ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » ئۇيغۇرلارنىڭ تىل سەنئىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل سەنئىتى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلىكىگە مۇناسىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل سەنئىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان. بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق نۇرغۇن ياد نامىلاردىن باشقا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى ئېتىقاد ئادەتلىرى، تارىخىي ۋە تۇرمۇش ئادىتى مەزمۇن قىلىنغان تىلى گۈزەل، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقى، تەرەققىي قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئېئىغىز ئەدەبىياتى يازما ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى. ئېغىز ئەدەبىياتى بولسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا ئېغىز تىلى ئاتقىلىق يارىتىلىپ، تارقىلىپ، بايان قىلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈرى كۆپ، مىللىيلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئەپسانە، رىۋايەت، (مەدداھلىق)، ھېكايە-چۆچەك، بېيىت(نەزمە)، قوشاق (ناخشا-غەزەل)، ماقال-تەمسىل، تېپىشماق، مەسەل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەپسانە: ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ جاھالەت دەۋرىدە تەبىئەتكە قارىتا پەيدا بولغان بېقىنىش-سېغىنىش تۇيغۇسى ئارقىسىدا يارىتىلغان ھەر خىل ئىلاھلارغا ئوخشاش ئەقىلگە سىغمايدىغان ھېكايىلەر «ئەپسانە» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق ئەپسانىلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالغان. مەسىلەن، يەر-زېمىن ۋە ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇيغۇرلانىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، يەر تەۋرەش، يامغۇر يېغىش، كۇھىقاپ توغرىسىدىكى ئەپسانىلەرگە ئوخشاش. ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى ئەپسانىدە خۇدانىڭ ئالدى بىلەن يەتتە قات ئاسمان، يەتتە قات زېمىننى ياراتقانلىقى، ئاندىن تۇپراقتىن ئادەم ياساپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن ھاۋا ئانامنى ياساپ، ئۇ ئىككىسىگە ئەرشتىن (جەننەتتىن) ئورۇن بەرگەنلىكى؛ ئادەم ئاتا شەيتانغا ئالدىنىپ بۇغداينى يەپ قويۇپ، ئەرشتىن زېمىنغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئۇ ئىككىسى يەرگە چۈشكەندە زېمىننىڭ مۇز ئىكەنلىكى، ئۇلار مۇزدا يېتىپ-قوپۇپ يۈرۈپ پەرزەنتلىك بولۇپ، دۇنيادىكى ئادەمزات ئادەم ئاتام بىلەن ھاۋا ئانامنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئاپىرىدە بولغانلىقى ھېكايە قىلىنسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئادەم ئاتام بىلەن ھاۋا ئانامنىڭ تۇنجى پەرزەنتى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ياپەستىن تارالغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. 
يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى رىۋايەتتە زېمىننىڭ ئەڭ ئاستىدا يوغان بىر ئۇي بارلىقى، ئۇنىڭ زېمىننى بىر مۈڭگۈزىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، مۈڭگۈزى تالغاندا ئۇ مۈڭگۈزىدىن بۇ مۈڭگۈزىگە يۆتكىگەندە يەر تەۋرەيدىغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. 
يامغۇر توغرىسىدىكى ئەپسانىدە يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە قۇشلارنىڭ پادىشاھى بارلىقى، ئۇ ياز كۈنلىرىدە ئىسسىققا چىدىماي پات-پات سۇغا چۆمۈلىدىغانلىقى، سۇدىن چىقىپ راھەتلىنىپ، قاناتلىرىنى كېرىپ سىلكىگەندە تۆت ئەتراپقا سۇ تامچىلىرى چاچرايدىغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. 
كۇھىقاپ توغرىسىدىكى ئەپسانىدە مۇنداق ھېكايە سۆزلىنىدۇ: يەر يۈزىدىكى ئادەمزاتقا زىيانداش دىۋە-ئالۋاستىلارنى خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن كۇھىقاپقا سولاپ ئاغزىغا يوغان بىر تاغ ئۈندۈرۈپ قويغانىكەن. بۇ يەردە بىر يەتتە باش يالماۋۇز بولۇپ، ئادەمزات ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن كۈندۈزى مىنىپ چىقىدىغان توكۇر ئېشىكىگە توقۇم تىكىش بىلەن بەنت بولىدىكەن. توقۇم پۈتەي دېيىشىگە كۈن كەچكە تاياپ مۈگىدەك تۇتىدىكەن-دە، بىر ئاق خوراز كېلىپ تاتىلاپ-تاتىلاپ توقۇمنى چۇگۇۋېتىدىكەن. يالماۋۇز ئاچچىقىدا ئۇ يەردىن چىقىشقا تۆشۈك ئېچىش ئۈچۈن تىلى بىلەن تاغنى يالاشقا تۇرىدىكەن. تاغ ئەمدى تېشىلەي دەپ قالغاندا، توخۇ چىللايدىكەن-دە، تاغ يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالىدىكەن. 
ئۇيغۇرلارئىچىدە ئادەتتە شامال چىقىپ توختىمىسا «كۇھىقاپنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتكەندەك چىقتى» دېگەن ئادەت تىلىمۇ شۇ كۇھىقاپ ئەپسانىسى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. 
بۇنىڭدىن باشقا ھەزرىتى لۇقماننىڭ 1000 يىل ياشاپمۇ خۇدا ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەزرائىلنى ئەۋەتكەندە، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئادەم ياساپ ئۆزى ئوتتۇرىدا تۇرۇۋېلىپ ئەزرائىلنى ئالدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەرگە ئوخشاش ئەپسانىلەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە ھازىرغىچە ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە.
رىۋايەت: رىۋايەتلەر ئەپسانىلەر ئاساسىدا يارىتىلغان بولغاچقا ئەپسانىۋى تۈس ئالغان، ئەمما بايان قىلىدىغان ۋەقەلىكلەر ئاساسەن ئەقىلگە سىغىدىغان ۋەقەلىكلەردىن ئىبارەت. بەزى زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ مەنبەسىمۇ رىۋايەت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر، تارىختابولۇپ ئۆتكەن زور ۋەقەلەر، مۆچەل توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ھەرقايسى رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇ رىۋايەتلەردە ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇ رىۋايەتلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد، ئەقىدە، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلار جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك داستان-قىسسە شەكلىدە يارىتىلغان «ئوغۇزنامە» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن خوتەن ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدىكى «بىرنى بىر دېگۈلۈك» رىۋايىتى، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشقا، سودا-سېتىققا چىڭ، ماھىرلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر، ئاتۇش كاتتايلاقتا قىشتا 12-ئايدا بۇلاق بويىدا دىلپار چېچەكلەپ قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋەيەت، كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۈشۈكنى پولوغا باسقانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت، ئاقسۇنىڭ كاۋىسى، باي سايرامنىڭ قېتىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئەنە شۇنداق رىۋايەتلەر جۈملىسىدۇر.
ھېكايە-چۆچەك: ئۇيغۇر خەلق ھېكايە-چۆچەكلىرى مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، مۇھەببەت-نەپرەت قارىشىنىڭ روشەنلىكى، تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقى، بەدىئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. ھېكايە-چۆچەك، ئېيتىش-ئاڭلاش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر ھېكايە-چۆچەكلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، مالچىلىق تۇرۇش سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەندىن تاشقىرى كۆپىنچە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەمگەكچى خەلققە سىمۋول قىلىنغان شەخسىي ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا ھېكايىچىلىك ئادىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەجدادلىرىمنىز ئوۋچى بوۋاي، پادىچى بالا، قېرى باغۋەن، يېتىم قىز-يېتىم بالا قاتارلىق شەخسلەرنى ئاقىل، دانىشمەن، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق، يارمەن-ھالىمەن، سەمىمىي-سادىق، كۈرەشچان، باتۇر، خەلقپەرۋەرلەرنىڭ سىمۋولى؛ باي-پادىشاھ، ئەجدىھار، جادۇگەر، يەتتە باش يالماۋۇز قاتارلىقلارنى نائىنساپ، دۆتلەر، زالىم، قانخور، كاززاپ، ھىيلىگەرلەرنىڭ سىمۋولى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. شۇڭا ھېكايە-چۆچەك ئېيتىش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر شەكلى سۈپىتىدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
ھېكايە-چۆچەك سۆزلەش-ئاڭلاش ئائىلىلەردە، بولۇپمۇ كەڭ يېزا-قىشلاقلاردا بىر خىل مەنىلىك مەدەنىي پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. مەسىلەن، كىچىك بالىلىرى بارلىكى ئائىلىلەردە ئاخشاملىقى بالىلارغا ھېكايە، تېپىشماق ئېيتىپ بېرىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىپ قالغان. كەڭ يېزا-قىشلاقلاردا بولسا، بالىلار، ياشلار، ھەتتا ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ ياز-كۈز كۈنلىرى ئېتىز-ئېرىقتىن يېنىپ غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۈگۈن بىرىنىڭ ئەتە يەنە بىرىنىڭ دېگۈدەك ئىشىك ئالدى ياكى ھويلىسى ۋە ياكى ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى خامانغا، كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلىپ ئاي يورۇقىدا ھېكايە ئېيتىشىدۇ. قىش كۈنلىرى بولسا، ئارىلاپ نۆۋەت بىلەن بىرىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ھېكايە ئېيتىشىدۇ. قىزلار، ياش چوكانلارمۇ ياز كۈنلىرى تونۇر بېشى، ھويلا، باراڭ ئاستىلىرىدا جەم بولۇپ ھېكايە ئېيتىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق ھېكايە ئېيتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى، نۆۋەت بىلەن ئېيتىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق ھېكايە ئېيتىشىش تەبىئىي مۇسابىقە تۈسىنى ئالغان.
مەلۇمكى، ھېكايە-چۆچەكمۇ ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مىللىيلىقى كۈچلۈك بىر جانىرى، شۇڭلاشقا مىللەتلەردىكى ھېكايە-چۆچەكلەرنىڭ تۈرى، ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ ھەر خىل. ئۇيغۇرلاردا ئەپسانىۋى تۈس ئالغان ھېكايىلەر، تۇرمۇش ھېكايىلىرى، لەتىپە-چاقچاق، ھايۋانات، تاغ-دەريالار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. مەسىلەن، «يېرىلىڭ تاغىم»، «ئېچىل داستىخېنىم»، «ئۇر توقمىقىم»، «سۇلايمان قالپاق»، «كەمەك ھەييار»، «خاسىيەتلىك ھاسا ۋە يىڭنە»، «ئالتۇن شەمشەر»،«ئەدەمگە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ»، «چېچەن كېلىن»، «كۆرەڭ بايۋەچچە بىلەن پەملىك ئايال»، «ئۈجمە سايىسى»، «چىنتۆمۈر باتۇر»، «بۇلبۇل گويا»، «بۆرە، تۈلكە ھەم بۆدۈنە»، «قاغا بىلەن ئۇلاي»، «دۇداق، بېلىق ھەم توشقان»، «قىرىق يالغان» قاتارلىق ھېكايىلەر شۇنداق ھېكايىلەر جۈملىسىدىن. «ئالتۇن شەمشەر»، «چېچەن كېلىن»، «دۇداق، بېلىق ھەم توشقان» دېگەن ھېكايىلەرنى ئالساق، ئۇنىڭدا، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەمگەكچى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك، كەمستىش، كەمسىتىشكە قارشى مەڭسىتمەسلىك، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاقكۆڭۈل، ئەقىللىق، يارمەن-ھالمەنلىكى، باتۇرلۇقى؛ باي-پادىشاھلارنىڭ دۆت، نائىنساپ، زالىم، قانخورلۇقى ۋە سېھىر-ئەپسۇنكەشلىك، ئادەملەرنىڭ دىۋىلەر بىلەن نىكاھلانغانلىقى؛ ھايۋانلارنىڭ «ۋاپادار-سادىقلىقى»، چىن مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى، ھالاۋىتى قاتارلىق ھەرخىل، مۇرەككەپ ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن ئىخچام، يۇمۇرلۇق، ئورگانىك ھالدا ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭدەك ئەمگەكچى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ئادىتى، ئەقىل-پاراسىتى، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك نامايان قىلىنغان.
لەتىپە: لەتىپە-چاقچاق ئۇيغۇر خەلقىدە ئەڭ ئومۇملاشقان، ئەڭ جانلىق، ئەڭ يومۇرلۇق ئاغزاكى تىل ئادىتى، ئەمگەك مەيدانلىرى، ھەر قانداق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى لەتىپە-چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ. ئاددىيىسى كىشىلەر كۆرۈشۈپ جىددىي سورۇنلاردىمۇ چاقچاقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ئومۇمەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ. چاقچاقخۇمارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن بولغان خۇشپىچىملىق خۇسۇسىيىتىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى.
ئۇيغۇر خەلقى لەتىپە-چاقچاقنى شاد-خۇراملىق، كۆڭۈل ئازادىلىكىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى قىلىپ ئادەتلەنگەندىن تاشقىرى، جەمئىيەتتىكى، كىشىلەر مۇناسىۋىتىدىكى، كىشىلەر مىجەسىدىكى غەيرىي نورمال ئەھۋاللارغا قارىتا ئۆتكۈر تەنقىد قورال قىلىپمۇ ئادەتلەنگەن. «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»، «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»، «ھېسام چاقچاقلىرى» قاتارلىق لەتىپىلەر شۇنداق لەتىپىلەر جۈملىسىدىن.
مەدداھلىق: مەدداھلىق-ھېكايىچىلىك، داستانچىلىق يەنى ھېكايە-داستان سۆزلەش دېگەنلىك بولىدۇ. مەدداھلىق ئادىتى ئېغىز تىل سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئادەتتىكى ھېكايىچىلىك، داستانچىلىقتىن پەرقلىنىدۇ. مەدداھلىق ئۇيغۇرلاردا بىر خىل ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت. مەدداھلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد-ئادەتلىرىنى، خەلق ئىچىدىكى مەشھۇر ھېكايە-قىسسىلەرنى شۇنىڭدەك ئىسلام تارىخىدىكى زور ۋەقە قاتارلىقلارنى ئاغزاكى تىل سەنئىتىگە مۇناسىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب-ماھارەت بىلەن بايان قىلىشنى كەسىپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسىمۇ مەدداھلىق.
مەدداھلار ئادەتتە يۇرت ئارىلاپ يۈرىدۇ. بارغانلىكى يېرىدە بىر نەچچە مەيدان مەدداھلىق ماھارىتى كۆرسىتىدۇ. ھەر مەيدانغا ئاز دېگەندە 40-50 كىشى: كۆپ دېگەندە 100-020 كىشى يىغىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بايان قىلىدىغان ھېكايە، داستان، قىسسىلىرى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە، بولۇپمۇ، مىللىي پىسخىك ئادەت-ئەنئەنىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن ئاڭلايدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئالاھىدە ئىشتىياق-قىزىقىش بىلەن زېرىكمەي ئاڭلايدۇ. چۈنكى مەدداھلار كەمەك ھەييار، تاھىر-زۆھرە، يۈسۈپ ئەخمەت، غېرىب-سەنەم، جەڭنامە، سىيىت نوچى قاتارلىق داستانلارنى سۆزلىگەندە، كىشى ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتىكى نەق مەيداندىكىدەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئاڭلىغۇچىلار، مەدداھلار بىر ھېكايە-داستاننى سۆزلەپ بولغاندا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىختىيارىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا پۇل تاشلايدۇ.
مەدداھلارنىڭ سەييارە مەدداھلىق قىلىش ئادىتى ئۇلار ئۈچۈن ئۆز ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆگىنىش، توپلاش، تارقىتىش جەريانىدىن ئىبارەت. خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەت، ھېكايە-چۆچەك، داستان-قىسسە قاتارلىقلار شۇلارنىڭ ئۆگىنىشى، توپلىشى، رەتلەپ قايتا ئىجاد قىلىپ تارقىتىشى ئارقىلىق ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. بىز مەدداھلىقنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى، رولىغا قاراپ ئاغزاكى تىل ئادىتى بويىچە مەدداھلىقنى «مەدداھلىق ئەدەبىياتى» ياكى ئاممىۋى ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتى دەپ، مەدداھلارنى تالانتلىق ئەدىب ۋە سەنئەتكار، تەرغىباتچى دەپ ئاتىساق ھەرگىز مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.
ماقال-تەمسىل: ماقال-تەمسىل ئۇيغۇرلار سۆز نۇتىقىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئادەت تىلىنىڭ ئالاھىدە بىر شەكلى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇڭى، ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاددىي، ئىخچام، مەنتىقىلىق، ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»، «بەخت نەدە، پېشانەڭدىكى تەردە»، «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا»، «ياقا يۇرتنىڭ سۇلتانلىقىدىن، ئۆز يۇرتنىڭ قەلەندەرلىكى ئەلا»، «تەن ساقلىقى پادىشاھلىق»، «ئون ئۆلچەپ بىر كەس»، «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر»، «يىلان ئۆزۈم ئەگرى ئەمەس، يولۇم ئەگرى دەر»، «باي باينىڭ قاياشى، كەمبەغەل-كەمبەغەلنىڭ قاياشى» ۋەھاكازا.
ماقال-تەمسىلللەر شۇنداق ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەممە ئېتراپ قىلغان ھەقىقەت سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، شۇڭلاشقا كىشىلەر سۆز-نۇتۇقلىرىدا پىكىر-قاراشلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ۋە توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشتا، ھەتتا، سالا-سۈلھى ئىشلىرىدا، كىشىلەرگە تەسەللىي بېرىشتە ھۈرمەت-ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا «ئاتىلار سۆزى» دەپ ماقال-تەمسىلگە مۇراجىئەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئومۇمەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە سۆز-نۇتۇقىدا ماقال-تەمسىل ئىشلەتمەيدىغان ئادەم ئاز ئۇچرايدۇ.
ماقال-تەمسىللەر ئىچىدە «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دېگەنگە ئوخشاش فېئودال ئەخلاقىي قاراش ئىپادىلىنىدىغان ماقال-تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. مۇنداق ماقال-تەمسىللەر ھۆكۈمران سىنىپلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغانلىقتىن، ھۆكۈمران تەبىقىدىكىلەر دائىرىسىدىلا ئىشلىتىلىش بىلەن چەكلىنىپ كەلگەن.
بېيىت-قوشاق: بېيىت-«نەزمە»، قوشاق-«ناخشا»، «غەزەل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوشاقچىلىق ئۇيغۇرلاردىكى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت. خەنزۇچە مەنبەئەلەردە خاتىرىلەنگەن «تېلىلار قوشىقى» ئەجدادلىرىمىزدا بۇ ئادەتنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنپ ئومۇملاشقانلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
قوشاقچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تۇرمۇش ئادىتى بىلەن شۇنداق زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكى، ئەمگەك مەيدانلىرى، ئائىلە ئەمگىكى، يول يۈرۈش، توي مۇراسىمى، ئۆمۈر مۇراسىملىرى، ھېيىت-ئايەم پائالىيەتلىرى، مېھماندارچىلىق، سەيلە-مەشرەپ ۋە ھەر خىل ئاممىۋى مەدەنىي پائالىيەتلەر، ھەتتا بوۋاقلارنى ئۇخلىتىش (ئەللەي قوشىقى)، ھازا ئېچىش ۋە مەۋلۇت مۇراسىمى، روزا رامىزان پائالىيتى قاتارلىق دىنىي مۇراسىملارمۇ قوشاقسىز بولمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئاشۇنداق بىر قاتار مۇراسىم، ھەرىكەت-پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىپ بېيىت-قوشاقلارنى توقۇپ ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل تۇيغۇ-ھېسسىيات، ئەقىدە، كۆز-قاراشلىرىنى كۈيلەپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئىش-ئەمگەك قىلىشقا ۋە يېڭىدىن-يېڭى بېيىت-قوشاق، كۈيلەر (ئاھاڭ) توقۇپ، ئىجاد قىلىپ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-ئۇسسۇلچى» مىللەت، ئۇيغۇرلار رايونىنى «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دەپ ئاتىشى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان.
ئۇيغۇر قوشاقلىرى: ئەمگەك قوشىقى، مۇھەببەت قوشىقى، تارىخىي قوشاق، ئۆرپ-ئادەت (مۇراسىم قوشىقى)، تېپىشماقلىق قوشاق قاتارلىق قوشاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوشاقلار ئادەتتە يەككە، كوللېكتىپ، مۇزىكىلىق، مۇزىكىسىز ئېيتىلىدۇ. مۇراسىم قوشاقلىرى پەقەت مۇراسىمدىلا ئېيتىلىدۇ، باشقا قوشاقلارنى ئېيتىش سورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بېيىت، تېپىشماقلىق قوشاقلار ئاساسەن كوللېكتىپ سورۇنلاردا ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ئېيتىلىدۇ. بېيىت ئېيتىشتا ئۆز ئارا كۆڭۈل سىرلىرىنى ئىپادىلەش، ماختاش ياكى چۈشۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، تېپىشماقلىق قوشاقتا ئۆز ئارا ئەقىل، تالانت سىناش ئاساس قىلىنىپ سورۇندىكىلەرگە شاد-خۇراملىق بەخش ئېتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بېيىت، تېپىشماقلىق قوشاقلارنىڭ ئورۇندىلىشى تەبىئىي ھالدا مۇسابىقە تۈسىنى ئالغان. مەسىلەن:
ئا: ئاققىنا كۆڭلەك كىيىپسىز،
ئاق تىكەنلەر ئىلمىسۇن.
ئىككىمىز ئاشنا بولايلى،
ئۆيدىكىلەر تۇيمىسۇن.
ب: ئۆيدىكىلەر تۇيسا تۇيسۇن،
ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
ۋەدىسىدە تۇرمىغان كىشى،
ئەھلى مۇسۇلمان بولمىسۇن.ئا: دوپپىڭىزغا قارىسام،
ئانار گۈلىگە ئوخشايلا،
قاراڭ، سۆز بېرەي دېسەم،
زەپىرەڭگە ئوخشايلا.
ب: چاققان يىگىت دەي دېسەم،
قارى مېجەزگە ئوخشايلا.
كۆڭلۈمنى بېرەي دېسەم،
خام قاپاققا ئوخشايلا،

ئا: ئول نېمەدۇر كۈن-تۈن ئالەم چىراغى،
ئۈچيۈز ئاتمىشتۇر ئۇنىڭ ياپراقى.
ئىچىدە باردۇر سەر ئېسىل شاخى،
ئوغلۇم ئاشىق بولساڭ جاۋاب بەر.
ب: ئاي بىلەن كۈندۈز ئالەم چىراغى،
ئۈچيۈز ئاتمىش كۈندۈز ئۇنىڭ ياپراقى.
رامىزان ئايىدۇر، سەر ئېسىل شاخى،
ماڭا ئۇستاز بولسىڭىز جاۋابىم شۇلدۇر.

ئومۇمەن ئېيتىشىش قوشاقلىرىنىڭ بولۇپمۇ بېيىتنىڭ تەييار تېكىستى بولمايدۇ. مەيدانغا چۈشكۈچىلەر مەيداندىكى ئەھۋالنىڭ زۆرۈرىيىتىگە قاراپ نەق مەيداندا ئۇدۇللۇق توقۇپ ئېيتىدۇ. بۇ ناھايىتى چېۋەرلىك، ماھىرلىق تەلەپ قىلىدۇ. «ئەللەي» قوشىقىنىڭمۇ قېلىپلاشقان، تەييار تېكىستى بولمايدۇ. چۈنكى بالا كۈنىگە نەچچە ۋاخ بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭدەك بۆشۈكنى چوڭلارمۇ، كىچىكلەرمۇ تەۋرىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان قوشاق قاپىيسىز، كالتە-كالتە سۆز ئىبارىلەردىن ۋاقىتلىق قۇراشتۇرۇلىدۇ ۋە «ئەللەي» سۆزىنىڭ سوزۇپ ئېيتىلىشىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ پەس، مۇڭلۇق ئاۋازدا ئېيتىلىدۇ. «ئەللەي قوشىقى» كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا ئېيتىلىدۇ:
ئەللەي بالام، ئەللەي-ئەللەي!
مېنىڭ بالام ئۇخلايدۇ، ئەللەي-ئەللەي!
ئەللەي بالام، ئەللەي-ئەللەي!(ئۆلۈلە -ئۆلۈلە)
بەگ بالام ئۇخلايدۇ، ئەللەي-ئەللەي! (ئۆلۈلە-ئۆلۆلە)
مېنىڭ بالام ئاي، ئەللەي-ئەللەي (““““)
گەپ ئاڭلايدۇ ئۇخلايدۇ، ئەللەي-ئەللەي(““““)
ئويقۇمنى ساڭا بەردىم، ئەللەي-ئەللەي!(““““)
ئۇخلايدۇ بېگىم، ئەللەي-ئەللەي!(““““)
ئەللەي ئۇكام، ئەللەي-ئەللەي! (““““)
مېنىڭ ئۇكام ئۇخلايدۇ، ئەللەي-ئەللەي!(““““)
مېنىڭ ئۇكام ئەقىللىق، ئەللەي-ئەللەي!(““““)
ئۇخخۇ دېگەننى بېلىدۇ، ئەللەي-ئەللەي!(““““)
ئۇيغۇر قوشاقلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، مەھەللىۋىلىكى ۋە تىپىكلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قوشاقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يەر-جاي ناملىرى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئاتۇش ناخشىسى، كۇچا ناخشىسى، لوپنۇر قوشىقى، ئىلى ناخشىسى، تۇرپان (قۇمۇل) ناخشىسى قاتارلىقلار. بۇ رايوننىڭ قوشاقلىرى كۈي (ئاھاڭ) جەھەتتىمۇ پەرقلىق كېلىدۇ. بۇ ناخشا-قوشاقلار ئىچىدە لوپنۇر قوشىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئەسلىتىدىغان تەسۋىرى، كۈي (ئاھاڭ)، كۈيلەش ئۇسلۇبىنىڭ تىپىكلىكى، بىلەن ئۇيغۇر قوشاقچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. قوشاق ئېيتىش مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىغا قەدەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى بولۇپ كەلگەن (توي-تۆكۈندە ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىمۇ بولىدۇ). يەككە ناخشا ئېيتىش ئادىتى بىر قەدەر ئومۇملاشمىغان، مەخسۇس يالغۇز كىشلىك ياكى ئىككى كىشى ئېيتىشىش ئادىتى قىرغىز داستانچىلىرىنىڭ ماناس ئېپوسىنى ئېيتقىنىغا، ئېيتىشىش قازاق ئاقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىشىغا ئوخشايدۇ، مۇنداق پائالىيەت دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلار بىرەر-يېرىم كۈنلۈك يىراقلىقتىن كېلىپ ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ. ئېيتىشىش كۈننى-تۈنگە ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
ئومۇمەن قوشاقچىلىق ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، قوشاقچىلار خەلق ئىچىدە چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە. توي-تۆكۈن، سەيلە-مەشرەپ، مېھماندارچىلىق ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قوشاقچىلارنىڭ ئىشتىراكىسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. كەسىپىي قوشاقچىلار ئۆز ماھارىتىنى مۇزىكا ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇڭا كەسپىي قوشاقچىلارنىڭ ھەممىسى تالانتلىق نەغمىچى كېلىدۇ. ئۇلار تارىخىي قوشاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل قوشاقلارنىڭ، ھەرخىل كۈيلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى-تارقىلىشىدا غايەت زور رول ئويناپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ «ئەلنەغمىچى» دەپ تارتۇقلانغان.
تېپىشماق: مەلۇمكى، تېپىشماق ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خىل ئەدەبىي جانىر بولۇپ، ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. تېپىشماقنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەممە مىللەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بايان قىلىندىغان ۋەقە-شەيئىلەرنىڭ ئوبرازى سىمۋوللاشتۇرۇلغان ھەمدە سۆز-ئىبارىلىرى قىسقا، ئىخچام، قاپىيىلىك، ئاھاڭدار كېلىدۇ.
مەسىلەن:
تېشى سىرلاقلىق، ئىچى مىخلاقلىق (تاۋۇز ئانار)
كىچىككىنە پىنناس، بۇ ئالەمدە تىنماس(يىڭنە)
ئىگەرمۇ ئىگەر، خاننىڭ بوينىنىمۇ ئىگەر. (ئىشىك)
مىللەتلەرنىڭ مىللىي پىسخىكىسى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇسۇلى پەرقلىق بولغاچقا، ۋەقە-شەيئىلەرنى سىمۋوللاشتۇرۇش ئادىتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، خەنزۇلاردا ئاپتاپپەرەس ساداقەتلىكىنىڭ سىمۋولى، سېغىزخاننىڭ سايرىشى خۇشخەۋەرگە سىمۋول قىلىنسا، ئۇيغۇرلاردا ئاپتاپپەرەس ئىككى يۈزلىمىلىككە، سېغىزخاننىڭ سايرىشى شۇم خەۋەرگە سىمۋول قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قاغىنىڭ سايرىشىنىمۇ يامان ئالىدۇ. شۇڭا ھويلا-ئارامدىكى دەرەخلەردە قاغا سايرىسا «ئاغزىڭغا تاش» دەپ ئۇچۇرىۋېتىدۇ.
تېپىشماقنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئورۇندىلىپ، سورۇن چەكلىمىسىگە ئوچرىمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز تېپىشماق ئېيتىش ۋە جاۋاب ئېلىش ئارقىلىق ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تېپىشماققا بالىلار تولىمۇ قىزىقىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش