You Are Here: Home » ئومۇمى » مەزىننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى(ھىكايە) – ياسىن ئەبەيدۇللا

مەزىننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى(ھىكايە) – ياسىن ئەبەيدۇللا

image

ئۇيغىنىپلا ئاسمانغا قارىدىم، بامداتقا ئەزان ئېيتىشقا تىخى بالدۇر ئىدى. مەن نىپىز يۇتقاندىن  ئېھتىيات بىلەن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئولتۇردۇم. ئاپپاق ئاي نۇرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان مەھەللە جىمجىت بۇلۇپ خورازلارنىڭ چىللاشلىرى تىخى باشلانمىغانىدى. بېشىدىكى ياغلىقنى يەشمەيلا ياتقان ئايالىم يىنىككىنە ئۆرۈلدى- دە ئاي نۇرى يۈزىگە چۈشتى. ئۇ كۈلۈمسىرگەن بىر ھالدا ، كىچىككىنە ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئاي نۇرىدا ئۇچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كىچىنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇنىڭ چىرايىغا مەستانىلەرچە قاراپ خىيالغا كەتتىم.
    ئون بەش يىل ئاۋۋال، مۇشۇ  كۈلۈپ تۇردىغان چىرايلىق يۈزنىڭ،مۇلايىم ، يىقىملىق سۆزلەيدىغان ئاشۇ كىچىككىنە لەۋنىڭ، جان ئالغۇچى ئۇزۇن -ئۇزۇن كىرپىكلەرنىڭ ئىگىسىگە ئاشىق بولغان ئىدىم. ئەمما ھاجى ئاتامنىڭ سۆزلىرى باشقىچە ئىدى. قىزنىڭ ئاتىسىنى ياقتۇرمايتتى، شۇ سەۋەب قىزنى ماڭا لايىق كۆرمەيتتى، تۇغرىراقى ئۆزىگە كىلىن قىلىشقا لايىق كۆرمەيتتى.ئائىلىمزنىڭ باشقا ئەزالىرى، ئاپام ۋە ئاكىلىرىم، ئاچام ئەلۋەتتە ئاتامنىڭ دىگىنىگە شەرتسىز قۇشۇلاتتى. مەنمۇ ئاتامغا ئامراق ئىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق كۆرەتتىم شۇڭىمۇ ئۇنىڭ تەلىپى بۇيىچە مەدرىسلەردە ئۇقدۇم، قۇرئاننى تۇلۇق يادىلاپ قارى بولدۇم. ئۇنىڭ ھىمايىسى ۋە تەربىيسىدە  كىچىك تۇرۇپلا يۇرت -مەھەللىدە ھۆرمەتلىك شەخسكە ئايلاندىم.
لىكىن مەن يەنىلا مۇستەقىل بىر پىكىرگە ئىگە ئادەم ئىدىم. ھاجى ئاتام بىلەنمۇ قارىشلاشقۇم يوق ئىدى. شۇڭا بىر كۈنى كىشلەرگە بىلىندۇرمەيلا قىزنى ئىلىپ كۇنپىتىش تەرەپلەرگە مىڭىپ كەتتىم. ئاخىرى بېرىپ قالماق دىيارىغا بېرەپ تۇختىدىم. ئەلۋەتتە مۇسۇلمان يۇرتلىرىدىن چىققۇچە نىكاھ ئۇقۇتىۋىلىشنى ئۇنتىمىدىم. ئىككىمىز  مىجەزى ياخشى، كەڭ قۇرساق، خۇشچىراي  بىر قالماقنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدۇق. قالماق ئاۋۇلدىكى ھايات يۇرتقا ئۇخشىمايتتى. جاپالىق ئەمەس ئىدى ئەمما كۆنەلمىدۇق. بىر يىلدەك تۇرۇپ يەنە قايتتۇق. لىكىن مەھەللىمىزگە ئەمەس باشقا بىر كىچىككىنە مەھەللىگە كەلدۇق.
بۇ مەھەللىدىكى كىشلەر مېھماندۇسىت، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەملەردىنكەن. مېنىڭ قىرائەتلىرىمنى ئاڭلاپ قايىل بۇلۇشتى. ماڭا ئۆي، يەر بېرىشتى، ھۆرمىتىمنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەرلىك بۇلۇپ قالدىم. مانا ھازىر…….
-ھەي!!!!!
ئايالىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز خىيالدىن چىقتىم. قارىسام ئۇ ياستۇققا تايانغىنچە ماڭا قاراپ تۇرۇپ كىتىپتۇ.
– نىمە خىيالغا پىتىپ كەتتىلە، چاپسان تۇرسىلا ئەزاننىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە جامائەت كىچىكىدۇ.- دىدى ئايالىم يەنە شۇ تاتلىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن.
– راسىت ۋاقتى تۇشۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ،  بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.- دىدىم مەن ۋە ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
– شوتىدىن چۈشكىچە ئېھتىيات قىلىڭ ھە.- دىدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن.
مەن ” ھە ” دەپ قۇيۇپ كەشىمنى كىيىپ شوتا تەرەپكە ماڭدىم. ھەربىر دەسسىشىمدە شوتا غىچ -غىچ ئاۋاز چىقىراتتى.
مەسچىت مەھەللىنىڭ سىرتىداراق بۇلۇپ ئارلىقتا بىر قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈشكە تۇغرا كىلەتتى. يولدا ئازراق تۇڭلىغاندەك بولدۇم شۇڭا پەرىجەمنى چىڭ يۆگەپ تۇگۇلۇپ دىگۈدەك ماڭدىم. ئەتراپ شۇنچە جىمجىت، ئايغىمدىن چىققان ئاۋاز ۋە يۇپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قەبرىستانلىقتىن ئۈتكۈچە سەل تىنىم شۈركەندى، ھەركۈنى بەش قېتم ئۈتەتتىم .بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ، پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر، يەنە كىلىپ ئىنتايىن تۇنۇش بىر يولدا كىتىۋىتىپ قورقۇنۇچقا چۈشكنىم نىمىسى دىدىم ئۆزۈمگە. ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان يۇغان ئۈجمىنىڭ يېنىغا كىلىشىمگە نەدىندۇر بىر قاپقارا مۈشۈك مىياڭلاپ پەيدا بۇلۇپ تىخىمۇ ئەرۋايىمنى ئۇچۇردى. ئۇ چاقناپ تۇرغان كۆك كۆزلىرى بىلەن ماڭا بىر پەس قارىۋىتپ مەھەللە تەرەپكە كىتىپ قالدى.
ئىچىمدە بىر قىسىم ئايەتلەرنى ئۇقۇپ ماڭدىم، جىنغا يۇلۇقتۇممۇ يا دەپ دۇئايى قۇنۇتنىمۇ ئۇقۇدۇم. ئاخىرى مەسچىتكىمۇ كەلدىم، نامازخانىنى يورۇتۇپ قويۇپ ئاندىن ئەزان توۋلاي دەپ ئويلىدىم، ئەسىلدىمۇ كۈندىلىك ئادىتىم شۇنداق ئىدى. نامازخانە ئىشكىنى شۇنداق تۇتۇشۇمغا ئىچىدىن  يات بىر تىلدا پاراڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ كىملەردۇر؟ دىگەن سۇئال كاللامغا كەلگەن چاغدا ئىشىك ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇنچە تىز ۋاقتنىڭ ئىچىدە ماڭا تەڭلىنىپ تۇرغان ئەگرى قىلىچنى كۆردۇم ۋە كەينىمگە داجىدىم.
– كىم سەن؟- دىدى قىلىچ تۇتقان كىشى قالماقچە.
– مەن، مەن مەزىن مۇشۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى بۇلىمەن -دىدىم ھۇلۇقۇپ.
بۇ چاغدا مەن بايا قولىنىلا كۆرۈپ تۇرغان قالماق سىرىتقا چىقتى، ئۇ ئوتتۇرا بوي ئەمما تەمبەل ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن شاراقلىغان، تاراقلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئالتە قالماق چىقىشتى. ھەممىسىنىڭ يانلىرىدا قىلىچ تۇراتتى.
– مەزىن دىگىن، ئۇ نىمە قىلىدىغان ئادەم؟- دىدى كىيىن چىققانلاردىن بىرى- سەن تىخى قالماقچىنىمۇ بىلدىكەنسەن ھە.
– مەزىن شۇ كىشلەرنى نامازغا چاقىرىدۇ. ئەنە كۆرگەنسىلەر، ئاۋۇ ئىگىز پەشتاققا چىقىپ كىشلەرنى نامازغا چاقىرىمەن.
ئەڭ كەينىدە چىققان پاكارراق بىرى بايا مەندىن سۇئال سورىغان قالماققا يىقىن كىلىپ بىرنىملەرنى دىدى، قارىغاندا سۇئال سورىغان بۇلارنىڭ باشلىقى بولسا كېرەك مەن شۇنداق ئويلىدىم. قىلىچ يەنىلا بوينۇمدا تەڭلەگلىك تۇراتتى. باشلىق قالماق پاكارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن تۇساتتىن كۈلۈپ، قولى بىلەن ماڭا تەڭلىنىپ تۇرغان قىلىچنى چۈشۈرۈش ئىشارىسى قىلدى. ئاندىن يېنىمغا كىلىپ:
-ھۆرمەتلىك مەزىن، پەشتاققا چىقىپ ئەزان ئېيتىڭ، بىزمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئۇقۇيلى. – دىدى.
ئۇنىڭ بۇ قەدەر دۇستانە سۆزلەرنى قىلىشنى ئەسلا ئويلىمغانتىم. چۈنكى يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قالماقلارنىڭ يۇرتلارغا كىلىپ قىلۋاتقان ئەسكىلىكلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. مال -چارۋىلرىنى بۇلايتتى، خۇتۇن قىزلىرىنى ئەپ قاچاتتى، بەزىلىرى ئادەم ئۆلتۇرەتتى. ئاڭلىسام خان،بەگلەر ئارسىدا جىدال -ماجرا تۇگىمەپتۇمش.شۇڭا يۇرت ئىگىسىز قىلىپ، ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا تالان- تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ كىتۋىتىپتۇمىش. قارىغاندا بۇ قالماقلار يامان نىيەتتە كەلمىگەن ئۇخشىمامدۇ دەپ ئويلاپ مېڭىشقا تەمشەلگىنىمدە، باياتىن جىم تۇرغان قالماقلاردىن بىرى كىلىپ ئالدىمنى تۇسىماقچى بولدى. ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل ۋەھشىيلىك بار ئىدى. بۇ چاغدا باشلىقى ئۇنى تارتىپ مەندىن سەل يىراقلاتتى ۋە تۆۋەن ئاۋازدا:
– ئۇ ھەممە ئەرلەرنى چاقىرىپ كەلسە مەسچىتتە ئۆلتۇرۇپ تاشلايمىز، ئاندىن مەھەللىگە كىرسەك بىزنى تۇسۇغىدەك ئادەممۇ قالمايدۇ، نىمە قىلغىمىز كەلسە قىلىۋېرىمىز- دىدى. ئۇنىڭ گىپى تۈگەپ ئاز ئۈتمەي كۈلكە كۈتۈرۈلدى. بۇ كۈلكىدە مەسخىرە ئۇچۇپ چىقىپ يۈرىكىمگە تەگدى.” مەن ئۇلارغا ئۆز خەلقىمنى بۇغۇزلا دەپ چاقىرىپ ئەكىلىپ بېرەمدىم؟” ئويلاپلا تىترەك باستى.
قەدەملىرىم ئېغىرلاشقان ھالدا پەشتاققا ماڭدىم، نەچچە مىڭ قېتىملاپ چىققان بۇ پەلەمپەيلەر ئەجەل پەلەمپىيىدەك بىلىنىشكە باشلىدى. نەچچە قەدەمدە بىر ئىچىمدە ئۇھ تارتىپ قوياتتىم. ئاللاھتىن ئاسانلىق، نۇسرەت يۇلى تىلىدىم. گۈمبەرگە چىققان چېغىمدا ناماز ۋاقتى ئاللىقاچان بۇپ بولغان  ئىدى. ھەتتا بەزى جايلاردا خورازلارنىڭ چىللاشلىرىمۇ ئاڭلىناتتى. مەھەللە تەرەپكە قارىدىم، تېرەك، ئۈجمە، ئۆرۈك دەرەخلىرى ئارسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىدە كىشلەر تىخى بۈگۈنكى پاجىئەدىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئاياللارنىڭ قىيا -چىيالىرى، بالىلارنىڭ يىغلاشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئەرلەرنىڭ قاتىلى مەن بۇلاتتىم. ياق ھەممىنىڭ قاتىلى مەن بۇلاتتىم. بۇ تەقدىرگە ئامال قىلماي، قىلالماي تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ بۇنىڭ بىرەر ئامالى يوقمۇ؟ ئەزان توۋلىشىم كېرەك، نامازغا چاقىرىمەن. ئەمما ئۇلارنى كۆتۈپ تۇرغىنى قىلىچ! خەلقىمنى قىلىچقا تۇتۇپ بېرىش بەك نۇمۇسلۇق ئىش، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۆزۈمنى پەشتاقتىن ئاتقىنىم ياكى ئاۋۇ قالماقلار بىلەن ئېلشىپ ئۆلگىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ بۇرۇلۇپ پەلەمپەيگە چۈشتۇم، بىر نەچچە قەدەم ئىلىپ يەنە تۇرۇپ قالدىم. مەن ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن تەقدىردىمۇ مەھەللىدىكلەر بۇ قالماقلارنىڭ قانلىق قولىدىن قۇتۇلالماي قىلشى مۇمكىن. ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزۈش كېرەك . تۇغرا! كۆڭلۈم تۇرۇپلا يورۇپ كەتكەندەك بولدى، بىر خىل ئىشەنىچ تۇيغۇسى پۈتۈن جىسمىمغا تارىغاندەك بولدى. شۇنداق قىلاي دىدىم ئۆزۈمگە ۋە چوڭقۇر نەپەس ئىلۋىلىپ قۇلاقنى تۇتۇپ توۋلاشقا باشلىدىم.
– ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر! جامائەت! قالماقلار كەلدى، قالماقلار كەلدى! تاياق- تۇقماق، تىغ – ياراقلارنى ئىلىپ چىقىڭلار! يەتتە قالماق مەسچىتكە كەلدى. تىز كىلڭلار ! تاياق – تۇقماق ئىلىپ كىلىڭلار!
بىر نەچچە رەت شۇنداق دەپ توۋلىدىم، مەھەللە تەرەپتىن يورۇقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئاندىن ئاۋازلارمۇ ئاڭلاندى. مەن ئۈمىد بىلەن مەھەللىگە قاراپ تۇردۇم. ئۇلارنىڭ تىزراق كىلشنى بۇ بەدنىيەتلەرنى تىزرەك يۇقىتىشنى ئويلىدىم.
– ھۆرمەتلىك مەزىن، ئەزان توۋلاپ بولدىڭىزمۇ؟
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ گەپتىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم، باشلىقىنىڭ قولقىغا پىچىرلىغان ھېلقى پاكار قالماق ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇلار مېنىڭ نىمە دەپ توۋلىغىنىمنى بىلگەنمىدۇ دەپ ئۆزۈمچە ئەندىشىگە چۈشتۇم.
-ھەئە- دىدىم سەل دىلغۇل بۇلۇپ.
-ئەمسە پەسكە چۈشەيلى، ئاتامان سىزنىڭ ناماز ھەققىدە تەلىم بېرىشىڭىزنى كۈتمەكتە.- ئۇ شۇنداق دەپ قولى بىلەن پەلەمپەينى كۆرسەتتى.مەن ئۇنىڭ ئىپادىسىز قىتىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ قۇيۇپ پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدىم. ئۇ خۇددى مىنى يالاپ ماڭغاندەك كەينىمدىن ئەگەشتى.
ئالتە قالماق نامازخانا ئالدىدا قاتارى تۇراتتى. مەن ئىلىپ كىلىنگەندە باشلىق قىلىچنى شاراقلىتىپ ئىككى قەدەم ئالدىغا مىڭىپلا يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا يەنىلا بىر خىل مۇغەمبىرانە كۈلكە بار ئىدى. ئۇ گەپ قىلماستىن ئۈستى -بىشمغا قارىغانچە بىر چۆرگىلىدى. ئاندىن ئۇدۇلۇمدا تۇختاپ:
– مەزىن، بىزنىڭ تىلنى بىلدىكەنسىز،ئەمما مەن سىلەرنىڭ تىلىڭلارنى بىلمەيمەن. بايا نىملەرنى دەپ توۋلىغىنىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز؟ -دىدى.
– كىشلەرنى نامازغا، ئىبادەتكە چاقىردىم -دىدىم يەرگە قاراپ تۇرۇپ.
– ئۇنداقتا ياخشى، بەك ياخشى بۇپتۇ- دىدى ئاندىن چەتتە تۇرغان ئىككىسىگە – سىلەر ئىچىگە كىرىپ……
ئۇنىڭ گىپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا نامازخانىنىڭ يان تەرىپىدىن “گۇپ” قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ بايقى ئىككىسگە قاراپ بىقىڭلار دىگەن ئىشارەتنى قىلدى. ئىككىسى تىخى ئون مىتىر ماڭمايلا بىرى يىقىلدى، ئۇنىڭغا ئۇقيا تەگكەنىدى.ئوق مەسچىت يېنىدىكى ئۈجمە دەرىخىدىن كەلگەنىدى. قالماقلار بىردەمدە پاتپاراق بۇلۇشتى، نىمە ئىش بولغىننى بىلىپ بولغۇچە يەنە بىر ئوق كىلىپ باشلىقىنىڭ كۆزىگە سانجىلدى. شۇ چاغدا مەسچىت ئىشىكى ئىچىلىپ تاياق تۇقماق، كەتمەن جۆتۈ كۈتۈرگەن جامائەت يۇپۇرلۇپ كەلدى. مەن جامائەت تەرەپكە ماڭدىم. قالماقلار بۇنى كۆرۈپ، يارىلانغان باشلىقنى يۆلەشكىنىچە كەينىگە داجىشتى. بۇ چاغدا نامازخانە كەينىدىن بىر نەچچە يىگىت يۈگۈرۈپ كەلگەنىدى، قالماقلار ئەمدى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ قىلىچلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى.
مەندىكى ۋەھىمىلەر تاراپ كەتكەنىدى. ئاللاھقا شۈكرى بىر پاجىئەدىن ئامان قالدۇق. باياتىن ئوق تىگىپ يىقىلغان قالماق ئۆلگەنىدى. قالغانلىرىنى بولسا قۇرالللىرىنى ئىلىۋىلىپ، ئەمدى كەلمەسلىك ھەققىدە جىق نەسىھەتلەر قىلىپ قۇغلىۋەتتۇق. يۇرت چوڭلىرىنىڭ بۇ ئىشى ياشلارغا تازا ياقمىدى. ئۇلار ئۆلتۇرۇش كېرەك ئىدى دىيىشتى. ئەمما چوڭلار ئامانلىقنى، زىددىيەت ئۇرۇقى تېرىماسلىقنى خالايتتى. ئادەم  رەھىمدىل بۇلۇشى كېرەك دەيتتى.مەن پەشتاققا چىققاندا كاللامغا كەلگەن قانلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ يۈز بەرمىگىنى ئۈچۈنلا خۇش ئىدىم.
:ئەسلى مەنبە
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=53586#Inkas

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top