارتىنماڭ،نېمە ئىشىڭىز بولسا،«ھايىت»دېسىڭىزلا ھايال ئۆتمەيلا يېنىڭىزغا ئۈنىمىز.
ئەمەليەتتە بۇمۇ يۇرت سۆيگۈسى،ۋەتەن مۇھەببىتىنىڭ تەبىئىي ھاسىلى ئىدى.چۈنكى تۈركىيەدىمۇ 80 مىليۇن ئىنسان بار،ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئابدۇمىجىت ئىنمنىڭ تاغىسىغا ئوخشايدىغان ئادەم چىقماسمۇ؟چىقىدۇ،بەلكى كۈرمىڭ!بۇ يەردىكى گەپ ۋەتەندىن يېڭىلا كەلگەن،يېنىغا كەلسە ئانا يۇرتىنىڭ توپىسى«گۈپ-گۈپ»پۇراپ تۇردىغان مەن ھەمشەھىر ئۇ ئىنىمنىڭ كۆزىگە ئۆز تاغىسىدەك ئىللىق كۈرۈنگەن گەپ،خالاس.
1998-يىلى مارت ئېيىنىڭ باشلىرى ئىدى.بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت بەشلەر ئەتىراپىدا،ئەنقەرەنىڭ مەركىزى«قىزىل ئاي مەيدانى»يېنىدىكى تۆمەر(تۈرك تىلى ئۆگىتىش مەركىزى)دىن دەرستىن يېىنىپ چىقىۋاتسام،تېلفۇنۇم سايرىدى.ئالسام،ئابدۇمىجىت ئىنىم ئىكەن.ئۇ:«مۇئەللىم پولو قىلغان ئىدۇق،شۇنداق ئوخشاپتۇ،قىسنىپ قالدۇق.دەرھال كەلگەن بولسىڭىز»دېدى ئۈتۈنۈش ئاھاڭىدا.كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا،نېزقاپ ئولتۇرماي،«ماقۇل»دېدىم ۋە دەرھال يولغا چىقتىم.
مەن تۇرۇشلۇق جاي قىزىل ئاي مەيدانىنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرپىگە بىر كىلومىتىرچە كېلدىغان «جەبەجى»رايۇندا.ئابدۇمىجىتلەر بولسا،قىزىل ئاي مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 5-6 كىلومېتىر كېلدىغان «ئەتلىك»ئولتۇراق رايۇندا تۇراتتى.
كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن بېرىپ،ئەتلىك ئولتۇراق رايۇنى بېكىتىدە چۈشۈپ قالدىم.ئاندىن،ئابدۇمىجىتلار تۇردىغان بىنا بار كوچىغا قايرىلىپ،يولنىڭ ئوڭ چېتى بىلەن كېتىۋاتاتتىم.توساتتىن،نېمىشقىدۇر تۈكۈرگۈم كەلگەندەك بولدى،ئاڭلىق-ئاڭسىز ھالدا يەرگە تۈكۈردۈم.«تۈفى!»قىلغىنىمنى بىلىمەن،شۇئان ئارقامدىن كېلۋاتقان 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا دەرھال ئالدىمغا ئۈتۈپ،جىددى ھالدا ۋارقىراپ سوردى:
-ئابى!سەن بۇ يەردە تۈكۈردۈن دېيىلمى؟(ھەي ئاكا!سەن بۇ يەرگە تۈكۈرۈپ قويدۇڭ،شۇنداقمۇ؟)
قارىسام،بۇ شاكىچىكىنىڭ ئەلپازى بەكلا يامان،كۆزلىرنى چەكچەيتىپ،كىچىككىنە مۇشىتلىرىنى مەھكەم تۈگۈپ،چۈجە خورازدەك «ئېتىلىمەن»دەپلا تۇرۇپتۇ.ئەتىراپىمغا قارىسام باشقا ئادەملەرمۇ يوق،كوچا ئازادە ئىدى.نېمىشقىدۇر بۇ كىچىككىنىە بىر بالا ئالدىدا ئەيبىمنى بوينۇمغا ئالغۇم كەلمىدى.
-مەن تۈكۈرمىدىم،-مەنمۇ بوش كەلمىگەن قىياپەتتە ۋارقىراپ جاۋاب بەردىم.بىراق،جىدديىلەشكىنىمدىن ئۇيغۇرچە جاۋاب بىرىپ تاشلاپتىمەن،شاكىچىك دەرھال سىزىپ،سەل يۇمشىغان ئاھاڭدا دېدى:
-ھە،سەن ئورتا ئاسىيادان گەلەن مىسافىرمىشىسىن دېيلىمى،ئابى؟(ھە،سەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن مېھمان كىشىكەنسەن-دە،ئاكا؟)
مەن بېشىمنى لىڭىشتىپ جىم تۇردۇم.
-ئاما،سەن كىم ئولۇرسان ئول،ئابى،بىلمەن كەرەككى،بۇ زەمىنە مۇتلاكا تۈكۈرۈلمەز!(ئەمما،سەن كىم بۇلىشىڭدىن قەتئىينەزەر،شۇنى بىلىپ قويغىنكى،بۇ زېىمىنگە مۇتلەق تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ!).شاكىچىك سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن،جىددىي ئاگاھلاندۇرغان قىياپەتتە يەنە داۋام قىلدى،-نىچىن بىلىيۇرمۇسۇن؟چۈنكۇ ئاياغىن ئالتىنداكى بۇ زەمىنىن ھەر يەرىندە ھەپ شەھىدلەر ياتىيۇر!كۇرتۇلۇش ساۋاشى دۆنەمىندە،يالنىز چاناك كالە ساۋاشىندا بابالارىمىز تام 500 بىن شەھىد ۋەرمىشلەر،ئابجىم(سەۋەبىنى بىلەمسەنكىن،سەن دەسسەپ تۇرغان بۇ زېىمىننىڭ ھەممە يېرىدە شېھىتلەر ياتىدۇ.ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلدە،يالغۇز چاناق قەلئە ئۇرۇشىدىلا 500 مىڭ شېھىت بەرگەن ئىكەن،جېنىم ئاكا)!
بۇلۇنغان گەپ شۇ،ئەمدى بۇ ھالدا،مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟قۇلقىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم.يۈزۈم يال-يال ئوت ئېلىپ كەتكەندەك بولدى.دەرۋەقە،كۆرۈنگەن يەرگە كەلسە-كەلمەس تۈكۈرۈشقۇ دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە شەرەپلىك ئىش ئەمەس،تازلىق ئۆلچىمى نوقتىسىدىن تۇرۇپ،ھەممە ئادەم ئەيىبلەيدۇ.بىراق،ئون ياشلىق بىرتۈرك بالىسىنىڭ ئۆز ۋەتىننىڭ زېىمىننى شۇ قەدەر ئاددىي،ئەمما شۇقەدەر ساپ ۋە شۇ قەدەر بىباھا ئاڭ ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان بىلىك تۇيغۇسى بىلەن ئەزىزلىشى ماڭا ئۇنتۇلماس بىر دەرىس بولدى ئۆمرۈمدە.
ئاخىردا،ئابدۇمىجىتلەرنىڭ ئۆيىگە سالام بىلەن كىردىم.پولو ھەقىقەتەن ئوخشاپتىكەن،دۇئادىن كىيىن،بۇ بالا دېمەتلىك دوسىتلىرىمغا يۇقىرقى ئىبرەتلىك سەرگۈزەشتەمنى ئەينەن سۆزلەپ بەردىم……
«مەسىلنى قېيداش،ئاغىرنىش ئەمەس،بىلىم ھەل قىلدۇ»
1996-1997-يىللىرى،مىسىردىكى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان ۋاقتىمدا،مىسىرلىقلارنىڭ ياشام پەلسەپەسىگە،مىسىر زىيالىلىرنىڭ ئەنئەنۋى ئىسلام ئەقىدلىرىنى زامانىۋى ھاياتقا قانداق تەتبىقلاۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم.
-بۇ پەلسەپە تەتقىقات مەسىلسى.بۇ جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىمىدۇق ئەمەس، ئىلگىرلىدۇق ۋە ئىلگىرلەۋاتىمىز،ئەمما قەدىمىمىز ئىنتايىن كىچىك،ئالغا سىلجىشىمىز تولىمۇ ئاستا بۇلۇۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت،-دەپ جاۋاب بەردى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىتىدا ئەرەب پەلسەپەسى بۇيچە دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇۋاتقان 37 ياشلىق يىگىت ئىھسان شاھىن.
مىنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن،ئەرەب زىيالىلىرى بىلەن بىۋاستە ئارلىشىپ،بېرىش-كىلىش قىلىپ كىلۋاتقىنىمغا 1978-يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىىللىرى ئۇنۋېرسىتىتى ئەرەب تىلى فاكولتىتىغا ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ،مىسىرلىق مۇتەخەسىس مۇھەممەد ئابدۇلباقى مۇئەللىمدىن ئىككىن يىل دەرىس ئاڭلىغىنمدىن باشلىغاندا،ساڭ33 يىل بۇپتۇ.تەسىراتىمچە،ئەرەبلەر بۇلۇپمۇ زىيالىي ئەرەبلەر«ئىننەل ئەرەب تاجۇل مۇسلىمىيىن»(ئەرەب دېگەن مۇسلىمانلارنىڭ تاجىدۇر)دېگەن گەپنى بۇرنىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئەزۋەيلەشكە ئەمراق،ئۇمۇمەن ھاكاۋۇر كېلدىكەن.ئەمما،
مەن قاھىرە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلار ياتاق رايۇنى«مەدىنەتۇت تۇللاب»(ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلار شەھىرى)دە تۇنۇشقان.مەزكۇر ئىھسان شاھىن بولسا،تولىمۇ سەمىمىي،ئاقكۆڭۈل ۋە كەمتەر زىيالىي ئىدى.
-ئەسلىڭ ئەرەب ئەمەسمۇ-يا،قېرىندىشىم ئىھسان؟-چاقچاق ئارلاش سوردۇم ئۇنىڭدىن.
-نېمە دېگىنڭ رائوپ ئاكا،ساپ ئەرەبمەن،ئەلھەمدۇلىللاھ!-كەسكىن جاۋاب بەردى ئىھسان،-يېرىم چېلەك سۇ بەكرەك شالاقشيدۇ،سەن تەسۋىرلىگەن ئۇ ھاكاۋۇر زىيالىلار ئىلىمدە كامالەت تاپالمىغاچقا شۇنداق.ھاكاۋۇرلۇق ئىنسان ئۈچۈن ئەيىب.
مەن ئىھسان بىلەن 1996-يىلى 10-ئايدا،قاھىرە ئۇنۋېرسىتىتىغا كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا،مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم.بىر-بىرىمزىنى «ئاكا»،«ئۇكا»دەپ ئاتاشقۇدەك بولغىنمىزدىن كىيىن،سۆھبەتلىرىمىز تۇتامى يوق غەيۋەت،شىكايەتلەرگە ئەمەس،بەلكى مۇسۇلمانلىق ياشام پەلسەپەسى قاتارلىق جىددىي ۋە مۇزاكىرە،مۇھاكىمە قىلشقا ئەرزىيدىغان نوقتىلارغا مۇجەسسەم بۇلۇپ قالاتتى تەبىئي ھالدا.مەن ئۇنىڭ 37ياشقا كىرگۈچە ئۆيلەنمەي،ئەرەب ئىسلام پەلسەپەسى تەتىقىقاتىغا بارلىقىنى پىدا قىلىپ،چوڭقۇر ئىزدنىۋاتقان ئىراددىسىگە،غەيرىتىگە ئاپىرىن ئۇقۇغان ئىدىم.
-بىر مىللەت،بىر قوۋىم توغرا دۇنيا قارىشىغا،دۇرۇس ھايات پەلسەپەسىگە ساھىب بولمىسا،ئۇ روناق تاپالمايدۇ،-دېدى ئىھسان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە،-مەن بۇ يەردە،ئەرەبلەرنىڭ دۇنيا قارىشى توغرا ئەمەس،مۇسۇلمانلار دۇرۇس ھايات پەلسەپەسىگە ساھىب ئەمەس،دېمەكچى ئەمەسمەن.ئەمما،تۈپكى نەزەرىيە ئاساسلىرى بىزدە ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ،توغرا شەرھىلەنمىگەچكە،ئاۋام ئارسىدا بىرمۇنچە جاھىل ئادەتلەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئۇ ناچار ئادەتلەردىن ئۈزۈل-كىسىل قول ئۈۈزۈش ئەمەس،ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشىمىزمۇ ناھايتى تەسكە توختاۋاتىدۇ.
-كونكىرىت قىلىپ،مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەڭ قانداق؟-سوردىم ئۇنىڭدىن.
-مەسلەن؛ھۇرۇنلۇق،سەن بىر ئەسىرىڭدە«ھۇرۇن ئادەم زېمىنغىمۇ يۈك»دېگەن ئۇيغۇر خەلىق ماقالىنى مىسال ئېلىپ،ئاجايىپ مەنتىقىلىق ۋە تولىمۇ قايىل قىلارلىق بايان قىلىپسەن.خۇددى سېنىڭ دىگىنىڭدەك،خەلقىمىز بۇ ھۇرۇنلۇق ئادىتىنى ئاشۇ «ھەرقانداق ئىنساننىڭ رىزقنى ئاللاھ بىرىدۇ»دېگەن تۇرمۇش پەلسەپەسىدىن شاخلاندۇرۇلۇپ چىقىلغان«ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھېچبىر مۇسۇلمان بەندىسىنى ئاچ قويمايدۇ»،«مۇسۇلمان بەندىلەرنىڭ غېمىنى ئاللا
قىلدۇ»دېگەندەك نەزەرىيەلەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتىغا توغرا تەتبىق قىلىنماسلىقى نەتىجىسدە شەكىللەندۈۋالغاندۇر.بىزدىكى ھۇرۇنلۇقنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن،ئەتە مەن سېنى بىر نەق مەيدانغا باشلاپ باراي،رائوپ ئاكا.
بۇ،1996-يىلنىڭ نويابىر ئېيى،مەن مىسىرغا كەلگىنىمگە ئەمدىلا بىر ئاي بولغان چاغ ئىدى.ئىھسان مېنى قاھىرەنىڭ«بۇئۇس»رايۇندىكى مىسىر فاتىمە سۇلالىسى دەۋىردە ياسالغان«ئەزھەر جامەسى»(جامىئەتۇل ئەزھەر)گە باشلاپ باردى.ئۇزاق ئەسىرلەر شاھىتى بولغان بۇ قەدىمكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن زىيارەت قىلدۇق.كېيىن،ئىھسان مېنى چوڭ يولدىكى ئاپتۇبۇس بېكىتى تەرەپكە ئەمەس،ئەزھەر جامەسىنىڭ غەربىي تېمىغا يانداش بولغان،ماشىنا قاتنىمايدىغان خىلۋەت بىر تار كوچىغا باشلاپ كىردى.
-مەن كۆرسەتمەكچى بولغان نەق مەيداننىڭ بىرسى بۇ،-دېدى ئۇ،-قارا بۇ يەرگە ۋە ئۆزۈڭ خۇلاسە چىقىرىپ باق.
نۇيابىر ئېيى بۇلىشىغا قارىماي،قاھىرەنىڭ ھاۋاسى يەنىلا ئىسسىق ئىدى.تار كوچىغا 10-15 قەدەم ئىچكىرلەپ كىرۋدۇق،قاڭسىق پۇراق كەلدى.«ئالدىمىزدا تەرەتخانا بار دەپ ئويلاپتىمەن.نەدىكىنى،ئادەملەر پىيادە ئۆتۈپ تۇردىغان مۇشۇ كوچىنىڭ ئۆزى تەرەتخانا ئىكەن گويا.بەزى يەرلىردىن سەكرەپ-ئاتلاپ ئۆتتۇق.مەن سېسىق پۇراققا چىدىيالماي،يانچۇقىمدىن قول ياغلىق چىقىرىپ،بۇرنۇمنى ئېتىۋالدىم.ئىھسان كۈنۈك بولسا كېرەك،مېڭىۋەردى.ئۇيان-بۇيانغا كىرىپ كېتىدىغان تارماقلىرنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئوق كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىردىن ئۇزۇنراق كېلەتتى.
ئۇ كوچىدىن چىقىپ،ئازادلىققا چىققاندەك بۇلۇپ ئەركىن نەپەس ئالدىم.شىمالغا بۇرۇلۇپ،ئالاھەزەل 500 مېتىرچە ماڭغان ئىدۇق.ئىھسان باشقا بىر پىيادىلەر كوچىسىغا باشلاپ كىردى.بۇ ئاھاللە ئولتۇراق مەھەللە كوچىسى ئىكەن.ئابايقى كوچىدىن سەل كەڭرەك بولسىمۇ،ئەمما كوچا ئاپتۇبۇسى قاتنىمايدىكەن.تازلىق ئەھۋالىغا قاراپ،بۇ كوچىنى «ئەخلەت كوچىسى»ياكى«چىۋىن كوچىسى»دېسە بولدىكەن،دەپ قالدىم.توپا يوللۇق،كۆپۈنچىسى 2-3 قەۋەتلىك ئۆيلەر بىلەن تولغان بۇ كوچىغا ئەل ئۆمىردە سۈپۈرگە تىگىپ باققاندەك ئەمەس،ھەركىمنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر دۆۋە ئەخلەت.ئەخلەتنىڭ ئەتىراپى چوڭ-كىچىك تەرەتلەر بىلەن تولغان.ئۆتۈپ كېتىۋاتساق،ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن تاشلانغان ئەخلەتلەر يەرگە«پوك-پوك»چۈشۈپ تۇراتتى.كوچىنىڭ بەتبۇيلۇقى يەنە مېنى ياغلىق بىلەن بۇرنۇمنى ئىتىۋىلىشكە مەجبۇر قىلدى.چىۋىن دىگەن شۇ قەدەر كۆپ ۋە شۇ قەدەر يوغان-بورداق ئىدى.ئىشىك ئالدىلىردا،مىسىر كىنولىردىكدەك گۈزەل قىزلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرشاتتى.ماڭا چىۋىن قونسا،ئاچچىقىم كىلىپ،قولۇم بىلەن ئۈركۈتۈپ،ياغلىقىم بىلەن قورۇپ ماڭدىم.ئىھسان يەنىلا خىيالىغا كەلمىگەندەك بىپەرۋا ۋە خاتىرجەم كىتىپ باراتتى.مەن تەرلەپ سۇ بۇلۇپ كەتتىم.ئاخىردا،ئاغزىم قۇرۇپ،تىلىم تامىقىمغا چاپلىشىپ كەتتى.ھاۋا يېتىشمىگەنلىكتىن بېشىم قېيىپ،يۈركىم سىقىلىپ،كۆڭلۈم ئايلىنىشقا باشلىدى.
-يەنە قانچىلىك ماڭساق چىقىپ كىتىمىزبۇ ئەخلەتخانىدىن،ئىھسان؟-تولىمۇ ئىتتىك سوردۇم.
-غەيرەت قىل رائوپ ئاكا،يەنە 1000 مېترچە ماڭساق،چوڭ كوچىغا چىقىمىز.
چوڭ كوچىغا چىقىپ،چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىپ ئۇزاق بى«ئۇھ»دېدىم،-دە،يولنىڭ چېتىدە زوڭزىيىپلا ئولتۇرۋالدىم.بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن،ئىسمگە كەلگەندەك بولدۇم.ئاندىن قايتىش ئۈچۈن كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتۇق.
-مەملىكىتىمىزنىڭ 98 پىرسەنىت زېمىنى قۇملۇق.خەلىقىمىز ئاشۇ چۆللەردە ياشاپ كەلگەن بەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ ئەۋلادى،-دەپ چۈشەنچە بىرىشكە باشلىدى ئىھسان ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئېغىر خۇرسىنىپ قۇيۇپ،-چۆل-سەھرا دېگەندە ھەر ھالدا ئاسمان كەڭىرى،زېمىن بىپايان.چىدىر ئۆيلەردىن چىقىپلا،ئۇنىڭ ئالدى-كەينگە چوڭىنى چىقىرۋىتىپ،كىچىكىنى قۇيۋىتىپ يۈرىۋىردىغان گەپ ئۇ چاغلاردا.شەھەرلەشتۇق-مەدەنىيەتلەشتۇق،دۇنيادا شەھەرلىشىشنى ئەڭ بۇرۇن ئەرەبلەر باشلىغان.شوڭا،شەھەرنى ئەرەبچە«مەدىنە»دەيدۇ،ئۇنىڭ مەنىسى«مەدەنىيەتلىك جاي»دېگەن بولىدۇ.بۇنى سەن بىلىسەن.ئىسلام ئەقىدىسىدە«ئەن نەزافەتۇ نىسفۇل ئىمان»(پاكىزلىك ئىماننىڭ يېرىمدۇر)دېيلدۇكى،مەينەت ئادەمنىڭ،تازلىقىنى سۆيمەيدىغان مۇسۇلماننىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ ھەرگىز! بىراق،ھۇرۇنلۇقىمىزدىن،شۇنچىلىك ئاددى،ئەمما شۇقەدەر
مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشنىمۇ بەجا كەلتۈرەلمەيۋاتىمز تېخىغىچە.
-ھالبۇكى،ياۋرۇپاغا كىتىپ ياشىغىڭ يوقمۇ،ئەجەبا؟،-ئويلاپ-ئويلىماي شۇنداق سوراپ تاشلىغانلىقىمنى بىلىمەن،سۇئالىمنىڭ «ئەجەبا»سى چىقىپ بولغۇچە،ئىھسان بىز ئاكا-ئۇكا بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم شۇقەدەر غەزەپ بىلەن قايناپ كەتتى:
-ھە،سەن مېنى ئۆز خەلىقىدىن شىكايەت قىلۋاتىدۇ،ئۆز ۋەتىندىن بەزگەن ئادەمكەن بۇ،دەپ ئويلاپ قاپسەن،-دە،رائوپ ئاكا.خاتالىشىلۈپسەن،مەن ساڭا سەن-بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن،بۈگۈنكى ئېكسكۇرسىيەنى قىلدۇردۇم.مەن مىسىردىن باشقا جاينىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالسام،تۇنجۇقۇپ قالدىغان ئادەممەن.مەن شۇنى ئوبدان
بىلىمەنكى،ئاللىكىملەرگە قېيداش،رېئاللىق بىلەن روبىرو بولالماي،قېچىپ كىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھېچ قايسىسى مەسىلنى ھەل قىلالمايدۇ.ھەرقانداق نەرسىنى ھەل قىلالايدىغان بىرلا نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ بىلىمدۇر.ھەقىقەتنى،ئىلىم-پەننى دەسلەپ ئۆزۈڭ بىل،ئاندىن ئۇنى خەلقىڭگە بىلدۈركى،مانا شۇ چاغدا،ھەرقانداق مەسىلنىڭ ھەل بولمىغىننى كۆرە!
مۇھاجىرەتلىك تۇرمۇش دېگەننىڭ غۇربەتچى مۇساپىر ئىنسانغا كۆرسىتىدىغانلىرى ھەمىشە ئۆرنەك ھاياتلا بۇلىۋەرمەيدىكەن.كىيىن،مەن 1997-يىلى 6-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىچە بولغان ئارلىقتا،قاھىرەنىڭ ئۆزىدىلا،«مىليۇندىن ئارتۇق پەقىر ئىنسان ياشايدۇ بۇ يەردە»دەپ رىۋايەت قىلىندىغان«گۇرۇستانى قاھىرە»قاتارلىق ئىبرەتلىك ماكانلارنىمۇ تېنىم ئەيمىنگەن ھالدا زىيارەت قىلدىم.
ئەمدى،نېمە دەي؟قەدىمىي دىيار مىسىر يىلدا ياز بىلەن باھارلا بولىدىغان،ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى توڭلىمايدىغان يۇرت ئىكەن.ئىھسان شاھىندەك ۋەتەن سەۋدالىرى بولغاچقا،ئۇنىڭ كېلەچىكى ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۆتمۈشى قەدەر پارلاق بولىدىكەن،دەپ قالدىم ئۆز تەسىراتىمچە.

جۇڭگۇ مىللەتلىرى 2011(2)سان

مەنبە : ئەلدوست تورى

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=282

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top