سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قەلبنىڭ داۋاسى – ئەلى بۇلاچ

قەلبنىڭ داۋاسى – ئەلى بۇلاچ

ali-bulac-islamcilardan-romanci-ve-tiyatrocu-cikmaz-1608121200_m[1]قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى
ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى تىزگىنلىشى دېگەنلىك ئېھتىياج ۋە ئارزۇلارغا توسالغۇ بولۇش دېگەنلىك بولمايدۇ. مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش يەپ-ئىچەتتى، تەبىئىي ئېھتىياجلىرىنى قامدايتتى. بىراق روھىنى تېنىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرمايتتى، نەپسىنى قىينايدىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى قىلمايتتى.
لىۋاننىڭ ئەپسانىۋى مۇجاھىدى ئۆمەر مۇختەر ئىتالىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا ئىتالىيەلىكلەر ئۇنىڭدىن «سىزنى بۇنچىلىك كۈچلۈك قىلغان زادى نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۆمەر مۇختەر ئاددىيلا قىلىپ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بىز ئېھتىياجىمىز قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك يەپ-ئىچىمىز. دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەيمىز. قورال ۋە ئىقتىسادى كۈچىمىز ئاجىز بولسىمۇ پىكىرلىرىمىز، ئىدىيەلىرىمىز ناھايىتى كۈچلۈك، بۇ دەل بىزنى سىلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ.» بۇ جاۋاب ئۆزىنى تىزگىنلەشنىڭ ئىنساننى ھەققىي يوسۇندا ئەركىن قىلالايدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەربىي ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىنڭمۇ بۇنىڭغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھايات تاللاش يولى بولىدىغان بولسا، شەخسلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتلەرمۇ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، دېگەن گەپ. بەزىلەر نوقۇل تىرىكچىلىكنى تاللىغان بولسا، بەزىلەر ئەركىنلىكنى تاللايدۇ. زۆرۈر تېپىلسا يەۋاتقان نېنىمىزدىن پىدا قىلمىغۇچە ئەركىنلىككە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئېرىشەلمەيمىز. ئىنسان ئابروي، ھوقۇق، كۈچ، مەنپەئەت قاتارلىقلاردىن ئۇزاق تۇرالىسا ياكى بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلالىسا ئاندىن ھەققىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلىگەن بولىدۇ. 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇتەپەككۇر ۋە جەمئىيەتشۇناس ئەلى شەرىئاتى ئىنساننىڭ داۋاملىق تۆت زىنداننىڭ ئىچىگە قامىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ تۆت زىندان تۆۋەندىكىچە: ئىنسان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىدىغان جەمئىيەت زىندىنى، بۇنىڭدا ئىنسان جەمئىيەت ئالدىدا تامامەن پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنسان تارىخنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىدىغان تارىخ زىندىنى، يەنە مەجبۇرىي تېڭىلغان تارىخ، جۇغراپىيە زىندىنى، ئەڭ ئاخىرقىسى نەپىس زىندىنى بولۇپ، بۇ زىندانلاردىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان ئىنسان ھەققىي ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ئىنسان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ تۆت خىل زىندان جەمئىيەتتىن جەمئىيەتكە، بىر مىللەتتىن  يەنە بىر مىللەتكە ئوخشىمايدۇ.
يەر شارىلىشىش، لېبىرال ئىقتىسادى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك «كەڭرى» سىياسەتلىرى ياكى «قانۇنلارغا رىئايە قىلىش»نىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي ماشىنىلاردا، ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرالىغان، ئىلغار تېلېفونلارنى ئىشلىتەلىگەن، قورسىمىقىزغا تويغۇدەك تائاملارنى يېيەلىگەن  بولساق مۇنۇ سوئالنى سوراپ باقساق بولىدۇ: بىز بۇ شارائىتلارغا ئىگە بولدۇق، بىراق مۇشۇلارغا ئاساس سالغۇچىلار، تۈزۈم مۇھاپىزەتچىلىرى  ياكى پۇلدارلار ۋەياكى كۆرۈنمەس كۈچلەر قانچىلىك بېيىدى، ئۇلار بۇلارنى يارىتىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ھەر تۈرلۈك غەرىزىگە قانچىلىك ئېرىشتى؟ بىزنى «بېيىتىش»نى نىشان قىلدىمۇ؟ ياكى سىياسىي ۋاسىتە قىلدىمۇ؟ ۋەياكى بىزگە بىرنىلا بېرىپ ئۆزىگە 99 نى ئېلىۋالدىمۇ؟ بۇ سېلىنمىلارنى بىزدىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ يەنە بىزگە قايتۇرۇپ بەردىمۇ؟ ئېيتايلۇق، يېقىنقى يىللاردا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پالان تىرىليون دوللاردىن پالان تىرىليون دوللارغا يەتتى، ئۇنداقتا بۇنچىلىك كۆپ تىرىليون دوللار پۇقرالار ئارىسىدا قانداق تەقسىم قىلىندى؟
ئەجەبا بۇلار ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالىرى ئاسمانغا دۇئېل ئېلان قىلىدىغان چوڭ شەھەرلەر بەرپا قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئىنساننىڭ زېمىندا ئارام تاپالايدىغان يېرى چەكلىك. ئاشقازىنىمىزنىڭ قۇربى تېخىمۇ چەكلىك. كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يەيمىز، ئون ۋاخ تاماق يېيىشكە ئۇرۇنساق قورسىقىغا ئامراق رىملىقلارغا ئوخشاش ئۆيلىرىمىزدە ھامام داسلىرى ياساپ ھەر يېرىم سائەتتە قۇسۇشقا باشلايمىز. بۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ. ئىنسان مال-دۇنيا توپلاپ ئەڭ تەبىئىي ھەققىي بولغان ئەمگىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى «مۈلۈكچىلىك»نى «مۈلۈك»كە ئايلاندۇرىدۇ. مۈلۈك ئىقتىسادى ۋە سىياسىي كۈچ دېگەنلىك بولىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر «ئادالەت مۈلۈكنىڭ ئاساسى» دېگەن. مۈلۈك ئادالەتنىڭ ئاساسىغا تىكلەنسە كۈچ ئىشلىتىشنىڭ دائىرىسىنى ئەخلاق ۋە قانۇن بېكىتىدۇ. بۇنى نىشان قىلغان سىياسەت مۈلۈكنى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلالايدۇ. بىراق مۈلۈك ۋە سىياسەت شەھۋەتكە، كۈچكە، ئابرۇيغا، مەنپەئەتكە مەركەزلەشسە ئىنسان ماددىغا يەنى كۈچكە يۈزلىنىدۇ. دەۋرىمىزدە ھەر قايسى دۆلەتلەردە بولۇپمۇ ali-bulac-islamcilardan-romanci-ve-tiyatrocu-cikmaz-1608121200_m[1]مۇستەبىت دۆلەتلەردە بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىر دۆلەت كادىرى ئۆز نەپىسى، ئايالى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك راھەتلىك ئارزۇسىغا بېرىلسە، چوقۇم قوشۇمچە كىرىمگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەبىئىي ھالدا ناتوغرا يولدىن كىرىم قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ باشقا كەسىپ ئىگىلىرىدىمۇ ئوخشاش. دېمەككى، نەپىسنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چوقۇم بىر مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە تىزگىلىمىسەك قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى نەپىسنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. ئەكسىچە بولسا ئىنسان ئۆزىنىڭ ھارام، جىنايەت ۋە ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا كىرىپ قالغىنى بىلمەيلا قالىدۇ.
مۇنۇ سوئالىنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: بىز قايسى نۇقتىغىچە راھەت ۋە بەھۇزۇر تۇرمۇش تەلەپ قىلالايمىز؟ مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن: «دۇنيادا راھەتلىك يوق». يەنى دۇنيا راھەت تاپىدىغان جاي ئەمەس. بۇ ئۆزىمىزنىڭ نەپسىگە زۇلۇم قىلايلى، ماددىي تەرەققىياتقا سەل قارايلى دېگەنلىك ئەمەس. بۇ دۇنيادا جەننەت بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن مەنىگە كېلىدۇ.  بۇ زامانىۋىلىقنىڭ تۇزىقى خالاس. ئەبەدىي ھۇزۇر ۋە ئامانلىق ئۇ دۇنيادا. بۇ دۇنيا ئۇ دۇنيادىكى ھۇزۇرغا ھازىرلىقتۇر. «دۇنيا مۆمىننىڭ زىندانىدۇر» بۇ روھىمىزنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە قايتىش ئارزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك. دۇنيا بىر «پىتنە يۇرتى»دۇر. پىتنە يۇرتى بولۇشى ئىنسانغا نىسبەتەن ئالتۇنغا ئوخشاش ساپلىشىشى ئۈچۈن قىيىنچىلىقلاردىن ۋە مۇشكۈل سىناقلاردىن ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر. دۇنيادا تولۇق مەنىدە كۆيۈپ ساپلاشمىغان ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە دوزاختا كۆيۈپ ساپلىشىشنى تاماملىشىشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا ئوتىغا سەبىر قىلالمىغان ئىنسان دوزاخ ئوتىغا چىداشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەلكىم بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ساپلىشىشىنى تاماملىشى مۇمكىن. كىچىك بىر شىپاخانىدا داۋالىنالمىغان بىمار چوڭ شىپاخانىلارغا ئەۋەتىلىدۇ. ئەڭ چوڭ كېسەللىك قەلبنىڭ كېسەللىكىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنى بۇ دۇنيادىلا داۋالاشقا باشلاش كېرەك. داڭلىق ئىسلام ئۆلىملارىدىن بىرى : «جەننەت ئەرزان نەرسە ئەمەس، دوزاخ كېرەكسىزمۇ ئەمەس» دېگەن ئىكەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش