سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتى – ئەلى بۇلاچ

توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتى – ئەلى بۇلاچ

IMG_4161(2)[1]قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى
ئەگەر ئەقىلنىڭ ئىزاھلاش كۈچى بولسا، ئۇنداقتا بىر ئىسلاھات ياكى تەرتىپكە سېلىش لايىھىسمۇ بولىدۇ، دېگەن گەپ. مەۋجۇدىيەتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش مۇمكىن بولغىنىدەك، جەمئىيەت ھاياتىنىمۇ قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە مۇمكىن. دەل بۇ نۇقتىدا غەرب بىلەن ئىسلام ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك بىر پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. غەربتە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر لايىھە ياكى يېڭى بىر تەرتىپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بۇ ئەقلىي ياكى راسيونال بىر سېسىتما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامدا بولسا، بىر سىستېما ياكى تەرتىپ ۋەياكى پرىنسىپتىن بەكرەك، شەخسنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر غەربلىكتىن « بىر مەسىلە چىقتى، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز»دەپ سوراپ قالساق، دەرھال بىر لايىھە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇنى بىرتەرتىپ ياكى سىستېما ۋەياكى پرىنسىپ ئىچىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. غەربلىكلەر، لايىھە كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، لايىھەسىز ئىش قىلىشمايدۇ ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىشمايدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلماندىن « بۇ ئەسكىلىكلەرنى قانداق تۈزەلەتسەم بولار؟» دەپ سوراپ قالسىڭىز، «ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئىسلاھ قىلساڭ، دۇنيانىڭ ئوڭشىلىشىغا ھەسسە قوشقان بولىسەن» دەيدۇ. ئەگەر ئىنسان ئىشنى ئۆزىدىن باشلىسا تەبئىي ھالدا دۇنيانىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا ھەسسە قوشقان بولىدۇ. بۇ بىر پىرىنسىپ، ئىنتىزام ياكى لايىھە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا توسالغۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. پەقەت لايىھىدە بەلگىلەش رولىنى ئۆتىمەيدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ ھەرىكەت قىلىش نۇقتىسى لايىھە بولسا، يەنى مەقسەت پرىنسىپ ۋە ئىنتىزام بەرپا قىلىش بولسا، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزگىگە ئۈلگە بولغان ھالدا يول كۆرستىش ۋە ئۆزىگە بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك بىر غەرزى بولمايدۇ، دېگەن گەپ. بۇنىڭدىن غەرب كۈلتۈرىدە «شەخس»دېگەن ئۇقۇمنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدەك بىر خۇلاسىگە كېلىمىز. چۈنكى مەسىلىلىرىنى ئىرادىسىدىن ھالقىغان لايىھە ئارقىلىق ھەل قىلالىغان ئىنسان ھېچقانداق ئەشيا ۋە نەرسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالمايدۇ. كىم ئۇنىڭغا لايىھە بېكىتىپ بەرگەن بولسا ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇپ قالىدۇ. كۈنىمىزدە لايىھەنىڭ بېشىدىكىلەر ياكى ئىگىلىرى بولسا مىللىي دۆلەت ئىچىدە تەشكىلاتلانغان ئاكادېمىكلەر، ئىستىراتېگىيىچىلەر، مۇتەخەسسىلەر ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكلەردۇر. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزىنى (نەپسىنى) ئۆزگەرتەلىگەن ئىنسان ھەققىي مەنىدىكى ئىنسان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان بۇ خىلدىكى كىشىلىك ئوبرازىغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە يالغۇز ئاللاھغا يۈزلەنگەن، قۇللۇق قىلالىغان باشقا ھەرقانداق كىشى ۋە نەرسە ئالدىدا ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولغان بولىدۇ. يېقىنقى ئىككى ئەسىر ئىچىدە قۇرۇلغان ۋە كۈنىمىزدىمۇ دەۋىر سۈرۋاتقان مودېرىن (زامانىۋى) دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ، ئىنسان ھەقىقەتەن ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاۋاتامدۇ، ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۈچلەر تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىجتىمائىي قونچاقمۇ؟
مودېرىنلىق (زامانىۋىلىق) بىلەن بىرلىكتە بىر قاراش شەكىللەنگەن بولۇپ، ھاكىممۇتلەقچىلىك بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقتى. بۇ قاراش ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان بولۇپ ئېقىم سۈپىتىدە ئالدى بىلەن مەۋجۇدىيەتنى پارچىلايدۇ ۋە ھەر بىر پارچىغا يەنى قىسىمغا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن بارلىق پارچىلار ئۈستىدە ھۆكۈمران كۈچ تۇرغۇزۇپ ئىدارە قىلىدۇ. ئاكادېمىك ئۇسۇلنىڭ يوشۇرۇن غەرىزى بۇدۇر. ئاكادېمىك تەتقىقاتلاردا تەتقىقات نەتىجىسى كۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، ھېكمەت سۈپىتىدە كۆرۈلمەيدۇ. كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقماقچى بولساڭ ئىنگلىزلارغا ئوخشاش ئالدىدا پارچىلايسەن ئارقىدىن باشقۇرىسەن.
بىر پۈتۈنلۈك پارچىلانغاندا ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساس بولىدۇ، چۈنكى بىرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىدىيىسى تامامەن يوقىلىپ بولغان بولىدۇ. بولۇپمۇ مودېرىنلىكنىڭ (زامانىۋىلىقنىڭ) مىراسنى تاپشۇرۇۋالغان  كۈنىمىزدىكى پوستمودېرنىزىملىق دەۋىردە ھەقىقەتنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، بىرلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ئەسىرمۇ قالمىدى. بۇ سەۋەبتىن يېڭى دەۋىردە فاشىزم ۋە كوممۇنىزم قاتارلىق چوڭ تۈزۈملەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئويلاشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. بۇ، مودېرن دۇنيانىڭ مالىمانچىلىق نەزەرىيىسىنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ھەر پارچە بىر تەرەپتىن نىسپىلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر پۈتۈنلۈكتىن، بىرلىكتىن ۋە باشقا پارچىلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولماقتا. ھەر پارچە نىسپىيلەشكەنسېرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىمۇ قۇرۇپ چىقالايدۇ. بۇلارنىڭ بۆلۈنگەن ۋە توقۇنۇش – رىقابەتچى ۋە دۈشمەن خاراكتېرىنى ئالغان سىستېمىسى، مالىمان دۇنيا ياكى مودېرنلىق تۈزۈم، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مودېرىن يەنى زامانىۋى جەمئىيەتلەردىكى نۇرغۇن ئۇنسۇرلار يالغان ۋە پارچىلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، پارچىلارنى مۇستەقىل ھالەتكە يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننى تېخىمۇ ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرىۋېىتىدۇ. بىردىن ئارتۇق ئورگان، بىلىم، خىزمەت، تۈزۈم، دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ بىردىن ئارتۇق مۇستەقىل ساھەسى ئىنسان كىشىلىكنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىنساندىن، يەنى ئويغىنىش ئېقىمى كۆككە كۆتۈرگەن ئىنساندىن پەرقلىق بىر رول ئويناشنى تەلەپ قىلىدۇ. 24 سائەت ئىچىدە ئىنسان، بەلكىم قانچە ئونلىغان كىملىككە ئېرىشىپ بۇنىڭغا ماس ھالدا رول ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بىر پۈتۈنلۈك ۋە بىرلىك تۇيغۇسى تامامەن ئۆلگەن بولىدۇ. نىرۋا ئاجىزلىق كېسەللىكى بىلەن روھىي كېسەللىكنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى دەل بۇ يالغان ۋە بۆلۈش خاراكتېرىگە ئىگە ئۇنسۇرلارنىڭ ۋە ئىچكى مالىمانچىلىقنىڭ ئىپادىسى، خالاس.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش