سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇنتۇلغان خەلق قاشقايلار – خوجا نىياز

ئۇنتۇلغان خەلق قاشقايلار – خوجا نىياز

خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى. )
قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە  ئىراننىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ياشاۋاتقان، تۈركى خەلق قاشقايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، ئجتىمائىي ھاياتى ،ئېتنىك كېلىپ چىقىشى،قىسقىچە تارىخى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ  ،قاشقايلارنىڭ  موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار زىمىنى تەۋەسىدىن (ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر

image

ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر  تەۋەسىدىن) غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار  ئىكەنلىگى،ئۇلارنىڭ ھازىر پارىسچە نامى قشقائىQashqāī) -卡什加人) ،دەپ ئاتالغانلىقى،گەرچە ئارىدىن  800 يىل ئۆتۈپ ،ئۇلارنىڭ تىلى ،تۇمۇشى،ئۆرۈپ –ئادەتلىرىدە قىسمەن ئۆزگۈرۈش (ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا ،باشقا خەلىققە تەۋە ئەمەس،بەلكى  جۇڭگۇ شىنجاڭ (قەشقەر)  ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىكى تارىخىي پاكىتلارئاساسىدا يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز :  موڭغۇللار دەۋرى  ئۇيغۇرلار  ئىران قاشقايلار
تارىخ – ئۆتمۈشتىن بىلىم بىرىپ ، ئەجداتلارنى تۇنۇتقۇچى، ۋەتەن، مىللىي كىملىكىنى بۈلدۈرگۈچى،غالىبىيەتلىك كۈنلەرنى ئەسلىتىپ ،مەغلۇبىيەت تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگۈچى، خاتالىقلارنى تەكرارلىماسلىققا ئۈندۈگۈچى، ۋەتەن سۈيەرلەرگە  شاتلىق، خائىنلارغا نەپرەت ئوقلىرىنى ياغدۇرغۇچى، مىللىي روھى– قۇۋەت،تەپەككۈرىنى ئۇرغۇتقۇچى ،ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى،ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى باغلىغۇچى ،ھاياتىنى يۇرۇتقۇچى ،كەلەچەككە ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قاراشنى ئۆگەتكۈچى ،قۇدرەتلىك قورالدۇر ( خوجا نىياز يوللۇغ ) .

1.قاشقايلارنىڭ كىملىكى.

قاشقايلار ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىدە ياشىغۇچى  تۈركىي خەلىقلەر ئىچىدە ئازەربايجان ۋە تۈركمەنلەردىن قالسىلا،سانى ۋە سىياسى نوپۇزى جەھەتتىن ، ئەڭ كۈچلۈك  ،كۆپسانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى تۇركىي خەلقتۇر . ئۇلار موڭغۇللار دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلى  ( ھازىرقى شىنجاڭ )نىڭ قاشغەر-قاشغاي ۋادىسىدىن غەرىپكە قاراپ كۆچكەن. ئىرانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن،قەشغەرلىكلەرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىدۇر.ھازىرقى نۇپۇسى تەخمىنەن: 2 مىليۇن00 5 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسەن،ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسى،خۇزىستان ئۆلكىسى،ئىسپاھان ئۆلكىسى،شىراز شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان. ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەي  قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ئاستىدا.  قاشقاي  ئىسلام  دىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقات قىلىدۇ، كۆپسانلىقى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئات يىتىشتۈرۈش،تۇقۇمچىلىق، يۇڭدىن گىلەم-پالاز تۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
2 . ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا بېرىش تارىخى
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا بېرىشى بۇرۇن باشلانغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا توپ ھالەتتە بېرىشى،چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلانغان.يەنى 1219-يىلى چىڭگىزخان  يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قۇشۇنى ئېرتىش دەرياسى بۇيىغا كەلگەندە ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانى بارچۇق ئارت تېكىن باشچىلىقىدىكى 10مىڭ ئاتلىق قۇشۇن چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى ھەربىي قۇشۇنلارغا قۇشۇلۇپ(جۇجى باشچىلىقىدىكى)، موڭغۇللارنىڭ غەرىپكە، شەرىققە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1220-يىلى چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى ھەربىي قۇشۇنلار ئامۇ دەرياسىدىن ئۈتۈپ،ئىران ئىگىزلىكىگە ھۇجۇم قىلغاندا ،تۇلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قۇشۇنى مەرۋى،نىشاپۇر،ئېلا قاتارلىق قەلئەلەردە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەرگە قاتناشقان. 1 ھەتتا «ئۇيغۇر پېۇداللىرىنىڭ  بەزى ۋەكىللىرىمۇ(مەسىلەن ، سولىبېۋاچى« solibewachi» قاتارلىقلار) ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق قوشۇنلىرى بىلەن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان».2 تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار    ھىلاكۇخاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان.
نەتىجىدە ،بۇ كۆپساندىكى ئۇيغۇرلار  غەربىي ئاسىيا ،شەرىقى ياۋرۇپا، تاڭغۇت خانلىقى ، شەرىقى جۇڭگۇ ،ئوتتۇرا جۇڭگۇ، جەنۇبىي جۇڭگۇ رايۇنلىرىنى موڭغۇل ئىمپىريىسىگە قۇشۇش، موڭغۇل ھاكىميىتىنى مۇستەكەملەش خىزمەتلىگە قاتناشتى ۋە ئۇجايلارغا كۆچۈپ باردى. ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،ئەمەلدارلار،چوڭ سودىگەرلەر  ،سىياسىيونلار،ھەربىي قوماندانلار ، ئالىملار، سەنئەتكارلار، زىيالىلار، كاتىپلار شائىرلار ۋە ئۇلار كەينىدىن ئەگىشىپ  ماڭغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى.
غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى توپ – توپ ھالدا رەي، قۇم ۋىلايەتلىرىگە، ئاناتولىيىتىدە بولسا قەيسەرى، كونيا ۋە قارامان  ئىگدىر قاتارلىق يەرلەرگە يەرلەشكەن. فرانسىيە كارۇلىنىڭ موڭغۇللارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى رۇبرۇكنىڭ 1253-يىلدىكى خاتىرسىگە قارىغاندا،«خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىراندىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان»3  ھىلاكۇخان تەرىپىدىن ئاناتولىيىگە ئەۋەتىلگەن ئىلخانىيلارنىڭ تۇنجى ۋەكىلى تۈكلۈك باخشى دېگەن كىشىمۇ دەل ئۇيغۇرلاردىن چىققان باخشى(كاتىپ)ئىدى. ئاناتولىيىگە كەلگەن ھەر قانداق بىر بەگ ۋە نويانغا ئوخشاش تۈركلۈك باخشىنىڭ قول ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىدى.
ئۇيغۇرلار شەرىقى ،غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان موڭغۇل خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.بېسىۋالغان زىمىنلارنى باشقۇرۇشتىمۇ ئۇيغۇر ئەقىلدارلار يۇقۇرى ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىدى.
1258-يىلى ھىلاكۇخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار باغداد خەلپىلىكىنى ئاغدۇرۇپ ، ئىراننىمۇ بويسۇندۇرغان. ھىلاكۇخان ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرى قۇرغان « ئېلخانىلار خانلىقى دەۋرى» دە ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا پائال ئارىلاشقان.
ئىران چېگرىسىغا ھىلاكۇخان كېلىشتىن بۇرۇن خوراسان ۋە شەرىقى ئىران قاتارلىق جايلارغا ئۆگەدايخان ۋە موڭكىخانلار تەرىپىدىن  چىن تۆمۈر(1231-1235)، كۆركۈز(1235-1242بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى ،كېيىن مۇسۇلمان بولغان) ۋە ئارغۇن ئاكا(1243—1255)قاتارلىق ئۇيغۇرلار باش ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن.بۇ دەۋرىدە ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئىراندا پارس تىل — يېزىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن.
ئىرانلىق تارىخچى راشىدىن (1274-1318)«جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ئىلخانىيلار خانى ھىلاكۇخان دەۋرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىلىدىن ئايرىلىپ ئىراننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە  پوچتا — ئالاقە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىدۇ.
تارىخچى جۇۋەينى (1226-1283)نىڭ ئىراندا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تىل يېزىقنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ،مۇنداق يازغان:«دۇنيانى ۋەيران قىلغان بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مەدرىسلەر خاراپ بولدى، ئالىملار ئۆلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئالىم – ئۆلۈمالارنىڭ توپلانغان يېرى ۋە ئىلىمنىڭ ئوچىقى بولغان خوراسانمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولدى. بۇ يەردە قەلەم ساھىبى بولغان بۇيۈك شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۈگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى». چۈنكى ،« ئۇلار (موڭغۇللار) ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىلمىلىرىنى بىلىم ۋە ئىلىمنىڭ يۇقۇرۇى چۇقىسى دەپ قارىغان»4 بۇ دەۋردە موڭغۇل خانلىرىنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى-يېزىقى قوللىنىلغان.
« چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى ھۆكۇمرانلىقى  ئاستىدىكى پېرسىيە(ئىران ) دۆلىتى ۋە مېسىپوتامىيەدىكى مۇھىم ئەمەلدارلارنىڭ  ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى.» 5
« تارىخچى ئوبۇل غازى باھادىرخان (1664-يىلى ۋاپات بولغان)  مۇنداق دەيدۇ : «ئۇيغۇر خەلقىدە تۈركى تىلدا ئوقۇغان كىشىلەر كۆپ ئىدى ،دەپتەردارلىقنى ۋە دىۋان ھىساپلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى زامانىدا ماۋەرا ئۈننەھىر ،خۇراسان ۋە ئىراقتا دىۋان دەپتەردارلارنىڭ بارچىلىرى ئۇيغۇر ئىدى،چىننىڭ يۇرتلىرىدىمۇ چىڭگىزخان ئوغلانلىرى دىۋان ۋە دەپتاردارنى ئۇيغۇر خەلقىدىن قۇيغانىدىى.چىڭگىزخاننىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان ئوغلى ئوگۇدايخان   خۇراسان، ماۋەرا ئۈننەىر  ۋە گېلاننى ئۇيغۇر كۆركۇز دېگەنگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.ئو ياخشى ھىساپتان ئىدى،ھەر يىللىق شۇ يەردىن يىغىلىدىغان  سېلىقلارنى قەرەرلىك ھالدا ئوگەدايخانغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى»6.
ھىلاكۇخاندىن كېيىن ئېلخانىيلارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئاباقان (1265-1282)دەۋرىدە ئىرانغا باش ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەنگيانۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى خوتەنلىك جالالىدىن بولسا تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئاباقان بۇددىست ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئەمما، خرىستىئانلارنىمۇ ھىمايە قىلغان. شىمالىي جۇڭگوغا جايلاشقان شەنشىدىكى توقتو دېگەن يەردە نېستۇرىيانلارنىڭ پاترىكى بولغان ئۇيغۇر راببان سائۇما بىلەن خانبالىقتىكى نېستۇرى پاترىكى ئۇيغۇر ماركۇس مىلادى 1275- يىلى ئىرانغا كەلگەن ۋە ئاباقاننىڭ رۇخسىتى بىلەن خوراساندىكى تۇس شەھىرىگە يېقىن بىر يەردە مۇناستىر قۇرغان. ئىراندا ياشىغان ئۇيغۇرلا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان.
قازانخان دەۋرى(  1295-1304) دە ئۇيغۇرلاردىن نەۋدار رەھبەرلىك قىلغان مىڭ تۈتۈن ئۇيغۇر،قارلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان «ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك 10مىڭ تۈتۈنلۈك قۇشۇنى» دىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار ھەرقايسى ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئارىسىغا قۇشۇلغان. راشىدىننىڭ «جەمئۇل تاۋارىخ»تىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا ،خۇراسان ۋە ھىندىستانلاردا ئەمىر پەرمانلار ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چۈشۈرۈلگەن.دىمەك ،غەربىي ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ناھايىتىمۇ كوپ بولغان، مەدەنىيەت تارقىتىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا ،غەربىي ئاسىياغا كۆچكەن  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى ئۆگۈنۈش،ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇش ،مىللەت داشلىقىمىزنى بۈلدۈرۈش،جۇڭگۇ بىلەن غەربىي ئاسىيا يېڭى يىپەك يۇلىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

3. قاشقايلارنىڭ ياشاۋاتقان يۇرتلىرى
قاشقايلارنىڭ يۇرتى پارىس ئۆلكىسىنىڭ غەربىىي شىمالىدىن باشلىنىپ، شەرىقى جەنۇپقا قاراپ سۇزۇلغان. يەنى سەس ناھىييە، چىھار دۇنھە، كامفىرۇز، ئارداھان، كازىرون، فارراسىبەند، ماھلا ئەرباچا، قىروز ئاباد، مەيمەنىد، ئەفرەز، ھونىچ، ماھۇرمىلانى قاتارلىق يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرى يايلاقلارنى ، يەنە بەزىلىرى يېزا – قىشلاقلارنى تەشكىل قىلىدۇ.خانلار فىروز ئاباددا قىشلايدۇ.قاشقايلارنىڭ بۇ يۇرتلىرى بۈگۈنكى زامانغا قەدەر ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ۋىلايىتى قاشقاي» نامى بىلەن ئاتىلىپ ئايرىم بىر بۆلگە (رايۇن) قاتارىدا سانالماقتا.
قاشقاي ۋىلايىتى- خەمسە ۋىلايىتى ،كۇھئى-گەلۇيا ۋىلايىتىدىكى ئاغاچەرى قارا كۆزلۈك ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قۇم ۋىلايىتىنىڭ خالاجىستان بۆلىكىدىكى خالاچ تۈركلىرى قوشۇلۇپ ،بۈيۈك قاشقاي دەپ ئاتىلىدۇ .
پارىس ۋىلايىتىنى قاپلىغان قاشقاي تۈركلىرىنىڭ قىشلاقلىرى باسىرا دېڭىزدىن تارتىپ جىلاھدارغا قەدەر سۇزۇلغان، يايلاقلىرى بولسا شەرقى شىمالدا بەختىيار  بىلەن تاماسا ،قۇمغا قەدەر 480 كىلومىتىردىن 1000كلومېتىرغا سۇزۇلغان . تەخمىنەن 300 مەھەللە 15 شەھەردىن تەركىپ تاپقان.
قاشقاي ئېلى پارىس دېڭىز قولتۇغى قىرغاقلىرىدىن باشلاپ،ئىسپاھان ۋە بەختىيار بۆلگەلىرىنىڭ جەنۇپلىرىغا قەدەر بولغان كۆلەمدە يېيىلغان. زاگروس تاغلىرىنىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن  ئىگىزچوقىلىرى بىلەن دېڭىز ساھىللىرى بۇ ئەلنىڭ چېگرا سىزىغىدۇر.      شىراز ئوتتۇرا-مەركەز قىسىم بۇلۇپ ،قاشقايلارنىڭ تۇرۋاتقان يەرلىرىنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىش مۈمكىن.      1-قاشقاي يايلاق بۆلگۈسى: بۇ شىرازنىڭ شىمالىدىن باشلىنىپ ،زاگروس تاغلىرىغىچە قەدەر ئۇزۇنغا سۇزۇلغان.بۇ بۆلگۈدىكى ئولتۇراقلاشقان يەرلىرى : سىپىدان،بەرۇچەر، سەمىرون ، ئابەدە ۋە موردەشتتۇر.2-قاشقاي قىشلاق بۆلگىسى: بۇ شىرازنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ ،فارس دېڭىز قولتۇغىغا قەدەر ئۇزۇن بىر بۆلگە ۋە شۇ جايلادىكى شەھەر-بالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇلار ، جەھروم ،فرۇزئاباد ،كازرون ،مۈمەسنا ،بەھبەھان ،كەچسەران ،دۇگون بەدەن ،رامھۈرمۈز ،بۇ شەھىر، كونگان ۋە دەشتسەناندۇر.3- ئوتتۇرا –مەركىزى قىسىم : شىراز ئەتراپى،دەشتى ئەرجان ۋە مەرۇدەشت شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئۇلار قىش ئايلىرىنى ئىران دېڭىز قولتۇغىنىڭ شەرقىدىكى زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرىقى ئىتەكلىرىدە ئۆتكۇزسە ،ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى بىلەن شىمالغا سۈرلۈپ يازنى ئىسپاھان تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈدۇ. قىش باشلانسا تەكرار يەنە جەنۇپقا كۆچىدۇ.بۇھالەت تەكرارلىنىدۇ .
4. قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى
ئىراندا 1982–يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق نۇپۇس تەكشۈرۈشتە ،200 مىڭ كىشى قاشقاي(كاشغاي) تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ قارىغان. يەنە ،1997–يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئايرىم بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا 1 يېرىم  مىليۇن كىشى  (كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) نىڭ قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن.7
يەنە شۇ يىلى ئىراندا تەكشۈرۈشتە بولغان گۇننار .يارىڭ  قاشقايلار (kashkay) نۇپۇسى ھەققىدە توختۇلۇپ :«قاشقايلار نۇپۇسىنىڭ 1997 –يىلى 1 يېرىم مىليۇن ئىكەنلىكىنى» ئوتتۇرغا قۇيىدۇ 8.
2003–يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا بىر يېرىم مىليۇندىن 2 مىليۇن كىشىنىڭ  (كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن.9
بۈگۈنكى نۇپۇس سانلىرى 2مىليۇن 500مىڭ  بۇلۇپ ،بۇ سان ئازەربەيجان نۇپۇسىغا قۇشۇلمايدۇ. بۇئىران ئومۇمىي نۇسىنىڭ 2%نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قاشقاي بۆلگەسىدە  پارس بولمىغان توپلار قاشقاي ئورتاق نامى ئاستىدا ئېلىنىشقا باشلىغان10
نۇپۇس  سانلىرى  ئېنىق بىلىنمىگەن  قاشقاي كۆچمەنلىرىنىڭ  3 مىليۇن ئەتراپىدا نۇپۇسلىرى بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.11
قاشقاي تىلى ئىراندا ياشىغان 3 يېرىم مىليۇن قاشقايلار تەرىپىدىن قوللۇنىدىغان تۈرك تىلى( 2007-يىللىق نۇپۇس تەكشۈرۈش ،تەتقىقات نەتىجىسى) بۇلۇپ،ئازەربەيجان تۈركچىسىگە بەك يېقىن بولغان بىر تىلدۇر.11 دىمەك ،قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ ،داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ تۇرماقتا.

5. قاشقايلارنىڭ تىلى
قاشقايلارنىڭ  ئانا تىلى قاشقايچە بۇلۇپ، ئىراندىكى باشقا  تۈركى تىللاردىن سەل پەرىقلىنىدۇ،قاشقاي تىلىمۇ باشقا  تۈركى تىللارغا ئوخشاش پارس تىلىنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ،قاشقايلار ئۆزئارا ئالاقىدە ئۆزىنىڭ  قاشقاي تىلىنى قوللانسىمۇ،ئەمما  مەكتەپلەردە پارس تىلى قوللۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ( ئىراندىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئانا تىللىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇل-مەكتەپلىرى يوق) ،ھامان  پارس تىلىنى قوللۇنىشقا مەجبۇر .شۇڭا قاشقايلار ھازىر ئىككى تىللىق بۇلۇپ ، قاشقاي تىلىدىن باشقا ،يەنە رەسمىي تىل بولغان پارس تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. قاشقايلارنىڭ  يېزىقى يوق بىر تىل دەپ قارالغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ،ئۇلارنىڭ ئەرەپچە ھەرىپ بىلەن يېزىلغان بەزى ماتىرياللىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار  بولماقتا. ئۇلار «گۆر ئوغلى» ،«غېرىپ-سەنەم» داستانىنى ئوقۇيدۇ. قاشقايلاردىن مىرزا جىھانگىر خان قاشقايى، ۋە مىرزا مەزۇن قاشقايى قاتارلىق بۈيۈك سۆز ئۇستىلىرى يىتىشىپ چىققان.
ئەمما ھازىر قاشقايلارنىڭ بەزى قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر سەۋەبىدىن پارسلىشىقا قاراپ يۈزلەنگەن .قاشقايلار ئارىسىدا ئازەربەيجان تىل- شىۋىسى ياشلىرىنىڭ قوللىنىدىغان  تىلى بۇلۇپ يۈزلەنمەكتە.

6. قاشقاي قەبىلىلىرى
قاشقاي ئېلىنىڭ باشىدا ئەل خان،قەبىلىلەرنىڭ باشىدا قەبىلە بېگى، ئاۋۇللار باشىدا بايلارنىڭ ۋە دۆلەت ئەرباپلىرنىڭ ئىشىنى باشقۇرغۇچى كەتھۇدا ئۇنۋانلىق رەئىسلەر بار. ئېل بېگى بولسا خاننىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ، ئېلنى ئىدارە قىلىش ئۇنىڭ ئىلىكىدە.يەنە ئېل بېگى خاننىڭ ئوغلى ياكى قېرىندىشى ، ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى ئۈستىگە ئالاتتى.ئېل خانى مۇتلەق خان ئائىلىسىدىن بۇلۇپ، خان بۇلۇش سالاھىيتى شاھلار تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
قاشقايلار  كۆپ نۇپۇسلۇق ،كۆپ قەبىلىلىك بۇلۇپ ، ئۇلار كۆپلىگەن قەبىلە ۋە  چىدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلىقلەردىن تەركىپ تاپقان ئاۋوللاردىن مەيدانغا كەلگەن.ئۇلار : كاشكۇلى، دەرەشۇلى ،كەللەزەن ،سافىخانلۇ ،مۇسلۇ ،شەش بۆلۈكلۇ ،لەشنى ،جافەر بەگلىرى،فارسىم ئەدان،ئامەلە، لىراۋىدۇر .مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلار : خاللاچ، بايات، ئالىبەكلۇ ،شەيخۋاند ،فەيلى،فارباند ،كالباند قاتارلىقلار .
باشقا قاشقاي تائىپەلەرى:
1.ئامەلە  ، 5 مىڭ 3 يۈز  97  ئائىلە بۇلۇپ ،بۇنىڭدىن  450 ئائىلە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن.
2. دەررە شۇرى (تۇزلۇق ۋادا ) ، بۇلار 5مىڭ 265 ئائىلە.
3. سەش بەيلى، 4 مىڭ 350 ئائىلە .
4. پارسسىمان ،بىر مىڭ 500 ئائىلە .
5. كەشكۆللى ، 5 مىڭ 512 ئائىلە : بۇنىڭدىن چوڭ كەشكۆللى  4مىڭ 862 ئائىلە، بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئولتۇراق تۇرمۇشتا ياشايدۇ.كىچىك كەشكۇلى ،650 ئىلە.
يەنە ئاز ساندىكى قەبىلىلەر :
قارا چا 430 ئىلە ،راھىملى 370 ئائىلە،  سافىھانلى 335 ئائىلە .

7. قاشقايلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتى
قاشقايلار ئىسلام دىنىنىڭ  شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام سۈلۈكىگە ئېتىقات قىلىدۇ .6%قىسمى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ.

8. قاشقايلارنىڭ تۇرمۇشى
ئاساسە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات ،كالا،قوي- ئۆچكە،تۆگە، ئىشەك قاتارلىق مال- چارۋىلارنى باقىدۇ . ئات يىتىشتۈرۈش بەك تەرەقىي قىلغان.سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاشقايلار قول سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ تەرەققىي قىلغان. قاشقايلارنىڭ  بۇخارانىڭ قارا كۆل قويلىرىغا بەك ئوخشايدىغان (كۆزى، تېرىسى) باشقابىر تۈرلىك قويى بۇلۇپ، يۇڭىدىن گىلەم، پالاز تۇقۇپ چەتكە چىقىرىدۇ.يۇڭدىن توقۇغان تەبى بۇياق بىلەن بۇيىغان ۋە ئەن – ئەنۋى ھۈنەر سەنئەت بىلەن زىننەتلەنگەن قاشقاي گىلەملەرى ئالاھىدە قۇلايلىق بۇلۇپ، خېرىدارلىرى كۆپ.ئىراننىڭ چەتئەللەرگە چىقارغان «ئىران نۇسخا »گىلەملىرى ئاساسەن قاشقاي گىلەملىرىدۇر .

095429ymlnml7mm9d1gemk[1]

100637tqqm2opzybc1lypc[1]

100552aj4jjjg5m9n7oj1g[1]

1007346ufz3663q3fufhur[1]

100826hi5nuc51ui5n9ool[1]

100917gc31co9uxccogtcu[1]

101005sn1n58697dsr65h5[1]

095542t0doo7mt0wdwu9zm[1]

2006-يىلى ياپۇنىيە نىسان ماتۇر شىركىتى قاشقايلارنڭ كۆچمەن تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ ، بۇنى قاشقايلار نامىدا ئاتاپ قاشقاي (  Qashqai )ماركىسىنى ئىشلەتكەن(Nissan Qashqai (.

9. قاشقايلارنىڭ ئۆرۈپ –ئادەتلىرى.

095632wmzww0fehez0ekh5[1]
قاشقاي قىز- يىگىتلىرى ئات مىنشكە ئۇستا چارۋىچى ،مەرگەنلەر بۇلۇپ،ئۇلار  ھەر ۋاقىت يايلاقلىرىدا ۋە چاتىر-ئۆيلىرىدە يانلىرىدىن قورالنى ئايرىمايدۇ،قورال ئېلىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .
قاشقاي خاتۇنلىرى قات-قات، رەڭلىك، ئېتەكلىك، چىرايلىق،نىپىز كۆينەك كىيىدۇ،شارپا ئارتىدۇ. ئۇلار ناخشا مۇزىكىغا ئامراق،دۇتتار ،داپ،سۇناي،غىجەك ،نەي قاتارلىق سازلارنى چېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ .توي-تۆكۈنلىرى ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇنقى ئاتلىق توي كۈچۈرۈش ئادەتلىرىگە ئوخشايدۇ .

100224s33nblg6bpa5r3s0[1]

100425apza06768056hk7j[1]
تۇرمۇشىدا ،پولو ،چىفىت (چىت) قاتارلىقلارنى  يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلىرى ئۈستىگە ئشلەگلىك تون ،كۆينەك كىيىدۇ.

10. قاشقايلارنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى :
قاشقايلار قائىدە–قانۇنلارغا ئىتىۋار قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر .جەنۇبىي ئىراننىڭ پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەي قاشقايلارنىڭ  نۇپۇزى–تەسىرى كۈچى ئاستىدا، كېيىكى زامانلارغا قەدەر ،يېرىم كۆچمەن بىر ھايات سۈرگەن قاشقايلار ،بىر–بىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت قىلىشى،  پىلانلىق ،تەشكىللىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان.ئۇلار قەدىمدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۆزئارا ئۆرۈپ–ئادەتلەرگە ،مۇئايەن بىر قەبىلە باشقۇرۇش نىزامىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.
قاشقاي ئېلىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىردىن بىرى ،كۈچلۈك بولغان بىر تۆرە – قانۇن بەلگىلىمىگە ئىگە . ئېلىنىڭ ھەر قانداق مۇناسىۋەت ، مەسىللرى ، قائىدىلەرگە ئاساسلانغان بۇلۇپ، خاندىن باشلاپ، پۈتۈن قاشقاي ئېلى خەلقى قانۇنغا شەرتسىز ئەمەل قىلشدۇ. قاشقايلارنىڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەل بولۇشى شۇنىڭدىن كەلگەن.
قاشقاي ئېلنىڭ كۆپ سانلىق ئائىلسى كېيىنكى زامانلارغا قەدەر كۆچمەن ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئولار ئات، قوي ، ئىشەك، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارنى باقىدۇ.خەلىقنىڭ بىرقىسمىنىڭ يايلاقلاردا ئىتىزلىرى بۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلار تەرپىدىن باشقۇرۇپ سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خىزمەتلەرگە قارشىلىق قىلغانلار ھەر يىلى يېزىغا ئىككى قوي تاپشۇرۇشتىن سىرىت ئەلدە ئالغان مەھسۇلاتىدىن بىر پاي ئايرىپ تاپشۇرىدۇ. بۇ يېزىلاردا «رائىيەتى قاشقاي (قاشقاي تۈزۈمى)» دېيلىدۇ.
قاشقاي خاتۇنلارى جەميئەت ھاياتىدا مۇھىم بىر ئۇرۇن ئىگەللىگەن ئىدى.سىياسى مەسىلىلرىدە داھى خاتۇنلارنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلىرنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
11. قاشقايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى
1)  قاشقايلارنىڭ نەدىن ئىرانغا  كەلگەنلىكى مەسىلىسى.
بۇھەقتە تۈركىيەلىك تارىخ تەتقىقاتچىسى مەلىك ئاق دېڭىز، قاشقايلار ھەققىدە توختۇلۇپ:«قاشقايلارنىڭ يازما تارىخى يوق،ئەمما سۆزلۈك بۇلۇپ ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا ئېغىزچە تارقىلىپ  داۋاملىشىپ كەلگەن بىر تارىخى بار. بۇنىڭغا كۆرە، چېڭگىزخاننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرى  چىن turkدىن كېلىپ،ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان.ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسىدا ئەزەربەيجانغا يەرلەشكەن،1600–يىللىرى جەنۇپقا كېلىپ يەرلەشكەن،16 –ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بولسا ،جەنۇپتىكى  يەرلىرىنى پورتىگالىيەلىكلەردىن قۇتقۇزۇشنى ئىستىگەن شاھ ئىسمايىل ئۇلارنى جەنۇبىي ئىرانغا  يۆتكىگەن. تارقاق ھالەتتە بولغان قاشقايلار 18– ئەسىردە جانى ئاغا تەرىپىدىن  ئۇيۇشتۇرلۇپ ، بىر خانلىق قۇرغان ، جانى ئاغا قاشقاي بولسا  بۇ خانلىقنىڭ  دەسلەپكى  ئېل خانىدۇر ».12
ئىرانلىق تارىخچى سائد نەفىسى، 1607- 1618يىللار ئارىسىدا ئوسمان تۈركلىرى بىلەن ئىران ئۇرۇش ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭ  ئوسمان تۈركلىرى بىلەن بولغان يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ،شاھ ئابباس تەرىپىدىن ئىراننىڭ جەنۇبىي ئەللىرىگە كۆچۈرۈلۈپ ئازەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.13.
دوكتۇر .ھاشمېتۇللا تابىبى«قاشقايلار چىڭگىزخان قوشۇنلىرىدىن ۋە ياغمىلاردىن قېچىپ ، موغۇلىستاندىن ۋە turkدىن بۇ زىمىنغا كەلگەن» دەپ كۆرسەتسە،ئاخمەت جافەر ئوغلۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلاردا بولغان. فرانىك.جىنشور (Franc-Jean Shor) «قاشقايلار چىڭگىزخاننىڭ ئالدىدىن يۈرگۈچى قۇشۇنلىرى ئارىسىدا چىن turkدىن كېلىپ ،ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان. ئىراننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا ئازەربەيجانغا يەرلەشكەندىن كېيىن 1600-يىللاردا جەنۇپقا كېلىپ  ھازىرقى يەرلىرىگە يەرلەشكەن»دەيدۇ.14
م.مەنسۇر،1953-يىلىدا م.ت.شۇتىن ( M.T Shooten)  گە بەرگەن مەلۇماتىدا :«قاشقايلارنىڭ ئىرانغا كەلگەن ۋاقىتلىرىنىڭ 12- ئەسىردىكى چىڭگىزخان باسمىچى قۇشۇنلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى  بىلەن باغلىنىشلىق بۇلۇپ،بۇ باستۇرۇپ كېلىش نەتىجىسىدە قاشقايلارنىڭ كافكاز تاغلارى ئېتەكلىرىگە يەرلەشكەنلىكىنى،كېيىن ئەردەبىل بۆلگەسىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى ،16-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا شاھ ئىسمايىل سەفەۋى (1501-1524)  تەرىپىدىن پورتىگالىيەنىڭ ئىران دېڭىز قولتۇغىدىن پارس ۋىلايەتلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى » بۈلدۈرۈدۇ. سەئىد نەپىسى، كافكازىيەدىن ئىرانغا كۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنىڭ   1607-1618يىللار ئارىسىدىكى ئوسمانىيە -ئىران ئۇرۇشى ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭ ۋە قاچارلارنىڭ ئوسمانىلار بىلەن يېقىن بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئازەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.
2.)قاشقاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى.
تارىخىي مەلۇماتلارغان قارىغاندا قاشقاي نامى ئەسلىسدە كاشكا-قاشقا ،كاشغەر –قاشغەر دەپ ئاتالغان ،غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان قاشقا-كاشغەر ئۇيغۇرلىرى ، پارىسچە ئەسەرلەردە قاشقاي( قشقائى، Qashqāī) نامى بىلەن، تۈركچە   Kaşkay (كاشكاي) ،kaşğay(كاشغاي) ،kaşğer ( كاشغەر) دېگەن شەكلىدە قوللۇنۇلىدۇ. ئىراندىكى قاشقالىقلار بولسا، ياۋرۇپالىق ئالىملاردىن ، ۋ .رادلوف  ۋە ۋ. بارتولىد -تەرىپىدىن ئوچۇق قىلىپ قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان . (ۋ.بارتولىد ، ۋ .رادلوف : «ئىسلام ئېنىسكلوپىديىسى» لۇغىتى قاشقايلار( Qashqaylar) قىسمى
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، قاشقاي- قاشغاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت.
1.                  1) بەزى مەنبەلەردە «قاشقاي» ۋە «قاچقاي» نامى «قاچماق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ تەلەپپۇز بۇزۇلۇشتىن «قاچقاي» ۋە «قاشقاي» شەكلىگە كەلگەنلىگىنى بىلىش مۈمكىن دەپ قارىسا، 2) يەنە بەزى مەنبەلەردە  «قاشقاي» نامى شىمالىي ئازەربايجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى «گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ.3) مورىسدېن،يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ،«قاشقاي» نامىنىڭ ئەڭ دەسلەپ  جانى ئاغا قاشقاي ئىسىملىك،شاھ ئابباسنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەھەللە ئاقساقىلى(باشلىقى)نىڭ نامىدىن ئېلىنغانلىقىنى بۈلدۈرۈدۇ.
4) يەنە بەزىلەر قاشقاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ  «كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپمۇ قارايدۇ 15.
5) «قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەن  قاراش.
يۇقارقى قاراشلار ئىچىدە ،1)  قاشقاي سۆزى «كاچ»(قاچ) پىئىلىدىن زامانلارنىڭ ئوتۈشى بىلەن «كاشكاي»(قاشقاي) شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنغان دېگەن پىكىر توغرا بىر تاللاش ئەمەس. تۈرلۈك تارىخى دەۋېرلەردە ، جەنۇبىي ئىراندىكى ،قاشقاي ئېلىگە تۈرلۈك سەۋەپتىن پانالىق ئىزدەپ كۆچكەن قەبىلە-قوۋىمنىڭ بولىشى مۈمكىن.بۇلار قاشقا- قەبىلە ئىسمىنى قوبۇل قىلغان.ئۇلارنىڭ تەركىۋىگە قۇشۇلغان. كېيىن بۇلار ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قاشقاي» ئورتاق نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.
2) «قاشقاي» نامى شىمالىي ئازەربايجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى«گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.بەلكى ئۇلارمۇ قەشغەردىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بۇلىشى،ئۇزۇن تارىخى تەرەققىياەت تۈپەيلى ئازەربەيقان تۈركلىرى دەپ قارالغان بولسا كېرەك.
3) قاشقاي نامىنىڭ جانى ئاغا قاشقاي نامىدىن ئېلىنغان دېگەن پىكىر ھىچ بىر ئىلمىي تەلىماتقا تايانمىغان. قاشقاي نامى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى چىققان قەبىلە–قەۋىم ،يۇرت نامىنى ئۇلۇغلاپ ،ئۆزىنىڭ قاشغەر-قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز ئىسمى نامىغا قاشقاي نامىنى قوشۇپ ئاتىغان.
4) قاشقاي نامى كېلىپ چىقىشى  جەھەتتىن ،«كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن قاراش ھەقىقەتەن توغرا.«قاچقاي» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى،تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ، كاشكا-قاشقا-«كاشغار»(قەشقەر) شەھرى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك. «قاشقا»لىقلار ئۆز ۋاقتىدا كاشكا) قاشقا (-«كاشغار» شەھرى ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ، «قاشقا» دەپ ئاتالغان. كاشكا-قاشقا-كاشغار(قاشقەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قاشقا دەريا ئەتراپى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن باغلىنىشلىق بۇلۇپ ،يەنە مىللەتداشلىق جەھەتتىنمۇ بىر خەلق ئۇيغۇرلار ئىدى .(ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتكە ئايرىش ئۇستىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەت توپىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسى تاكتىكىسى بويىنچە ،پەرغانە ۋادىسىدىكى (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) ئۇيغۇرلار  تۈرلۈك ئامال ،مەجبۇرلاش بىلەن قەستەن ، ئۆزبىك مىللىتى دېگەن يېڭى ،قۇراشتۇرما ،سىياسىي نام بىلەن ئاتالدى .ئۇ جايلاردىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ،ئۆزبېك دەپ ئاتىلىشقا مەجبۇرلاندى،  ئوخشاش تىل،-يېزىقىقا ،مەدەنىيەتكە ،ئېتىقاتقا ئىگە بىر خەلىق ئۇيغۇر تۇرۇپلا ئىككى مىللەتكە ئايرىپ تاشلاندى.ئۇيغۇر تىل –يېزىغى،ئۆزبېك تىل يېزىغى دېگەن تىل –يېزىق كەشىپ قىلىندى، پەرىقلەر كۈچەپ كۆرسىتىلىپ،ئۆزبېك مىللەتچىلىگى تەرققىي قىلدۇرۇلدى. ھازىرمۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى كىشىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇيغۇر –قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ،…. ئاتالمىش ئۆزبېك تىلى ،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسىدۇر.مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەل بىرونى دەۋرىدە پەرغانە ۋادىسىدا  ئۆزبېك  دەيدىغان ئېتنىك نام ،ئۇرۇق –قەبىلە ياكى مىللەت يوق،بەلكى ئۇيغۇرلار دېگەن مىللەت بار.)
5) «قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەن  قاراش. ئۆتكەن قېدىمكى زاماندا ھەرقايسى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ  كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى ھايۋانلار ئېتى ۋە رەڭگى بىلەن ئاتالغان. قەبىلىلەر ئاتلىق قوشۇنلاردىن  تۈزۈلگەن بۇلۇپ ،ئۇلار تۇرىۋاتقان ئورنى ياكى  ئاتلىرىنىڭ رەڭگىگە قاراپ تۈر ۋە سەپلەرگە ئايرىلغان. بۇ ئادەت ھونلار،تۈركلەر، ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن ،سەپنىڭ ئالدىدا« ئاق ئاتلىق» ياكى «قاشقا ئات»لىق بۇلاتتى . بۇنداق ئاتلىقلار «قاشقا ئاتلىقلار» -دەپ ئاتىلاتتى ، ئەل زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن  بۇ سۆز قىسقىراپ «قاشقا»،ياكى «قاشقاي» دەپ ئاتالغان . قاشقايلارنىڭ بىر قىسمى كۆچمەن ،سودىگەر خەلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ،كېيىنكى يىللارغا قەدەر بەك كۆپ ئات يىتىشتۈرگەن (سىرىتقى ئەللەرگە ئات چىقىراتتى) بالىلىرى بەك كىچىك ياشلاردا ئات مىنىدىغان ، بولۇپ ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرىلاتتى.قاشقالاردا «قاشقا» دىمەك ئات دىمەك،ئات دىمەك« قاشقا» دىمەك ،دېگەن گەپلەر بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ،قاشقاي سۆزىنىڭ «قاشقا ئات»  سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈش  مۈمكىن. ھازىرمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئاتنىڭ بىر تۈرىنى «قاشقا ئات» دەپ ئاتايدۇ ، بۇ ئاتنىڭ  باش تەرىپىدە ئىككى كۆزى ئوتتۇرسىدا يۇمۇلاق ئاق بەلگە بۇلىدۇ .مەھمۇد قەشغەرى ،«ئات ئەلنىڭ قانىتى»دەيدۇ . جەنۇبىي ئۇيغۇر بۆلگەلىرى يېزا ،كەنىدلىرىدە جۈملىدىن ئاقسۇ ،ئۇچتۇرپان، كەلپىن،باي قاتارلىق جايلار  تەۋەسىدە «قەشقەر» نى،«قاشقا» دەپ ئاتايدىغانلار  ھازىرمۇ خېلى كۆپ . شىمالىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى تەرەپلىرىدىمۇ جۈملىدىن ئىلى،قاراسۇ( شىخو)قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ «قاشقا» ،«قاشقالىق» دەپ ئاتاشلار بار . بۇ ئەھۋال ئاتاغلىق يازغۇچىمىز ،زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رۇمانىدىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا، «قەشقەر» نامى ، كاشكا-قاشقا دىن كاشغەر-كاشغار(قاشقەر) گە ئۆزگەرگەن. ئىراندا بولسا ،قاشقا ،قاشغاي، ئاخىرىدا قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان.
12.   بۈگۈنكى كۈندىكى قاشقايلار
بۈگۈن قاشقاي جەميىتى ئىچىدە ئورۇن ئالغان 190غا يېقىن قەبىلە،ئۇرۇق،چاتىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلقلەردىن بارلىققا كەلگەن ئاۋۇللارنىڭ ھەممىسى قاشقايلار ئاساسىدا ئۇيۇشۇپ ، كۆپ سانلىقى ئۆزلىرىنى قاشقاي دەپ ئاتاشتى.بەزىلىرى قەدىمقى ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ (تىگىشىپ) ،باشقا نام ئاتاقلارنى قوبۇل قىلدى .يەنە بەزىلىرى ئۆز نام –ئاتاقلىرىدا قالىۋېردى. بۇ بىرلەشمىدىن ئىلگىرى بۇ ئىسىم قاشقاي نامى بىلەن ئاتالغان بىر قەبىلە –قوۋىمنىڭ نامى بۇلۇپ ،قاشقاي نامى شۇ نامىدىن ئېلىنغان(چۈنكى تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان بىر تۈرك قەبىلىسى-قوۋمى مەۋجۇتتۇر.) تارىختا ،تۈركىي قەۋىملەر ئارىسىدا قايسى قەبىلىلەر كۈچلۈك بولسا باشقا قەبىلىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ، پارستا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر تارىخىي ھادىسلەرنىڭ زۆرۈريىتى بىلەن بىرلىشىكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قەبىلە بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ ،بۇلار قاشقاي دەپ ئاتالغان.
قاشقاي ئېلى ئىچىدە بولغان قەبىلە ،قەۋىملەر ئاتلىرىنىڭ  تۈرلۈك بولىشى ۋە ئاتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئەسىرلەر بويى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرلىشى، بەزى  مۇئەللىپلەرنىڭ  مەسىلىگە  سىياسىي جەھەتتىن يېقىنلىشىشى،قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،بەزىلەر قاشقايلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەسلى نەسەبىدىن،كېلىپ چىقىشىدىن، تارىخىي پاكىتلاردىن ئايرىپ(ئۈزۈۋېتىپ) ،ھازىر قوللۇنىۋاتقان تىلى يېقىنلىقى قاتارلىق ئامىللارنى پاكىت قىلىپ، ئۇلارنى بەزىلەر  ئازەربەيجان ياكى تۈركمەن مىللىتىگە ، تەۋە قىلۋېتىشقا ئۇرۇنۇش خىيالىدا  ،ئۇلارنىڭ  تارىخىي مىللىي كىملىكىنى  بىلىپ تۇرسىمۇ ، ھەرخىل مەقسەتتە ئۇنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.
تارىخ بىلگەنلەرگە ئايدىڭكى، موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بۈيۈك ئۇيغۇر قاراخانىيلار سۇلالىسى «مىلادى 840–1212»مەۋجۇت بۇلۇپ،ئىنىڭ مەركىزى–ئوردۇسى كاشكا(قاشقا) –كاشغەر شەھرى ئىدى.شۇڭلاشقا ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەنە شۇ بۈيۈك قاغانلىقنىڭ مەركىزى شەھەرى–كاشغەر نامى بىلەن ئۆزلىرىنى كاشغەرلىك دەپ ئاتىشاتتى.موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ،ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىن،  تۈركۈملەپ غەربىي ئاسىيا تەۋەسىگە كۆچۈپ،ئىران،ئىراق،ئانادولۇ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان . ئىراندىكى قاشقاي(«قاشغاي»)لار دەل ئەنە شۇ قاشغايلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر .گەرچە ئارىلىقتا 800 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن ، تىل ،مەدەنىيەت –سەنئەت ،ئۆرۈپ–ئادەت ،قاتارلىق جەھەتتە بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولسىمۇ ، ئۇلار يەنىلا  قاشغەرلىك ئۇيغۇرلاردۇر.
قىسقىسى،  قاشقايلار ئۇيغۇر تۈركلىرى نەسلىدىن بۇلۇپ،تارىخى ھادىسلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى(شىنجاڭ) دىن كۆچۈپ  ئافغانىستانغا،ئىراننىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا، كافكازيەگە كەلگەن.ئۇزۇن بىر ۋاقىت بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان.بۇ جەرياندا كافكاز تىللىرىنىڭ (ئازەرى تۈركچىسىنىڭ) تەسىرىگە ئۇچرىغان، 16- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ،شاھ ئىسمايىل سافەۋى(1501-1524) تەرىپىدىن پارىسقا كۆچۈرۈلگەن. بۇ بۆلگۈگە كەلگەنلىرىدە بەزىدە خالاچلار بىلەن ئارىلىشىش ،بېرىش-كېلىش قىلغان بولسا يەنە بىر قىسىم خالاچلار قاشقاي قەبىلىسىگە قوشۇلغان. سالجۇقىلار دەۋرىدە ئانادولۇ تۈركلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋېتلىرى نەتىجىسىدە قاشقا قەبىلە بىرلىكىگە قاراشلىق ئانادولۇدىكى بەزى تۈرك  تەركىپلىرى بولغان.
بۇھەقتە يەنە ، 2012-يىلى 13-مارت كۈنى بىرەيلەن تورغا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر قالدۇرغان: « كىم بولغانلىقىمنى،نەدىن كەلگەنلىكىمنى،يەنى تارىخىمىزنى، ئۇلۇغلىرىمىزدىن ئۆگەندۇق…. ئاتالىرىم ئۇيغۇر ئېلى ۋادىسى (شىنجاڭ) دىن بۇلۇپ ،قاشقادىن ،شىرازغا ئاندىن تۈركىيەنىڭ ئىگدىر يېزىسىغا يەرلەشكەن،يەنى ھىجىرىيە 950-يىلى مىلادى 1534-يىلى  2 يېزىدىن 38 چاتىرلىق ئائىلە بۇ يەرنى يۇرت تۇتقان»16 .
بۈگۈنكى كۈندە ،ئىراننىڭ جەنۇبىي  پارىس ئۆلكىسىدە  ياشاۋاتقان قاشقا ئۇيغۇرلىرى ،تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ  ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ،ئۈمۈتۋار ھالەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۈملىدىن جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكىلەر بىلەن ،دوسلىشىشنى،سودا – ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمۈت قىلماقتا.
13.قاشقايلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى سەھنىگە چىقىشى
قاشقايلار ئەڭ دەسلەپ سافەۋى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شاھ ئىسمايىل زامانىدا تارىخ سەھنىگە چىققان. شاھ ئىسمايىل پارىس بۆلگەسىنىڭ يەرلىك خەلقى ھىساپلانغان ھەرقايسى تۈرك قەبىلە –قوۋىملىرىنى قوللىغان  ،نەتىجىدە ئۇلار قاشقاي نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.
جانى ئاغا قاشقايدىن باشلاپ ،قاشقاي خانلىرى ھەر زامان ئىراننىڭ جەنۇبىدا ئۈنۈملىك بىر سىياسى ۋە ئەسكىرى كۈچكە ئىگە بۇلۇپ ،كۆپ ۋاقىت  پارىس بۆلگەسىنىڭ تىزگىنىنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرغان..18- ۋە 19 –ئەسىرلەر قاشقايلارنىڭ ئىراندا ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئىدى.
ئۇلارنىڭ دەسلەپكى رەئىسلىرى خىندىستان بىلەن قېرىندىشى ئىسمايىلخان بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسى كەرىمخان زەنىد (ئۆلۈمى 1779-يىلى) زامانىسىدا ياشىغان.
زاندييە  دەۋرى (1750-1794)نىڭ ئاخىرىدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەسەن خان ئىلى بۇلۇپ تاشلانغان ،ئىسمايىلخاننىڭ كۆزلىرىگە مىق تىقىلغان.
19-ئەسىر باشلىرىغىچە قاشقاي ئېلى خانلىرى  شوھراب خان،داراپخان ۋە دارابخاننىڭ ئوغلى ئىسمايىلخانئۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغۇللىرى جانى خان (1823-1884) ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئالى خان (2-ئۆلۈمى1851 ) قېرىندىشى مۇھەممەت قۇلى خان (ئۆلۈمى 1867-68 ) بۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغلى سۇلتان مۇھەممەت خان 19-ئەسىردىكى ئەڭ تۇنۇلغان قاشقاي رەئىسلىرىدۇر .
بۇلاردىن مۇھەممەت ئەلىخان بىلەن ئوغلى جاھانگرخان قاچارلارغا ئۆيلەنگەن. قاشقايلارنىڭ باشقا بىر دۈشمەنلىرى كىيىنكى زامانلارغا قەدەر شىمالى قوشنىلىرى بەختىيارلار بولغان .    ئىراندا باشقۇرۇش ئىدارىلىرى قۇرۇلغىچە كىسىم قانۇنى  مەجلىسدە قاشقايلارنىڭ  خان  ئائىلىسىدىن  ھاجى كەرىم خان ۋەكىل بۇلاتتى .
1-            دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىدا ،قاشقايلار ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئالدىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن پارىسلار ئېنگىلىز ئىشغال كۈچلىرىدىن يېڭىلىدى .
رىزاھ شاھ باشقا ئايماق ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش قاشقايلارنى تامامەن ئۆز قول ئاستىغا ئالدى (1930-يىلى )قاشقايلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، 2-خان سەۋلاتۇن-دەۋلە تېھرانغا كەللتۇرۇلۇپ قاماققا ئېلىندى ،ئوغۇللىرىنى خاننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى .
1940- يىللىرىدىن كېيىن قاشقايلارنىڭ كۆچۈش يوللىرى رىزاھ شاھ تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانغان.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رىزاھ شاھنى تەخىتتىن چۈشۈرۋېتىپ، ھەپسىدە ۋاپات بولغان سەۋلاتۇت دەۋلەتنىڭ ئوغۇللىرىنى ئىرانغا كەلتۈرپ، بۇلاردىن ناسىرنى2–خان قىلىپ تەيىنلەپ ،قاشقاي ئېلىگە رەھبەرلىك قىلىشقا قويغان  .
1941-يىلدىن كېيىن بولسا ناسىر خان يەنە خانلىق تەخىتكە چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاشقاي ئېلى، قاشقاي خانلىرى قاشقاي لار تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن ،ئەسلىدىكى ئادەتلىرى بويىنچە ،يەرلەشكەن ھاياتتا تۇرمۇش كۈچۈرۈشكە باشلىغان.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قاشقايلار گېرمان ئاگېنتلىقىدىن مىللى ئەنئەنىلىرىنى قوغداپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپ،  ئەنگىلىزلارغا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ،ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تۈركىيە ئەلچىسىنىڭ ئوتتۇرغا چۈشىشى بىلەن قاشقايلار بۇ تەھدىتتىن 1943-يىلى قۇتۇلغان .
1963-يىلىغا كەلگەندە ئىران ھۆكۈمىتى قاشقايلار ئارىسىدا يەر ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن . يەرلەرنى تەخسىملەش بىلەن قاشقايلارنىڭ سىياسى ئورنىغا چىقىماقچى بولغان .قاشقايلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ھەركىتى قوزغىغان .بۇنىڭ نەتىجىسىدە قاشقايلار قوراللىق ئېتىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننى  خان ئائىلىسى بىلەن يېڭىباشتىن تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . كۆپلىگەن قاشقايلار قانلىق قىرغىنچىلىقتا جانىدىن ئايرىلغان.
1979-يىلدىكى  ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىغا قەدەر ، قاشقايلار رىزا شاھنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش ئاستىدا بولغان ،ھەرقايسى شەھەر ،يېزىلارغا مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇپ ،يەرلەشكەن ھاياتقا ئۆتۈشكە زورلانغان.ئىسلام ئىنقىلاۋىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلغان قاشقايلار يەنە تەكرار توپلۇنۇپ ،باشقا ئۆلكىلەرگە كۆچكەنلەر قايتىپ كېلىپ، ئىسلام جۇمھۇريىتى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۈرۈشۇپ ،يەنە ھۆكۈمەتكە ياردەمچى بۇلۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرگەن. بۇ پىكىر بىرلىكى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان،1982-يىلى شىراز ۋە فىرۇزئاباد ئەتراپلىرىدا قاشقايلار بىلەن  ئىران ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن.قاشقايلارنىڭ ئېل خانى-خۈسراۋخان زىندانغا تاشلىنىپ،1982-يىلى شىرازدا ئۆلتۈرۈلگەن.
شۇندىن بۇيان «قاشقاي خەلقى جەمىيىتىدە ،تىللىرىنى قوللۇنۇش مەئىي قىلىنىپ ،يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ ،چارۋا ماللىرى ئۆلتۈرۈلۈپ ، تىگىشلىك يەرلىرى ،يايلاقلىرى زورلاپ تارتىۋېلىنىپ، ئاھالىلىرى كۆچۈرۋېتىلىپ ،بېسىم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا  ئىڭرىماقتا .ئۆز ھەق- ھۇقۇقلىرىنى قوغداش يۇلىدا تىرشماقتا. باشقا تۈرك خەلقلىرى ۋە قېرىداشلىرىدىن  بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا.»17

ئىزاھاتلار :
1 ليۇجىژشاۋ:  « ئۇيغۇر تارىخى» ، بېيجىڭ، 1-قىسىم 473 – بەتكە قاراڭ.
2 «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە ،2000-يىللى 3-ئاي 1-نەشرى.
3« ج.پ.كارپىن ‹موڭغۇلىيەگە ساياھەت خاتىرسى›،ۋ.روبرۇك ‹شەرىققە ساياھەت خاتىرسى ›» جۇڭخۇا نەشرىياتى ،1985-يىلى نەشرى ،خەنچە ،248- بەت
4 جۇۋەينى: «تارىخىي جاھان كۇشاي» 1- قىسىم 6- بەت ،ئىچكى موڭغۇل خەلىق نەشرىياتى ،1981-يىل نەشرى.
5 كارتىر{ئامرىكىلىق} : «جۇڭگۇ مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە غەرىپكە تارقىلىشى» سودا نەشرىياتى 1957-يىل نەشرى،127-بەت
6 ئوبۇلغازى باھادىرخان : «شەجەرەئى تۈرك»  2005-يىللى خەنچە نەشرى ،39- بەت
11 9 7http://tr.wikipedia.org/wiki/Kaskayca
82006.Gunnar jarring, s kashkay materialis.inars johanson&Christiane Bulut (eds) Turkic-Iranian contact areas.Historical
and linguistic aspectis.Wiesbaden: Harrassowitz.209-225.
http://www.forumalev.net/turk-tarihi/235115-kasgay-turkleri.html10
12 مەلىك ئاق دېڭىز :«ئىران تۈركلىرى» ناملىق ئەسەر، تۈركچە
11 ياشار كالافات :«ئىران تۈركلىگى» ،2005- يىلى ،ئىستانبۇل ،تۈركچە نەشرى 28-بەتكە قاراڭ.

13 سەئىد نەفىسى: «ئىران تۈركلىرى» ،1965-يىلى تۈركچە نەشرى 178- بەتكە قاراڭ .
14 http://www.textara.com/dunyadaki-turk-topluluklari-halklari-tarihi-cografyasi?page=0%2C20

15 جافەر ئولى :« ئىراندىكى  قاشقاي تۈركلىرى» 1966-يىلى ،ئىستانبۇل ،تۈركچە نەشرى ،126-بەتكە قاراڭ.
16 http://www.qashqaiturk.blogsky.com/

مەنبە: مىسرانىم تورى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش