ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ـ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ پاجىئەسى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ـ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ پاجىئەسى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

5-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ”غالىبىيەت بايرىمى“ كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9-ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى جۈملىدىن فاشىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ئىنسانىيەت ئىنتايىن زور بەدەل تۆلىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئىككى زور دۇنياۋى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ ئوزارا ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقاق 61 دۆلەت جەلپ قىلىنغان، ئۇلارنىڭ 37 سى بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشقان. پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا دۇنيا بويىچە ھەر قايسى مەملىكەتلەردىن بولۇپ، جەمىئىي 50 مىليوندىن 70 مىليونغىچە ئادەم ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى بولۇپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ھۆكۈمىتى تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 18 مىليون سوۋېت خەلقىنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئېنىقلانغان كۆپلىگەن مەخپىيەتلىكلەر ۋە تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن پاش بولۇشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليونغا يەتكەن. مەزكۇر 27 مىليون جاننىڭ ئىچىدە شەرقتە ياپونىيىگە، غەربتە گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش سەپلىرىدىن شۇنچە يىراقتىكى تىنچ رايونىدا ياشىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ سانسىزلىغان ئوغۇل-قىزلىرىمۇ بار. ئۇرۇش سەپلىرىدىن تېخىمۇ يىراقلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى ۋە جانلىرى ھەم ماددىي-مەنىۋى ياردەملىرى ئارقىلىق ، ياۋروپا خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقتىن ئازات بولۇشىغا ھەسسە قوشتى.
ئومۇمىي ئۇچۇر
1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گىتلېر گېرمانىيىسى 190 دىۋىزىيىسى، 4000 دىن ئارتۇق تانكا، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، 47 مىڭ زەمبىرەك، 200 پاراخوتنى ئىشقا سېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىلگىرى كېيىن 27 مىليون سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ 2005-يىلى، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا سابىق رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ ئۇرۇش مەزگىلىدە جەمئىي 26 مىليون 600 مىڭ سوۋېت گراجدانىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھەربىي خادىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىۋانوپنىڭ ستاتستىكىسى بويىچە ئالغاندا، 8 مىليون 660 مىڭدىن كۆپرەك سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭچى-ئوفىتسېرى بىۋاستە جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەندىن تاشقىرى يەنە 4 مىليون 59مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن.
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، پۈتۈن سەپلەر بويىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، سوۋېت ئەسكەرلىرى توپ-توپى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان. بۇ جەرياندا ۋە كېيىن سوۋېت قوشۇنىدىن 4 مىليون 559 مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن.
4 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 15 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىش، كېسەللىك، توڭلاپ قېلىش ، ئاچارچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت ھەربىي ۋە ك گ ب ئارخىپلىرىدىن پاش بولۇشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا يەنە بىر مىليونغا يېقىن سوۋېت جەڭچى ئوفىتسېرى ئۇرۇشتا قورقۇنچاقلىق قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، خائىنلىق، جاسۇسلۇق قىلغان دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاھىدە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ستالىن ئۇرۇشتا چېكىنگەن، قورقۇنچاقلىق قىلغانلارنى بىردەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ جېنىنى پەقەت ئايىماي قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاخىرى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. قىسقىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى ئادەم ئامىلى بولۇپ، ئىلغار گېرمانىيە ئۇرۇش تېخنىكىسى ۋە گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەم سانىدىكى ئۈستۈنلۈكى ئاستىدا قەدەم-قەدەم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
ئەلۋەتتە، يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىپ، 1944-يىلى، 6-ئايدا نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، غەربىي سەپتە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشىمۇ مۇھىم ئامىل بولغان ئىدى. گېرمانىيە ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيىدىن باشقا بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئافرىقىغىمۇ كېڭەيگەن. گېرمانىيىنىڭ مۇنداق كوپ سەپلەردە جەڭ قىلىشى ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان بولۇپ، 1943-يىلى ستالىنگراد ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇرۇش پىلانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، بارا-بارا سوۋېت ئارمىيىسى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە يۈزلىنىپ، 1944-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت زېمىنى ئاساسەن ئازاد قىلىنىپ، ئۇرۇش شەرقىي ياۋروپاغا كېڭەيتىلدى. ئومۇمەن، قىلىپ، ئېيتقاندا بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا خەلقىمۇ زور قۇربانلارنى بەردى.
تۈركىي مىللەتلەرمۇ زور چىقىم تارتتى
2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە كاۋكازىيە ھەم ۋولگا دەرياسى بويلىرىدىكى ئاز بىر قىسىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ يەرلىرى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا بىۋاسىتە يولۇققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر جايلاشقان تۇپراقلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسىمى دەپتۇدەك گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئەڭ زور بەدەل تۆلىگەن خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بەدەللىرى، ۋەيرانچىلىقلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولغانلىقىدىنلا كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىققا ۋە بۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.
1941-يىلى، 6-ئايدا گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئارمىيىسى پۈتۈن سەپلەر بويىچە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھەربىي-قوماندان ۋە جەڭ قىلغۇچى قوشۇنلار يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ستالىن ھۆكۈمىتى پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەربىي خىزمەتكە چاقىردى. ئاھالىسى زىچ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇنىڭ ھەربىي قوشۇنلارنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1941-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ۋە تاجىكىستاندىن تۈرلۈك قوشۇنلارنى جىددىي تۈزۈپ، تۈركۈملەپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى.
ئۆزبېكىستان : ئەينى ۋاقىتتا 6 يېرىم مىليون نوپۇسى بار ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئىلگىرى كېيىن 1 يېرىم مىليون ئوغۇل-قىزىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر يېرىم مىليون ئۆزبېكىستانلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېكلەر بولۇپ، 450 مىڭ ئادەم ئۆلدى، يەنى ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلمىدى. 640 مىڭ ئادەم يارىلاندى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكلەردىن 15 دىۋىزىيە ۋە برىگادا تەشكىللىنىپ، ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلدى.
قازاقىستانمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى كۆپرەك جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 425 مىڭ ئادەم ئۆلدى. قازاقىستاندىن 20 دىۋىزىيە ۋە باشقا قوشۇنلار تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئالمۇتا، بىشكەك ئەتراپىدا تۈزۈلگەن پانفىلوپچىلار دىۋىزىيىسى موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىغا سېلىنىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن.
تۈركمەنىستان، نوپۇسى ئازراق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن 300 مىڭ ئادەم ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ، 90 مىڭدىن كۆپرەكى ئۆلگەن. زور ساندىكى ئادەم يارىلانغان.
تاجىكىستاندىن 260 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
قىرغىزىستاندىن 360 مىڭ ئوغۇل-قىز ئۇرۇشقا بېرىپ، 130 مىڭدىن كۆپرەكى ئۆلگەن، كۆپ ساندىكىسى يارىلانغان.
ئازەربەيجاندىن 700 مىڭ كىشى ئالدىنقى سەپلەرگە ماڭدۇرۇلۇپ، يېرىمى دېگۈدەك ئۆلگەن.
ئۇيغۇرلار ئۇرۇش سېپىدىن ئەڭ يىراق تۈركىي خەلق
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ ئېيتىلسىمۇ، بىراق بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سان يوق. ئەمما، 20-يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى ھېسابلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئۆزبەكىستانغا جايلاشقان ئىدى.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا تۈزۈلگەن قوشۇنلار تەركىبىدە بىردەك ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپتە بولدى؟ قانچىلىكى ئۆلدى دېگەن مەسىلە ھەققىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، يېرىمى ئۆلدى دېسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ 30 مىڭى قايتىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇشقا بارغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسلىرىدا ئۆزبەر دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزبېك كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلىشى تەبىئىي، ھەقىقەتەن 2-جاھان ئۇرۇشىمۇ 1937-1938-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان پەيتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۇرۇشقا قاتناشتى دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسىي بار بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىۋالغانلار ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۇرۇشقا باردى خالاس.
ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر خەلق بولۇشى سۇپىتى بىلەن مەيلى غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى، ۋە ياكى شەرقىي جۇڭگو ھەم تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئەڭ يىراقلىقتا ئىدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، زور بىر تۇلۇمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەۋەسىدە بولۇشى ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى شەرقىي رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ھەم غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپا بوستانلىقلىرىدا، تاغ-ئەدىرلىقلىرىدا قالدى. سانسىزلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى بۇ تۇپراقلارغا كۆمۈلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى قۇچاقلاپ ياتقان ئەشۇ زېمىندىكى سانسىزلىغان ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ھازىرمۇ ئوتلىرى ئۇچۇن جانلىرىنى تەقدىم قىلغان بۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر بىچارە مىللەتنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوز ۋەتەنلىرىدە ھوقۇقسىزلىقنىڭ ۋە خارلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ،1944-1945-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا جەڭ قىلىپ، پراگا، ۋارشاۋا، كراكوۋ، بۇخارېست قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ھەتتا بېرلىننى ئازاد قىلىش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلاردا قان توكۇۋاتقاندا شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇچ ئۆلكە-مانجۇريىنى ياپونلاردىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قۇربان بېرىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئۇچ ۋىلايەتتىمۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغىلىپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى چىش –تىرنىغىغىچە قوراللانغان گومىنداڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، شىردەك گۈركىرەپ، دۇشمەن ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن، شەرقىي ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ گىتلېر تاجاۋۇزىدىن ئازاد بولۇپ، قايتىدىن مۇستەقىل سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى قۇرۇشىنى قوللىدىيۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، غۇلجىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىشكە قىستىدى ۋە ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ستالىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقىلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۇچۇن بەدەل تۆلىگەن بىر خەلق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنلا باشلانغان دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا كېلىپ چىققان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئەڭ زىيان تارتقان خەلققە ئايلاندى. ئەگەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى شۇ مەزگىلدە ئوزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىنىپ، غۇلجىدا قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا ئىدى، بەلكى، باشقىچە ئاقىۋەتكە قالماس ئىدى، ئوز تىللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىش ۋە ئوز تۇپراقلىرىدا ئازلاپ، كېلەچەكتە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالامدۇق –يوق دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئاۋارە بولۇش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولماس ئىدى.

تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى سىياسىي ئويۇنلار قۇربانىمۇ؟
1941-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم باشلىغاندا، سوۋېت قوشۇنلىرى زور مەغبلۇيەتكە ئۇچراپ،غەربىي سەپتىكى پۈتۈن قىزىل ئارمىيە بىتچىت بولۇپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق پەيتتە ستالىن بارلىق خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدىراشلىق بىلەن قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. بۇ ۋەزىپە ئوتتۇرا ئاسىيا خەقلىرىنىڭمۇ بېشىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز،تۈركمەن، تاجىك، قاراقالپاق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەڭگە يارىدىغىدەك ( پۇل-قوللىرى ساق، سالامەتلىكى ياخشى) يەنى 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلىرى جۈملىدىن كۆپلىگەن ياش قىزلار ئالدىنقى سەپكە ماڭدۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا قورال يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمگە بىر مىلتىق بېرىلگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگەن نەرسە شۇ بولغانكى، دۈشمەن يېقىنلىشىپ كەلمىگىچە ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ جەڭچىلىرىگە قورال تارقىتىلمىغان. دۈشمەن يېقىنلاپ كەلگەندىلا ئاندىن قورال بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق سەپنىڭ ئالدىدا ھامان ئوتتۇرا ئاسىيالىق جەڭچىلەر ، ئارقىسىدا رۇس جەڭچىلىرى مېڭىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلارغا ياخشى ھەربىي-تەلىم تەربىيە بېرىلمىگەنلىكى، ئالدىراپ قوراشتۇرۇلغانلىق تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن جەڭچىلەر بىھۇدە قىرغىنچىلىققا يولۇققان. ھەتتا ئۇرۇش سەپلىرىگە يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، ئۇلارنى توشۇپ ماڭغان پويىزلار گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرى ھەم بومباردىمانىغا ئۇچراپ، تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتكەن. نورمال ھەربىي-تەلىم تەربىيە كۆرمىگەن، قوراللىرى ناچار ، ئالدىدا زامانىۋى قوراللىرىدىن ئوق ياغدۇرىۋاتقان گېرمانىيە قوشۇنلىرى، ئارقىسىدا ئاپتوماتلىرىنى تەڭلەپ تۇرغان نكۋد (كېيىنكى كگب ) قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان بۇ تەمەسى ئادەملەر ئاخىرىدا بىھۇدە قىرىلىشتىن كۆرە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئارقىسىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كگب قىسىملىرىغا ئوت ئېچىپ، گېرمان قوشۇنلىرىغا تۇشمۇ-تۇشتىن ئەسىرگە چۈشۈشكە باشلىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن.ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارمار بولۇش جەريانىدا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىدى.
ناتسىستلار تەشكىللىگەن ئەسىرلەر لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كىيىم-كېچەك بېرىلمەسلىك ۋە تازىلىق ئىشلىرى جەھەتتىكى ناچارلىقلار تۈپەيلىدىن،ئەسىرلەر ئارىسىدا كېسەللىكلەر كۆكۆپەيگە. ھەممە ئادەمنى دېگۈدەك پىت بېسىپ كەتكەن. گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ ئېغىر روھى ۋە جىسمانىي بېسىملىرى ئۇلارنىڭ جېنىغا تەگەپ، ئەسىرلەرنىڭ 80% ئۆلۈپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق ھالاكەتلىك پەيتتە گېرمانىيە ھۆكۇمۇتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن مىللىي تۈركىستان كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇم باش بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەر قايسى ئەسىر لاگېرلىرىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئايرىپ چىقىپ ئۇلارغا تەشۋىقات قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تۈركىستان ئارمىيىسىگە قېتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلىپ، ستالىن تۈزۈمىنى ۋە رۇسلارنىڭ تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى گۇمران قىلىشقا،، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇستەقىل تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا چاقىرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، قاراقالپاق، تاجىك ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان كۆپلىگەن ئەسىرلەر بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغانلار، ئىلگىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇلار تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەرگە ۋە باشقا ئۇرۇشلارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
گىتلېرنىڭ بۇ لايىھىسى ئەسلىدە 1941-يىلىنىڭ بېشىدا گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان جايلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئالفرېد پوزېنبېرگنىڭ ”تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىش“ دېگەن شوئارى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، گىتلېر ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسىرلەردىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارنى شەرقىي سەپتىكى جەڭ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىش لايىھىسىنى تەستىقلىغان.
ئالفرېد روزېنبېرگ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تامامەن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ”بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى“ نى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ پىلاندىكى بۈيۈك تۇركىستانغا غەربتە كاسپىي دېڭىزى بويىدىن، شەرقتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلار، جەنۇبتا سەمەرقەنت، بۇخارا رايونلىرى، شىمالدا قازاقىستاننىڭ زايسانغىچە بولغان بىپايان زېمىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇمخان قاتارلىق ئىدىيولوگلار مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقلارنى قىلىدۇ.
بۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن سابىق 1917-1920-يىلىدىكى مۇستەقىل قوقەنت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ئۇزۇن يىللار فرانسىيىدە ياشاپ، ”ياش تۈركىستان“ جۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئاۋانگارتلىق بىلەن سىياسىي كۈرەش قىلغان مۇستاپا چوقاي (قازاق) بىلەن ۋەلى قەيۇمنىڭ(ئۆزبېك) باشچىلىقىدا ”تۈركىستان مىللىي كومىتېتى“ ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېتقا كەلگۈسىدە تۈركىستاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋە باشقا سالاھىيەتلەر بېرىلىدۇ. بۇ كومىتېت يەنە ”مىللىي تۈركىستان ”ناملىق جۇرنال شۇنىڭدەك گېزىت چىقىرىپ، تۈركىستانلىقلار ئارىسىغا تارقاتقان. ھەر خىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تەييارلاپ، سوۋېت ئارمىيىسى جايلاشقان رايونلارغا ھاۋادىن تاشلىغان. بۇنىڭدا تۈركىستانلىقلارنى سوۋېتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىلغان.
تۈركىستان قوشۇنىنىڭ ھەربىي فورمىسى گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرقلىق تەرىپى، ئۇلارنىڭ يەڭلىرىگە باشتا “ بىز ئاللا بىلەن ”، 1944-يىلىدىن كېيىن “ تەڭرى بىز بىلەن “ دېگەن خەتلەر يېزىلغان، ئاستىدا مەسچىتنىڭ سۈرىتى بار يېشىل بەلگىلەرنى تاقىغان. ئۇلارنىڭ بايرىقىنىڭ ئۈستى يېرىمى قىزىل ئاستى يېرىمى يېشىل بولۇپ، بۇ ئىككى رەڭنىڭ ئۈستىگە ئوق بىلەن يانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
گىتلېر ،،سوۋېت رۇسىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ، ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق سلاۋىيانلارنىڭ مىللەتچىلىك ۋە كوممۇنىزمغا قارشى پىكىرلىرىدىن ھەمدە رۇسلار ئىچىدىكى كازاكلار ۋە باشقىلارنىڭ ستالىنغا قارشى ئىدىيىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بۇ مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش شوئارىنى كوتۈرۈپ چىقتى.
1941-يىلى نويابىر ئېيىدىن ئېتىبارەن پولشادا مەخسۇس تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تەييارلاش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، ھەربىي مەشىقلەردىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۆت روتىدىن تۈزۈلگەن تۈركىستان پولكى قۇرۇلدى. بۇ قوشۇن ئالدى بىلەن 1942-يىلى ئاستراخان ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە سېلىندى. بۇ چاغدىكى گىتلېرنىڭ پىلانى ئاستراخان رايونىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ، قازاقىستانغا يول ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەش بولغان. ھەتتا يەنە ئازەربەيجان ئارقىلىق تۈركمەنىستانغا تۈركىستان باتالىيونىنىڭ پاراشوتچى قىسىملىرىنى تاشلىماقچى بولغان. بىراق، كېيىن بۇ پىلان ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ھەر خىل بولۇپ، بىرىنچىدىن ئىراندا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پائالىيەت قىلىشى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، يەنە ستالىنگراد ۋە موسكۋا جەڭلىرىدە گېرمان ئارمىيىسىنىڭ تارمار بولۇشى ھەمدە تۈركىستان پولكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ يۈز ئۆرۇپ، رۇس پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ئىدى..
گېرمانىيە 1941-يىلىدىن تاكى 1944-يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسىرلەردىن ئىلگىرى كېيىن 30 تۈركىستان باتالىيونى، بىر تۈركىستان پولكى ۋە 45 تۈركىستان روتىسى، ئاخىرىدا 162- تۈركىستان دىۋىزىيىسى قاتارلىق مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملارنى قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادەم سانى 70 مىڭغا يەتكەن (بەزى مەلۇماتلاردا 100 مىڭدىن ئاشقان دېيىلىدۇ).
كېيىنكى، ۋاقىتلاردا گىتلېر گېرمانىيىسى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تۈركىستان قىسىملىرىنى ئەسلى پىلان بويىچە ئىشقا سالماي، ئۇلارنى يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە ۋە سلوۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پارتىزانلارغا قارشى جەڭلەرگە ئەۋەتكەن ھەتتا تۈركىستان 162-دىۋىزىيىسىنى ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە قويغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركۈملەپ قورال تاشلاپ، ئۇلارغا ئەسىرگە چۈشكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گىتلېر گېرمانىيىسى ئۇلارنى پارتىزانلارنى باستۇرۇش، ئارقا سەپنى قوغداش، يول ياساش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى يەتكۈزۈش، ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغان.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش