سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ نىسبىيلىكى

ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ نىسبىيلىكى

hain[1]ئەلى شەرىئاتى/قۇتلۇق بىلگە

مۇھەممەت ئابدۇھ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئۇلار دىندىن ۋاز كېچىپ ئەركىنلىك، خوجايىنلىق ۋە دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېرىشتى. بىز بولساق دىندىن ۋاز كەچتۇق، بىراق يىمىرىلىش، زىللەت، پارچىلىنىش، تەپرىقىچىلىك ۋە بىزگە مەجبۇرى تېڭىلغان، ئالدىمىزغا قويۇلغان ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدۇق». نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا ئوخشاش ئامىل، ئوخشاش ھەرىكەت، ئوخشاش سەۋەب ۋە ئوخشاش رېئاللىق ئىككى نۇقتىدا ۋە ئىككى ئىجتىمائىي شەرت-شارائىتتا تامامەن بىر-بىرىگە زىت ئىككى نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ؟چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ھەقىقەت بىلەن بىلىم ۋە پەلسەپىدىكى ھەقىقەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل بولىدۇ: ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەردە بىر مەسىلىنىڭ ھەق ياكى باتىل بولۇشى ھەققىدە چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىنىش لازىم. ھەقىقەت ھەر يەردە ۋە ھەر ۋاقىت ھەقىقەتتۇر. مەسىلەن، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنى قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلاندۇرسا بۇ ھەم ياۋروپادا ھەمدە  يىراق شەرقتە توغرا بولغان بولىدۇ. مىڭ يىل بۇرۇنمۇ ياكى مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ بۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگە بۇ خاتا بولسا ھەر ۋاقىت خاتا بولغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ھەر ۋاقىت ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقان ياكى سەل قارىلىۋاتقان بىر مەسىلە بار بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىش لازىم. بۇ سەۋەبتىن بارلىق ھۆكۈملىرىمىز مۇجمەل ۋە خاتا بولۇپ چىقىدۇ. ئىجتىمائىي  مەسىلىلەردە بىر مەسىلىنىڭ ھەق ياكى باتىل بولۇشتىن سىرت، مەزكۇر مەسىلىنىڭ قاچان، قەيەردە ۋە نېمە ئۈچۈن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك.
تونۇلغان فرانسۇز مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان رېنې لابوۋۇم مۇنداق دەيدۇ: « شىمالىي ئافرىقىنى بۆلۈۋېتىش لازىم.» ئەمما قانداق بۆلۈۋېتىش كېرەك؟ دەيدۇكى: « مەن تارىخىي جەھەتتىن شىمالىي ئافرىقا خەلقىنىڭ يېرىمنىڭ بەربەرى (يەرلىك خەلقنىڭ نامى) يېرىمىنىڭ بولسا ئەرەب ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇلارنىڭ ھېچقايسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەرەب ياكى بەربەرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ قويمايتتى. كۆزىتىشىمچە بەربەرىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىللەتچىلىك ھېسياتىنىڭ بارلىقىنى، ئەرەبلەرنىڭ بولسا كۆپىنچىسىنىڭ دىنى ھېسياتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى گۇرۇپ يەنى ئەرەبلەرنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ ئىلمىي مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش لازىم ئىدى. بىرىنچى گۇرۇپ يەنى بەربەرلەر ئارسىىدا ئىسلامىي بىرلىك ئىچىدە بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن ئەرەبلەردىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن دىن تارقىتىش كېرەك. بىراق بۇنى قايسى يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېگەندە مىللەتچىلىك ئېقىمىنى  كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.».
مىللەتچىلىك ئېقىمىنى كىتابلاردا ئىزاھلانغىنىغا ئوخشاش مۇئەييەن ئىجتىمائىي شارائىتتىن ياكى تارىخىي ۋاقىتتىن ئايرىپ تۇرۇپ چۈشىنىدىغان ئىلغار، ئىنسانىي ۋە تەبىئىي بىر ئېقىم سۈپىتىدە كۆرىمىز. بىراق بۇ ئېقىمنى، پۈتكۈل ياۋروپالىق ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە زىيالىيلارنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەت ئاساسىدا قوبۇل قىلغان بۇ خىل تەپەككۇر ئاساسىغا يۈكسەك سەۋىيىدىكى بىر ئەدەبىيات بەرپا قىلىشقان، پوپ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەسىرىنى ياۋروپادىن پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىغان ۋە ياۋروپانى  ئەركىنلەشتۈرۈگەن شارائىتنى نەزەردە تۇتۇپ ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، دەل مۇشۇ ئېقىمنىڭ شەرق بىرلىكىنىڭ يىمىرىلىشىگە، پارچىلىنىشىغا ۋە يوق قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز. مىللەتچىلىك ئېقىمى 17-ئەسىردە ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققاندا مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى بولغان. ئوخشاش ئېقىم، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقلىق زىيالىيلار تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن ۋاقىتتا، قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئويلاپ باقساق مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز. گېرمان دۆلىتىنى مۇھاسىرىگە ئالغان، ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا دېڭىز بازىسنى ئىسلام نامىغا پەتىھ قىلغان، پۈتكۈل شەرقىي ياۋروپانى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغان، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ياۋروپانى بولسا مانش دېڭىزىغىچە قىستاپ بارغان يېڭى ياۋروپانى نەپەس ئالدۇرمىغان ئىسلام ۋە شەرقنىڭ يىمىرىلمەس كۈچى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، زىيالىلىرىمىزنىمۇ تەسىرى ئاستىغا ئالغان مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تەسىرى بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىچىدىن پارچىلىنىپ ئاسانلا ئوۋغىلى بولىدىغان ئوۋغا ئايلىنىپ قالدى.
مەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەن: بىز زىيالىلار ياۋروپالىق زىياللىرىغا ئوخشاش ئويلاشقا تىرىشىمىز، مەسىلىلەرگە ئۇلارنىڭ نەزىرى بىلەن قاراشنى ئىلمىيلىك، دەپ قارايمىز. بىراق ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتلىرىنىڭ رىئالىقلىرىنى، ئېھتىياجلىرىنى، تارىخىنى نەزەرگە ئېلىپ بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىگە غايە بېكىتىدىغان، پىكىرى قابىلىيەتلەر يېتىلدۈرگەن، ئاكتىپ ۋە بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ياۋروپالىقلارنىڭ ئەكسىچە جەمئىيىتىمىز، خەلقىمىز، ئەھۋالىمىز بىلەن پىششىق تونۇشماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي ۋە كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ ئومۇمىي بولماستىن، رايون خاراكتېرلىك بولۇشى ۋەجىدىن ھەر جايدا ئەكس تەسىر ۋە سەلبىي نەتىجە ئېلىپ كەلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش